namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 14:52:31

شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق موماي

شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق موماي ‹‹دۇنيا كارتىن شەخسلىرى›› نامزاتىغا كىردى
ئەنگىلىيە كارتىن دۇنيا رېكورتى تورى 3-نويابىر خەۋەر ئېلان قىلىپ : ‹‹شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق ئالمىخان سېيىت ‹2013-يىللىق سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ساھەسىدىكى دۇنيا كارتىن شەخسلىرى › نامزاتلىقىغا كىردى ›› دېدى .



  ئالمىخان موماي 1886-يىلى 25-ئىيۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە قومۇشئېرىق يېزا پەيكۈن ھويلا كەنتىدە تۇغۇلغان . مۇھەببەت ناخشىلىرى ئېيتىش ، يۇمۇر سۆزلەش ، بازار ئايلىنىش ، ئۇرۇق-تۇغقان ، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش موماينىڭ دائىملىق تۇرمۇش ئادىتى .



  ئالمىخان موماي 2010-يىلىدىن باشلاپ ، ئۇدا ئۈچ يىل جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ‹‹مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن 10 كىشى ›› نىڭ رەت-تەرتىپىدە 2-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن . بۇ يىل 26-ئاۋغۇست ، موماي يەنە ئەنگىلىيە كارتىن دۇنيا رېكورتىنى خاتىرىلەش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹‹دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن كىشى ›› ۋە ‹‹دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئايال ›› دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ ، مۇشۇ ئىككى تۈردە دۇنيا رېكورتى ياراتقان .



  يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ بەلگىلەنگەن دوختۇرلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم موماينىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ، موماينىڭ روھىي-ھالىتى ۋە تەن سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن .








boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 20:38:22

«بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ بەلگىلەنگەن دوختۇرلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم موماينىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ، موماينىڭ روھىي-ھالىتى ۋە تەن سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن .»


توۋا! ساپساق ئېدەمنى ھەپتىدە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرسا ئاغرىپ قاممامدۇ؟ ئاۋۇ دوختۇرلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 22:33:03

بىغىر راسىت دەيدۇ !

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 00:38:54

مېنىڭ ئايالىمنىڭ چوڭ ئانىسىمۇ 103 ياشقا كىرىپتۇ، ئاش تامىقىنى يەپ مېڭىپ يۈرىدۇ، ھەر باساق كۆرۈشۈپ يوقلاپ تۇرىمىز، ما ئالمىخان موماي ئالامەت ئۆمۈر كۆرۈپتۇ جۇمۇ، ئاللا تېنىنى ساق قىلغاي

kuspurush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 14:23:14

ئاخباراتلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە،
http://a4.att.hudong.com/65/86/20300000246938137653861163263.jpg

ئالمىخاناچىمىزنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشىكەن، مەھەللىدە بولغان مەشرەپلەردە دۇتتار چېلىپ بېرەلەيدىكەن. 1885- يىلى تۇغۇلغان گۇاڭشىلىق لومېيجىن بۇلتۇر ئۆلۈپ كېتىپ، 1886 - يىلى تۇغۇلغان ئالمىخان سىيىت لودىن بىر يىل ئارتۇق ياشاپ (خۇدا تېنىنى سالامەت قىلغاي) دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋېتىپتۇ.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-29 19:23:49

بىزنىڭ مەھەللىدىمى 110 ياشقا كىرگەن بىر موماي بار.
بەت: [1]
: شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق موماي