waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 22:12:13

ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرۇمنى قوللايلى

   ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار،  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدا  ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ كۆزگە كۈرۈنگەن بىر نەپەر ئۇيغۇر قىرىندىشىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ  بىر مىليارت 350 مىليۇندىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە چوڭ بىر دۆلەتتە ، كەسكىن رىقابەتكە تىز پۈكمەي،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى 10 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىۋاتقان پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز شىرئەلىجان مۇختەردۇر.  شىرئەلىجان مۇختەر ھازىر شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى، ئۇنىڭ جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغاچقا  2011-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى جۇڭگۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان. 2013- يىللىق جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمىسى چولپانلار ھەپتىلىگى ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

  203904q8ly2qhql0330x3l.jpg


ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك؛  2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-19-كۈنى بىيجىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان چولپانلارنى تاللاش ئۈچۈن توردا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.  توردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ25-كۈنىدىن 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەڭ ئاخىرىقى بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  بىلەت تاشلاشتا جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايۇنىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر نەپەردىن ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى، ئىككى نەپەر ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، ئىككى نەپەر ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى بۇلۇپ جەمئى 10 نەپەر تەنھەركەتچى جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايۇنىنىڭ ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان سەپ شەكلىگە تاللىنىدۇ ( ھەر بىر مۇسابىقە رايۇنىغا تاللانغان چەتئەللىك ياردەمچى تەنھەركەتچى ئىككى نەپەردىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ).

  2014-يىللىق چولپانلار  ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئۈچۈن جەمئى 36 نەپەر تەنھەركەتچى نامزاتى بىلەت تاشلاپ تاللاشقا قاتناشقان بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ماھىرلار ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان سەپ شەكلىگە تاللىنىدۇ.  

  شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان، ياڭ جىڭمىڭ، جاڭ چىڭپىڭ، تاڭ جىڭدۇڭ، سۇۋىي،  سىڭگىلتون قاتارلىقلار تاللاش نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن.

   تۆتىنچى ھەپتىلىك بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا،  بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا كىرەلمىگەن.   بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈ شىرئەلىجان بىلەن مەيداندىكى ئورنى ئوخشاش بولۇپ شىرئەلىجاننىڭ ئەڭ كۈچلۈك بىردىن بىر رەقىبى بۇلۇپ سۈن يۈ ھازىر ۋاختىنچە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ.

2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان چولپانلارنى تاللاش ئۈچۈن توردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەڭ ئاخىرىقى بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىر توردا بىلەت تاشلاش يىپىلىشقا ئاز ۋاقىت قالدى، شۇڭلاشقا  بارلىق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ۋاسكىتبولغا قىزىقىش قىزىقماسلىقىدىن قەتئى نەزەر  پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز شىرئەلىجان ئۈچۈن ئازراق ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ  كۆپلەپ بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  پىقىرنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن تەجىربىسىگە قارىغاندا بىلەت تاشلاش  تورىدىن چىكىنىپ، يەنە كىرىپ قايتا-قايتا بىلەت تاشلىغىلى بۇلىدىكەن.

بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى؛  http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014

قوشۇمچە؛ شىرئەلىجانغا بىلەت تاشلاش كۆرسەتمىسى ئادىرىسى؛ http://bbs.misranim.com/thread-116173-1-1.html



ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php



iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 11:29:26

بېلەت تاشلاپ قويايلى

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 15:10:48

menmu xer kuni tashlawatimen

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 16:47:43

جىق تاشلاپ كەتتۇق دەيمەن  بۇ بالىغا بىلەتنى ! نەچچە كىردىم  مەن !
يەنە قوللايمىز !
بەت: [1]
: ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرۇمنى قوللايلى