koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 10:45:10

تەيۋەن رەھبىرى مايىڭجۇنىڭ ئەجدادى قەدىمكى ئۇيغۇرمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 17:19  

http://www.xjass.com/zjzs/content/attachement/jpg/site2/20081012/001d721b88760a5bfb2602.jpg
تور ئارىلاۋېتىپ، تەيۋەن رەھبىرى ما يىڭجۇ (马英九) ھەققىدە، تۆۋەندىكىدەك كىچىك ماقالە ئۇچرىتىپ قالدىم. ماقالە 2008-يىلى يېزىلغان، بۇرۇن بۇ ماقالىنى مەن بىر قېتىم كۆرگەن، لېكىن تەرجىمە قىلىپ قويۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم، بۈگۈن يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم.

ئەسلى تېمىسى: تەيۋەن يازغۇچىسى ماشىپىن «مايىڭجۇنىڭ ئەسلى فامىلىسى جاۋ(赵)، ئۇيغۇر (维吾尔)نىڭ قېنى بار» دېدى

تەيۋەن رەھبىرى مايىڭجۇنىڭ ئاتايۇرتى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ فۇفېڭ ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئەجدادى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى مايۈەن (马援) ، شۇڭا ئۇ ھەر يىلى ما جەمەتى ئەجدادلار ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ كۈجە كۆيدۈرۈپ ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ؛
تارىخىي ۋەسقەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، مايۈەن ئەسلىدە يىغىلىق دەۋرىدىكى جاۋ دۆلىتىنىڭ سانغۇنى جاۋشې (赵奢)نىڭ ئەۋلادى بولۇپ، جاۋشې چىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇشتا ئالاھىدە تۆھپە كۆرسىتىپ، مافۇجۈن (马服君) دېگەن ئوتۇغاتقا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ فامىلىسى ما بولۇپ ماڭغان.
تەيۋەن يازغۇچىسى ما شىپىننىڭ دېيىشىچە، مايۈەندە خۇيزۇ (回族)نىڭ قېنى بار ئىكەن، شۇڭا كېلىشكەن قەددى - قامەت مايىڭجۇغا ئېرسىيەت قالغان ئىكەن.
(ئەسكەرتىش: شەرقىي خەن سۇلالىسى مىلادىدىن 25- 220-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۆلەت، بۇ چاغدا ئېنىقكى تۇنگانلار (回族)لار شەكىللەنمىگەن، مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ دۇنيا كەلمىگەن ۋاقىت. بۇ چاغدا شىمالدا 回纥 دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەت بار، ئۇلار دەل قەدىمكى ئۇيغۇرلاردۇر. بەلكىم بۇ يەردىكى 回族 دېگىنى دەل قەدىمكى ئۇيغۇرنى كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق. بۇنى ھازىرقى ئۇيغۇر بىلەن ئارىلاشتۇرۋالماڭ. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەقەت ھازىرقى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس).
20 يىلنىڭ ئالدىدا، مايىڭجۇ تەيۋەننىڭ قانۇن مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىدا، تەيۋەن ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان ماچۈەنجېن بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇلار پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ خەن سانغۇنى مايۈەننىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مايىڭجۇ ئۆزىنىڭ ما جەمەتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ما جەمەتى ئەجداتلار ئىبادەتخانىسىغا ھەر يىلى تاۋاپ قىلغىلى بارىدىغان بولىدۇ.
يازغۇچى ما شىپىن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ما جەمەتى خەنزۇلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى ئۇياق- بۇياقلارغا چېپىپ يۈرۈش جەريانىدا، ئۈزلۈكسىز تۈردە بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن تويلاشقان، مايىڭجۇدا چياڭزۇلارنىڭ قېنى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ (维吾尔族ھازىرقى بىز ئۇيغۇرنى دېمەكچى) »قېنىمۇ بار، شۇڭا ئۇنىڭ چىراي -شەكلى ئىنتايىن چوڭقۇر».

مەنبە: http://www.xjass.com/zjzs/content/2008-10/12/content_33860.htm
http://ent.cctv.com/20080604/102978.shtml

يەنە تەيۋەنلىك داڭلىق ناخشىچى جاڭ شياۋخەن (张韶涵) ئاپىسى خۇنەنلىك ئۇيغۇر ئىكەن.
مەنبە: http://tieba.baidu.com/p/1273188313



eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 11:20:54

2 yil burun menmu korgen bu Hewerni . muhbir siz bek kelishken dep soreydiken mayingjiudin . mayingjiu chaqchaq qilghach mening tegim uyghurlargha tutushidu deydiken .

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 11:35:18

مۇشۇ «پالانچى ئۇيغۇركەن» دېگەندەك ئېپقاچتى گەپلەر ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە نىمانداق تولا دەپ ئويلاپ قالىمەن.  بۇ خۇددى بىرى باشلىق بولسا، ئۆمرىدە ئۇ كىشى بىلەن بىرەر قېتىممۇ باردى- كەلدى قىپ باقمىغان بىر كىشى كېلىپ «مەن پالانچىنىڭ پالانچىسى، سەن بىلەن بىز ئۇرۇق- تۇغقان» دەپ تۇغقاندارچىلىق ئىزھار قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 11:49:29

40-يىللاردىكى مانىڭ مىللەت تەركىبى ئاللىبۇرۇن خۇيزۇ ئاتالغان، ئۇيغۇرلارمۇ، خۇيزۇلارمۇ ئۆزلىرىنى بىر قەۋم دەپ ئاتىغىنى يوق، شۇنداقىكەن قان سۈرۈشتۈرۈپ ئەسلى ئۇمۇ ئۇيغۇرتى دىيىشنىڭ پوققا پايدىسى بار.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 13:21:43

:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 13:30:18

بۇ تېمىدا ئىزدىنىشنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى قۇتلۇقلايمەن ۋە باش سۈرىتىمنىڭ ئاخىرى چۆگىلەيدىغان بولغانلىقىدىن خوش بولغىنىمنى بىلدۈرىمەن. :lol
يېڭى نۇسخا ئۈچۈن جاپا چەككەن توردىشىمىز @kokkaptar گە شەخسى رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. جاپا چەكتىڭلا!

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 14:07:36

دىسكازغا كۆچۈپ ياخشى قىپسىلە، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، لىكىن لاتىنچە خەت نۇسخىسى بەك گۈزەل سەنئەتلىكمۇ قانداق؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 14:26:14

men weindows xp sisthmhshda turup xet yiziwatimen, nimishqan uyghurche kirguzgili bomaydu? alkatip5.7 ni qachilap uyghurchigha toghorlisamm uyghurche xetler qalaymiqan chiqiwaldi.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 14:43:57

تېمىنى ئوبدانراق ئوقۇپ، ئاندىن ئىنكاس يازساڭلار بولارمىكىن.
مەن مايىڭجۇنى «ئۇيغۇر» نىڭ  ئەۋلادى دېمىدىم، «قەدىمكى ئۇيغۇر»نىڭ ئەۋلادىمۇ دەۋاتىمەن. خەنزۇچە ئۇيغۇرنى 维吾尔، قەدىمكى ئۇيغۇرنى 回鹘ياكى 回纥 دەپ ئاتايدۇ. ئاتالغۇغا  دېققەت قىلىڭ.  
بىزمۇ رايونىمىزدىكى تۈركىي خەلقلەرگە «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى قويغىلى تېخى يۈز يىلمۇ بولمىدى. تارىخنى تۈزۈك ۋاراقلاپ كۆرمىگەن قېرىنداشلىرىمىز «قەدىمكى ئۇيغۇر»نى ھازىرقى ئۇيغۇرغا بىۋاستە چېتىۋېلىپلا تەسەۋۇر قىلىدۇ.
مەن ھەرگىزمۇ پالانچى ئۇيغۇركەن دەپ قويسا پەخىرلىنىپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس. يەنىلا پاكىتقا ئەمەل قىلمەن. ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويغان بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىنىمۇ مەن ئۆزەپ ئويدۇرۇپ چىقىرىۋالمىدىم، بەلكى تەيۋەنلىك بىر يازغۇچى يازغان ئىكەن.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 14:57:59

خەت شەكلى بەك كىچىكمۇ قانداق ؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 17:49:40

قوياڭلا مۇشۇنداق يوق گەپنى !
پالانى ئۇيغۇركەن، پۇستانى ئۇيغۇركەن دەپ  !
ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز ئالداپ كۆڭۈل خوش قىلىپ ئۆتىۋەرمەيلى !

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 18:03:51

«بەك ئەھمىيەتلىك» بىر تەرجىمە بوپتۇ.
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 19:16:28

شۇنداق بىر كۈنلەر كەلمىسۇنكى ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ھەقىقىي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلماي نەدىكى بىر ئادەملەرنى ئۇيغۇركەن، ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادىكەن، يەتمىش پۇشتىنىڭ يەتمىش پۇشتى ئۇيغۇركەن دەيدىغان.
خوش، لاۋمانىڭ ئەجدادى ئۇيغۇر بولسا، ئۇيغۇر ئۈچۈن نېمىش قىپتىكەن؟ مۇشۇنى بىر بىلەي.
كىمنىڭ ئۇيغۇر، كىمنىڭ قازاق، كىمنىڭ قالماق، كىمنىڭ *** ئىكەنلىكىگە قىزىقمايمەن، قىزىقىدىغىنىم كىم ئۇيغۇر ئۈچۈن نېمە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپتىكەن.؟

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 19:19:51

ئۇيغۇر بولسا نىمە بوپتۇ؟

ئۇيغۇرچە گەپ قىلالمايدىغان، ئويغۇر بىلەن بىللە ياشاپ بىللە ئۆتەلمەيدىغان ئۇيغۇرنىڭ پوققا پايدىسى بارمۇ؟ {:113:}

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 20:17:56

koktash يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 14:43 static/image/common/back.gif
تېمىنى ئوبدانراق ئوقۇپ، ئاندىن ئىنكاس يازساڭلار بولار ...

مالال بولماڭ قېرىندىشىم.
سىزنى «ما يىڭجۇنى ئۇيغۇركەن دەپتۇ» دەپ بىركىم تەنقىتلىمىدى، ئەسلى مەنبەگىمۇ كىرىپ كۆرۈپ چىقتۇق. بۇيەردىكى مەسىلە: ھىلى ئۇ داڭلىقنى ئۇيغۇركەن دەپ، ھىلى يەنە بىر سىياسىئوننى ئۇيغۇر قانلىقكەن دەپ، ما مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر دېگەن گەپ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان بىركىملەرنى تالىشىپ ھەرقىسما گەپلەر چىقىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ بولمىغىنى ياخشى دېمەكچى.
سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزنى قەدىرلەيمىز ئەلبەتتە.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 21:21:32

QUYASH يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 19:19 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر بولسا نىمە بوپتۇ؟

ئۇيغۇرچە گەپ قىلالمايدىغان،  ...

داڭلىق ئالىم جىيەن بوزەننى بىلەمسىز؟ئۇ گەرچە خۇنەندە خەنزۇلارنىڭ ئارسىدا چوڭ بولغان بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن خېلى ئىشلانى قىلغانغۇ؟

satirax يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 21:33:23

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2 3 4
: تەيۋەن رەھبىرى مايىڭجۇنىڭ ئەجدادى قەدىمكى ئۇيغۇرمۇ؟