otunchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 17:01:54

ئەردوغان ئىچكى كابىنتنى قايتاتەشكىللىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otunchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 17:03  


تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان 3 نەپەر ئىچكى كابېنت مىنىستىرى، ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتتىق بېسىمىدا چارشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازى بۇ قېتىمقى خىيانەتچىلىك ۋەقەسىدە قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ئىچكى كابنېتنى تەرتىپكە سېلىپ، 10 نەپەر مىنىستىرنى ئالماشتۇردى. خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق ياۋروپا ئىشلىرىغا مەئۇل مىنىستىر ئەگەمەن باغىش ئىستېپا بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەردوغان ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر كىشىنى ئالماشتۇردى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىكى بۇ كرىزىس، 17‏-دېكابىر ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى چاغلايان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گۈلەر، مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرى بايراقدارنىڭ ئوغۇللىرىنى، تۈركىيە خەلق بانكىسىنىڭ مۇدىرىنى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشى بىلەن پارتلىدى.
ئەردوغان بۇ ۋەقەنى فەتقۇللاھ گۈلەن جامائىتىنىڭ خەلقئارا كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان سۇيىقەستى، دەپ تەنقىد قىلىپ، جامائەتكە يېقىن دەپ قارالغان نۇرغۇن ساقچى باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. ئەدلىيەنىڭ خىيانەتچىلىك ۋەقەلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. بىراق ئۆكتىچىلەر، ئەردوغاننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىيانەتچىلىكنى سۈرۈشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

kuspurush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 17:32:06

ئىزدىنىش ئەمەسلا بولۇپ قاپتىيا.

yanartahg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 20:03:31

ئەردوغان نىمە ئىش قىلماقچىدۇ زادى ؟

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 21:19:09

بۈگۈنكى خەۋەرلەردە ئۆز ئىچىنى تازىلاش بىلەن بىللە يەنە قائىدىگە خىلاپ ھالدا سىىرتقا ئۇچۇر ئاشكارىلىغان سوتچىلارنىمۇ جازالايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە توغرا ئىنسانلارنى خاتالىق بىلەن قارىلىغان ساقچى ئەدلىيە سېستىمىسىدىكى جاۋاپكارلارنىمۇ جازالايدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ بۇ ئاتامان.
بۇنى رەسمى بىر ساقچى-ئەدلىيە قانۇنسىز زەربىسى دەپ ئاتىغاندەك تۇرىدۇ.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 21:20:35

ئاپلا! ما كىشىنىڭ ئىشى چاتاقمۇ نېمە؟ ئۆكتىچىلەرگە قىلىدىغان گەپ تېپىپ بېرىپتۇ ئەمەسمۇ؟  «خىيانەتچىلىكنى سۈرۈشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش» دېگەن داۋلى تۈركىيىنى قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىدىغان بولدى- دە!

توۋا! تولا ئاغزىمنى ئۈشتمەي جۇمۇ!

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 09:59:18

بۇ نىمىش ئەمدى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 10:04:59

قارىغاندا رەسىمىي كۈچ سىنىشش باشلانغان ئوخشايدۇ.

apxani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-29 23:53:00

ئەردوغان شۇ مىسىرنىڭ كونا يولىدىن مىڭىپ قالماي داۋاتقاندۇ  ،ئالدى بىلەن ئارمىيەدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئىسلامنى پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىشنى قوغدايدىغان بىر قىسم گىنراللارنى ئەپلىدى، ئەمدى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىنى ،شۇنداقلا  بۇ قىتىمقى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئۆز نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنماقچىمىكىن دەيمەن ،ھەي مۇشۇنداق كىتىۋەرسە تۈركىيە راستىنلا ئىراننىڭ يولىدا مىڭىپ قالارمۇ ؟ ئەگەر ئەردوغان راسىتلا شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنسا بىر قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ جۇمۇ ،ئىقىدىسادى تەرەققىياتقا بولغان زەربىسىمۇ چوڭ بولىدۇ مىنىڭچە .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 01:19:20

armiye terep  siyasi majragha arlashmaydighinni bvldvrvpti ghu

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 01:47:15

جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-دېكابىر خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسىي چىرىكلىك سەتچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، تۈركىيە ئارمىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ماجىراسىغا ئارىلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر كىرىزىس 3 ھۆكۈمەت مىنىستىرىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە باش مىىنستىر ئەردوغاننى ئىچكى كابېنتنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان.
بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈشتە قولغا ئېلىنغان ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىستېپا بەرگەن 3 مىنىستىرنىڭ ئوغلىمۇ بار.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ئالىي مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىر مەمۇرىي بۇيرۇقنى چەكلىگەن، مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇقتا ساقچىلار ھەر قانداق تەكشۈرۈشتە بولۇشتىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىگە خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلىنغان.
تۈركىيە ساقچىلىرى خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىكنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئالدىنقى ھەپتە يۇقىرىدىكىدەك پەرمان چىقارغان.
تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى چىقارغان مەزكۇر پەرماننى توسۇش توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئەردوغاننىڭ چىرىكلىك سەتچىلىكىنى توسۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى توسۇش تىرىشچانلىقىغا ئۇچرىغان ئەڭ يېڭى زەربە دەپ قارالغان.
تۈركىيە ئارمىيىسى مەزكۇر باياناتنى ئەردوغاننىڭ بىر ئىتتىپاقدىشىنىڭ مېدىيەلەرگە چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈشنىڭ بىر مەيدان ھەربىي ئىشلار سىياسىي ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن، دېگەن باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلغان.

تەرجىمىدە: ئاينۇر

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 14:09:19

ئورنىغا ئادەم سەپلەش مۇشۇنداق ئاسان ئىشمۇ..؟

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:37:36

   ساقچى ۋە سوتچلار قاتلىمىدا باشقا كۈچلەرنىڭ قولى بارلىقى ئېنىق . ئەمدى ئەردوغان دۆلەت ئىچىدە دۆلەت قۇرغان شۇ كۈچلەر بىلەن ئېلىشىدۇ .

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 20:40:31

مېنىڭچە ئەردورغان ئىقتىدارسىز شۇنداقلا ھاماقەت رەھبەر. بۇ شەخىس رەھبەر بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلدى.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 21:57:31

تەخىتتىن مەجبۇرى چۈشۈرۈلسە ھاماقەت بۇلىدۇ ، ئەكسىچە رەقىبلىرىنى يىڭىپ چىقالىسا يەنىلا دانا ھىسابلىنىدۇ . يەنىلا ئاخىرى تارىخ ئادىل جاۋاپ بىرىدۇ.
بەت: [1]
: ئەردوغان ئىچكى كابىنتنى قايتاتەشكىللىدى