chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 07:51:27

پامىردىكى گومىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭ

رەھمانقۇل
تاجىكام تورىدىن
‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىن باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› دەپ ئاتالغان. مىللىي ئارمىيە يەنى ئات بىلەن تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ يايلاقلىرىنى كېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پامىر ئېگىزلىكى، زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە باشقا بەزى جايلارغىمۇ ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇردى. ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن تاشقورغان ئىنقىلابى قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى بىر قاتار ئىنقىلابى پائالىيەتلەر جەنۇبى شىنجاڭدىكى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئىنقىلابى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ تەركىىبى قىسمى. تاشقورغان ئىنقىلابى تاشقورغاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى كۆلۈمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئىنقىلابى ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ تاشقورغاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي، ئىنقىلابى تارىخىدا شانلىق سەھىپە قالدۇرغان مۇھىم ئەھميەتكە ئىگە ئىنقىلاب.

تاشقورغان ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت ۋە ئىنقىلابنىڭ تەييارلىقى
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ ئونىنچى مەمۇرىي رايونى (يەكەن) نىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. تاشقورغان ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق ئېغىزى ئىدى. تاشقورغان ئىنقىلابى پارتلىغاندا بۇ يەردە ئاران 19 مىڭ نوپۇس بولۇپ، ئىقتىسادى ئاجىز، مەدەنىيەت سەۋىيىسى قالاق، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. ئۇزاقتىن بۇيان تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ئاستىدا ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىغان ئىدى. 1944- يىلى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى شىڭ شىسەينى يۆتكەپ ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكمىرانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە مىللىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي زىددىيەت ئەسلىدىلا ناھايىتى ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى. بولۇپمۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تاشقورغانغا كىرگەندىن كېيىن مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، زوراۋانلىق، ئۆكتەملىك، خىيانەتچىلىك قىلىپ تېخىمۇ چېرىكلەشكەنلىكى ئۈچۈن، تاشقورغاندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھايات كەچۈرۈشى تېخىمۇ تەسلەشتى . 1944- يىلى ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› پارتلىغاندىن كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىنقىلابىنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭغا تەرەققى قىلىشىدىن قورقۇپ ، ئۆزىنىڭ ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ھۆكمىرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابي» تەرەپ بىلەن ھەدەپ ئۇرۇش قىلىپ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنسا يەنە بىر تەرەپتىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دىن باشقا جايلاردا تېخىمۇ يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزدى . ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قوشۇنىنى تاشقورغاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆپلەپ ئېۋەتىپ، تاجىك ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن تېرورلۇق ھۆكمىرانلىقى يۈرگۈزدى. ئەكسىيەتچى ساقچى ئىدارىسى ھەرقايسى جايلارغا ئىشپىيۇن، تىڭتىڭچىلارنى ئېۋەتىپ، سەللا نارازىلىق ئىپادىسىدا بولغان كىشىلەرنى سەزسىلا تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. 1944- يىلى قىشتىن 1945- يىلى كۈزگىچە تاشقورغاندا تاجىك خەلقىدىن 95 نەپەر كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى . 63 نەپەر بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈردى. چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى جۇڭگو سوۋېت چېگرىسىغا يېقىن يايلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تاقاپ، بۇ يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرى جايلارغا كۆچۈردى . نەتىجىدە يايلاق يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن چارۋا ماللار تۈركۈم تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىپ خەلق تېخىمۇ گادايلاشتى . نۇرغۇن كىشىلەر خانىۋەيران بولۇپ، يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكسىيەتچى قوشۇن خەلقىنىڭ مال - مۈلىكىنى خالىغانچە بۇلاپ تالىدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خەلقنىڭ 2 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ماللىرىنى بۇلىدى. كەڭ كۆلەملىك چۆپخانىلارنى تارتىۋالدى . 100 دىن ئارتۇق ئائىلىنى ئۆيىنى سۆكۈپ ئاكوپ قازدى. ئۆينىڭ ياغاچلىرىنى ئوتان قىلىپ قالىدى. خەلقنىڭ تۆمۈر سايمانلىرىنى تارتىۋېلىپ ئاتلىرىغا تاقا سوقتۇردى. نۇرغۇن ئاشلىق، رەخت، ئوتان ۋە ئۆي جاھازىلىرىنى بۇلاپ كەتتى. 4- رايون 1- يېزىسىدىكى سۇلايماننىڭ 300 تۇياق قوي تۆت تۆگىسىنى بىر قېتىمدىلا بۇلىدى . 4- رايون 4- يېزىسىدىكى بىتەي ھاجىنىڭ 100 تۇياق قويىنى بۇلاپ كەتتى . شۇ ۋاقىتلاردا ناھىيە بويىچە ئاران 200 تۇياق تۆگە ئۇلاغ بولسىمۇ قورچاق ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئورگانلىرى خەلقنى يىلغا 2 مىليۇن نەچچە يۈز مىڭ جىڭ كېلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ھەقسىز توشۇشقا مەجبۇر قېلدى. خەلقنىڭ ئات - ئۇلاغلىرى مۇنداق كۆپ ماددىي ئەشيالارنى توشۇش جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر ئائىلىگە ھەريىلدا ھەرقايسى جايلاردىكى پوستلارغا ئوت - چۆپ، ئوتان سەيسىسى چۈشۈرۈپ تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئەمگەك كۈچى بولمىغان ياكى قول ئىلكىدە بولمىغان كەمبەغەل، نامرات كىشىلەر ئېلاجسىزلىقتىن بارلىق مال - مۈلكىنى سېتىپ خەجلەشكە، سەيسىنى تۈگىتىشكە مەجبۇر بولدى. نۇرغۇن چارۋىچىلار مۇشۇنداق ئات- ئۇلاغ، ئوت - سامان ، ئوتان - ياغاچ سەيسىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يىل بويى ئۆيدىن ئايرىلىپ تاغ - داۋانلارنى ئېشىپ مۈكچىيىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىنغاچقا ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مەھسۇلات زور دەرىجىدە كەملەپ كەتتى. ئەكسىيەتچى قوشۇن يەنە خالىغانچە كىشىلەرنى باغلاپ ئۇرۇپ بەزىلىرىنى مېيىپ قىلىۋەتتى . ئاياللارنى دەپسەندە قىلدى . ھەتتاكى بەزى ئاياللار ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ ماددىي ئەشيالارنى توشۇش جەريانىدا مېيىپ بولدى ياكى ئۆلۈپ كەتتى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بۇنداق زۇلىمەتلىك ھۆكمىرانلىقى ۋە دەھشەتلىك ئىكسپىلاتاتسىيىسى تاشقورغاندىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىدى ‹‹قەيەردە زۇلۇم بولىدىكەن، شۇ يەردە قارشلىق بولىدۇ›› تاشقورغان رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ خەلقنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا تاقەت قىلالماي ئارقا - ئارقىدىن قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى. كىچىك كۆلەمدىكى قارشلىق كۈرەشلەرنى باشلىۋەتتى. تاشقورغان رايونىدىكى دېموكراتىك روھقا، ئىنقىلابى كۈرەش ئىرادىسىگە ئېگە نۇرغۇن ئىلغار زاتلار كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئازاپ - ئوقۇبەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن قولىغا قۇرال ئېلىپ زالىم كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى بارغانسىرى ئېنىق تونۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن يولداش خۇجىيەن ۋە شۇلىياڭلار تاشقورغاندا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى تەشۋىقاتنى ئاڭلىغان ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان . بىرمۇنچىلىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئىنقىلابى تەشكىلات ‹‹جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى›› گە قاتناشقان . 1943- يىلىدىن باشلاپ بۇ كىشىلەر خەلق ئاممىسىنى قوزغاپ گومىنداڭنىڭ زۇلىمەتلىك ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلقنى ئازادلىققا، ئەركىنلىككە چىقىرىش، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئارا ئالاقە باغلاپ ئىنقىلاب تەييارلىقىنى ئىشلەشكە كىرىشتى . 1943- يىلى 9- ئايدا گومىنداڭنىڭ كۈچى تېخى بۇ يەرگە يېتىپ كەلمەستىلا، رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ بىر تۈركۈم تەرەققىپەرۋەر زاتلار : مەسلەن، ئىسھاقبېك، كارۋانشاھ① مادايوف② شىرىنبېك ئوبۇلقاسىم، مەمەت ئەيسا قاتارلىقلار زۇلۇمغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي «ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇرۇپ ھازىرقى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ۋە ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بۇلۇڭكۆل، مۇجى، ئويتاغ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ بوستانتېرەك، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ قىزىلتاغ قاتارلىق رايونلىرىدا كەڭ پائالىيەت ئېلىپ باردى. ‹‹ئازادلىق تەشكىلاتى›› پائال ھەرىكەتكە كېلىپ بىر تەرەپتىن ھەر مىللەت خەلقىگە شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن پارتزانلىق ئۇرۇشىنى تەدرىجىي قانات يايدۇردى .
تاشقورغان قاتمۇقات تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ ،بەزى جايلار يىل بويى ئېرىمەيدىغان قار - مۇزلار بىلەن قاپلانغان ، يوللىرى خەتەرلىك ئادەملىرى شالاڭ ئىدى . گومىنداڭنىڭ قوشۇنلىرى ھەرقايسى جايلاردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا يەككە - يىگانە تۇراتتى. ‹‹ئازادلىق تەشكىلاتى›› ۋە پارتزانلار قوشۇنى بولسا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ تېزلىكتە زورايماقتا ئىدى . تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىدىن كارۋانشاھ، مادايوف، ئوبۇلقاسىم قاتارلىق بىرمۇنچە كىشىلەر ئىنقىلابقا پۇختا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىنقىلابقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گومىنداڭنىڭ زۇلۇمغا چىدىماي سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە قېچىپ كەتكەن كىشىلەرنى توپلاپ، ئۇلارغا ئىنقىلابى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ باردى. شىمالىي شىنجاڭدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتلغاندىن كېيىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ مىلىتىق ئاۋازى يىراق چەتتىكى تاشقورغانغىمۇ يېتىپ بۇ يەردىكى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر خەلقىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. «تاشقورغان ئىنقىلابى»نىڭ يولباشچىلىرى دەرھال ئۇ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» تەرەپ بىلەن ئالاقىلەشتى ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەرەپمۇ ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ياردەم بەردى . ۋە يېتەكچىلىك قىلدى . ئۇزاق ئۆتمەي پارتزانلار قوشۇنى ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئويتاغ رايونىدا ئىستېھكام قۇردى. بۇ جاي باراقسان ئۆسكەن ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئوزۇق -تۈلۈك تەييارلاشقا، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ، مەخپىي ھالدا كۈچ تەشكىللەشكە ئىنتايىن پايدىلق ئىدى .
1944- يىل 6- ئايغا كەلگەندە ئىسھاقبېك ۋە تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىلىرى 120 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان پارتزانلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ «تاشقورغان ئىنقىلابى» قوزغىلىڭىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى .
1944- يىلى 6- ئايدا پارتزانلار قوشۇنى دەسلەپدىلا شۇ جايدا تۇرۇشلۇق دۈشمەن قوشۇنىنىڭ يۈك توشۇغۇچى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلبىگە ئېرىشىپ، 130 تۇياق تۆگىسىنى ئولجا ئالدى. دۈشمەن ئەسكىرىدىن تۆتنى تىرىك تۇتۇپ ‹‹تاشقورغان ئىنقىلابى ›› نىڭ بىرىنچى پاي ئوقىنى ئاتتى. بۇنىڭ بىلەن پامىر لەرزىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پارتزانلارنىڭ پائالىيىتى تاشقورغاننىڭ ھەممىلا جايلىرىدا باشلاندى. ئۇلار بىردەم ساقچى ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلسا، بىردەم دۈشمەن قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى . يەنە بىردەم دۈشمەننىڭ ھەربىي ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇغۇچى قوشۇنغا ھۇجۇم قىلدى. تاشقورغاندا تۇرۇشلۇق دۈشمەن قوشۇنى گاڭگىراپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى .
1944- يىلى كۈزدە كارۋانشاھ، مادايوف ، مەمەت ئەيسا (قىرغىز ) قاتارلىق كىشىلەر تاشقورغاندا قالغان شىرىنبېك قاتارلىق كىشىلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىكى توختامىش دېگەن يەرگە مەخپىي چاقىرىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ۋە قۇرالىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. گېنېرال ئىسھاقبېك كېلىپ ئۇلارغا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ھەمدە ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ تاشقورغاندا ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپمۇ تاجىك، قىرغىز خەلقى ئىچىدىكى ھەربىي ۋە مەمۇرىي رەھبىرى خادىملىرىنى تەربىيلىدى. تاجىك، قىرغىز خەلقىنىڭ ئىنقىلابى قوشۇنىنى تەشكىللەشكە ياردەم بەردى .
1944- يىل 6- ئايدا كارۋانشاھ ، ئوبۇلقاسىم ، مەمەت ئەيسا، ئەمەت تاشتۆمۈر قاتارلىق بەش كىشى ئىنقىلابنى ۋۇجۇتقا چېقىرىش ئۈچۈن سوتسىيالىستىك سوۋېت ئىتتىپاقدىن ياردەم ئېلىش مەقسىتى بىلەن يەنە تاشكەنتكە بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ يەردىكى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلاب قوزغاش ئارزۇسىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىنى قەتئىي قوللىدى ۋە ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ياردەم بەردى. بۇ پارتزانلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن تاشقورغاندىن قېچىپ چىققان تاجىك، قىرغىز چارۋىچىلىرى بولۇپ، ئۇلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئىكىسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئىنقىلابى قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. پارتزانلار ئەترىتى قۇرۇلۇپ بىر تەرەپتىن ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقورغانغا قوراللىق رازۋېتكىچىلاردىن ئېۋەتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى قوشۇنىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، قورال - ياراغ تەمىناتى ۋە باشقا ئىشلارنى رازۋېتكا قىلدى. ھەمدە تاشقورغاندا قالغان ئىلغار زاتلار بىلەن ئالاقە باغلاپ خەلق ئارىسىدا ئىنقىلابى تەشۋىقات ئېلىپ باردى. پارتزانلار ئەترىتىنىڭ كۆپ قېتىملىق رازۋېتكا قىلىش ۋە تەشۋىقاتى بىلەن كىشىلەرنىڭ پارتزانلار ئەترىتىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. زۇلىمەتلىك قاراڭغۇلۇقتا تىڭىرقاپ قالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پارتزانلار ئەترىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئازادلىققا ئېرىشىشنىڭ نۇرلۇق يولىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر پارتزانلار ئەترىتىگە قوشۇلۇپ پارتزانلار ئەترىتىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. پارتزانلار ئەترىتى ئۆزىنىڭ ئامما ئارسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىب قىلىش، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىگە زەربە بېرىپ خەلق ئاممىسىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، تاغارما، سۇباشى قاتارلىق جايلارغا بىر قانچە قېتىم ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى پارتزانلار ئەترىتىگە قوشىۋالدى. دۈشمەننى ئالاقىزادە قىلىپ ئۇۋىسىدىن چىقالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. پارتزانلارنىڭ بۇنداق ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچرىغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى دەككە - دۈككىگە چۈشۈپ، جۇڭگو سوۋېت چېگرىسىغا يېقىن جايلارغا بېرىپ كۆزەتچىلىك قىلالمايدىغان، كېچىلىرى بولسا پوست - قاراۋۇللىرىنى كۈچەيتىپ گازارمىسىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولدى . بۇ ھال پارتزانلارنىڭ كىچىلىك ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىش، خەلق ئارىسىدا ئىنقىلابى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا تىخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇردى .
1944 – 1945- يىلىغىچە پارتزانلار ئەترىتى 12 قېتىم قوراللىق رازۋىتكا ئەترىتى ئېۋەتىپ، دۈشمەننىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلدى .
1945- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى توختامىشتا سىياسى، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىۋاتقان پارتزانلار ئەترىتى ئىچىدىن غەرپشاھ (تاجىك) باشلىق بەش كىشى دافتارغا ئىنايىتىللا (تاجىك) باشلىق تۆت كىشى تاغارمىغا، مەمەت ئەيسا ( قىرغىز ) باشلىق تۆت كىشى، سۇباشقا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش ۋە قۇرال - ياراغ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئەۋەتتى .
1945- يىلى كۈزگە كەلگەندە تاشقورغان ئەتراپىدىكى پارتزانلارنىڭ ئادەم سانى 295 كە يەتتى. ھەمدە مەلۇم ساندىكى قۇرال - ياراغقا ئىگە بولدى. پارتزانلار ئەترىتى خېلى ئۇزاق ۋاقىت ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي ماھارىتىمۇ خېلى ئۆستى. تاشقورغاندا ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ شەرىت - شارائىتى پىشىپ يىتىلدى.
1945- يىلى 8- ئايدا تاشقورغان پارتزانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق باش شتاپى رەسمى قۇرۇلدى. باش شتاپ تاشقورغاندىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ تەپسىلى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ھازىر ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تاشقورغاندىكى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمىي سانى 400دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى مۇنداق بولغان .
1. تاشقورغان بازىرىدا : ھەربىي ۋە ساقچىلارنى قوشقاندا 120 دىن ئارتۇق قوراللىق كۈچ .
2. تاغارمىدا : 33 نەپەر قوراللىق كۈچ .
3. بەرچەشتە : 8 نەپەر قوراللىق كۈچ .
4. سۇباش : 50 نەپەر ھەربىي ۋە 15 نەپەر قوراللىق ساقچى بولۇپ، جەمئىي 65 نەپەر قوراللىق كۈچ .
5. بۇلۇڭكۆلدە : 42 نەپەر قوراللىق كۈچ .
6. پەيىكتە : 40 نەپەر قوراللىق كۈچ .
7. دافتاردا : 16 نەپەر قوراللىق كۈچ .
8. خونجىراپتا : 20 نەپەر قوراللىق كۈچ .
9. قوشبېلدە : 16 نەپەر قوراللىق كۈچ .
10. مىڭتېكە، لوپگازدا: ھەربى ۋە ساقچى بولوپ 40 دىن ئارتۇق قوراللىق كۈچ بار ئىدى.
پارتزانلار ئەترىتى دۈشمەن كۈچىنىڭ مۇشۇنداق ئورۇنلىشىشىغا ئاساسەن، 1945- يىل 8- ئاينىڭ 9- كۈنى يىغىن چاقىرىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تاشقورغانغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ماقۇللىدى. پىلاننىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرى مۇنداق: تاشقورغاننىڭ يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ، چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇن، دۈشمەننىڭ ئەسكىرى سانى پارتزانلاردىن كۆپ بولسىمۇ لىكىن ئۇلار ئۇزۇن لىنىيسىدە، يەككە - يەككە ئورۇنلاشقان، بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق، تېز مۇددەت ئىچىدە بىر - بىرىگە ياردەمگە يىتىپ كېلەلمەيدۇ. شۇڭا، دۈشمەننىڭ ئاساسى بازىلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا ئۇلارنى بىربىرىگە ياردەم بىرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ بىربىرلەپ يوقاتقىلى بولىدۇ . مۇشۇ پىلانغا ئاساسەن 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ئىنقىلابى قوشۇننى ئۇيۇشتۇرۇپ كارۋانشاھ، مەمەت ئەيسا، ئىمىنوف، تاھىر، غولامخان قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقىدا تۆت يۆنىلىشكە بۆلۈنۈپ، تاشقورغانغا ھۇجۇم قىلىش قارار قىلىندى. بۇ تۆت يۆنىلىش مۇنداق بەلگىلەندى .
1- يۆنىلىش: كارۋانشاھ لەشكەر مادايوفلار باشچىلىقىدىكى
60 كىشى تاشقورغان بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل
بولدى .
2- يۆنىلىش: مەمەت ئەيسا، ئابدۇمالىك باشچىلىقىدىكى 30
كىشى سۇباشقا ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولدى.
3- يۆنىلىش : تاھىر، ئوسمان باشچىلىقىدىكى 60 كىشى
بۇلۇڭكۆلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولدى  .
4- يۆنىلىش : غەرىپشاھ ، ئىنايىتىللا باشچىلىقىدىكى 40 كىشى تاغارمىغا ھۇجۇم قىلىشقا، ئوبۇلقاسىم، تاشتۆمۈر
باشچىلىقىدىكى 20 كىشى چېچەكلىك داۋىنىغا ئۆتۈپ
گومىنداڭنىڭ يېڭىسار تەرىپىدىن كېلىدىغان ياردەمچى
قوشۇنلىرىنى توسۇشقا مەسئۇل بولدى.
شۇنداق قىلىپ تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ سىياسى، ئىددىيىۋى، تەشكىلى ۋە ھەربىي جەھەتلەردىكى تەييارلىقى پۈتتى. ئۇزاق مۇددەتلىك تەييارلىقلار نەتىجىسىدە تاشقورغان رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكمىرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئازادلىق ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى مىللى، دېموكراتىك ئىنقىلابى ئاخىرى پارتلىدى .

ئىنقىلابنىڭ ئەمەلگە ئىشېشى ۋە ۋاقىتلىق ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ئىنقىلابى قوراللىق قوشۇنىنىڭ تەشكىللىنىشى
تاشقورغان ئىنقىلابى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە غۇلغۇلا قىلىش، ئىنقىلابى قوشۇننى قوراللاندۇرۇش، تەشكىللەش ۋە تولۇق تەييارلىق كۆرۈش نەتىجىسىدە 1945- يىلى 8- ئاينڭ 15- كۈنى ئەتىگەنلىكى سائەت 4 دە گومىنداڭنىڭ تاشقورغان ، تاغارما، سۇباش، بۇلۇڭكۆلدىكى بازىلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ كۈندە تاشقورغاندىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى ئوفىتسېرلارنى يىغىپ تاشقورغاندا ئىككى كۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ- ئىچىپ، تازا تاماششا قىلىۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا، پارتزانلارنىڭ بىرلاۋاقىتتا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىشىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ئىدى. ۋە قىلچىمۇ تەييارلىقى يوق ئىدى. تاشقورغان بازىرىدىكى دۈشمەن پوتىيىگە ھۇجۇم قىلغان پارتزانلار تاشقورغان بازىرىدىكى گومىنداڭنىڭ ساقچى ئىدارىسى بىلەن ھەربىي گازارمىسىغا تەڭلا ئوت چاچتى. بۇ ۋاقىتتا دۈشمەن قوشۇنلىرى شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بولغان ۋاقىتتا بولۇپ، پارتزانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى بىلەن پۈتۈنلەي ساراسىمگە چۈشۈپ قالدى. دۈشمەن چېگرا مۇداپىئە دۈيىنىڭ دۈيجاڭى ئالدىراپ - تېنەپ پىلېموتچى ئەسكەرلىرىنى قوپۇرۇپ پىلېموت بىلەن قارشلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئاخىرى ئۆزىگە ئوق تېگىپ يارىدار بولدى. ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ۋە تەرجىمانىغا ئوق تېگىپ ئۆلدى. ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر ساراسىمە ئىچىدە ھەتتا ئۆز كيىملىرىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمىدى. گەرچە دۈشمەن قوشۇنى سان ۋە قوراللىنىش جەھەتتە پارتزانلاردىن يۇقىرى تۇرسىمۇ لېكىن ئۇلار تەييارلىقسىز بولغاچقا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن تېرىپېرەن بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈيجاڭى قاتتىق يارلانغانلىقى ئۈچۈن روھى تېخىمۇ چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن روتا كوماندىرى گازارمىنى تاشلاپ قېچىشقا بۇيرۇق بەردى. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئالاقزادىلىك بىلەن بەلدىر، قوغۇشلۇق ئارقىلىق تويلى بۇلۇڭغا قاچتى. دافتاردىكى دۈشمەن قوشۇنلىرى پاكىستان تەرەپكە قاچتى .
تاڭ سەھەردىن كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى جەڭ بىلەن پارتزانلار تاشقورغان ناھىيە بازىرىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلدى. تاشقورغان ناھىيە بازىرى ئازاد قېلىنغاندىن كېيىن شىرىنبېك باشچىلىقىدىكى 20 نەپەر قوراللىق كۈچ دافتار تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگو پاكىستان چېگرىسىنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىندى. ئۇلار لوپگارغا بېرىپ قېچىۋاتقان دۈشمەنلەر بۇلاپ كەتكەن 300 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا، 19 تۆگە ۋە 25 تۆگىگە ئارتقان بارلىق ماددىي ئەشيالارنى تارتىۋېلىپ تاشقورغانغا كەلتۈردى. تاغارما تەرەپتىكى دۈشمەنلەر مۇشۇ كۈنى يوقىتىلدى ياكى قېچىپ كەتتى. سۇباش تەرەپتە پارتزانلار ئەمدىلا ھۇجۇم قوزغاشقا تەمشىلىۋاتقاندا دۈشمەن قاراۋۇلى سېزىپ قالغاچقا، دۈشمەن بىر قەدەر تەييارلىق ھالتىدە تۇرۇپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچ سىلىشتۇرما جەھەتتە پەرىق چوڭ بولغاچقا دۈشمەن تۆت كۈنگىچە قارشلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي سۇباشنى تاشلاپ چەشتاغ تەرەپكە قاچتى. پارتزانلار ۋاقىتىنى غەنىمەت بىلىپ، دۈشمەننى سۈر - توقاي قىلىپ،8- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى شەرقى شىمالىي تەرەپتە چىل گۈمبەزگىچە، شىمالدا چەشتاغقىچە، غەربىي شىمالدا بوستان تېرەك، بۆرى توقايغىچە قوغلاپ قاچۇردى. تاشقورغاننىڭ شەرقىدا دۈشمەن ئەسكىرى كۈچى بولمىغاچقا ئانچە ئۇرۇشلار بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن پارتزانلار گومىنداڭنىڭ تاشقورغاندىكى بارلىق بازىلىرىنى ئىگىلەپ سەرىكوي چېگرىسى ئېچىدىكى ( ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ بۇلۇڭكۆل، چارلوڭ يېزىلىرىمۇ تاشقورغانغا قارايتتى) بىر تۈەنگە يېقىن قوشۇننىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك زىيانغا ئۇچرىتىپ تاشقورغاننى ئازاد قىلدى. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە كۈنى ئىچىدىلا بىر قانچە ئون قوراللىق كۈچنى يوقاتتى ۋە يارىدار قىلدى. 200 تال مىلتىق، بىر ئېغىر پىلېموت ئۈچ يېنىك پىلېموت، 120 يىشىك ئوق - دورا ۋە باشقا ماددى ئەشيالارنى غەنىمەت ئالدى . پارتزانلاردىن ئۈچ كىشى قۇربان بولدى .
1945- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى تاشقورغان ئىنقىلابنىڭ تۇنجى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىنى يەتكىچە تارتقان. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپالمىغان تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر خەلقى تاشقورغاننىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىدىن يىغىلىپ، ئىنقىلاب غەلىبىسىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۆزىنىڭ نىجاتلىق يولىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تەنتەنە قىلدى. يىغىندا تاشقورغان ئىنقىلابىنڭ يولباشچىلىرى تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ پارتىلاش سەۋەبلىرى، تەييارلىق قىلىش جەريانى، ئىنقىلابنىڭ مەقسىدى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز تەشەببۇسلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى . گومىنداڭنىڭ زۇلىمەتلىك ھۆكمىرانلىقى ئاستىدا يەتكىچە ئازاب تارتقان خەلق ئاممىسى گومىنداڭنىڭ زۇلمىدىن شىكايەت قىلىپ، ئىنقىلابنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، ئىنقىلابى پارتزانلار ئەترىتىگە بارلىق كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، يۈكسەك ئىنقىلابى جاسارەت ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابى ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى . نۇرغۇن ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا پارتزانلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى، ئازاتلىقى ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمىلىيەتتە بۇ يىغىن ئىنقىلاب ئوتىنى يەنىمۇ يالقۇنلىتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،ئىنقىلاب مېۋىسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللى دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قەسەمياد قىلىش يىغىنى بولدى.
تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ غالىبە مېۋىسىنى مۇستەھكەملەش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابى قىزغىنلىقى ئاشۇرۇلۇپ، كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش، ئازاد قىلىنغان جايلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ قوماندانلىقى ۋە ھەربىي ئىشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە ئىنقىلابى قوشۇن قوماندانلىق شتاپىنى قۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.
‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئارقىلىق 1945- يىل 8- ئاينىڭ 27- كۈنى تاشقورغاندىكى قوراللىق قوزغىلاڭچىلار ئۆزىنىڭ ئىنقىلابى ھاكىمىيىتى تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاقيول بېك (تاجىك) ۋالىيلىققا، غوجام كەلدى (قىرغىز) مۇئاۋىن ۋالىيلىققا، شەمسىدىن سەخى (تاجىك) باش كاتىبلىققا تەينلەندى. مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن قۇماندانلىق شتاپىنىڭ ئورنى تاغارمىدا تەسىس قىلىندى. تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى ۋە مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن قوماندانلىق شتاپى قۇرۇلغاندىن كىېيىن، تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى نامى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتتى. تاشقورغان ئىنقىلابى غەلىبە قىلدى. پارتزانلار قوشۇنىمۇ زورايدى. سەرسانلىق - سەرگەردانلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇشاللىقىدىن تەنتەنە قىلىپ، بىربىرىگە خوشخەۋەر يەتكۈزدى. غەلىبىگە تەنتەنە قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئىنقىلابى ھاكىمىيەت تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى ئاممىنى ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر ياشلىرى غەلىبە ئىلھامى ئاستىدا بەس - بەستە ئاۋاز قوشۇپ ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىۋەتتى. شۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تاشقورغاندىلا 300 نەپەردىن ئارتۇق ياش ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتى. بىر مۇنچە كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى ئۆزى يېتىلەپ كېلىپ، ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتۇردى. تاشقورغاندىكى 60 ياشتىن ئاشقان ئۆمۈز (قىرغىز) دېگەن پېشقەدەم چارۋىچى يالغۇز ئوغلىنى باشلاپ ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتۇرماقچى بولغاندا ئىنقىلابى قوشۇن رەھبەرلىكى ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ ئىگە - چاقىسىز، يۆلەنچۈكسىز قالىدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بالىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ھەمدە ‹‹سىزنىڭ ئىنقىلابقا بۇنداق قىزغىن مەدەت بېرىش پوزىتسىيىدە بولغانلىقىڭىز بەكمۇ قەدىرلىك لېكىن بالىڭىز يالغۇز ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قاپسىز ، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشقا ئادەم بولمىسا بولمايدۇ . شۇڭا يالغۇز ئوغلىڭىزنى ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلمايمىز .›› دېگەندە ئۇ پېشقەدەم ‹‹مەن قېرىدىم. مىلتىق كۆتۈرۈپ ئۇرۇشقا قاتنىشالمايمەن. لېكىن ھاسسا ئېلىپ پادا باقالايمەن، ئەگەر گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكمىرانلىقى يوقالمىسا ئوغلۇم يېنىمدا بولغىنى بىلەنمۇ بىزگە ياخشى كۈن يوق. ئۇنىڭدىن كۆرە ئوغلۇم مىلتىق ئېلىپ گومىنداڭنى يوقاتسا ، مەن ئۆلسەممۇ ئارمىنىم قالمايدۇ›› دېدى. بۇنىڭدىن تاشقورغاندىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ گومىنداڭنڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكمىرانلىقىغا بولغان غەزەپ - نەپرىتىنىڭ نەقەدەر چۇڭقۇر، ئىنقىلابى قىزغىنلىقىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئەسكەرلىككە قاتنىشالمايدىغان قېرى، ئاجىز، مېىيپلار، ئاياللار، بالىلار چارۋىچلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت يەنە بەس - بەستە ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش سېپىگە قوشۇلۇپ، نەرسە - كېرەك، قوي - ئات ئىئانە قىلدى. ئۇلار ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى ۋە كۈچىنىمۇ ئايىمىدى .
«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتى مۇشۇ پەيىتتە غۇلجىغا بېرىپ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان گېنېرال ئىسھاقبېكنىڭ يېتەكچىلىكىدە 50 نەپەردىن ئارتۇق پىدائىي جەڭچىنى تاشقورغان ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ھەمدە گېنېرال ئىسھاقبېكنى تاشقورغان ئىنقىلاۋىغا قوشۇمچە يېتەكچىلىك قىلىشقا بەلگىلىدى . ئۇلار ئىلىدىن يولغا چىقىپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق تاشقورغانغا كېلىپ قوراللىق كۈرەشكە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلىشى تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى كۈچەيتتى. تاشقورغان ئىنقىلابى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» بىلەن تېخىمۇ چەمبەرچاس باغلاندى. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ زورۇيۇپ، يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . شۇنىڭ بىلەن تاشقورغان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ‹‹ئېزىلىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى يوقىتىپ، ئەركىنلىك ۋە مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرەيلى›› دېگەن ياڭراق شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ شۇئار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئېرىشتى.
تاشقورغان ئىنقىلابى تاشقورغان رايونى تەۋەسىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى مەمۇرىيي ۋە ھەربىي تەشكىللىرى مۇنداق بولغان ئىدى :
مەمۇرىي جەھەتتە تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ ، ئۇ تاشقورغان ، يەكەن ، قاغىلىق پوسكام، ئويتاغ، تاشمىلىق ۋە ئاقتۇنىڭ 3-، 4- رايونلىرى ھەم يېڭىسارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى باشقۇردىغان بولدى .
ۋالى مەھكىمە قارىمىقىدا تۆۋەندىكى بۆلۈم - ئىدارىلار تەسىس قىلىندى .
خەلق ئىشلار بۆلۈمى: باشلىقى بارات (تاجىك توغلانشا كەنتىدىن)
مالىيە بۆلۈمى باشلىقى: گۈلجۇن (تاجىك تاشقورغاننىڭ ۋاچا يېزىسىدىن ، كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)
ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئەلىفشاھ (تاجىك، تاشقورغاننىڭ داتوڭ يېزىسىدىن)
باج ئىدارىسى باشلىقى داۋۇت ساتتار (ئۇيغۇر ، تاشمىلىقتىن)
تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، تاشقورغاننىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تاۋار ئالماشتۇرۇشنى جانلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ھەربىي تەمىناتى ۋە قورال - ياراغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سودا شىركىتى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىسىنى راۋاجلاندۇردى .
ھەربىي ئىشلار تەشكىلى :
ئىنقىلابى قوشۇننىڭ باش قۇماندانلىق شتاپى تاشقورغاننىڭ تاغارما يېزىسىدا تەسىس قىلىندى. كارۋانشاھ قوماندان، قاسىم تاش، تاھىر (قىرغىز) مۇئاۋىن قۇماندان ، مادايوف سىياسىي كومىسسار، قاۋىل مىرزەك (قىرغىز) شتاب باشلىقى، غولامخان تۆرە باش مەسلىھەتچى بولدى.
ئارقا سەپ تەمىنات باشلىقى: گۈلجۈن (گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) بولدى. باش قوماندانلىق شتابىنىڭ قارىمىقىدا يەنە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى قۇرۇلدى.
ئالدىنقى سەپ قوماندانى: مادايۇف، مۇئاۋىن قوماندانى ھاكىم شىرىپ ( قىرغىز ).
شتاپ باشلىقى: شەمسىدىن سەخى بولدى. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى باسقۇچدا ئىنقىلابى قوشۇن ئۈچ پولكقا ئايرىلغان ئىدى. تاجىك 28 ئاتلىق پولكى، پولك كوماندىرى، لەشكەر ، مۇئاۋىن پولك كوماندىرى ئابدۇراخمان، سىياسى كومىسار ئابدۇرسۇل، شتاب باشلىقى بەگقەدەم بولدى. قىرغىز پولكى يەنى ئىسھاق غالىبىيەت پولكى، قادىر قۇل پولك كوماندىرى، ئوبۇلقاسىم مۇئاۋىن پولك كوماندىرى، مەمەت ئەيسا سىياسى كومىسار بولدى.
تاشقورغان گارنىزون پولكى شىرىنبېك (تاجىك، تاشقورغان دافتار يېزىسىدىن) پولك كوماندىرى ئاقنىياز (ئۇيغۇر، ئاقسۇ ۋىلايەتتىن، گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ) مۇئاۋىن پولك كوماندىرى بولدى.
تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى باسقۇچقا كەلگەندە 1946- يىلى 3- ئايدا جەڭ ۋەزىيىتىنى بۇراش، قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قايتىدىن كۆتۈرۈش ئۈچۈن ‹‹ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان گېنېرال ئىسھاقبېكنى تاشقورغانغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، سەپنى بايراقنى قايتىدىن تىكلەشكە ئەۋەتتى. ئىسھاقبېك تاشقورغان قوراللىق كۈچلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنى بىكار قىلدى. قوماندانلىق قىلىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن پارتزانلارنىڭ قوماندانلىق شتابىنى تاغارمىدىن چىل گۈمبەزگە يۆتكىدى. دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ قۇماندانلىق شتاب رەھبەرلىرىنى شەخسەن ئۆزى باشلاپ ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئىنقىلابنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ كۈرەش تاكىتكىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى خاتالىقلارنى ئەستايىدىل تۈزەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە قوراللىق قوشۇنىنى مۇنتىزىملەشتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيىنى ئىككى بىرىگادا، بىر گارنىزون پولك قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى. ھەمدە ئارمىيە قوماندانلىق ئورگىنىنى ۋە ئاساسى قاتلام رەھبەرلىرىنى تەڭشەپ ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويدى . ئىنقىلابى قوشۇننىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تەشكىللىنىشى مۇنداق بولدى .
1- بىرىگادا (يەكەن بىرگادىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئورنى قوشراپتا ، بۇ بىرىگادا يەكەن تەرەپتىكى تاجىك ، قىرغىز ، ئۇيغۇر پولكى ۋە يېڭىساردىكى بىر قىرغىز پولكىدىن تەشكىللەنگەن بىرىگادا كوماندېرى مادايۇف.
مۇئاۋىن بىرىگادا كوماندېرى ھاكىم شىرىپ (قىرغىز)، شتاب باشلىقى: شەمسىدىن سەخى.
بۇ بىرىگادا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن قىرغىز پولكدىن باشقا قاغىلىق ئۇيغۇر پولكى ۋە يېڭساردىكى تاجىك، قىرغىز پولكىمۇ بار ئىدى قاغىلق ئۇيغۇر پولكىنىڭ پولك كوماندېرى ھاشىم ئاخۇن (ئۇيغۇر، قاغىلىقتىن، كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) مۇئاۋىن پولك كوماندېرى تۇردى قاربىك (ئۇيغۇر، قاغىلىقتىن كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) يېڭىسار ئېگىز ياردىكى قىرغىز پولكى، پولك كوماندېرى ئوسمان باتۇر ( قىرغىز، سۇ باشتىن)، مۇئاۋىن پولك كوماندېرى ئوسمان ×××××(قىرغىز، ئاقتۇدىن) شتاپ باشلىقى تاشتۆمۈر (قىرغىز، سۇباشىدىن ) بۇلارنىڭ قارمىقىدا بىر تاجىك روتىسى بولغان روتا كوماندېرى ئەبىبىللا (تاجىك ، تاشقورغان يېزىسىدىن كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ) .
2- بىرىگادا ، ئورنى: ئويتاغدا، قارمىقىدا ئىككى پولك بولغان .
بىرىگادا كوماندېرى: تاھىر ( قىرغىز ، تاشقورغاننىڭ كوكيار مىللىي يېزىسىدىن )
سىياسىي كومىسارى بۇرغالى ( قازاق ) شتاب باشلىقى قەمبەر ( قىرغىز ، ئاقتۇدىن ) .
ئويتاغ قىرغىز پولكى:
پولك كوماندېرى: سايىت بەگ ( قىرغىز ، ئۇلۇغچاتتىن ) مۇئاۋىن پولك كوماندېرى ساتىبېك ( قىرغىز، ئۇلۇغچاتتىن )
شتاب باشلىقى سۇۋانقۇلى ( قىرغىز ، ئۇلۇغچاتتىن ) .
قەشقەر ئۇيغۇر پولكى: پولك كوماندېرى ھەسەن ھاجى (ئۇيغۇر، يېڭىساردىن) مۇئاۋىن پولك كوماندېرى تۇرسۇن (ئۇيغۇر، يېڭىساردىن گومىنداڭ تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈلگەن ) قاغىلىق ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن جەنۇبى شىنجاڭ مىللىي ئازادلىق فرونتى قۇرۇلۇپ 11 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. مۇدىرى ساۋۇت قارى (ئۇيغۇر، يېڭىساردىن) ھەيئەتلىرى ئىسھاقبېك، كارۋانشاھ، سيتبېك، سىدىقخان غوجام (ئۇيغۇر، ئاقتۇدىن) مەمەت ئەيسا، ئابدۇللا دوموللا، قۇتلۇغۇۋ ( دائىمىي ئىشلارنى باشقۇرغان ) قاتارلىقلار

ئەگرى - توقاي ۋە مۇشەققەتلىك قوراللىق كۈرەش
ئىنقىلابى قوشۇن تەرتىپكە سېلىنىپ بىر ئايلىق تەلىم - تەربىيىدىن كېيىن، ئىنقىلاب ۋەزىيەتنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئازاد بولغان رايونلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۇرۇشنى پامىردىن شەرقى شىمال تەرەپتىكى قەشقەر ۋە يەكەن تەرەپلەرگە سۈرۈپ ، ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش قىلدى. ئۇلار قوشۇننى ئۈچ يۆنىلىشكە ئايرىپ، جەڭگە ئورۇنلاشتۇردى. ھەربىي يۈرۈشنىڭ نىشانىسى مۇنداق بولدى.
بىرىنچى يۆنىلىش قىسمى: ئوپال، تاشمىلق تەرەپكە بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ، غەربىي جەنۇپ تەرەپتىن قەشقەرنى قىسىش.
ئىككىنچى يۆنىلىش قىسىمى: ئاقتالا ئارقلىق مېڭىپ يېڭىسارنى ئازاد قىلىش ۋە بۇ ئىككى قوشۇن ئىككى تەرەپتىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قەشقەرنى ئازاد قىلىش، قەشقەر بىلەن يەكەننىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش.
ئۈچىنچى يۆنىلىش قىسمى: يەنى تاجىك پولكى زەرەپشان دەرياسىنى بويلاپ خەتەرلىك تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، داتۇڭ ، كوسراپ ئارقىلىق يۈرۈش قىلىپ، قاغىلىق بىلەن پوسكامنى ئازاد قىلىپ، خوتەن بىلەن يەكەننىڭ ئالاقىسىنى ئۇزۈپ تاشلاش ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يەكەننى ئازاد قىلىش، ئىنقىلابى قوشۇن يۇقارقى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن ئىنقىلابى ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى يەنى قەشقەر، يەكەن ئەتراپلىرىدا جاپالىق قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش باسقۇچى باشلاندى . ئەگەر بۇ باسقۇچتا يەنى تاشقورغاننى ئازاد قىلىش، ۋاقىتلىق مىللىي ھۆكۈمەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىنقىلابى قوشۇن قۇرۇش باسقۇچى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق بولدى دېيىلىدىغان بولسا ئۇ ھالدا ئىنقىلابى ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ناھايىتى مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق بولىدۇ . بۇ باسقۇچتا زور غەلىبىلەرمۇ قولغا كەلتۈرۈلدى. ۋە ئېچىنىشلىق ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بولدى.
ئىنقىلابى قوشۇن ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى قىسىملار بەلگىلەنگەن نىشان بويىچە ئوڭۇشلۇق ھالدا يۈرۈش باشلىدى . بۇ ۋاقىتلاردا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەتراپىدىمۇ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› قوشۇنى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن گومىنداڭ قوشۇنلىرى ھەرقايسى جايلاردا خەلق قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ قوشۇنلىرى ھەرقايسى جايلاردا خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ بىربىرىگە ياردەم بېرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقورغاندا ئىنقىلابى قوشۇن بىراقلا غەلىبە قىلىپ دۈشمەننى يۈرۈكزادە قىلىۋەتكەن . دۈشمەن تېخى ئەس - ھوشىنى يىغىپ بولالمىغان ھەمدە باشقا جايلاردىكى قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. شۇڭا، بۇ باسقۇچنىڭ دەسلىپىدە مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن ھەرقايسى سەپلەردا چاقماقتەك تېز يۈرۈش قىلىپ ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
تاشقورغاندىن قېچىپ چىققان دۈشمەن ئەسكەرلىرى چېچەكلىكتە ئوبۇل قاسىم رەھبەرلىكىدىكى پارتزانلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ ئۇدۇلچىلا گۈمبەزگە قاراپ قاچتى . ئۇلار يىل بويى خەلق ئاممىسىنىڭ چارۋىسىنى ۋە مال - مۈلكىنى بۇلاپ، خەلقنى زار قاقشاتتى . شۇڭا مىللى ئىنقىلابى قوشۇن دۈشمەننى ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭغاندا خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە ياردىمىگە ئېگە بولدى. بىرمۇنچە كىشىلەر يولدا ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتى. چىل گۈمبەزگە بارغاندىن كېيىن دۈشمەننىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى يوقاتتى. بۇ يەرلەردە قوشۇنغا يېڭىدىن كىرگەنلەرنى ھەرقايسى قىسىملارغا بۆلۈپ، تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن ئاقتالاغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئەمىلىي كۈچى 223 كىشىگە يەتتى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شىددەت بىلەن ئىلگىرلەۋاتقان ئىنقىلابى قوشۇننى توسۇپ، ئۆزىنىڭ تېرىپېرەن بولغان قوشۇنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى ئۈچۈن قەشقەردە تۇرۇشلۇق 3- پولكىدىن روتا ئەسكەرنى ياردەمگە ئېۋەتتى . دۈشمەننىڭ 3- پولكى شۇ ۋاقىتلاردىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى ئىچىدىكى جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى بولغان قىسىم ھېسابلىناتتى. ياردەمگە ئېۋەتىلگەن بۇ روتىمۇ خىللانغان بولۇپ ، دۈشمەن ئۆزىچە بۇ كۈچ بىلەن ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنى پۈتۈنلەي توسۇۋالغىلى بولىدۇ. دەپ ھېسابلىغان ئىدى. لىكىن دۈشمەن چوتنى خاتا سوققان ئىدى. 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىنىقىلاۋى قوشۇن ئاقتالاغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ كەڭقول ئەتراپىدا دۈشمەننىڭ ئۈچ ئىستېھكامىنى ۋەيران قىلىپ، دۈشمەننىڭ شۇ قىسمىنى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە 15-، 16- كۈنلرى قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننى ئېگىز يار ۋە يېڭىسارغا قېچىشقا مەجبۇر قىلدى، مۇشۇ بىر قېتىملىق جەڭدىلا 160 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتتى. 20 كىشىنى يارىدار قىلدى (بۇنىڭ ئىچىدە بىر روتا كاماندىرىمۇ بار ) 120 تال مىلتىق، 18 ئېغىر - يىنىك پېلموت ۋە نۇرغۇن ئوق - دورا غەنىمەت ئېلىپ، قوزغىلاڭ باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ قىېتىملىق جەڭ غەلبىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن دۈشمەننى ئېگىز يارغىچە قوغلاپ باردى. دۈشمەن ئېگىز يارنىمۇ تاشلاپ يېڭىسارغا قاراپ قاچتى. يول بويى يەرلىك ئاممىدىن 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مەجبۇرى ھالدا ئۆز قوشۇنىغا قوشۇۋالدى. دۈشمەن ئېگىز ياردىن يېڭسارغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن مەجبۇرى تۇتۇپ كەتكەن ئاممىسىنى ئۆز قوشۇنىغا قوشۇۋىلىپ زىيان بولغان ئەسكەر سانىنى تولدۇرۋالغاندىن كېيىن ئېگىز يارغا يەنە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، ئېگىز يارنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى. ئىنقىلابى قوشۇن قايتارما ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن دۈشمەننىڭ يولىنى توسۇپ زەربە بەردى. دۈشمەننىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى 57 نەپەر ئەسكەرنى پۈتۈنلەي ئەسىر قىلىپ تۇتۇۋالدى . قالغان دۈشمەنلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېڭىسارغا تىكىۋەتتى. بۇ ۋاقىتتا يەكەن تەرەپتىن ياردەمگە كەلگەن 200 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئالدى . كەينىدىن ئوققا تۇتۇپ ئۇلارنىڭ 47 ئادىمىنى يوقاتتى بىرقانچە قېتىملىق جەڭدە پارتزانلاردىن فەرەنگى ئەبىلشۇ، شويىن، مەتخۇشال قاتارلىق تاجىك ۋە ھەرمىللەت جەڭچىلىرى بولۇپ، بىر نەچچە ئون كىشى ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، دۈشمەننى يوقىتىپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىنقىلابى قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى . ئاقتالا ۋە ئېگىز ياردىكى جەڭدە ئىنقىلابى قوشۇن قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ دۈشمەننىڭ 300 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتتى ۋە ئەسىر ئالدى . 280 تال مىلتىق، 18 ئېغىر - يېنىك پىلىموت ۋە نۇرغۇن ئوق - دورا غەنىمەت ئالدى. دۈشمەندىن ئەسىرگە چۈشكەن ئاز سانلىق مىللەت ئەسكەرلىرىنى تەربىيلەپ ئۆز سېپىگە قوشتى. شۇڭا، يېڭىسار يۆنىلىشتىكى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ كۈچى تېزلىكتە ئۇلغىيىپ 400 كىشىدىن ئاشتى . ھەمدە يېڭىسارغا 30 كېلومىتىر كېلىدىغان يەرگىچە ئىلگىرلەپ باردى . ئېگىز يار خەلقى ئىنقىلابى قوشۇننى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇلارنى ئاشلىق، ئوت- چۆپ بىلەن تەمىنلىدى .
قەشقەر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان قوشۇنلار دۈشمەننى سۇباش، بۇلۇڭكۆل قاتارلىق جايلاردىن قوغلاپ، بوستان تېرەك قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلدى. ۋە ئەتراپتىكى دۈشمەننى قوغلاپ 9- ئاينڭ 15- كۈنى ئوپالنى ئىگەللىدى. گومىنداڭ قوشۇنى تاشمىلىق، چەشتاغ، توققۇزاق قاتارلىق جايلارغا قاچتى. ئوپال خەلقى ئىنقىلابى قوشۇنغا 60ئات ياردەم قىلدى.
9- ئاينىڭ 16- كۈنى بۇ قوشۇن تاشمىلىققا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تاشمىلىقنى ئالالمىدى . ئۇلار غەربىي جەنۇپ تەرەپتىن قەشقەرگە جىددىي تەھدىت سالغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەر دائىرلىرىنى خېلىلا ئالاقزادە قىلىۋەتتى. شۇڭا، دۈشمەن ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئاساسى كۈچىنى ئوپال، تاشمىلىققا قارتىشقا مەجبۇر بولدى .
يەكەن يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلىگەن تاجىك پولكىدىن قاسىم بېك رەھبەرلىك قىلغان قىسىم كوسراپقا كېلىپ ئايرىتاشتا دۈشمەنگە قاتتىق تەھدىت سالدى .
11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەينىدىن رەھبەرلىك قىلغان 160 كىشىمۇ چىل گۈمبەز ئارقىلىق كوسراپقا كېلىپ قاسىم بېكنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلەشتى . ئۇلار بىرلەشكەندىن كېيىن زەرەپشان دەرياسىغا سېلىنغان ياغاچ كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلاپ دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى .
11- ئاينىڭ 13- كۈنى پولك كوماندېرى لەشكەر باشچىلىقىدىكى ئاساسى كۈچمۇ يېتىپ كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار قوشۇلغاندىن كېيىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، كاچۇڭ ۋە تۇمشۇق سارايدىكى دۈشمەن بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. كاچۇڭ ۋە تۇمشۇق سارايغا ھۇجۇم قلغان بۇ ئىككى سەپتىكى قوشۇن بىرقانچە كۈنلۈك جاپالىق جەڭ ئارقىلىق دۈشمەن قۇشۇنىنى ئۇ يەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. دۈشمەن قېچىپ پوسكامغا كىرىۋالدى. بۇ جەڭدە دۈشمەندىن 33 ئادەم يوقىتىلدى. بىر مۇنچە ئوق - دورا ۋە كاچۇڭدىكى بىر ئاشلىق ئىسكىلاتىنى غەنىمەت ئالدى.
12- ئاينىڭ 16- كۈى لەشكەر باشچىلىقىدىكى تاجىك پولكى 400 كىشىلىك قوشۇن بىلەن پوسكامغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ، دۈشمەن ئىنقىلابى قوشۇنىنڭ ھەرىكىتىنى بالدۇر سىزىۋالغاچقا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. پەقەت بىرنەچچە ئاتنىلا غەنىمەت ئالالىدى. پوسكامغا قىلىنغان ھۇجۇم مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنقىلابى قوشۇن پوسكامنى مۇھاسىرە قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياقا ئېرىققا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى .
12- ئاينىڭ 18- كۈنى ياقا ئېرىققا ھۇجۇم قىلىپ مۇھاسىرە قىلدى. 19- كۈنى ياقا ئېرىقنى ئازاد قىلىپ دۈشمەندىن 38 كىشىنى يوقاتتى. 24 تال مىلتىق، بىر پىلېموتنى غەنىمەت ئالدى. ياقا ئېرىقنىڭ ئازاد قىلىنىشى پوسكامدىكى دۈشمەن قوشۇنلىرىنى قاتتىق چۆچۈتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پوسكامنى تاشلاپ قاچتى . لىكىن، ئىنىقىلابىي قوشۇن دۈشمەننىڭ پوسكامنى تاشلاپ قاچقانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. شۇڭا، دۈشمەننىڭ پوسكامدىن قاچقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پوسكامنى ئىشغال قىلمىدى . پوسكامدىن قاچقان دۈشمەن قوشۇنى ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە پوسكامغا قايتىپ ئورۇنلىشىۋالدى . ئىنقىلابى قوشۇن دۈشمەن كۈچىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىپ، دۈشمەننڭ ئاساسەن يەكەن، پوسكام، قاغىلىق قاتارلىق ئاساسى بازىلىرىدا قامىلىپ قالغانلىقىنى، بۇ ئاساسى بازىلىرىدىن باشقا جايلاردا بولسا دۈشمەنلەرنىڭ تايانچسىز پارچىلانغان، يەككە - يەككە ھالدا قالغانلىقىنى ئىگەللىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىنقىلابى قوشۇن تايانچىسى، يەككە قالغان دۈشمەنلەرنى بىر - بىرلەپ يوقىتىپ، ئۆز كۈچىنى ئۇلغايتىپ، دۈشمەننڭ ئاساسى بازىلىرىدىكى كۈچلىرىنى يوقىتىشقا ئوبدان تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۈچلىرىنى 30 -، 40 دىن بۆلۈپ، يەكەن، يېڭىسار ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەرنى بىر - بىرلەپ يوقاتتى . شۇنىڭ بىلەن ياقا ئېرىق، قىزىلتاغ قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلدى. يېڭىسار، ئېگىز يار ، پوسكام ئوتتۇرىسىدىكى يولنى تۇتاشتۇردى .
1945- يىل 10- ئاينىڭ 17- كۈنى يېڭىساردىكى جاڭ دۈيجاڭ، دۇسۇجاڭلار ئۆز قارىمىقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ پوسكام ۋە قاغىلىققا كېلىپ ئورۇنلاشماقچى بولدى . كېيىن ئۇلار پوسكامنىمۇ تاشلاپ ھەممە كۈچىنى قاغىلىققا يۆتكەپ قاغىلىقنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ ياتتى. ئۇلار قاغىلىققا كەلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ، ئاياللارغا باسقۇنچۇلۇق قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى. بىز ئەكسىيەتچىلەرنىڭ زۇلمىتىدىن زار قاقشىغان خەلق ئاممىسى مىللىي ئىنقىلابى قوشۇننىڭ تېزلىكتە كېلىپ، ئەكسىيەتچىلەرنى يوقىتىپ ، ئۆزلىرىنى زۇلۇم دەستىدىن ئازاد قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. بەزىلىرى دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىكى رايونلاردىن قېچىپ چىقىپ ئىنقىلابى قوشۇنغا دۈشمەن ئەھۋالىنى يەتكۈزدى. بەزىلىرى دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆز بازىلىرىدىن ئالداپ ئاچىقىپ، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ مۆكتۈرمىسىگە ئېلىپ كەلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا بۇ ئەتراپتىكى تارقاق بازىلاردىكى دۈشمەن قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى . قاغىلىققا قاپسىلىپ قالغان دۈشمەن قوشۇنى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە چۈشۈپ، تايانچىسىز قالدى . قاغىلىقنى ئازاد قىلىشنىڭ شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلدى .
1946- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ 600 دىن ئارتۇق ئادىمى قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. قىرغىز پولكى بىر روتا ئادەم دۈشمەننىڭ خوتەندىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇنىنى توسۇش ئۈچۈن خوتەن تەرىپىدىن كېلىدىغان يولدا مۆكتۈرۈلدى. يەنە بىر قسىم قوشۇن پوسكامغا ھۇجۇم قىلدى . پوسكام تەرەپتىكى دۈشمەن ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا ھېچقانداق قارشلىق كۆرسەتمەي پوسكامنى تاشلاپ يەكەنگە قېچىپ كەتتى. تاجىك پولكى قان تۆكمەيلا پوسكامنى ئازاد قىلدى. قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى دۈشمەن قوشۇنى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېتىۋېتىپ قاتتىق مۇداپىئە قىلدى. نەتىجىدە شەھەردە قاپسىلىپ قىلىپ ئىنقىلابى قوشۇننىڭ قاتمۇ- قات مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقالمايدىغان ھالەتكە چۈشىتى. 5 – 6 سائەتلىك قاتتىق جەڭدىن كېيىن دۈشمەن بەرداشلىق بېرەلمەي شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ قېچىشقا ھەرىكەت قىلدى . لېكىن، مۇھاسىرە ناھايىتى قاتتىق بولغاچقا پەقەت ئاز بىر قسىم ئەسكەرلا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتەلىدى. قالغانلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى . 2700 تۇياق ئات ئولجا ئېلىندى. قەشقەردە تۇرۇشلۇق 12- دىۋېزىيە قاغىلىقنىڭ مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئالاقزادە بولدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن قاغىلىقتىكى قوشۇنلارنىڭ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ بازىنى قاتتىق ساقلىشىنى بۇيرۇسا يەنە بىر تەرەپتىن 3000 كىشىلىك قوشۇننى قاغىلىققا ياردەم بېرىشكە ئېۋەتتى . دۈشمەننىڭ بۇ ياردەمچى قوشۇنى تۇمشۇق سارايغا كەلگەندە شۇ يەردە توسۇپ تۇرغان قىرغىز پولىكىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى . بۇ يەردە ئىنقىلابى قوشۇننىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچراشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن دۈشمەن قوشۇنى ئالاقىزادىلىكتە بىرەر پاي ئوقمۇ ئېتىشقا ئۈلگۈرمىدى. 300 دەك ئۆلۈكنى تاشلاپ بەدەر تىكىۋەتتى . ئىنقىلابى قوشۇن ھەر يەردە يول توسۇپ ئۇلارغا زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ بۇ ياردەمچى قوشۇنىنى زور تالاپەتكە ئۇچراتتى. بۇ قوشۇننىڭ ئارقىدىن توشۇپ كېلىنگەن ئوزۇق - تۈلۈك تەمىناتىنى پۈتۈنلەي ئولجا ئېلىپ ئۇلارنى تەمىناتسىز قالدۇردى. 5 – 6 كۈن دۈشمەننى سۆرەپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىش نەتىجىسىدە، دۈشمەننى ھالسىراتتى. دۈشمەننىڭ ئوزۇق- تۈلۈك تەمىناتى ئولجا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاچلىق دەردىدە بەكمۇ روھسىزلىنىپ كەتتى. دۈشمەن قوشۇنىدىكى مىللىي ئەسكەرلەر ئىنقىلابى قوشۇنغا تەسلىم بولماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەسلىم بولۇش غەرىزى دۈشمەن تەرىپىدىن سىزىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن 60 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. دۈشمەن قوشۇنىنى شۇنداق سۆرەپ يۈرۈپ يوقىتىش نەتىجىسىدە ئاخىرى قاغىلىققا ياردەم بېرىش غەرىزىدىن يېنىپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. چېكىنىش جەريانىدا يەنە ئىنقىلابى قوشۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئۆزىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرىدىن ئايرىلدى .
قاغىلىقنى مۇھاسىرە قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن تاجىك پولكى غەلىبىلىك ھالدا ناھىيە بازىرىغا كىردى. قاغىلىقنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن ناھايىتى زور ئىنقىلابى قىزغىنلىق ۋە قەھرىمانلىق رولىنى جارى قىلدۇردى . بۇ جەڭدە ئەرلەرلا ئەمەس ئاياللارمۇ قالتىس شىجائەت ۋە جاسارەت كۆرسەتتى . تاجىك پولكنىڭ سانتاركىسى دىلدانە (تېرەك لەڭگەرلىك) دېگەن تاجىك قىزى ئۇرۇش جىددىيلىشىپ، دۈشمەن ھەربىي قىسىملىرى قېچىپ كەتكەن، ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر تېخى جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان پەيىتتە، پولك كوماندېرى لەشكەر تەرىپىدىن ئالدىنقى ئۇرۇش سېپىگە ئالاقىچىلىككە ئەۋەتلىدۇ. ئۇ ئالدىنقى سەپكە يېتىپ كەلگەندە دۈشمەن ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر تېخى قارشلىق كۆرسىتىۋاتقان ئىكەن . ئۇ ئايلانما يول بىلەن سەپداشلىرىغا يېقىنلاشماقچى بولۇپ تام ياقىلاپ كەلگەندە، دۈشمەن بىر ئۆي ئىچىدىكى 30 نەچچە ئەسكىرىنىڭ پىلېموت بىلەن ئىنقىلابى قوشۇننى ئوققا تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ - دە، دەرھال قولىغا گرانات ئېلىپ، ئۆگزىگە چىقىپ، تۇڭلۇكتىن ئۆي ئىچىدىكى دۈشمەنلەرگە ‹‹ دەرھال قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇش، بولمىسا ھەممىڭنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىمەن›› دەپ ۋارقىرايدۇ. دۈشمەن ئەسكەرلىرى بۇنداق تۇيۇقسىز زەربىدىن ئالاقزادە بولۇپ، قورال تاپشۇرۇپ، تەسلىم بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ساقچى ئىدارىسىدىكىلەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان مىللىي ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا يول ئېچىلىپ بىر ‹‹ۋۇررا›› ساداسى بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىدۇ. چېۋەر، ئەقىللىق ، باتۇر تاجىك قىزىنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى مىللىي ئىنقىلابى قوشۇندىكى بارلىق كوماندېر جەڭچىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كىشىلەر بۇنداق قەھرىمانلىق جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇ كوماندېر جەڭچىلەرنىڭ ئىنقىلابى كۈرەش ئىرادىسىگە غايەت زور ئىلھام بولىدۇ .
قاغىلىق بىلەن پوسكام ئازاد بولغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئىنقىلابى ھاكىمىيەت ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ تاشقورغان مەمۇرىي مەھكىمىسىگە تەۋە قىلدى. مىللى ئارمىيە ئۇيغۇر پولكى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىلدى. ئالتە كۈن ئىچىدە 1500 دىن ئارتۇق كىشى مىللىي ئارمىيىگە قاتناشتى . ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئومۇمى سانى 5000 دىن ئاشتى. (ئەلۋەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە تېخى قورال-ياراغ يوق ئىدى) مۇھاسىرىدىن قېچىپ چىققان دۈشمەن ئەسكەرلىرى گۇما تەرەپكە قېچىپ بېرىۋالدى، گۇمىغا بارغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى نۇرغۇن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئۆيلىرىنى سۆكۈپ 1500 مېتىردىن ئارتۇق ئاكۇپ قېزىپ ئىنقىلابى قوشۇندىن قاتتىق مۇداپىئە كۆردى. ئىنقىلابى قوشۇن قاچقۇن دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن گۇمىغا قاراپ ئىلگىرلىدى تۆت كۈنلۈك كەسكىن ئېلشىش ئارقىلىق گۇما ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق گومىنداڭنىڭ ئاتلىق 1- دىۋېزىيە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرى 28 كىشىنىڭ جەسىتىنى قالدۇرۇپ خوتەنگە قاراپ قاچتى .
قاغىلىقنى ئازاد قىلىپ بولغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار يەكەن ۋە يېڭىسارغا بىرلىكتە ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ ئىككى جاينى بىراقلا ئازاد قىلىشنى پىلانلىدى . بۇ تاشقورغان ئىنقىلابىنڭ ئەڭ يۇقىرى دولقۇنى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ھۇجۇم قوزغىشى ۋە گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش باسقۇچى ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرەتتى.
1946- يىل 1- ئاينىڭ 12- كۈنى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر پولكىدىن 300 دىن ئارتۇق جەڭچىلەر ئاجىرتىلىپ غەلىبىلىك ھالدا يۈرۈش قىلىپ، گومىنداڭ زور كۈچ بىلەن ساقلانغان يەكەن ناھىيىسىگە قىستاپ باردى. بىر كېچە جەڭ قىلىش ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلار يەكەن كونا بازىرىنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان دۈشمەننى يېڭى شەھەرگە قىستاپ كىرگۈزۈپ، قاتمۇ- - قات مۇھاسىرىگە ئېلىپ بىر ھەپتە قورشاپ تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ئارمىيىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان قوشۇنلىرى چېكنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ تاشقورغان ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى . يەكەننى ساقلاۋاتقان دۈشمەن بىر تەرەپتىن جاھىللىق بىلەن جېنىنىڭ بېرىچە قارشلىق كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تېلېگرامما يوللاپ جىددىي ياردەمچى قوشۇن يۆتكەپ قۇتقۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ تەرەپلەردىكى قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ياردەمگە كېلىۋاتاتتى. زور ئەسكىرىي كۈچ شەھەرگە يېقىنلاشقان، ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشكەن پەيتتە قوزغىلاڭچىلار سىپىلگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، دۈشمەن ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كېلىۋاتقان، دۈشمەن كۈچى كۆپ، قوزغىلاڭچىلار ئاز بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، سىپىلگە ھۇجۇم قلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، بىر تەرەپتىن ئېتىشىپ بىر تەرەپتىن چېكىندى. بايەك ئىسكادىرون كوماندېرى، بايەك باشچىلىقىدىكى 60 نەپەر كىشى يەكەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. ئۇلارغا ‹‹يول باشلىغۇچى›› بولغان ئادەم گومىنداڭ ئىشپىيونى بولغاچقا، ئۇلارنى دۈشمەن مۇھاسىرىسى ئىچىگە باشلاپ كىردى. ئۇلار دۈشمەننىڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن دۈشمەن ئۇلارغا ئالدى ۋە ئارقىسىدىن شىددەتلىك ئوت ئاچتى. پەقەت شۇ چاغدىلا بايەك ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىپ دۈشمەن مۇھاسىرىسى ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ، جەڭچىلەرگە ئىلاجنىڭ بېرىچە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى . بىر كېچىلىك قاتتىق جەڭ نەتىجىسىدە بۇ بىرقىسىم جەڭچىلەردىن پەقەت 28 كىشىلا مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىپ كېتەلىدى. 31 كىشى قۇربان بولدى. بايەك دۈشمەننىڭ قاتتىق مۇھاسىرىسى ئىچىدە قىلىپ دۈشمەننىڭ قولغا تىرىك چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئېتىپ ئۆلىۋالدى. دۈشمەن ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئېلىپ خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردا سازايى قىلدى. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئىنقىلابي قوشۇندىن 150 دىن ئارتۇق ئادەم چىقىم بولدى. يەكەن ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ تېز پۈكمەس قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب روھى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ھازىرغىچىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن يادلانماقتا . شۇ ۋاقىتلاردا تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ راسكام دېگەن كەنتىدىن بىر موماينىڭ بىر يالغۇ ئوغلىمۇ بايەك بىلەن بىرلىكتە يەكەن ئورۇشىغا قاتنىشىپ، جەڭدە قۇربان بولغان. بۇ موماي ئوغلىنىڭ جەڭدە بايەك بىلەن بىرلىكتە قۇربان بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوغلىغا ئاتاپ ئوقۇغان مەرسىيە ناخشىسىدا بىر ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان چەكسىز ھەسرەتلىك ھاياتى ئىپادىلىنىپلا قالماي، بەلكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا بولغان غەزەپلىك شىكايىتى، خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇ ناخشا ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن يادلانماقتا .
يېڭىسار چەشتانە تەرەپكە ھۇجۇم قىلغان قوشۇنلارمۇ ئوخشاشلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ چىقىم تارتتى. گومىنداڭ ئۆزىنىڭ 34- پولك ۋە 17- پولكىدىن 1500 دىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچنى يۆتكەپ يېڭسارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىنقىلابى قوشۇننى مۇھاسىرە قىلىپ توسۇشقا ئەۋەتتى. گومىنداڭنىڭ بىر تۈركۈم ئەسكىرىي كۈچى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن ئاز - ئازدىن بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، بىرقانچە يول بىلەن يېڭىسارغا كېلىۋاتقان ئىنقىلابى قوشۇننى ئەگۈس دېگەن يەردە مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى . ئىنقىلابى قوشۇن تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بىلەن تەڭلا تەرەپ - تەرەپكە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. مۇشۇنداق پىلانسىز ھالدىكى چېكىنىش نەتىجىسىدە ئىنقىلابى قوشۇننىڭ 100 دىن ئارتۇق ئادىمى دۈشمەن قوشۇنى تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىندى. يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىمۇ شۇنىڭ بىلەن يوققا چىقتى .
چەشتاغقا ھۇجۇم قىلىپ بارغان ئەنجانباي (ئۇيغۇر) باشچىلىقىدىكى 320 نەپەر ئىنقىلابى قوشۇنمۇ گومىنداڭنىڭ چەشتاغدىكى روتا ئەسكىرىي كۈچىنى مۇھاسىرە ئېلىپ ئۇلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن دۈشمەننىڭ قەشقەر تەرەپتىن كەلگەن ياردەمچى كۈچلىرى تېزلىكتە يېتىپ كەلگەچكە، ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ بەلگۈتاغ تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەنجەنباينىڭ ئېتىغا ئوق تېگىپ قوشۇن بىلەن چېكىنىپ چېقىپ كېتەلمىدى. ئۆزى يالغۇز دۈشمەننىڭ قوغلاپ كەلگەن قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇرۇش قىلىپ بىرقانچە ئون ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئاخىرى ئۆزىمۇ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ يەكەنگە ئېلىپ كېتىپ كېيىن يەنە ئوپالغا ئەكېلىپ كوچىدا ئېسىپ قويۇپ سازايى قىلدى. ھەمدە خەلق ئاممىسىنى يىغىپ ‹‹ئەگەر كىمدە كىم ھۆكۈمەت بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقۋىتى شۇنداق بولىدۇ ›› دەپ تەھدىد سالدى كىشىلەرنى ئىنقىلابى قوشۇن بىلەن قىلچە ئالاقىدە بولماسلىق كېرەك دەپ مەجبۇرلىدى . ئىنقىلابى قوشۇننىڭ يەكەن، يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابى ئىرادىسى بۇنىڭ بىلەن بوشىشىپ كەتمىدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى بايەك، ئەنجانبايلارغا ئوخشاش ئىنقىلابى قەھرىمانلارنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ھەممە يەردە سازايى قىلغىنى بىلەن ئاممىنى زادىلا قورقىتالمىدى. ئەنجانباينىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئوپالدا ئاممىنى يىغىپ سازايى قىلغاندا ئايتىللا دېگەن ئۇيغۇر ئايال مەردانلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بارلىق خەلقنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان بۇنداق ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقى، ئۇلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى دەھشەتلىك زۇلمىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىدى . خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەنجانبايدەك قەھرىمانلارغا چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇ ‹‹ بىز بۈگۈن ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىنىڭ بېشىنى كۆرمەكتىمىز، ئۇ بىزنى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئېمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ھۆرلۈكنى سۆيگۈچى خەلق ئۇنى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەيدۇ . ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ›› دەپ جاۋاب بېرىپ، گومىنداڭنىڭ بىر غالچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ‹‹ئۆزەڭگە قاراپ باق، نەرىڭ ئادەمگە ئوخشايدۇ، سېنىڭ ھاياتىڭنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بىر داچەنگىمۇ يارىمايدىغان ئەڭ پەسكەش ھايات›› دەپ قاتتىق سۆكىدۇ. دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىدىن قورقمايدىغان بۇ مەردانە ئايالنىڭ ئاخىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قانداق قىيىن - قىستاققا ئېلنغانلىقى، تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇنداق مەردانە سۆزلىرى ئىنقىلابى خەلقنىڭ ھەرقانداق زورلۇق - زۇمبۇلۇقلارغا تېز پۈكمەيدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
ئىنقىلابى قوشۇننىڭ يەكەن، يېڭىسارغا قىلغان ھۇجۇمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى ئۆزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تاشقورغان ئىنقىلابىنى ئۇ جۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئازاد رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى.
1945- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى گومىنداڭ 4000 دىن ئارتۇق ھەربىي كۈچى بىلەن قاغىلققا ھۇجۇم قوزغىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەكەن، قەشقەر، گۇما تەرەپتىكى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا ماسلاشتى. قاغىلىقتىكى ئىنقىلابى قوشۇن گومىنداڭنىڭ بۇ قېتىمقى قورشاپ يوقىتىشىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇر- مىسىدىكى پەرىق ناھايىتى زور بولغاچقا، ئاخىرى قاغىلىقنى تاشلاپ كاچۇڭ تەرەپكە چېكىندى. كاچۇڭدىمۇ دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاندىن قوشراپقا چېكىنىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە كۈنگىچە قوزغىلاڭچىلار دۈشمەن بىلەن ئارلىق تاشلاپ جەڭ قىلىپ پارتزان لىق ئۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇردى. ئۇلار كۆپ قېتىم باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك بىلەن گومىنداڭنىڭ قوغلاپ كەلگەن قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بەردى. ئىككىلا تەرەپتە يېڭىش ۋە يېڭىلىش بولدى، شۇنداقتىمۇ ياردەمسىز قىلىپ كۈچى چەكلىك بولغاچقا، مۇتلەق ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىپ توسۇشى ئاستىدا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش كۈنسايىن كۆپەيدى. گومىنداڭ قوشۇنلىرى قاغىلىق، پوسكام قاتارلىق ئازاد رايونلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شۇ يەرلەردىكى خەلق ئاممىسىنى دەھشەتلىك قىردى. قاغىلىقتا دەريا - ئېقىنلار بىگۇناھ خەلقنىڭ جەسەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئىشپىيونى دەپ بەدنام چاپلاپ، خالىغانچە چېپىپ تاشلىدى. ھەتتا كىچك بالىلارنىمۇ ۋەھشىيانە ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈردى. مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ ئاكۇپ كولاش ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ياساشقا مەجبۇرلىدى . نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى سۆكۈپ دەل - دەرەخلەرنى كېسى، قومۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئاكۇپ قېزىپ ھەربىي پوستلارنى ياسىدى . كىشىلەر ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
ئىنقىلابى قوشۇن قاغىلىق، پوسكام قاتارلىق ئازاد رايونلاردىن چېكىنىپ قوشراپقا كەلگەندىن كېيىن قىسىملارنى دەم ئالدۇرۇپ تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە گومىنىداڭنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، نۇرغۇن ئوق - دورا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى غەنىمەت ئېلىپ ئۆزىنى قوراللاندۇردى. گومىنداڭ ئارمىيىسى تاشقورغان ئىنقىلابى قوشۇنىنى قاغىلىق، پوسكامدىن چېكىنگەندىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئاساسى بازىسى بولغان تاشقورغاننى ئىشغال قىلىش ۋە شۇ يول بىلەن بۇ ئىنقىلابى قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق 12- پولكىنى ۋە ئاقسۇدىن يۆتكەپ كەلگەن يەنە بىر پولك ئەسكىرى كۈچىنى توپلاپ شىددەت بىلەن تاشقورغانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تاجىك پولكى قوغداۋاتقان ئارقا داۋان دېگەن يەرگە كەلدى . ئارقا داۋاندا شۇ ۋاقىتتا تاجىك پولكىدىن 15 نەپەر جەڭچى كۈزەتكە قويۇلغان بولۇپ، ئاساسى كۈچى ئايرىتاش دېگەن يەردە تەرتىپكە سېلىنىۋاتاتتى. كۈزەتچىلىك قېلىۋاتقان جەڭچىلەر دۈشمەننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال پولك شتابىغا مەلۇم قىلدى. تاجىك پولكى دەرھال يۈرۈش قىلىپ ئارقا داۋانغا ئىلگىرلىدى . ئىككى تەرەپ تار جىلغىدا ئۇچرىشىپ قىلىپ بىر ئاز ئېتىشقاندىن كېيىن دەرھال ئارقىغا يېنىپ ئىككى تەرەپتىكى تاغ چوققىلىرىنى ئىشغال قىلش ئۈچۈن تاققا ياماشتى. تاجىك پولكىنىڭ كوماندېرى لەشكەرنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىپ يارلانغان بولسىمۇ يەنىلا جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. تاجىك پولكىدىكى كوماندىر جەڭچىلەر بىلەن تېزلىكتە جىلغىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى تاغ چوققىلىرىدىن ئىگەللەپ دۈشمەن قوشۇنىنى تار جىلغىغا قامىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى. ئۇرۇش پۈتۈن بىر كۈن داۋام قىلدى . تاجىك پولكى سان ۋە قورللىنىش جەھەتتە دۈشمەن قوشۇنىدىن كۆپ ئاجىز ئىدى. چۈنكى ئۇلار پوسكام، قاغىلىقدىن چېكىنگەچكە ھەمدە يەكەندىكى ئۇرۇشتا خېلى زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن نامدا بىر پولك بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە كۈچى ناھايىتى ئاجىز ئىدى. گومىنداڭ قوشۇنى تولۇق قوراللانغان ئىككى پولك بولۇپ، ئىنقىلابى قوشۇندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئىنقىلابى قوشۇن ئەپلىك يەر شارائىتىنى ئىگەللەپ، دۈشمەننى شىددەتلىك ھالدا ئوققا تۇتتى. دۈشمەن ئارقىسىغىمۇ چېكىنەلمەيدىغان، ئالدىغىمۇ ئىلگىرلىيەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ، ھەر تەرەپتىن دۇمبالىنىپ ھالسىرىدى. بىر كۈنلۈك ئۇرۇش نەتىجىسىدە دۈشمەننىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلۈپ 300 دىن ئارتۇق ئادىمى يارلاندى . پەقەت قاراڭغۇ چۈشكەندىلا قاراڭغۇلۇقدىن پايدىلىنىپ قالدۇق قىسىملىرى قېچىپ كەتتى. ئارقا داۋان ئۇرۇشى ئارقىلىق ئىنقىلابى قوشۇن گەرچە قاغىلىق، پوسكام، يەكەن تەرەپلەردە تالاپەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ لېكىن جەڭگىۋارلىقى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ھەربىي ۋە سىياسى سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۈچىنى تولۇقلىغاندا جەنۇبى شىنجاڭدىكى گومىنداڭ كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بىرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئىنقىلابى قوشۇن قوشراپ قوشۇننى تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ ئوزۇق - تۈلىكى ۋە تەخسىمات جەھەتتە ئىنتايىن زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى . شۇڭا، بىر قىسىم قوشۇنىنى چىقىرىپ يېقىن ئەتراپتىكى دۈشمەن بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئوزۇق - تۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى . دۈشمەن كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىنقىلابى قوشۇن ئۆتكەنكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ھەربىي قوشۇننى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا پىلانلىق ھالدا ئەستايىدىل تاقابىل تۇردى. دۈشمەننى ھەر قېتىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەغلۇپ قىلدى. بىرقانچە ئاي ئىچىدە 2300 تال مىلتىق 400 تال يېنىك پىلېموت، 100 تال ئېغىر پىلېموت، 400 دىن ئارتۇق گرانات، 100 تال ئاپتۇمات غەنىمەت ئېلىپ ئۆزىنىڭ قورال - ياراغلىرىنى تولۇقلىدى. دۈشمەننىڭ نۇرغۇن جانلىق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى .
گېنېرال ئىسھاقبېك قايتا تاشقورغانغا كېلىپ ئىنقىلابى قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ ھەربىي تەلىم - تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىنقىلابى كۈچلەرنى مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتۇردى .مۇشۇ ئاساستا ئۇلار 1946- يىلى 6- ئايدا يەكەن، قەشقەر خوتەن تەرەپكە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئىنقىلابنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور دولقۇنىنى قوزغاشنى پىلانلىدى . ھەمدە جەڭگە جىددىي ھازىرلىق كۆردى. ئىنقىلاب يېڭى بۆسۈش ھالىتىدە تۇرغاچقا گومىنداڭنىڭ قەشقەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھۆكمىرانلىقىغا زور تەھدىت بولدى . تاشقورغان قوراللىق ئىنقىلابى قايتىدىن جانلىنىۋاتقان پەيتتە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق توغرىسىدىكى سۆھبىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى . خارابلىشىش ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۈن، گېنېرال جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشتى . بۇ چاغدا تىنچلىق سۆھبەتكە بولغان سەمىمىيلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، گېنېرال ئىسھاقبېك تاشقورغان مىللىي ئارمىيىگە ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىپ چىل گۈمبەز ، قوشراپ ، ئارقا داۋان، ئويتاغ قاتارلىق تاغلىق رايونلارغا يىغىلپ ئارام ئېلىپ كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى .
1946- يىل 6- ئاينىڭ 6- كۈنى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى «تىنچلىق بىتىمنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىنىڭ 2- ›› سىگە ئىمزا قويدى. بۇ شىنجاڭ تېنچىلىق سۆھبىتىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئىسھاقبېككە جىددىي تېلېگرامما يوللاپ تىنچلىق بىتىمنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئىسھاقبېك ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن ئۆزى قوشراپقا كېلىپ 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن تاشقورغان ئىنقىلابى قوشۇنى تەشكىللىك ھالدا تاشقورغانغا چېكىنىشىكە باشلىدى. ھەمدە شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئىشىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تاشقورغان ئىنقىلابى تەرەپتىن سىدىقخان غوجام (غۇلجىدا ئۆلگەن) قۇربان دۆلەت قاتارلىقلارنى ۋەكىلى قىلىپ ئەۋۋەل ئۈرۈمچىگە كېيىن غۇلىجىغا ئىۋەتتى. ئىنقىلابى قوشۇن بىر قانچە ئايلىق جاپا - مۇشەققەتلىك شارائىتتا كۈرەش قىلغانلىقى ، تەبئىي شارائىتنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلىدىن ياز پەسلىدە قوشۇندا كېزىك كېسىلى تارقىلىپ كەتتى . ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ قىيىن شارائىتتا قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ تېنچلىق كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئىنقىلابى قوشۇننىڭ چېكىنىش پۇرسىتىدا يەنە بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كىلىپ ئىنقىلابى قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقىتىۋىتىشكە ئۇرۇندى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنڭ بۇخىل نۇمۇسسىز ۋاپاسىزلىقى ئىنقىلابى قوشۇندىكى بارلىق كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ چەكسىز غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىدى . تاشقورغانغا قاراپ چېكىنىۋاتقان ئىنقىلابى قوشۇندىكى بارلىق كوماندېر جەڭچىلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان قىسىمىغا قايتارما زەربە بېرىپ ئۇلارنى چېكىندۈردى . بۇ جەڭدە ئىنقىلابى قوشۇندىن پولك كوماندېرى قادىر قول قۇربان بولدى . گومىنداڭنىڭ بۇنداق يۈزسىزلىكىدىن غەزەپلەنگەن كەڭ كوماندېر جەڭچىلەر چېكىنىشنى توختۇتۇپ ئەسلىدىكى پېلان بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .
1946- يىلى 8- ئايدا تاشقورغان ئىنىقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مادايۇف، شىرىنبېك، ئوبۇلقاسىم قاتارلىقلار داغدۇغۇلۇق مۇكاپاتلاش يىغىنىغا قاتناشقان ۋاقىتتىمۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ نۇمۇسسىز ۋاپاسىزلىقىغا نىسبەتەن ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىگە قۇرال كۆتۈرۈپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن ئۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەرەپ پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ تىنچلىق ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يەنىلا تىنچىلىق كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ چېكىنىشنى، پەقەت تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن شۇ بىر قىسىم دۈشمەنلەرنىلا يوقىتىش بىلەن چەكېلىنىشنى قاتتىق بۇيرۇدى . شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى قوشۇن ئۆز بازىلرىدىن چېكىنىپ تاشقورغانغا قايتىپ كەتتى. بارلىق قۇرال - ياراق، ئوق - دورىلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئىلىغا يۆتكەپ ئاپىرىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى .
1946- يىلى 7- ئاينڭ 1- كۈنى شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئورگانلار ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. داغدۇغۇلۇق باشلانغان تاشقورغان ئىنقىلابى ئاياغلاشتى.
تاشقورغان ئىنقىلابى ئالدىنقى تەييارلىق باسقۇچىنى قوشقاندا ئۈچ يىل داۋام قىلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر 7000 دىن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلق پۇقرالىرى بۇ قوراللىق كۈرەشكە قاتناشتى. قوراللىق قوزغىلاڭچىلار تاغ- داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھەربىي قوشۇنىغا قاخشاتقۇچ زەبەر بىرىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنىقىلابىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بازىسىنى قۇرۇپ، بۇ كەڭ زىمىندىكى ھەرمىللەت خەلقىنى بىر مەھەل قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ ھۆكمىرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەركىتىگە كۈچلۈك ماسلاشتى . ئۇلارنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئوق ئاۋازى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مۇستەھكەم قورغانلىرىنى تىترتىپ، زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا نۇر چېچىپ ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنڭ ئىنقىلاپ يولىنى يورۇتتى. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇشقا مۇناسىپ.
1946- يىلى 8- ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تاشقورغانغا قايتىدىن كىردى. شىنجاڭ تىنچلىق بىتىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن تاشقورغان خەلقى تىنچلىق بىتىمىنى ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچلىرى قانلىق قىلىچىنى تاشلىمىغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي تىنچلىق بىتىمىنى ئوچۇق - ئاشكارا يىرتىپ تاشلاپ كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى ھەرمىللەت ئىنقىلابىي ئاممىسىغا قارىتىپ، تاشقورغان قوزغىلاڭچىلىرىغا قايتاتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى. پامىر ئىگىزلىكىدە ئىس - تۈتەكلەر قايتىدىن كۆتۈرۈلدى . تاشقورغان خەلقى ئاق تىرۇرلۇق قاپلىغان ئەڭ ئېچىنىشلىق مەزگىلگە كىرىپ قالدى. ئۆي ماكانلىرىغا قايتقان مىللى ئارمىيىنىڭ جەڭچىلىرى ۋە بەزى تايانچىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى. خائىنلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن كۆپلىگەنلىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى . ئالۋاستىلارنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ ئامان قالغانلار ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىچىپ كەتتى ياكى تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ يوشۇرنىۋالدى . ئىنقىلاپ مەزگىلىدە بىر قسىم مىللى مۇناپىق، خائىنلار گومىنداڭ ئەكىسيەتچى كۈچلىرىگە ئەگىشىپ قەشقەر تەرەپكە قېچىپ كېتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىنقىلاپقا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئىشپىيونلۇق، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنقىلابقا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈردى. شىنجاڭدا تىنچلىق كىلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن بۇ بىر توپ مىللى مۇناپىقلار، خائىنلار گومىنداڭغا ئەگىشىپ تاشقورغانغا كېلىشكە باشلىدى. گومنداڭ تىنچلىق كېلىشىمىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش شەرتنامىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، مۇشۇ خائىن، مىللى مۇناپىقلارنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرگۈزدى. تاشقورغاندا نامدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ھوقۇق گومىنداڭچىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ بېرىلدى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەرەپ ۋەكىلى سۈپىتىدە غوجامكەلدى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە كىرگۈزۈلۈپ، مۇئاۋىن ھاكىم بولغان بولسىمۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنى ۋە شىرىنبېك قاتارلىق بىر قىسمىنى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى.
1947- يىلدىن باشلاپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇرۇن تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئاساسلىق تايانچىلارنى ۋە باراۋەر مەرتىۋىلىك زاتلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىدى . بىر قىسمىنى بولسا ھېچقانداق سوراق قىلمايلا يوشۇرۇن ھالدا ئۆلتۈردى .
1947- يىلدىن 1949- يىلى ئازاد بولغانغا قەدەر ئۆز ۋاقتىدىكى تاشقورغان ناھىيە دائىرىسىدىكى ئىنقىلابى جەڭچىلەرنى ۋە بىگۇناھ خەلقتىن 400 دىن ئارتۇق كىشى قاماققا ئېلىندى ۋە ئۆلتۈرۈۋىتىلدى. گومىنداڭنىڭ ئىشپىيون جاسۇسلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتتى . تاشقورغاننىڭ ئۆزىدە بولسا ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ كېچىلىرى مېڭىش چەكلەندى. گومىنداڭ سىياسى جەھەتتە خەلققە دەھشەتلىك ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلدى. باج - سېلىقلارنىڭ خىلى 20 نەچچە خىلىدىن ئاشتى. ھەر يىلى تاشقورغان خەلقىنى نەچچە مىڭ تۇياق ھارۋىسىنى باج تاپشۇرۇشقا قىستىدى .
ئەكسىيەتچىل ھەربىي قوشۇننى بېقىش ئۈچۈن نەچچە مىليۇنلىغان جىڭ ئوتان - ياغاچ، چۆپ - سامان ئالۋاڭ ئالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقنىڭ ئات ئۇلاغلىرىنى خالىغانچە ھەقسىز ئىشلەتتى. گومىنداڭنىڭ ھەربىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى باج – خىراجلارنى يىغقاندا ئۇلارنى خالىغانچە كۆپەيتىپ ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە سالاتتى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچلىرىنىڭ بۇنداق دەھشەتلىك زۇلىمى ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى .
1947- يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو سوۋېت چېگرىسىغا يېقىن يايلاقلاردا چارۋا بېقىش مەنئىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ، چارۋا سانى زور مىقداردا كېمەيدى. تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ 1949- يىلىدىكى ئومۇمى چارۋىسى 1942- يىلىغا قارىغاندا يىرىمى دېگەندەك كەمەيدى. ئازاتلىقنىڭ ھارپىسىدا %50 دىن ئارتۇق ئائىلىدە باققان چارۋىسى 20 تۇياققا يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشتى.%20 ئائىلىنىڭ ئاساسەن چارۋىسى يوق ئىدى. دېھقانچىلىقتىمۇ سايمان- قۇراللار يېتىشمىگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېرىلغۇ ئۇلاغلىرى بولمىغانلىقتىن مەھسۇلات يېلدىن-يېلغا كەملەپ، كىشىلەر ئاچ- يالىڭاچلىقتا قالدى. شۇ سەۋەبتىن بەزى كىشلەر يۇرتنى تاشلاپ سەرسان - سەرگەردان بولدى. مەكتەپلەرنى ھەربىي قىسىملار ئىگەللەپ ئالغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشسىز قالدى. تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەر يەرلەردە يامراپ كېتىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر داۋالاشقا ئىگە بولالماي ئۆلۈپ كەتتى. نوپۇس كېمىيىپ كەتتى. بەزى نامرات كىشىلەر ئۆلگەندە ھەتتا كىپەنلىك ئۈچۈن بىرەر خاممۇ تاپالمايدىغان بولدى. سودا - سېتىق يولى توسۇلغانلىقتىن كىشىلەر تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرنى تاپالمايدىغان ھالەتكە چۈشتى .
تاشقورغان خەلقى بۇ بىر دەۋردە ئەڭ زۇلمەتلىك، ئېچىنىشلىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. لېكىن، بۇ زۇلىمەت قاراڭغۇ، تاڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇق ئىدى.
«زۇلمەت كېچە ئۇزۇندۇر لېكىن ئۇنىڭ چېكى بار. يىرتىپ زۇلمەت كۆكسىنى، قۇياشى پارلاپ نۇرچاچار» جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئېلىپ بارغان خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئارقا - ئارقىدىن ھەرقەدەمدە غەلبە قلماقتا ئىدى. ئازادلىق تېڭى ئېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۈچ يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تىنچىلق بىلەن ئازاد بولدى. جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى غەلبىلىك ھالدا شىنجاڭغا كىرىپ ئۈچ ۋىلايەنتنىڭ مىللىي ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشتى .
1949- يىلى 12- ئايدا جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تاشقورغانغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق پامىر ئېگىزلىكىدە جەۋلان قىلدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. 5- جۈن 13- دىۋىزىيەنىڭ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. شۇندىن تارتىپ تاشقورغاندىكى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر، خەنزۇ مىللەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە پارلاق، بەختلىك سوتسىيالىزىم داغدام يولىدا ماڭدى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 10:44:02

    شۇنداق كۈرەشلەر بولغان ھە بىر چاغلاردا بىز ئۇ كۈرەشلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى .بۇ ئاسايىشلىق كۈنلىرىمىزدە شۇ كۈرەشلەردىكى قان -تەرلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى دىمىغىمىزنى راھەتلەندۈرۈپ  ،بىزنى خۇش نەپەس قىلىپ تۇرىشى مەڭگۈ لۈكتۇر .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 11:49:48

( تابىلدى ھوشۇرنىڭ خەلق تارىخچىسى دافەدار قاتارلىق پېشقەدەملەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن )
رەتلىگۈچى :مۇنى تابىلدى
1987- يىل 3- ئاينىڭ 14- كۈنى
( غەرىبشاھ، تاجىك، ئەر، تاغارما يېزىسىنىڭ بەشقورغان كەنتىدىن )
1944- يىل 11- ئاينىڭ 20- كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاغارمىدىكى سوپىبەگ، مەن، توختەبېك (قىرغىز)، قەمەر (قىرغىز) دېگەن ئۈچ كىشىنى ئېلىپ بېلدېش دېگەن جايغا سوۋېتتىن ئادەم كىلىپتۇ ، بىز چېگىرىنى تەكشۈرۈپ كېلىمىز ،- دەپ ئېلىپ ماڭدى .
بىز تۆتىمىز ئاتلىق بېلدېش جىلغىسىغا كىردۇق. خېلى مېڭىپ قۇلاق كەستى دېگەن يەرگىچە باردۇق. ھېچقانداق ئادەمزات ياكى ئىزنى ئۇچراتمىدۇق. شۇڭا، مەسلىھەتلىشىپ كەينىمىزگە قايتايلى دېگەندە قەمەر مېنىڭ بىر قوتاز ئۆكۈزۈم مۇشۇ بېلدېش يايلىقىدا ئىدى . ھامان كەلگەنكەنمىز ئۇنى ئىزدەپ تاپايلى ،– دېدى. توختەبېكنىڭ ئېتى ھېرىپ كەتكەنلىكتىن ئۇ كەينىگە قايتىپ كەتتى . بىز ئالدىغا قاراپ ماڭدۇق . قۇلاق كەستى دېگەن يەردىن ئۆتۈپ بىر يار تۈۋىگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئالدى تەرىپىمىزدىن، ئۈستۈمىزدىن ئۆتكۈزۈپ مىلتىق ئېتىلىشقا باشلىدى. ئەسلى سوۋېت چېگرىسى تەرەپتىكىلەر چېگرىغا كېلىپ ئۆزىنى يوشۇرۇپ تۇرغان ئىكەن. ئۇلار: ئاتتىن چۈشۈڭلار، كەينىڭلەرگە قاچماڭلار،- دەپ ۋارقىرىدى . مەن ئادەتتىكى دېھقان بولغانلىقىم ئۈچۈن مېنى نېمە قىلىدۇ ،- دەپ ئاتتىن چۈشۈپ ئورنۇمدا جىم تۇردۇم . سوپىبېك بىلەن قەمەر كەينىگە قاراپ قاچتى . شۇ چاغدا ئۇلار ئوق ئېتىپ قەمەرنى ئېتىۋەتتى . سوپىبېكنىڭ ئېتىغا ئوق تەگدى . ئۇلار سوپىبېكنىمۇ تۇتۇپ كېلىپ، مېنىڭ ئېتىمغا مىندۈردى . مېنى پىيادە يالاپ ئالدىغا سالدى . ئەسلىدە بۇ يەرگە كەلگەنلەر بىز تەرەپتىن گومىنداڭنىڭ زۇلۇمىدىن قىچىپ كەتكەنلەردىن ئىنايەتىللا (تاغارمىدىن، تاجىك)، مەمەتكېرىم، ئۇلار تەرەپتىن چىننى باي، مىرزاخمەت ، خالمەمەت ، ئورۇنباي ، ئېرگېش ، سولتەك دېگەن كىشىلەر ئىكەن .
كۈن ئولتۇرغاندا بىزنى بېلدېش داۋىنىغا ئېلىپ چىقتى، گۇگۇم بولغاندا قارا دۆمۈر دېگەن جايغا ئېلىپ چۈشتى . ئۇ يەردە يەر ئاستى چېگرا ساقلاش پونكىتى بارئىكەن . بىزنى بىر كېچە شۇ يەردە قوندۇردى . ئەتىگەنلىكى بىزنى يالاپ توختامىش دېگەن جايدىكى ھەربىي پوستقا ئېلىپ باردى . بىزنىڭ ئالدىمىزغا نۇرھاجى ئەمزە باي ( ئاتۇشلۇق ) دېگەن كىشى چىقىپ ۋالى شوب ئابدۇللا دېگەن كىشىنىڭ ئىشخانىسىگە ئېلىپ كىردى . ئۇ بىزگە ئورۇندۇق قويۇپ، چاي كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن ئىسىم - فامىلىمىزنى سورىغاندىن كېيىن، بىزنى ئىنايەتىللاغا تاپشۇردى. بىزنى يەتتە كېچە - كۈندۈز سىرتقا چىقارماي تاشقورغان توغرىسىدا ئەھۋال سورىدى. بۇ چاغدا مەن ئادەتتىكى دېھقان بولغانلىقىم ئۈچۈن تاشقورغاننىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەھۋالىرىنى ئانچە بىلمەيتتىم . شۇڭا، سوپى بەگدىن كۆپرەك ئەھۋال سوراپ مەلۇمات ئالدى.
ئىككى كۈندىن كېيىن بىز تەرەپتىن بارغان ئوبۇلقاسىم بەگ، مەمەت ئەيسا ، تاشتۆمۈر ، پاكار ئەمەت ، تاشمىلىقتىن بارغان ئاباخان ، دىلاۋەر قاتارلىقلار بىر ئورۇنغا يىغىلىپ ئورۇنلاشتۇردى . ئىككى كۈندىن كېين بىزنى مورىغاپقا ئېلىپ ماڭدى . بىز تەرەپتىن ئۆتۈپ كەتكەن موللا مامۇت ( قىرغىز ) مۇشۇ يەردە ئىكەن ، ئۇ يەردە بىزنى يەتتە - سەككىز كۈن تاماشا قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن توختامىش دېگەن يەرگە قايتۇرۇپ كەلدى. مېنى ۋالىشوب چاقىرىپ: ئەسكەر بولامسىز، ئۇرۇشقا قاتناشمايسىز - دېدى، مەن ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلدۇم ۋە ئىلتىماس يازدىم. شۇندىن تارتىپ مېنى 12 ئەسكەرگە بەنجاڭ قىلىپ تەيىنلىدى ۋە قاتتىق ھەربىي مەشىققە قاتناشتىم .
بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن مېنى، لەشكەر، خانىك ئېرگېش، سولتەك، قادىر، شادىمانلارنى پىسلىڭ ئارقلىق تاشقورغانغا چۈشۈپ شىرىنبېك بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئەۋەتتى. بىز پىسلىڭدىن چۈشكەندە دەريا سۈيى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن دەريادىن ئۆتەلمىدۇق. شىرىنبېكنىڭ ئۆيى دەريانىڭ قارشىسىدىكى غىژەكباي دېگەن يەردە ئىكەن. ئۆزى ئۆيدە يوق ئىكەن. شۇڭا، بىز مانىك قارا جىلغا دېگەن يەرگە قايتىپ ۋەزىرخان، بەلى دېگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە قوندۇق. ئەسلىدە بىزنىڭ ئالدىمىزدا خانىك بۇ يەرگە ئۆتۈپ شىرىنبېكلەر بىلەن كۆرۈشۈپتىكەن. ئەتىسى بىز قايتىپ قىزىل راباتقا باردۇق. ئۇ يەردىن بىزنى ماشىنا بىلەن توختامىشقا ئېلىپ باردى . قايتا بىر قانچە كۈن ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن كارۋانشاھ، ئوبۇلقاسىم بەگ، تاھىر قاتارلىقلار تاشكەنتتىن قايتىپ كەپتۇ . كېيىن بىز شىنجاڭدىن بارغان تاجىك ، قىرغىزلارنى بىر ئىسكادىرون قىلىپ تەشكىللىدى. ئىسكادىرون كوماندىرى شىرىنبېك ( زەمىرنىڭ ئوغلى شىرىنبېك ) تاھىرلەر بولدى .
سىياسى كومىسسارلىققا مەدەيۇفنى بېكىتىپ بىزنى قارا دۆمۈر دېگەن جايغا يولغا سالدى . بىز بۇ يەرگە كەلسەك غولامخان تۆرەم باشچىلىغىدىكى ئەسكەرلەر كېلىپ بولۇپتۇ . بىزنى قايتا ھەرقايسى ئۇرۇش لىنىيىلەرگە تەقسىملىدى . غۇلجىلىق ئەينىدىن بۇلۇڭكۆل لىنىيىسىگە كېرىمجان، مەمەت ئەيسا قاتارلىقلارنى سۇباشقا، يۈسۈپجان، كارۋانشاھ ، ئىنايە تىللا ۋە مېنى تاغارما لىنىيگە مەسئۇل قىلدى. تاشقورغانغا غولامخان، شىرىنبېك، مەدەيۈف، خانىك لەشكەرلەر مەسئۇل بولدى. تاغارما چېچەكلىككە ئوبۇلقاسىم، مەمەتكىرىم ، دىلاۋەرلەرنى مەسئۇل قىلدى .
1945- يىل 8- ئاينىڭ 15- كۈنى بۇيرۇق بىلەن سائەتلىرىمىزنى توغرىلاپ دەل سائەت 4 دە ھەممە يەرگە تەڭ ئوت ئېچىشىمىز بېكىتىلدى. بىر بۇيرۇق بىلەن ھەرقايسى لىنىيەدىكىلەر ئۆز سېپىمىزگە قاراپ ئاتلاندۇق.
بىز كېچىسى تاغارمىنىڭ قەينەر دېگەن يېرىگە چۈشۈپ، ئاۋۋال ئەتراپنى كۆزىتىپ، ئاندىن يولچى دېگەن كىشىنى ئۆيدىن چاقىرىپ چىقىپ گومىنداڭنىڭ تاغارمىدا 52 نەپەر ئەسكىرى بارلىقىنى ئىگىلىدۇق. بىز جەمئىي 30 ئادەم بولۇپ، مەسلىھەتلىشىپ ۋەزىپە تەخسىملىۋالدۇق. ھەم گومىنداڭ قوشۇنى تۇرغان جاينى مۇھاسىرگە ئالدۇق. (گومىنداڭ قوشۇنى كارۋانشاھنىڭ ئەنجانتاملىق قورۇسىدا تۇراتتى ) سائەت 4 دە بەلگە ئوقى ئېتىلىش بىلەن تەڭ بىز ھەر تەرەپتىن ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدۇق . مەن گومىنداڭنىڭ ئۈركۈپ چىققا توققۇز ئېتىنى تۇتۇپ ئىنايەتىللانىڭ قورۇسىغا ئاپىرىپ قويدۇق ، ئۇرۇش خېلى جىددىي بولدى. بىز تۈزلەڭدە، دۈشمەن قورۇ تام ئىچىدە بولغانلىقتىن، بىزدىن نۇسرەت ،ھەسەنوۋلارغا ئوق تېگىپ قۇربان بولدى. دۈشمەن تەرەپتىن بىر ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. قالغانلىرى قېچىپ سۇباشتا تۇتۇلدى. بىز تاغارمىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن كۆكبويناققا يۈرۈش قىلدۇق. ئۇ يەردىكى دۈشمەن ئەسكەرلىرى تاغارمىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ چېچەكلىكنى تاشلاپ شىندىغا چۈشۈپ تاشقورغاندىن قېچىپ كەلگەنلەرگە ئەگىشپ قوغۇشلۇق يولى بىلەن قېچىپتۇ .
بىز بۇ ئەھۋالنى دوكلات قىلغاندىن كېين غولامخان تۆرە مېنى 20 ئادەم بىلەن قوغۇشلۇققا ئىۋەرتتى. ئۇ يەردىن 30 ئادەم بىلەن داتوڭغا ئېۋەرتتى . ئۇ يەردىكى دۈشمەن كۈچلىرىگە قوغلاپ زەربە بەرگەندىن كېين، تاشقورغانغا قايتىپ كەلدىم . بۇ چاغدا يەنە بىر قىسىملىرىمىزنى توختامىشقا قايتۇردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن كارۋانشاھ ، ئىنايەتىللالار ئۇ يەردە قېپقالدى. مېنى ئىسكادورۇن كوماندىرلىققا تەيىنلەپ ئالدىنقى سەپكە ئېۋەتتى . بۇ چاغدا ھاكىم شىرىپ ( قىرغىز ) پولك كوماندىر بولدى . مەن ئالدىنقى سەپكە بارغاندىن كېيىن ئۆز قوشۇنۇم بىلەن چوپانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىدۇق. ئۇ يەردىن ياقا ئېرىققا ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەرنى ئىگىلىدۇق. ئۇ يەردىن پوسكامغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەرنى ئىگىلىدۇق. ئاندىن بارلىق كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ 1946- يىلى 1- ئايدا قاغىلىقنى ئىگىلەپ ئالدۇق. قاغىلىق جېڭىدا مېنىڭ قولۇمغا ئوق تېگىپ يارلاندىم . بىر نەچچە كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن مېنى 150 ئەسكەر بىلەن گومادىكى گوبىتەن دېگەن يەرگە ئىۋەتتى . ئۇ يەردە يېرىم كۈن قاتتىق جەڭ قىلدۇق. بىر قىسىم دۈشمەن قوشۇنى تەسلىم بولدى. بىرقىسىملىرى قېچىپ كەتتى. مەن بۇ يەرنى قىرغىز غەلىبە پولكىگە ئۆتكۈزۈپ قاغىلىققا قايتىپ كەلدىم . بۇ دەل بايەك پەيجاڭ قوشۇن باشلاپ يەر كەنگە ھۇجۇم قىلىپ قوشۇنىمىز زور زىيانغا ئۇچرىغان كۈنى ئىدى. ( يەكەن جېڭىگە ئايرىم ئەسلىمە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەردە تەكرارلىمىدۇق) مۇشۇ چاغدا گومىنداڭ ئاساس كۈچىنى خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەردىن يۆتكەپ بىزگە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. بىزنىڭ قوشۇنلىرىمىز بۇيرۇققا بىنائەن كەينىگە چېكىنىپ ياسىلىڭ، تۇمشۇق سارايدا مۇداپىئەدە تۇردۇق. مېنى مەدەيوف بىلەن يەنە توختامىشقا ئېۋەتتى. بىز ئۇ يەردىن ئوق - دورا، قورال - ياراغلارنى ئالدىنقى سەپكە يۆتكەپ كەلدۇق .
5-، 6- ئايلار مەزگىلىدە ئىساق گېنېرال كېلىپ قوشۇنىمىزنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ ، باش شىتابنى قوشراپقا يۆتكىدى . مەدەيوف بىرىگادا شىتاب باشلىقى بولدى، كەرىموف پولك كوماندىرى بولدى . مەن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولدۇم. ئىساق گېنېرال كېيىنكى ئۇرۇش لىنىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ خوتەنگە قىرغىز غەلبە پولكى ۋە ئۇيغۇر پولكى ھۇجۇم قىلىش، يەكەنگە لەشكەر باشچىلىقىدىكى تاجىك پولكى ھۇجۇم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. بىز 7- ئايغىچە بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردۇق. لېكىن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ «11 ماددىلىق بىتىم» ماقۇللانغانلىقتىن بۇيرۇق بىلەن قوشۇنىمىز قايتۇرۇلۇپ قورال لىرىمىزنى تاپشۇردۇق. دەسلەپتە غەلىبىلىك ئېلىپ بىرىلغان «تاشقورغان ئىنقىلابىي» شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى .
ئىزاھات : غەرىپشاھ ئازاتلىقتىن كېيىن چېگرا مۇداپىئە ئەترەتتە دۈيجاڭ بولغان، كېيىن مەدەنىيەت ئورگىنىدا ئىشلەپ 1964- يىلى يېزا ئىگىلىك بىرىنچى سىپىگە قىسقارتىۋىتىلگەن . 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن خەلق ئىشلار تەرەپىدىن ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقانلار ياردەم تەمىناتتىن بەھرىمان بولغان .

مۇقەددىمە ئاخىرى
ھۆرمەتلىك كىتابخانىلار: دادام تابلىدى ھوشۇرنىڭ يىللاردىن بۇيان تاشقورغان تارىخىغا دائىر «سۆھبەت خاتىرىسى» نى ئەسلىدىكى يازما خاتىرىسىگە ئاساسەن تاشقورغان «تارىخىي ماتىرياللىرى» 3- سانىدا ئېلان قىلىشنى توغرا تاپتىم . ئەسلىدە ئالدىنقى نۆۋەت «تارىخ ماتېرىياللىرى تەھرىر ھەيئىتى» دادام تابلىدىنىڭ ئەسلىمە يېزىشىنى ھاۋالە قىلغان ئىدى. ھازىر قارىسام ئەسلىمە يازغاندىن ئۇنىڭ بىر قسىم كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن بىر قسىم ماتېرىياللارنى ئېلان قىلىش بىر قەدەر مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ .
تارىخىي خاتىرە دافەدار قاتارلىق بىر قىسم كىشىلەرنىڭ تاشقورغان يېقىنقى زامان تارىخىنى ئاساس قىلىدۇ . ئەسلىمە بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئاساسلىقى ئۆزى كۆرگەن، ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى سۆزلەش بىلەن چەكلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ تاشقورغان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مەلۇم قىممىتى بار . لېكىن، ئەسلىمە ۋە خاتىرىدە يەنە نۇرغۇن جايلاردا يازما تارىخلار بىلەن ئوخشىمايدىغان رىۋايەت تۈسىنى ئالغان تەرەپلەرمۇ ، ۋەقە، يىلنامىلەرنىڭ ئالدىن - كېيىن بولۇش، ئېنىق بولماسلىقتەك كەمتۈك تەرەپلىرىمۇ بار، مەن نەشرگە تەييارلاش جەرياندا ئەسلىمىلەردىكى گېرامماتىكىلىق باغلىنىشلارنى ئىپادىلەش جەھەتتە زۆرۈر ئۆزگەرتىشتىن باشقا ئىمكانقەدەر سۆزلەپ بەرگۈچى ۋە خاتىرلىگۈچىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئاساس قىلدىم . ھەم ئېنىق بولمىغان ئايرىم يىلنامىلارغا ئىزاھات بەردىم .
كىتابخانىلارنىڭ، تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار- نىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار قىسمىدىن پايدىلىنىشىنى، توغرا ئىپادىلەنمىگەن، خاتا بولغان تەرەپلەرنى تۈزىتىشىنى، ھەمدە خەت ئارقىلىق ياكى يۈزتۇرانە تەنقىدىي تۈزىتىش پىكرى بېرىشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قارشى ئالىمەن .
(ئابدۇرەھىم نەۋرۇز تەۋسىيىسى)

تاشقورغان تارىخىدىن تەرمىلەر ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى

مەنبە: «تاشقورغان تارىخىي ماتىرياللىرى» 3- سانى

---تاجىكام تورىدىن

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 12:05:00


مەرھۇم ھاكىم شىرىنبەگ بىلەن سۆھبەت
1984- يىل 2- ئاينىڭ 20- كۈنى مېنىڭ سۆھبەت خاتىرەمدىن .

شەن دۈيجاڭ چېگرا مۇداپىئە ئەترەت باشلىقى بولغان چاغدا مەن ئەسكەر ئىدىم. شەن دۈيجاڭ بىر قېتىم مىنتەكە تەرەپلەرگە چېگرا چارلاشقا بارىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ قانداق سەۋەب بىلەندۇر چارۋىچى ئاخۇنبېگ بىلەن قارشىلىشىپ قالىدۇ . شەن دۈيجاڭ ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئۈچۈن: ‹‹كانجۇتتىن ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى كىرىپ شەن دۈيجاڭنى تۇتۇپ كېتىپتۇ›› دېگەن يالغان خەۋەرنى ئەترەتكە مەلۇم قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن يېرىم كېچىدە بىزنى ئورنىمىزدىن تۇرغۇزۇپ جىددىي جەڭ بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ، 100 دەك ئەسكەرنى يولغا سالدى. بىز تاڭ ئاتقاندا دەفتارغا باردۇق. دافتاردىن پەيىككە بارساق شەن دۈيجاڭ شۇ يەردە تۇرىدۇ. (ئۇنى ئەمەلىيەتتە ھېچكىم تۇتۇپ كەتمىگەن ئىكەن). شەن دۈەيجاڭ بىزنى گورۇپپىلارغا بۆلۈپ، مېنى شاھ دۆلەت، قىرغىزبېك قاتارلىقلارنى مەمەتەي (قىرغىز چارۋىچى) دەمان، ئاخونبېكلارنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى .
بىز ئاخونبېكلارنىڭ ئاقئۆيىگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا مەمەتەيلەرنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاخونبېك ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. ئۆيدە مەشاھ ۋە تاشبېكلار بار ئىكەن. ئۇلار بىزنى ئۆيگە باشلىدى. بىز چاي ئىچىۋاتقاندا قورال لىرىمىزنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېتىۋالدى . مەن ئىشىكنى تېپىپ سىرتقا چىقتىم. ئېغىلدا ئاتلىرىمىزمۇ يوق تۇرىدۇ. ئۇلار ماڭا: ‹‹سىلەرنىڭ مىلتىقىڭلارنى بىز ئېلۋالدۇق، ئەمدى ئوقنى يېشىپ بېرىڭ دېدى. مەن ئوقنى يېشىپ تاشلاپ بەردىم. بىز قورال سىزلانغاندىن كېين ئۇلار بىزنى بىر - بىرلەپ باغلىدى. بىر دەمدىن كېيىن ئاخونبېك مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ: ‹‹بىز ئېغىر كۈنگە قالدۇق، شەن دۈيجاڭ بىزنى تېرىك قويمايدۇ. بىزدە ئەمدى كەتمەكتىن باشقا تاللاش يولى قالمىدى›› دەپ يىغلىدى. ھەم ماڭا :‹‹ قېنى ئۆزىڭىز بىر نېمە دەڭ ، بىز قانداق قىلساق بولار ›› دىدى. مەن : ‹‹ مەن ۋە باشقىلار سىلەرنىڭ ئۆز بالاڭلار، بىز ھەممىمىز قان قېرىنداش، سىلەر بىزنىڭ قورال لىرىمىزنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار ، قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىمەنكى، بىز سىلەرنى كۆرمىگەن بولىمىز›› دىدىم . ئاخونبېكنىڭ ئايالى نەرزى: ‹‹ سىلەرنىڭ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلغىنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن، سىلەرنى شەن دۈيجاڭ بىزنى تۇتۇشقا ئىۋەتكەن تۇرسا›› دەپ قولىمىزنى يېشىشكە قوشۇلمىدى .
ئۇلار بىزنى ھەيدەپ تىلەمىش دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى ئۇنىڭ ئالدىدا شەمسەلى دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە ھەيدەپ بېرىپ، ئۆزلىرى كەچتە ئارقىمىزدىن كېلىدىغانلارنىڭ يولىنى توسۇشقا چىققان ئىدى. مۇشۇ پۇرسەتتە شاھ دۆلەت قولىنى يېشىپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. (ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىزنى ئۇنچىۋالامۇ چىڭ باغلىمىغان ئىدى. بولمىسا شاھ دۆلەتنىڭ قولىنى يېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى)
تىلەمىش ئۇلارغا: ‹‹ئۇلار ئەمدى قورال سىز، سىلەر ئۇلارنى يېشىپ قويۇپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟›› دېگەندە ئۇلار قوشۇلمىدى. كەچتە يەنە تىلەمىشلەر بىزدىن مولايىمبېك دېگەن كىشىنى يېشىپ قاچۇرۋەتتى.
تاڭ ئاتقاندا ئۇلار بىزنى ئالدىغا سېلىپ داۋان بېشىغا چىقتۇق. تاشبېك كېلپ: ‹‹بىز سىلەرنى ئۆلتۈرمەيمىز، ئېلىپمۇ كەتمەيمىز» دېدى. مەشاھ كېلىپ: ‹‹سەن ئۆز بالىمىزدەك بالىمىز، بىز ساڭا زىيان سالساق كېيىن ئەل - يۇرت، ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز ، ھازىر سىلەرنى يېشىپ قويۇپ بېرىمەن، قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ›› دېدى. مەن: ‹‹بىز چېگىردىنمۇ ئاشمايمىز، ئارقىغىمۇ قايتمايمىز، قايتساقمۇ بىزنى ئۆلۈم ساقلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە سىلەر بىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ! ›› دېدىم. لېكىن، ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. بىزنى يېشىۋىتىپ قويۇپ بەردى. ئۆزلىرى بولسا يۈك تاقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تاشلا پ داۋاندىن ئېشىپ كەتتى .
بىز كەينىمىزگە يېنىپ ‹‹زىردچاپاق›› دېگەن جايغا كەلسەك شەن دۈيجاڭ ئەسكەر باشلاپ كېلىۋاتقان ئىكەن . ئۇ بىزنى كۆرۈپ غەزىۋى ئۆرلىدى : ‹‹ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۋەتمىدى، سىلەر ئۇلارنى قاچۇرىۋەتتىڭلار، ھەتتا قورالىڭلارنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدۇڭلار … تامادى ھەم ئاغزىنى بۇزۇپ خەنزۇچىدا بىر مۇنچە سەت گەپ بىلەن تىللىدى››. مەن: شەن دۈيجاڭغا سالام بېرىپ : ‹‹ ماڭا قورال بېرىڭ مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلايمەن، - دىدىم. ئەتىسى ماڭا قورال بەردى. مەن داۋانغا چىقاي دېگەندە داۋاندىن قايتىپ كېلىۋاتقان جانەلى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرشىپ قالدىم. ئاخۇنبېكلەر بىزدىن تارتىۋالغان قوراللارنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ.
مەن داۋان بېشىغا چىقتىم، لېكىن ئۇلار ئاللىقاچان كېتىپ بوپتۇ. مەن قارسىغا تاغقا قاراپ بىرقانچە پاي ئوق ئاتتىم. كانجۇت تەرەپتىكى ئەسكەرلەر ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ يوغان قورام تاشنىڭ كەينىدىن چىقىپ جىلغىغا قاراپ قاچتى.
مەن قايتىپ كەلسەم شەن دۈيجاڭ سەپ تۈزۈپ تۇرۇپتىكەن. ئۇنىڭ بىر قولىدا تاپانچا، بىر قولىدا قىلىچ بارئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ روھى بەك چۈشكۈن كۆرۈندى. بۇنىڭدىن مەن «جېنىمدىن ئايرىلىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلىدىم.ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردىم. ئۇ قىلىچىنى تاشقا بىر سىلىپ سەپكە كىرىشىمگە بۇيرۇق قىلدى. خۇداغا شۈكرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەن ئامان قالدىم. شەن دۈيجاڭ قاچقانلار تاشلاپ كەتكەن يۈك - تاقلارنى يۇغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېين تاغدىن چۈشۈپ گازارمىغا قايتتۇق. ئەسلىدە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن ئاقتاشتا لەشكەر خەۋەر تېپىپ بىر پارچە خەت ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. خەتتە: ‹‹ئەگەر كىمدە - كىم تاجىك ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولسا بىز ھېساب - كىتابنى شىڭدۇبەندىن ئالىمىز ›› دېگەن مەزمۇندا ئىكەن .
بىز گازارمىغا قايتىپ كەلگەندىن كېين شەن دۈيجاڭ مېنى ئۆيىگە ئەكىرىپ كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ ئىككى ئەسكەرگە قاتتىق كالتەكلەتتى. مېنىڭ بەل - پۇتلىرىم پۈتۈنلەي ئىشىپ كەتكەندىن كېين مېنى سىرتتا يىغلاپ تۇرۇپ ساقلاۋاتقان لونجىك بىلەن ئۈدۈك دېگەن كىشىلەر يۈدۈپ ئېلىپ چىقتى. (لونجىك بىلەن ئۈدۈك شىرىنبەك بىلەن يېقىن ئۆتكەن سەپداشلار بولۇپ، لونجىك خەلق قوشاقچىسى ئۇنىڭ «چىڭگەنگۈل»، ‹‹قىزىلگۈل»، ‹‹نۇرەنجى ياغلىق›› دېگەن ناخشىلىرى ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇ بۇ ناخشىلىرىدا شىڭ شىسەي دەۋردىكى زۇلۇمنى ئاشكارا قامچىلىغان. كېين تۈرمىدىن سىيىت سۈگەن دېگەن قىرغىز قېچىپ كېتىدۇ. لونجىڭ بىلەن ئۈدۈكنى ئۇنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلار سىيتنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن شەن دۈيجاڭنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ھازىرقى تاجىكىستانغا چېقىپ كېتىدۇ . شۇندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئىز - دىرىكى تېپىلمايدۇ. )
ئۇلار مېنى مىڭ تەستە خىيالبېك دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ (ھازىرقى تاشيول ئوچاستىكىسى قورۇسى ئىچىدە بۇ ئۆينىڭ خارابىسى بار) ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ گازارمىغا قايتىپ كەتتى. مەن گاھى يىقىلىپ، گاھى ئۆمىلەپ چىراغدان مازار ( ھازىرقى چىراغدان مازار دۇڭنىڭ ئۈستىدە ياقۇپبېكنىڭ قورۇسى ) دىكى تۇغقانلىرىم، دىلاۋەرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بېرىپ شۇ ئۆيدىكى شەنىباينى توۋلىدىم. ئۇلار مىنى ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئەتىسى كەچتە مېنىڭ شەن دۈيجاڭدىن تاياق يىگەنلىكىمنى ئاڭلىغان جاڭ پەيجاڭ ئايالى ئارقىلىق بىر شېشە ئاق ھاراق ئەۋەتىپتۇ. ئايالى كېلىپ ماڭا جاڭ پەيجاڭنىڭ سالام ئېيتقانلىقىنى ھاراق بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى سۈرتۈشنى دەپتۇ . جاڭ پەيجاڭنىڭ ئايالى ھاراق بىلەن زەخىملەنگەن جاراھەتلىرىمنى تازىلاپ ئاندىن قايتىپ كەتتى .
مەن ئاز - تولا ياخشىلىنىپ قالغاندىن كېين مېنى تۇغقانلىرىم دافتارغا ئېلىپ كەتتى. ئۈچ ئايدىن كېين شەن دۈيجاڭمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى.
شەن دۈيجاڭنىڭ ئورنىغا خودۈيجاڭ كەلدى ( خوجيەن ) زەمىر ئۇنىڭغا مۇئاۋىن بولدى. شۇ چاغدا مېنى چاقىرتىپ ئەترەتكە ياندۇرۇپ كەلدى . خودۈيجاڭ ماڭا : سەندە ھېچقانداق گۇناھ يوق، جاڭ پەيجاڭ ھەممە ئەھۋالنى ماڭا ئېيتتى قېچىپ كەتكەن خەلقتىمۇ گۇناھ يوق. ھەممە گۇناھ شەن دۈيجاڭدا سەن خاتىرجەم ئىشلە ، - دىدى .
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خو دۈيجاڭ بىلەن جاڭ پەيجاڭ مېنى چاقىرىپ: بىر پارچە مۇھىم خەتنى قەشقەر سىلىڭبۇغا دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىشىمنى تاپشۇردى . مەن خەتنى ئېلىپ ئىككى سوتكىدا قەشقەر سىلىڭبۇدىكى جاڭ سىلىڭغا يەتكۈزدۈم . ( جاڭ سىلىڭ - شۇ چاغدىكى قەشقەر گارنىزوننىڭ مۇۋەققەت باش قوماندانى جياڭ يۈفىن بولۇشى مۇمكىن – نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن ) خەتتە نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلمىدىم . لېكىن، جاڭ سىلىڭ ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى . مەخسۇس ياتاق ۋە تاماق ئورۇنلاشتۇردى. كانىۋىيىنى چاقىرىپ مېنى مونچىغا ئېلىپ بېرىپ بىر قۇر يېڭى كېيم كىيگۈزدى. ئاندىن چېگرادا يۈز بەرگەن ئەھۋالنى مەندىن سورىدى. مەن ئەھۋالنى ئەينەن دوكلات قىلدىم . ئۇ ماڭا: ‹‹سەندە ھېچقانداق گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ شەن دۈيجاڭدا سېنىڭ ياراڭ ساقايمىغان بولسا قەشقەردە بىر ئاي تۇر، مەن سېنى داۋالىتىمەن›› دېدى. لېكىن، ئەتىسى ئىساق لويجاڭ (ئىساقبېك گېنېرال ) مېنى چاقىرىپ يەنە بىر پارچە خەتنى تاشقورغانغا يەتكۈزۈشىمنى بۇيرۇدى. جياڭ سىلىڭ ماڭا تاللاپ بىر ياخشى ئات بەردى. ناھىيىگە قايتىپ كەلسەم خو دۈيجاڭ بىلەن زەمىر ئەنگلىيەنىڭ ناھىيىدىكى ۋاكالەتخانىسىگە قارشى خىزمەتنى باشلاپتۇ . بىزنى چېگرالاردىكى زاستاپ قۇرۇلىشلىرىنى يېڭىدىن سېلىش، چېگرانى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى . بۇ 1938- يىللىرى باھاردىن كۈزگىچە بولغان ۋاقىت ئىدى . كېيىن شېكەر پەيجاڭ قەشقەردىكى بىر قسىم ئەسكەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ توپىلاڭ قىلماقچى بوپتۇ . ئۇنى پەيىكتىن چاقىرتىپ كېلىپ تۇتماقچى بولغاندا ئۇ يان قورالىنى ئېلپ خو دۈيجاڭنى ئاتماقچى بولدى. مەن بىلەن ياقۇپ ( بەلدىر يېزىسىدىن ) ئۇنىڭ قولىنى قايرىپ بولغىچە ئۇ تەپكىنى بېسىۋەتتى. ئوق خو دۈيجاڭنىڭ بىر چىمچىلاق قولىنى ئۈزىۋەتتى .
1938- يىلىنىڭ ئاخىرى خو دۈيجاڭ بىلەن زەمىر بىر پارچە خەت يېزىپ مەن بىلەن لەشكەرنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئىۋەتتى . بىز خەتنى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەلگىلەنگەن جايغا يەتكۈزدۇق .
(ئىزاھات : مەن شىرنبېك ھاكىم بىلەن 1984- يىل 2- ئاينىڭ 20- كۈنى شۇنچىلىك سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، كېيىنكى قېتىمدا مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە سۆزلەشمەكچى بولدۇق . ئۇ ماڭا قىسقا قىلىپ : بۇ بىر مۇرەككەپ تارىخ، مىللىي ئىنقىلابتىكىلەر بىلەن مەن شىڭ شىسەي دەۋرىدە تونۇشقان ئىدىم ،– دەپ جاۋاب بەردى . ئەپسۇسكى بىزنىڭ كېين سۆھبەتلىشىشىمىزگە نىسىپ بولمىدى . ئۇ 1985- يىل 7- ئاينىڭ 30- كۈنى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. بىر كونا پېشقەدەم ئىنقىلابچى، بىر ياخشى ھاكىم بىزدىن ئايرىلدى. بىزگە ئاشكارا بولمىغان نۇرغۇن تارىخىي ھېكايىلارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كەتتى ).

( تابىلدى ھوشۇرنىڭ خەلق تارىخچىسى دافەدار قاتارلىق پېشقەدەملەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن )
رەتلىگۈچى :مۇنى تابىلدى
تاشقورغان تارىخىدىن تەرمىلەر ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى

تاشقورغان تارىخى ماتىرياللىرى 3 قىسىم

---تاجىكام تورىدىن---

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 13:23:13


تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ يەكەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئەسلىمە


( بەلدىر يېزىسىدىن مەرھۇم ھوشۇر ئېيتىپ بەرگەن ، مۇرادەلى قەدەم رەتلىگەن )

1945- يىلى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكمىرانلىقىغا قارشى قوزغالغان تاشقورغان ئىنقىلابىدا مەنمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ئىنقىلابى قۇربان بايەك ئىسكادىرون جەڭچى بولۇپ، ئىسكادىرون كوماندېرى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشتىم. بولۇپمۇ 1946- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىسكادىرون كوماندىرى بايەك باشچىلىقىدىكى خەنجەر قوشۇن بىلەن ئالدىن شەھەرگە كىردىم. جەڭنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى جۈملىدىن ئىسكادىرون كوماندىرى بايەك ۋە باشقا 32 نەپەر سەبدىشىمنىڭ بۇ جەڭدە قۇربان بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ھايات قالغان 28 نەپەر سەپدىشىم بىلەن بىرلىكتە مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىشقا قاتناشتىم . ئەمدى بۇ جەڭنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ 16– 17 ياش چاغلىرىم ئىدى. بىزنىڭ ئىسكادىرونىمىزدا 60 دەك ئادەم بار ئىدۇق. شۇ قېتىمقى جەڭدە شەھەرگە ئاساسلىق ھۇجۇم قىلغۇچى بىزنىڭ ئىسكادىرونىمىز ئىدى. جەڭ بولغان كېچىسى بىز شەھەرگە يوشۇرۇن كىرىپ ، شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قاپتۇق (شۇ چاغدىكى توخۇ بازىرى ئەتراپىدا) ئەسلىدە بىزگە يول باشلىغۇچى شۇ يەرلىك كىشى بولۇپ، ئۇ دۈشمەن تەرىپىدىن ئېۋەتىلگەن ئىشپىيۇن ئىكەن. بىزنى دۈشمەننىڭ يوشورۇن پىستىرمىسى ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇپتىكەن. تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ بىز شەھەر ئىچىدىن ھۇجۇمغا ئۆتتۇق. قارىساق ئەتراپىمىزنى پۈتۈنلەي دۈشمەن قورشىۋېلىپ، بىزنى ئارىغا ئېلىۋاپتۇ. بىزنىڭ ئىسكادىرونىمىز بىر كونا باغنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ (شۇ چاغدىكى تېرە - يۇڭ ئىسكىلاتى ئىكەن ) باغنىڭ ئىچى خېلى كەڭ ئىكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچە ئەسكى تام، ئۆيلەر بار ئىكەن. بىز ئاۋۋال باغنىڭ ئىچىدىكى يەردىن ئورۇن ئېلىپ، ئېتىشقا باشلىدۇق. لېكىن دۈشمەن ئورۇنلاشقان يەر ئەپلىك بولغاچ، باغدىكى بۇ ئوچۇق يەردە ئۇزاق تۇرۇشىمىزغا ئىمكان بولمىدى. بىز ئۇ يەرنى تاشلاپ، باغنىڭ ئىچىكىرىسىدىكى بىر يەرگە بېرىپ، باغنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى چوڭ ئىشىكنىڭ يېنىدىكى بىر چوڭقۇر ئۆستەڭدىن ئورۇن ئالدۇق. ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن باغ ئىشكىگە قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ ھۇجۇم قىلىپ كىرىۋاتقان دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇردۇق. شۇ ۋاقىتتا مەن ئىسكادىرون كوماندىرى بايەكنىڭ يېنىدا ئىدىم. كوماندىر ئالتە ئادەمنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى مەخسۇس چوڭ ئىشىككە قارىتىپ ئېتىشقا ئورۇنلاشتۇردى. قالغانلىرىمىز ئۇدۇل كۆرۈنگەن دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق ئۇزدۇق. جەڭ ناھايىتى كەسكىن داۋام قىلماقتا ئىدى. دۈشمەنلەر چوڭ باغدىن يوپۇرلۇپ كېلىپ، ئاساسلىق ھۇجۇم نۇقتىنى چوڭ دەرۋازىغا قاراتتى. بىزمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ دەرۋازىغا قارىتىپ دۈشمەننىڭ ھۇجىمىنى چېكىندۈردۇق. دۈشمەنلەر ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، زەربىمىز سەۋەبىدىن كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى. دەرۋازا ئالدى دۈشمەنلەرنىڭ جەسىتى بىلەن تولدى. دۈشمەنلەر بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، بىر تەرەپتىن قوناق شاخلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈكلەرنى قويۇپ، سۆرەپ كېتەتتى. شۇنداق بولسىمۇ چوڭ دەرۋازا ئالدىدا ئۆلۈكلەر دۆۋلىنىپ كېتەتتى. جەڭ ئەتىگەن باشلانغانچە چۈش ۋاقتىدىنمۇ ئۆتتى ئەھۋال بىز ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. بىز باغقا سەكرەپ كىرگەن ۋاقتىمىزدا دۈشمەن كەينىمىزدىن قوغلاپ كېلىپ، بىر مۇنچە كىشىلىرىمىزنى تىرىك تۇتىۋالدى. ۋاچىدىن بارات، شىندىدىن ساۋۇت قاتارلىقلار تىرك قولغا چۈشتى. بىز ھېلقى كونا تاملىق باغنىڭ ئىچىدىكى ئۆستەڭدە يېتىپ، تېخىچە جەڭ قىلىۋاتاتتۇق . دۈشمەنلەر چىقىش ئېغىزىدىكى يوللارنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالغانىدى. يان تەرەپتىكى تار جايدىمۇ بىر چىقىش ئېغىزى بولۇپ، ئۇ يەرنىمۇ دۈشمەنلەر قامال قىلىپ بولغانىدى. دۈشمەن بىلەن بولغان ئارلىقىمىز شۇنچە يېقىن ئىدىكى، دۈشمەنلەرنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىۋاتقان سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر باشلىقنىڭ ئەسكەرلەرگە : «بىرمۇ ئادەمنى بۇ جايدىن قاچۇرۇپ قويماڭلار، ئەگەردە كىمدە كىم، بۇ جايدىن بىرەر ئادەمنى قاچۇرۇۋېتىدىكەن كاللىسى ئېلىنىدۇ ›› دېگەن بۇيرۇقى قۇلىقىمىزغا چۈشۈپ قالدى . دۈشمەنلەرنىڭ گەپلىرىنى گاھىدا كوماندېرىمىز بايەك بىزگە تەرجىمە قىلىپ بېرەتتى. بۇ چاغدا ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك، مۇرەككەپ ئىدى. بىزدە پەقەت ئاخىرىغىچە تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا ئىمكان قالىمىغان ئىدى . تىزناپلىق قۇربان دېگەن بىر ياش بالا بولۇپ ، ئۇ دۈشمەن ئاتقان بومبىنى پارتلاپ بولغىچە يەردىن ئېلىپ يەنە دۈشمەنگە قارىتىپ ئاتاتتى . ئۇنىڭ ئاتقان بومبىلىرى ھەم يىراققا باراتتى ھەم دەل نىشانغا چۈشەتتى . شۇڭا دۈشمەننىڭ ئاتقان بومبىلىرىدىن تېخىچە بىرسىمۇ بىزنىڭ سىپىمىزدە پارتلىمىدى. قۇرباننىڭ مۇشۇنداق چەبدەس، باتۇرلىقى بىزنى دۈشمەن بومبىلىرىنىڭ پارتلىشىدىن ساقلاپ قېلىپ، مۇداپىئەيىمىزنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ئىمكان ياراتقانىدى. ئەپسۇسكى بەختكە قارشى قۇرباننىڭ پىشانىسىگە بىر ئوق تېگىپ ئۇ يەرگە يىقىلدى. ئاپئاق مېڭە سۇيۇقلۇقى ئۇنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدىن چاچراپ چىقتى. شۇھامان يەنە دۈشمەننىڭ ئاتقان بىر بومبىسى يەنە كېلىپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ چۈشكەنىدى. كوماندىرىمىز بىرىپ ئۇنى پىژىلداپ پىرقىراپ ئىس چىقىرىۋاتقان جايدىن تۇتىۋېلىپ ۋە ئارقىدىنلا ھەي بايەك سالامەت بول دەپ ۋاقىراپ ئۆرە تۇرغان پىتى مىلتىق ئاتتى. ئەھۋال شۇنچە خەتەرلىك بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا قىلچە تەمىتىرەش ، ھودۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. ئۇ شۇنچە تەمكىن، قورقماس، باتۇر ئىدى، ئۇنىڭ بۇنداق قەيسەرلىكى بىزگە روھى مەدەت ئىدى. كوماندىرىمىز بايەك ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە گىراناتنى دۈشمەنگە ئاتتى. ئارقىدىن سېپىمىز ئىچىدە بىر قىرغىز ئەسكەرگە ئوق تىگىپ، ئۇنىڭ بىر كۆزى قۇيۇلۇپ كەتتى. ئېڭىكى ئاجراپ، تىلى ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ خاقىرغىنىچە ئورنىدىن قوپۇپ ھەرتەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇپ جان تالىشاتتى. ئەمما، جېنى چىقماي بەك قىينىلىپ كەتكەنىدى، بايەك بىزگە: ئىسىت ئۇ بەك قىينىلىپ كەتتى. جېنى شۇنچە قىينالغىچە ئۇنى ئېتىپ ئازابتىن خالاس قىلىڭلار دېدى. قايسى بىرى يىغلاپ تۇرۇپ ، ئۇنى ئارقىسىدىن تۇرۇپ ئاتتى . ئۇمۇ يەرگە يىقىلدى يەنە بىر دافتارلىقنىڭ مەيدىسىگە ئوق تەگدى. (ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ . ئېھتىمال لەلبېك بولۇشى مۇمكىن) ئوق ئۇنىڭ گۆشىنى چاپىنىنىڭ پارچىسى بىلەن يۇلىۋېلىپ، ئۇدۇلدىكى تامغا چاپلىۋەتتى. ئۇ ھەدەپ ئۆستەڭدىكى مۇز پارچىسىنى ئاغزىمغا سېلىڭلار دەپ يالۋۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا، سېپىمىزگە يەنە بىر بومبا كېلىپ چۈشتى . كوماندىرىمىز دەرھال بىزنى ئۆستەڭدە دۈم يېتىۋېلىشقا بۇيرۇدى. ئاڭغىچە بومبا پارتلاپ يېنىمىزدا ياتقان يەنە بىر قىرغىز ئەسكەرنى پارچە - پارچە قىلىپ ئاسمانغا پۇركىۋەتتى . مېنىڭ پۇتۇمنىڭ ئۈچ يېرىگە بومبا پارچىسى تەگكەن ئىكەن . مەن بۇنى ئۇ چاغدا سەزمەپتىمەن. جەڭ مانا مۇشۇنداق ۋەھىمىلىك ھالدا شەپقەتسىز داۋام قىلماقتا ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بۇ ۋەھىمىنى جەڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپرەك سەزدىم . دەل ۋاقتىدا بولسا پەقەت توختىماي مىلتىق ئېتىپ، كۆرگەنلا دۈشمەننى جەھەننەمەگە ئۇزىتىشتىن باشقىنى ئويلاشقا پۇرسەت يوق ئىدى. يەنە بىر قسىم دۈشمەن بىزگە چوڭ دەرۋازىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىردى. بىرقانچىسى ئوقىمىزنى يەپ بوسۇغىدىلا يەرگە يىقىلدى. شۇ چاغدا بىر دۈشمەن ئەسكىرى قانداق قىلىپ ئۇدۇلدىكى دەرۋازىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يەنى ئۆستەڭنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ. چىپاندىن كەلگەن بىر ئەسكەر يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ، بىز تەرەپكە ئەكەلمەكچى بولۇپ ، ئەمدى ياقىسىدىن تۇتىشىغىلا قالايمىقان كەلگەن بىر ئوقتا ( ئېھتىمال بىز تەرەپتىن ئېتىلغان بولۇشى مۇمكىن ) جان ئۈزدى . دۈشمەنلەر باغنىڭ تاملىرىنى تېشىپ، ھەر تەرەپتىن بىزگە ئوق ئۈزدى. ئەھۋال بارغانسىرى جىددىيلەشمەكتە ئىدى. بايەك بىزگە قاراپ شۇنداق دىدى : بىز بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا ئالدى بىلەن مەن ئۆزەمنى ئېتىۋىتىمەن. سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى ئېتىڭلار ھەرگىز دۈشمەننىڭ قولىغا تېرىك چۈشمەڭلار. بىزنىڭ دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشقا قويغان چوڭ دەرۋازا يېنىدىكى ئالتە كىشىدىن ئىككىسىگە ئوق تېگىپ ئۆلدى . كوماندېرىمىز بايەك مىلتىقنى قولغا ئېلىپ، دۈشمەننىڭ دەرۋازا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىگە ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېتىشقا باشلىدى . مەن قارىسام بىر دۈشمەن خىش تامنىڭ بوش يېرىدىن تۆشۈك ئېچىپ، مىلتىقنىڭ ئاغزىنى بىزگە قارىتىپ ئېتىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى. ئەگەر ئۇ ئېتىشقا باشلىسىلا ئۆستەڭدىكى بىزنىڭ ئەسكەرلەر قىرىلىپ كېتەتتى . مەن ئوبدان قارىغا ئېلىپ، پىلېموت قۇرۇلغان تام تۆشىكىگە قارىتىپ ئاتتىم . ئىككى، ئۈچ پاي ئوق ئۈزدۈم، ئوق ئۇدۇل پىلوموتنىڭ ئېغىزىدىن كىرىپتىكەن ئۇ شۇيەردىلا جىمىقتى .
بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىغان مەرگەنلەر ئىدى. دۈشمەنگە ئاتقان ئوقىمىز زايا كەتمەيتتى . باغنىڭ بىر تار جايىدىن چىقىدىغان كىچىك يول بولۇپ، قۇلاق سالساق ئۇ يەرگە دۈشمەن 3– 4 چە ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . دۈشمەن ئوفېتسېرى ئۇلارغا ھەيۋە بىلەن ۋاقىراپ بىرنېمىلەرنى دىدى . كوماندېرىمىز بايەك ئۇلارنىڭ قىلغان گىپىنى بىزگە تەرجىمە قىلدى . كوماندىرىمىزنىڭ دىيىشىچە دۈشمەن ئوفېتسېرى قول ئاستىدىكى ئۈچ كىشىگە: بۇ جاينى چىڭ تۇتۇپ ساقلاڭلار. ئەگەر بۇ جايدىن بىرەر كىشىنى قاچۇرۋەتسەڭلار كاللاڭلار بىلەن جاۋاب قىلىسىلەر دەپ تەھدىد سېلىپتۇ . دۈشمەن بىلەن بولغان ئارلىقىمىز 20 مېتىرچە كېلەتتى. بىز تېخىچە قەيسەرلىك بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىنى چىكىندۈرۈپ تۇردۇق. ئوقىمىزمۇ تۈگەي دەپ قالغانىدى . ئادەملىرىمىزدىن ئۆلگەن ، يارىدار بولغانلارنى چىقىرىۋەتكەندە، جەڭ قىلغۇدەكلىرى ئون نەچچىگىمۇ يەتمەيتتى. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا كوماندېرىمىز ئېھتىمال داۋاملىق تىركىشىشتىن ئۈمۈد ئۈزگەن بولسا كېرەك، يېنىمىزدىلا بەش ئاتار مىلتىق بىلەن ئۆزىنىڭ كۆكرىكىگە قارىتىپ ئېتىپ شۇ يەردىلا جان ئۈزدى. بىز دۈشمەنگە داۋاملىق قايتارما زەبەر بەرمەكتە ئىدۇق. ئەھۋالمۇ بەكمۇ جىىددىي ئىدى. لېكىن ئارىمىزدىكى ھېچكىممۇ ئۆز- ئۆزىنى ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. كىمنىڭدۇر ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن بىز مەسلىھەتلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتۈپ باغنىڭ تار يولىدىكى ئىشكىدىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇق - دە، باغنىڭ شۇ يولىغا قاراپ «ھۇررا›› دەپ ئاتلاندۇق. بىزنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىمىزنى دۈشمەنلەر زادى ئويلاپ باقمىغانىدى . «ھۇررا» دەپ يوپۇرلۇپ كەلگىنىمىزنى كۆرگەن دۈشمەنلەر بەدەر قېچىشقا باشلىدى. بىز مۇھاسىرىنى بۇزۇپ، ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ، چوڭ ئۆستەڭنىڭ ئىچى بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە يۈگۈرۈپ، بارغاندىن كېيىن ئۈستى تەرەپتە جەڭ قىلىۋاتقان ناياپ باشچىلىقىدىكى ئۆز ئادەملىرىمىزگە يېتىشىۋالدۇق. باغدىن بۆسۈپ چىقىش ئالدىدا كوماندېرىمىز بايەكنىڭ جەسىتى بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتۇق.
ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تاپانچىسىنى يېشىپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇق. بېلىدىكى كەمەرگە قارىساق تاپانچا كۆرۈنمىدى. كېيىن ئۇقساق ئارىمىزدىكى بىرسى ئۇنىڭ تاپانچىسىنى ئېلىپ، دەرۋازا ئالدىدىكى دۈشمەنلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ «ئۇنى مەن ئېتىپ ئۆلتۈردۈم» دەپ تەسلىم بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ خائىن جېنىنى ساقلاپ قاپتۇ. ئەتىسى دۈشمەنلەر جەڭ مەيدانىنى تازلىغاندا، كوماندېرىمىز بايەكنىڭ بېشىنى كېسپ ئېلىپ، يەكەننىڭ ئالتۇن دەرۋازىسىغا مىخلاپ سازايى قىلغانمىش. بىز مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققاندا سەرىق جىلغىدىن شەمبى دېگەن كىشى ئارقىمىزدىن يېتىشەلمەي باغدىكى ئەسكى بىر ئۆينىڭ ئىچىدە دۆۋلەنگەن تېرىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرنىۋاپتۇ. پىشىن بولغاندا، دۈشمەنلەر ئۇنى تېپىۋىلىپ سوراق قىپتۇ. كېيىن دۈشمەنلەر ئۇنىڭ ئادەتتكى ئەسكەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن شەمبىنى قوبۇپ بىرىپتۇ.
ئۇ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن تاشقورغانغا چىقتى. دېمەك بىز ئىسكادىرون كوماندېرىمىز بايەك بىلەن يەكەنگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قاتنىشىپ، دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ، جەڭ مەيدانىدىن ساق چىققانلىرىمىزنى ئەمدى ئويلىسام ئەگەر كوماندېرىمىز بايەك سەل ئالدىراپ ئۆزىنى ئېتىۋالمىغان بولسا، ئامان قالغان بولار ئىدى. ئۇنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى قەھرىمانلىقى جەڭ ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن ئۆزىمىزدىن شۇنچە كۆپ دۈشمەن بىلەن پۈتۈن بىر كۈن ئېلىشالىدۇق. نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى قىرىپ يوقاتتۇق. جەڭدە كوماندىرېمىز بايەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سەپداشلىرىمىز قۇربان بولغان بولسىمۇ يەنە بىر مۇنچە ئادەم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ھايات قىپقالدۇق.
‹‹تاشقورغان ئىنقىلابى›› مىللىي قوشۇننىڭ گومىنداڭ قوشۇنى بىلەن يەكەندە ئېلىپ بارغان جىڭى ئەڭ كەسكىن، بىزنىڭ تاجىك پولكىمىزدىن چىقىم ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق جەڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئىسكادىرون كوماندېرىمىز بايەك شىنجاڭدا ھۆكمىرانلىق قىلغان مەزگىلدە شۇ ۋاقىتتىكى چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ راسكام مازاردارىدا تۇرۇشلۇق ۋىزۋود كوماندېرى ئىدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن يولداش خوجيەن چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغاندا بايەك ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. يولداش خوجيەندىن ئىنقىلابىي تەربىيە ئالغان. تاشقورغان ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئۇ ئىنقىلابقا پائال ئاۋاز قوشۇپ گومىنداڭنىڭ مازاردارادىكى قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، يەنە گومىنداڭنىڭ چىپان، كۆكيار قاتارلىق جايلىرىدىكى قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئىنقىلابى قوشۇن قاغىلىقنى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قاغىلىققا تاجىك پولكى بىلەن قوشۇلغان تاشقورغان ئىنقىلابىي قوشۇنىنىڭ يەكەنگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئەمىلى ئەھۋال ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يېنكلىك بىلەن قىلغان بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك ئۇرۇشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەكەندە مۇھاسىرىگە چۈشكەن بايەك ئىسكادىروندىكى جەڭچىلەرنىڭ ئۆلسىمۇ تېز پۈكمەيدىغان ئىنقىلابى جاسارىتى ھەقىقەتەنمۇ ئەۋلاددىن - ئەۋلادقىچە مەدھىيلەشكە تېگىشلىك روھدۇر. ھالبۇكى ئىسكادىرون كوماندېرى بايەك ئەنە شۇنداق ئۆلۈم كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئۆلۈمگە قارشى كۆكرەك كىرىپ ئالغا باسقان، زەبەردەست قەھرىمان دەپ تەرىپلەشكە لايىق ئوغلان . ئۇنىڭ دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشكەندىن كۆرە ئۆزىنى - ئۆزى ئاتالىغانلىقىمۇ ئەنە شۇنداق قورقماس روھنىڭ نامايەندىسىدۇر. كوماندېرىمىز بايەكنىڭ روھى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. (بۇ ئەسلىمىنى ئەسلىي بەلدىر يېزىسىدىكى ھوشۇر ماڭا ئاغزاكى سۆزلەپ بەرگەن . ھوشۇر شۇ قېتىمقى يەكەن جېڭىگە قاتنىشىپ بەختكە يارىشا ئامان قالغانلارنىڭ بىرسى. ئازادلىقتىن كېيىن جامائەت خەۋىپسىزلىك ساقچى قىسمىدا ئىشلىگەن، ئۇ يەردىن چېكىنگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ چارۋىچى بولغان. ئۇ يەنە ئۇستا مەرگەن ۋە داڭلىق چەۋەنداز ئىدى . 1990- يىلى ۋاپات بولدى. مەن مەرھۇمنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسلىمىسىنى رەتلەپ ‹‹تاشقورغان تارىخىي ماتېرىياللىرى›› ناملىق بۇ توپلام ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە سۇنالىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلىمەن – ئاپتور )
‹‹تاشقورغان تارىخىي ماتېرىياللىرى››3-قىسىم

تاجىكام تورىدىن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 07:33:30

خەلقنى موللازەيدىن قىلغان ئىنقىلاب

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 08:09:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chonggheywetchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 08:28  

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 07:33 static/image/common/back.gif
خەلقنى موللازەيدىن قىلغان ئىنقىلاب

‏‏خەلىقنى موللا زەيدىن قىلغان ئىنقىلاپ دىگىنىڭىزگە كۆپىرەك چۈشەنچە بىرەلەمسىز؟ مەن خەۋەرسىز بولىشىم مۈمكىن،ماڭا بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار يېڭىلىق تۇيۇلۇپ يوللىغان ئىدىم، سىزگە ئوخشاش ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان تورداشلار كۆپ بولسا، بەلكىم بۇ بىزنىڭ تارىخى نوقتىلارغا بولغان نەزىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان ۋە كېڭەيىتكەن بولاتتى

yarkanti يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:10:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yarkanti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 11:13  

مۇشۇ توربەت تاجىكلارنىڭ بىتىكەن،

http://www.tajikam.cn

http://www.tajikam.cn/bbs

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 21:20:13

chonggheywetchi يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 08:09 static/image/common/back.gif
‏‏خەلىقنى موللا زەيدىن قىلغان ئىنقىلاپ دىگىنىڭىزگە ك ...

ئۆزىڭىز يوللىغان تىمىنى ئالدىرىماي بىر قېتىم تۇلۇق ئوقۇڭ، دىققىتىڭىزنى يىغىپ ئوقۇڭ، چۈشەنمىسىڭىز قايتا ئوقۇڭ، ئوقۇپ چۈشەنگەندىن كىيىن تەپەككۇر قىلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاستا ئاستا چۈشىنىپ قالىسىز

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 13:46:00

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 21:20 static/image/common/back.gif
ئۆزىڭىز يوللىغان تىمىنى ئالدىرىماي بىر قېتىم تۇلۇق ئ ...

ئۇكا،سەن ئوقۇداڭما؟چۈشۈنۈپ پىكىر قىلدىڭما؟ ھە شۇ سېنىڭكىنى دىگىنە،سەن ئۆزەڭنىڭ ئويلىغىنىغا مەسئۇل بولاپ يازە بولامدا؟ مەن سەن بىلەن ئوخشاش پىكىرگە كەگىچە ئوقىسام بولامتى يا؟ ھالىڭ چوڭكەن،شۇ ھالىڭغا چۇشلۇق،بۇ تارىخدا ماندا ئىشلارمۇ بار، دەپ، ئۆزگىچە پىكىرىڭنى ئايىمىغايسەن، پىكىرىڭ قۇرۇق بولمىسا،مەنمۇ رەخمىتىمنى ئايىمايمەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 22:52:47

خاپا بولماڭ، سىزنى دۆت ئەمەسمىكىن دەپ قاپتىمەن.

chonggheywetchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 04:55:35

خاپا بولمىدىم,سېنى خەنسودەك لاۋزا بىرنىمېكىن  دەپ ئويلاپ قاپتىمەن,ئەسلى سەن گەپ يورغىلاتمايدىغان ئادەمتىڭ ھە؟ بوپتۇ
بەت: [1]
: پامىردىكى گومىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭ