ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 14:47:50

دىڭ شياۋپىڭ رەھىمسىزمۇ؟

دىڭ شياۋپىڭ رەھىمسىزمۇ؟

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2013-12-26) ماقالىسى:
ساچىر خانىم «دىڭ شياۋپىڭ ھەقىقەتەن رەھىمسىز ئىكەن» دېگەن!

1982-يىلى رودسىيا مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ نەتىجىسى چىقتى، ئارگېنتىنالىقلارمۇ فۇكلاند تاقىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ساچىر خانىم باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن سۆھبەتلىشىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلدى. 9-ئايدا ساچىر خانىم بېيجىڭدا زىيارەتتە بولدى، بۇ رەسمىي زىيارەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «تۆمۈر ئايال»، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مۇتەخەسسىسى» دەپ ئاتالغان ساچىر خانىم شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسىگە تەييارلىق كۆردى.
1982-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا دېڭ شاۋپىڭ خەلق سارىيىنىڭ فۇجيەن زالىدا زىيارەتكە كەلگەن ساچىر خانىم بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ساچىر خانىم كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان كۈمۈش تاماكا قۇتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ساچىر خانىم دىڭ شياۋپىڭنىڭ تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىدۇ، دېڭ شاۋپىڭ قىزىقىشى ۋە سالامەتلىكىگە ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن، ئادەتتە تاماكا چەككەندە سۈزگۈچ ئىشلىتەتتى. ساچىر خانىم بۇ تەپسىلاتلارغىمۇ دىققەت قىلغان بولۇپ، تاماكا قۇتىسىنى تاماكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن كۆڭۈل قويۇپ ياساتقۇزغان ئىدى. بۇ سوۋغا تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرۈدىغان دىڭ شاۋپىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك سوۋغا ئىدى.
سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، دىڭ شياۋپىڭ يېنىدىكى خىزمەتچىلەرگە: شياڭگاڭ مالۋىناس ئەمەس، جۇڭگو ئارگېنتىنا ئەمەس دېدى. ئىككىيلەن كۆرۈشكەندە ساچىر خانىم دىڭ شياۋپىڭغا مۇنداق دېدى: مەن باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال. دىڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: شۇنداق، مەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىرىدىن بىر قانچىنى تونۇيمەن، ئەمما مېنىڭ تونۇيدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى تەختتىن چۈشتى، سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئىككى رەھبەر ئالدى بىلەن ئازادە تېمىلاردا پاراڭلاشتى، ئۇلار لوندوندا نەچچە ئون يىل تۇرغان ماركس توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ساچىر خانىم: ماركس «كاپىتال »نى يازدى، ئەمما ئۇنىڭدا ئەڭ كەمچىل بولغىنى كاپىتال ئىدى، دېدى.
سۆھبەت رەسمىي تېمىغا كىرگەندىن كېيىن، ساچىر خانىم ئالدىن لايىھەلەپ بولغان لايىھە بويىچە قاتتىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ، « ئۈچ شەرتنامە كۈچكە ئىگە» ۋە «شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاش ئەنگلىيەدىن ئايرىلمايدۇ»، ئۈچ شەرتنامىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى. ئۇ دىڭ شياۋپىڭنى قورقۇتۇپ: ئەگەر جۇڭگو شياڭگاڭنى قايتۇرۇۋالىدىكەن، شياڭگاڭغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىىتىدۇ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشىنى داۋاملىق ساقلايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنى داۋاملىق ئەنگلىيە باشقۇرۇشى كېرەك، دېدى. بۇ سۆزلەر دىڭ شياۋپىڭغا تەرجىمە قىلىنىپ بەرگەندىمۇ، ئۇنىڭ ئىنكاسىمۇ قاتتىق بولدى. ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك تېلېگراف» گېزىتى دېڭ شياۋپىڭنىڭ بىر ياردەمچىسىگە بوش ئاۋازدا «مەن بۇ ئايال بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولالمىغۇدەكمەن، ئۇ بەك يولسىزكەن» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بەردى.
ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئىرادىسى قەتئىي ئىدى. دىڭ شياۋپىڭ كەسكىن قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلىدە كېڭىشىدىغان يىرى قالمىدى، ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا ئىگىلىك ھوقۇق مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس، ئەگەر قايتۇرۋالمىساق، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى ، جۇڭگو رەھبىرىنىڭ لى خۇڭجاڭ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەسلىدە بىر يېرىم سائەت دەپ بېكىتىلگەن سۆھبەت توپتوغرا 50 مىنۇت ئۇزارتىلدى. بۇنىڭدىن ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ كەسكىن بولغانلىقىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
سۆھبەت ئاياغالاشقاندىن كېيىن، ساچىر خانىم دىڭ شياۋپىڭنىڭ قەتئىي، كەسكىن سۆزلىرىدىن ھەيران قالدى. ئۇ ئىشىكتىن چىققاندا، قاپىقى تۇرۇلۇپ قالغانىدى. ئۇ داۋاملىق تۆۋەنگە مېڭىۋاتقاندا ئېگىز پاشنىلىق ئايىغى پەلەمپەيگە پۇتلىشىپ كېتىپ، سەنتۈرۈلۈپ كەتتى، قول سومكىسىمۇ بىر تەرەپكە تاشلىنىپ قالدى. بەختكە يارىشا ئۇ بەك قاتتىق يېقىلىپ كەتمىدى، ياندىكى ھەمراھ بولغۇچىلار ئۇنى دەرھال يۆلىۋالدى.
ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئايال ۋەزىرىنىڭ يېقىلىپ كېتىشى نازۇك جامائەت پىكىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىر نوپۇزلۇق مۇخبىر تۆمۈر ئايال بىلەن دىڭ شياۋپىڭنىڭ خاراكتېرىنى تەھلىل قىلىپ، ساچىر خانىم ئۆزىنى كۆرسەتتى، دىڭ شياۋپىڭنىڭ تىلى يۇمشاق، ئىچى قاتتىق ئىكەن، دېدى. گەرچە ساچىر خانىم چېرچىلنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان، روشەن ئەنئەنىۋى كونسېرۋاتىپلىق پەلسەپە ۋە قاتتىق ئىقتىسادى سىياسەتتە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما دىڭ شياۋپىڭنىڭ ئالدىدا ئۇ يەنىلا ياش ئىدى، ساچىر خانىم دىڭ شياۋپىڭنىڭ بۇنداق قاتتىقلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى، ئۇ قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە ئاستىرتتىن «دىڭ شياۋپىڭ ھەقىقەتەن رەھىمسىز ئىكەن» دېگەن.
دىڭ شياۋپىڭ رەھىمسىزمۇ؟ ئۇ جۇڭگودىن دۇنياغا بارىدىغان ئىشىكنى ئېچىپ، جۇڭگولۇقلارغا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى. 1987-يىلى 5-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دې كۈليار دىڭ شياۋپىڭغا تىنچلىق كەپتىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر ئالىقاننى سوۋغا قىلدى، ئالىقان تەبىئىي ئېچىلغان بولۇپ، چىمچىلاق كۆتۈرۈلۈپ چىققانىدى، بىر كەپتەر ئالىقاندا قاناتلىرىنى كېرىپ، ئۇچماقچى بولىۋاتاتتى، زەيتۇن شېخى چىشلىگەن بولۇپ جانلىق تەسىر بېرەتتى. بۇ تىنچلىقنى ئۈمىد قىلغان سوۋغا ئىدى، سوۋغا تەگلىكىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى ئويۇلغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پىرىز دې كۈلياردىن ھەدىيە» دېگەن خەت يېزىلغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتكۈل دۇنياغا ۋاكالىتەن جۇڭگوغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.
★★★★★
http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201312/t20131226_716320.html
★★★★★

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 20:34:19

بۇ كىشىنىڭ 1992- يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «نامراتىلق سوتسىيالىزىم ئەمەس، ئاستا سۈرئەتمۇ سوتسىيالىزىم ئەمەس. كۈنلىرىمىز ئىلگىرىكىدىن جىق ياخشى بوپ كەتتى دېگەن بىلەن، جوڭگۇنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى تەبىئى تەرەققىياتقا مەنسۇپ!» دېگەن بىر گېپى پارتىيە ئىچى- سىرتىدا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان. كېيىنكى «....ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ....» دېگەن دەبدەبە شۇندىن كىيىن چىققانكەندۇق.
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن بويان يامان ئەمەس گەپ قىپ قويغان بىردىنبىر رەھبەر مۇشۇ كىشىمىكىن دەيمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 22:59:32

ھازىر نەگە قارىسا، يۇقرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارخورلۇق بىلەن  موللاق ئىتۋاتقانلىقىنىڭ  گىپى !!
بۇ بىر بەلەن باشلىنىش  مەنچە !

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 23:12:23

ئۇيغۇرچە خەت يازسام  ئەجەپ نورمال ئەمەس تۇرىدا:L

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-29 10:14:20

ئۆزۋەتىنىنىڭ شان -شەرىپى ،مىلتىنىڭ غورورى ئۈچۈن ،ئۇكىشى ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلدى . ناۋادا «100مەشھۇر شەخىس »قايتا نەشىرقىلىنىپ قالسا دېڭ شىاۋ پىڭ چۇقۇم بىركىملەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ .

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-29 19:30:25

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونىغان كىشىكەن.
بەت: [1]
: دىڭ شياۋپىڭ رەھىمسىزمۇ؟