tawpik يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 09:40:11

جۇڭگو مائارىپى

             جۇڭگو مائارىپى
                                    


تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان نەۋرە ئىنىم   بىر قېتىملىق تارىخ ئىمتىھانىدا مۇنداق سۇئالغا دۇچ كەپتۇ : «چىڭگىزخاننىڭ ئورۇن باسارى ئوگىداي مىلادىيىنىڭ نەچچىنچى يىلى ۋاپات بولغان ؟ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ نەلەرگىچە بارغان ؟ » نەۋرە ئىنىم جاۋابىنى دەپ بېرەلمەپتۇ ، مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ماتېرىيال ئىزدىگەچكە بۇ ئىش ھېلىغىچە ئىسمىدە قاپتۇ ، ئۇ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ ۋىنگىرىيە ئەتراپىغىچە بارغان.

كېيىن تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە مەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تارىخى ئىمتىھانىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر سوئالنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئۇچراتتىم .

ئۇ سۇئالنىڭ شەكلى مۇنداق ئىدى : چىڭگىزخاننىڭ ئورۇن باسارى ئوگىداي ئەگەر ئۆلمىگەن بولسا ، ياۋروپادا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغان بولاتتى ؟ ئىقتىساد ، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت قاتارلىق 3 تەرەپتىن تەھلىل قىلىڭ.

بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دەپ جاۋاب يىزىپتۇ:

ئەگەردە بۇ داڭلىق موڭغۇل سەركەردە ئۆلمىگەن بولسا ، ئۇنداقتا قورقۇنچىلىق بولغان چۇما كېسىلى ياۋروپاغا تارقالمىغان بولاتتى ، كېيىن بىلدۇقكى بۇ چاشقان ئارقىلىق تارقالغان بىر كېسەل بولۇپ ، بىراق 600 يىل بۇرۇن ، چۇما ياۋروپاغا يامرىغان ۋاقىتتا كىممۇ چۇمادىن قىچىپ قۇتۇلالىغان دەيسىز.

ئەگەر چۇما كېسىلى بولمىغان بولسا پوپ بىلەن مۇناخمۇ ئۆلمىگەن بولاتتى ، ئۇلار ئۆلمىگەن بولسا خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلانمىغان بولاتتۇق ، ئەگەر خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلانمىغان بولساق ، ئىتالىيەدە فلورېسدا ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى .

ئەگەر ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى بولمىغان بولسا ، ئىسپانىيە ۋە جەنۇبىي ياۋروپا كۈچلىنىپ كەتمەس ئىدى ، ئىسپانىيىنىڭ دېڭىز قاتنىشى بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى . ئەگەر ئىسپانىيە ، ئىتالىيە كۈچلەنمىگەن بولسا ئانگلوساكسونلار 200 يىل بۇرۇنلا كۈچلىنەتتى ، گېرمانلار پۈتۈن ياۋروپانى تىزگىنلەپ ، ئاۋسترو-ۋېنگرىيانلار مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى.

مۇئەللىم كۆرۈپلا :«ياخشى ، تەھلىل توغرا بوپتۇ » دەپ ، ئا دەپ باھا بەرگەن(يۇقىرى باھا) . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سۇئالنىڭ مۇقىم جاۋابى يوق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىمۇ ھەرخىل بولغان .

ئۇزاق ئۆتمەيلا مەن ياپونىيەگە باردىم. ياپۇنىيە ۋە جۇڭگو تارىخىدا ئوخشىماسلىقلار بەكلا كۆپ بولغاچقا ، مەن ياپونىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم.

ياپونىيىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق بىر سۇئالنى سورىدى :ياپۇنىيە جۇڭگو بىلەن 100 يىلدا بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ تۇرىدۇ ، 19- ئەسىردە ياپۇنىيە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇشتى (بىز بۇنى جىياۋۇ يىلىدىكى ئۇرۇش دەپ ئاتايمىز) ، 20-ئەسىردە جۇڭگو –ياپۇنىيە ئۇرۇشى( جۇڭگو بۇنى «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش»دەيدۇ) پارتىلىدى ، ئەگەر 21-ئەسىردە ياپۇنىيە يەنە بىر قېتىم جۇڭگو بىلەن  ئۇرۇشماقچى بولسا ، سىزنىڭچە قايسى مەزگىلگە توغرا كېلەر؟ يېقىنقى ۋە يىراقتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ. ئەگەر ياپۇنىيە يەڭسە ، قايسى تەرەپلەردىن يىڭىدۇ؟يېڭىلسىچۇ؟سەۋەبىنى تەھلىل قىلىڭ.

بۇ سۇئالغا نىسبەتەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇنداق تەھلىل ئېلىپ بارغان.

«بىز جۇڭگو بىلەن بەلكىم تەيۋەن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندە ئۇرۇش قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر تەيۋەن جۇڭگو قوينىغا قايتىپ كەلسە ، جۇڭگو تەرەپ جىلىڭ ۋە گاۋشيۇڭدىن ئىبارەت ئىككى پورتنى ئېتىۋالىدۇ، تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى جۇڭگونىڭ ئىچكى بوغۇزى بولۇپ قالىدۇ، بىزنىڭ نېفىت تونىلىمىز جىلۇڭ ۋە گاۋشىيۇڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ، بۇنداق بولغاندا ياپونىيىنىڭ نېفىتقا سالغان كاپىتالى ئارتىپ كېتىدۇ .

بىزنىڭ نېفىتىمىز بوس قولتىقىدىن چىقىپ ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈپ ، مالىيۇجىيا دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ، جۇڭگو خەينەندە قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ ، ئاندىن تەيۋەن بوغۇزىدىن دۇڭخەي دېڭىزى ئارقىلىق ياپون دېڭىزىغا بارىدۇ، بۇ ياپۇنىيە نېفىتىنىڭ ھاياتلىق سىزىقى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەيۋەن بوغۇزىنى ئېتىۋالسا ، بىزنىڭ ماللىرىمىز شۇ يەردىن ئۆتىدىغان تۇرسا ،ئەگەردە بىزنىڭ ئاساسىي دېڭىز ئارمىيىمىز ۋە قوغلىغۇچى قىسمىمىز ھەرىكەتكە كەلسە ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ ئەسكەر چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ ، دېڭىز ئارمىيىسىنى ئىشقا سالىدۇ –دە، بىر مەيدان ئۇرۇش باشلىنىدۇ.

قىياسقا ئاساسەن ،تەخمىنەن 2015-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا بۇ ئۇرۇش بەلكىم پارتىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ، بىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرىشىمىز لازىم».

مەن يەنە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلغان تەھلىلىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم ، ھەممىسى دېگۈدەك ياپۇنىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى دۇڭخەي دېڭىزى،تەيۋەن بوغۇزىدىن باشلىنىدۇ ، ۋاقتى تەخمىنەن 2015-يىلدىن  2020-يىلغىچە بولغان ۋاقىت دەپتۇ.

بىزگە نىسبەتەن بۇنداق تېما ۋە جاۋاب ھەقىقەتەن ئىنتايىن قورقۇنچىلىق.بىز سىياسىي جەھەتتىكى سۇئاللارنى كۆرۈپ باقىدىغان بولساق ، بىزنىڭ تارىخ مائارىپىمىزدا ھەقىقەتەن مەسلە بارلىقىنى بايقايمىز . دەرسلىك كىتاپنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، چىقىرىلغان سوئال مۇنداق :جىياۋۇ يىلىدىكى ئۇرۇش قايسى يىلى پارتىلىغان ؟ قايسى شەرتنامە ئىمزالانغان ؟ قانچىلىك يەر بېسىۋىلىنغان؟ قانچىلىك كۈمۈش تۆلەم تۆلەنگەن؟

ھەربىر ئوقۇغۇچى تىرىشىپ جاۋاب يازىدۇ. نەتىجىدە بىز ئەتىدىن –كەچكىچە تەتقىق قىلىدىغىنىمىز« قايسى ۋاقىتتا لىياۋدۇڭ يىرىم ئارىلىنى بېسىۋالغان، قايسى ۋاقىتتا تەيۋەن ۋە پىڭخۇ تىزما ئاراللىرىنى تارتقۇزۇپ قويغان ، 200 مىڭ سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلىگەن ،1894-يىلى جىياۋۇ ئۇرۇشى پارتىلىغان ، 1895-يىلى ماگۈەن شەرتنامىسى ئىمزالانغان » دېگەندەكلەرنى يادلاپ سۇ قىلىۋېتىمىز . ھەممىسى بىر توپ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سانلار.

ئۇنداقتا نېمە بوپتۇ ؟تۆلەمنىمۇ تۆلەپتۇ ئەنە ، كۈمۈشنىمۇ بەردى ، بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا كەلگۈسىدە نېمە بولا دېگەن مەسلە تۇرسا .

باشقىلار ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتسا ، بىز تېخى ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇ بىزنىڭ زېھنىمىزنى چېچىشىمىزغا ئەرزىمدۇ؟

باشقىلارنىڭ مائارىپىغا قاراپ باقايلى، ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ ھەم كۆرۈپ باقايلى.

ھەدەم بالىسىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ  قايتىشىدا بالىسىنىڭ ئىككى ئىمتىھان قەغىزىنى ياندۇرۇپ كەپتۇ. مەن بۇنىڭغا قىزىقتىم-دە ، قارىسام باشلانغۇچنىڭ ئىمتىھان قەغىزى ئىكەن ، كۆرۈپ چۆچۈپ  كەتتىم. «بۇ زادى قانداق مائارىپ بوپكەتتى دەيمەن، مۇشۇنداق مائارىپتا ئۈمىد باردىمۇ؟»

نەۋرە ئىنىم  مۇشۇ شەھەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ، ئىمتىھان قەغىزىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سوئال باركەن.

«ئەتىيازنىڭ بىر ئاخشىمى ، يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا خېلى بولغان بىر ئادەم، ئاسماندىكى ئورغاق ئايغا قاراپ ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ يىراقتىكى يۇرتىنى ئەسلەپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر شېئىر يادىغا يېتىپ ئوقۇپتۇ، سىزنىڭچە بۇ شېئىر بولسا( ) ،( )

نەۋرە ئىنىم:« ئاسمانغا قاراپ ئاينى كۆرۈپ ، پەسكە قاراپ يۇرتنى سېغىنىش»دەپ جاۋاب يىزىپتۇ. بىراق ئارقىسىغا چوڭ قىلىپ خاتا بەلگىسىنى ئۇرۋېتىپتۇ. مەن بۇنىڭدىن ئەجەبلەندىم.

مىنىڭ ئويلىغىنىممۇ مۇشۇ جۈملە ئىدى ، شۇڭلاشقا قىزىقسىنىپ نەۋرە ئىنىمدىن بۇ جاۋاپنىڭ قەيېرى خاتا بولغانلىقىنى ، توغرا جاۋابىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدىم. نەۋرە ئىنىم توغرا جاۋابىنىڭ «باھار شامىلى يېشىللىقنى ئېلىپ جىياڭنەنگە يېتىپ كەلدى ، يورۇق ئاي قاچانمۇ ماڭا تەلپۈنەر»دەپ  جاۋاب بەردى.

ھەي  ، بۇ بەكمۇ غەلىتىلىك بولدى ، چۈنكى ئۇ باھار كىچىسى بولغاچقىلا ، باھار شامىلى بارمۇ؟؟؟ بۇ ئادەم يۇرتىنى سېغىندى دېدى ، ئەجەبا بۇ ئادەمنىڭ يۇرتى جىياڭنەننمىدۇ؟؟؟ شۇڭلاشقا باھار شامىلى يېشىللىقنى جىياڭنەنگە ئېلىپ كېلىش بىلەن بۇ پارچىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاينى كۆرۈپ ، يۇرتىنى سېغىنغىنىنى توغرىمۇ دەيلى ، لېكىن بىر شەرقىي شىماللىق ئادەم ئەتىيازدا يۇرتىنى سېغىنسا ، باھار شامىلى يېشىللىقنى جىياڭنەنگە ئېلىپ كەلدى دىيىشكە بولامدۇ –يوق؟ يەنە دېگەندە ، يۇرتىنى سېغىنسا  ، مىڭ ئادەم مىڭ خىل شېئىر ئوقۇيدىغان تۇرسا ، ئەمدى بۇنىڭمۇ توغرا جاۋابى بار دەپ تۇرۋالساق قانداق بولا؟

ئۇنىڭدىن كېيىن يادقا يېزىش دەرسى ، تېمىسى بولسا:«گۈيلىننىڭ تاغ-دەريالىرى» ، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى جۈملىنى يىزىش ، ئاخىرىدىن پۇتۈن بىر ئابزاسنى يادقا يېزىشنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى بار؟ باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆلۈك يادلىغاننىڭ نېمە پايدىسى بار دەيسىز؟

يەنە بىر تېما بولسا : «ئالدىراش» دېگەن تېكىستتىن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق يازغۇچى جۇزىچىڭ ئەپەندىمنىڭ يازغان نەسىرى بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ نەسىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ، شۇڭا سىز بۇ نەسىردىكى ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان بىر جۈملىنى يېزىپ بېرىڭ  دېگەن سوئال ئىكەن.

نەۋرە ئىنىم بۇنىڭغا : «ھەر بىر كۈنلىرىم تىۋىشسىز ، سايىسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ يىزىپتۇ. لېكىن ئاخىرىغا چوڭ قىلىپ بىر خاتا بەلگىسى قۇيۇلۇپتۇ.

ھەتتاكى بۇنىڭمۇ ئۆلچەملىك جاۋابى بار ئىكەن ، ئۆلچەملىك جاۋابىدا :«بىراق ، سەن ئەقىللىقسەن ، ماڭا دەپ بەرگىنە ،ب -ىزنىڭ كۈنىمىز نېمىشقا قايتىلانمايدۇ؟»دەپ يىزىلغان ئىكەن.

بۇ تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ، بىر تېكىستتە ھەركىمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان جۈملىسى ئوخشىمايدۇ ، ئەمدى بۇ يەردە ياخشى كۆرىدىغان جۈملىسى ئوخشاش بولسا بولامتى؟ نىمىشقا «ھەر بىر كۈنلىرىم تىۋىشسىز، سايىسىز ئۆتىۋاتىدۇ » دىگەننى ياخشى كۆرۈشكە بولمايدۇ؟ ئەجىبا ئۆلچەملىك جاۋابتىكى ئاشۇ جۈملىنى ياخشى كۆرۈش شەرتمىدى؟ مىنىڭچە بۇ سوئالنىڭ تېمىسىنى مۇنداق  ئۆزگەرتىش كېرەك : «سىز مۇئەللىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر جۈملىنى يېزىڭ» دەپ يازسا ئاندىن توغرا بولاركەندۇق.

يەنە باشقا ئىمتىھان سوئاللىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. مەسىلەن: «ئەرەب رەقىمى قايسى دۆلەتتە بارلىققا كەلگەن » دىگەندەك، نەۋرە ئىنىم بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەپتۇ، مەندىن سورىۋىدى ، مەنمۇ بىلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئاخىرىدا توردىن ئىزدەپ ، ئۇنى قەدىمكى ھىندىئانلارنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەمدى :«سىز يەۋاتقان گۆش قايسى قوينىڭ گۆشى دەپ سورىمىغىنى قاپتۇ» دېدىم ئىچىمدە.

ئەڭ ئاخىرقى سوئال مېنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى :«∏نىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ» . نەۋرە ئىنىم مۇنداق جاۋاب يېزىپتىكەن :« ∏ بولسا چەمبەر كونستانتى»بۇ جاۋابقا يەنىلا خاتا بەلگىسى ئۇرۇلغان بولۇپ ، مىنى تېخىمۇ ھەيران قىلدى. بۇ ۋاقىتتا مەن تەبىئىي پەن ئوقۇغان ئايالىمدىن بۇنىڭ جاۋابىنى سورىدىم . ئۇنىڭ جاۋابىمۇ جىيەنىمكىگە ئوخشاش  بولۇپ ، مەن تېخىمۇ ھەيرانلىقتا نەۋرە ئىنىمدىن يەنە ئۆلچەملىك جاۋابىنىڭ نېمىلىكىنى سورىدىم ،ئۇ ئازراق تېڭىرقىغان ھالدا ئۆلچەملىك جاۋاپنىڭ  ئېسىدە قالغىنىنى دەپ بەردى. ئۆلچەملىك جاۋابى :« ∏بولسا ماتېماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق مىقدار بولۇپ ، مۇقىم قىممەتكە ئىگە بىر تۇراقلىق سان .»

سىزنىڭچە مۇشۇنداق مائارىپ زادى قانداق مائارىپ؟

مەنبە: http://bbs.tianya.cn/post-free-3333878-1.shtml

بەت: [1]
: جۇڭگو مائارىپى