ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى
ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتىھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئۇستاز تەرجىمان، پېشقەدەم نەشرىياتچى توختى باقى ئارتىشى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
توختى باقى ئارتىشى 1922-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىتارچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە كېلىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلىيەلمەي ئامالسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشچى، ھەرپ تىزغۇچى، تەھرىر بۆلۈم خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغۇغان. 1944-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «ھەقىقەت» گېزىتى ۋە «ئالغا» گېزىتىدە تەرجىمان، مۇھەررىر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قاتنىشىپ، تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ لۇشۈن ئەسەرلىرىنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. 1962-يىلىدىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1986-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahammatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-29 21:33
http://www.boztagh.com/uy/up2/2013674878985.jpg
توختى باقى ئارتىشىكۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛«كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقاردى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇردى.
بۇ ئادەم لۇشۈننىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى ئىدى. كاتتا تەرجىمان ئىدى، ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي! (ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن) قالۇ ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ئۇيغۇرچە سۆزلىسەڭلاركەن yiqin dostumning dadisi hem terjiman shundaqla ismi toxti baqi idi, hejep chuchudima?
allah hemmimizning igisi shundaqla biz aqibette uning dergahigha qaytquchilar كاتتا تەرجىمان ئىدى، ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي! ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام،مەرھۇمنىڭ «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك» ناملىق كىتابى بارمىدۇ؟ مەكتەپتىكى ۋاقىتتا بۇ كىتاب سىرتقا تەمىنلەنمەيدىغان بولغاچ كۆرەلمىگەن ئىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-29 23:43
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن...
ئۇستاز تەرجىمان ئىدى... تۇغۇلغان يېرى مەن بىلەن بىر مەھەللىدىن ئىكەنتۇق...يۇرتقا كەلگەندە كۆرۈشەلمىگەنگە، ئۈگۈتلىرىگە قۇلاق سالالمىغانغا پۇشايمان قىلىمەن.... Namizini nede chushuridighandu? تەرجىمىلىرىنى كۆپ ئوقۇغانىدىم. تىلغا پىششىق ئادىمىدى. تىلىدىنلا دىلىنى كۆرگىلى بولىدىغان، نەزىرىمدە قەدىرلىك بىر ئۇستاز ئىدى...ۋاقىتسىز ئايرىلىپتۇق!ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن! ئاخىرەتلىكىگە دۇئا قىلىمىز! ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن...
كوڭلۇم يءرىم بولدى . يەنە بىر ئۇستازدىن ئايرىلدۇق . ئاللاھتىن ئاحىرەتلىكىنى ياحىشى قىلىشىنى تىلەيمەن . ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي،ئامىن.
ئاغىنىلەر مۇشۇ ھېلىقى مىللى يەسلى قۇرىمىز دىگەن قانۇن يولى ناملىق قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسمە نىمە ئىدى ؟؟ ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن قالۇ ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! omar14 يوللىغان ۋاقتى2013-12-30 09:43 static/image/common/back.gif
ئاغىنىلەر مۇشۇ ھېلىقى مىللى يەسلى قۇرىمىز دىگەن قانۇن...
دىليار
بەت:
[1]
2