choice يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 17:22:12

روسىيە يازغۇچىسى تۈرگۈنۈفنىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كىم بىلىدۇ

روسىيە يازغۇچىسى تۈرگۈنۇفنىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن قايسىلىرى بار؟


مۇم، تۇنجى مۇھەببەت دىگەن پوۋىستلىرى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغانمۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 17:38:30

ئوۋچى خاتىرىلىرى، ھارپا، ئاتىلار ۋە بالىلار قاتارلىق ئۈچ ئەسەر كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىدى. يەنە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىدا بار.

duldul يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 18:32:15

يېقىندىن بۇيان روسىيە ئەدەبىياتى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىغا دائىر بىر مۇنچە كىتاپلار قايتىدىن «تەرجىمە» قىلىنىپ كىتاپخانىلاردىن بىر كىشىلىكتىن ئورۇن ئاپتۇ. بولۇپمۇ، ئاتالمىش پورېلتارىيات يازغۇچىسى گوركىينىڭ كىتاپلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنىپتۇ. ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ماختاپ ئوبزور يېزىپ ئوبزورچىلىقنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ، كىشىلەردە «ئوبزورچىلىق ___يۇندىخورلۇق»دېگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرگەن «ئوبزورچى» مۇھەممەت پولات ئەپەندى ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم راست گەپ قىلىپ مەزكۇر كىتاپلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «تەرجىمە» قىلىۋەتكەن ئاتالمىش بىر تەرجىماننى راسا بىر «ساۋاپتۇ». ئاتالمىش تەرجىمان ئەمەل تۇتمىغان بىر سوكا-سالتاڭراق، لېكىن ئىشنىڭ ئېپىنى ئەمدىلەتىن بىلىپ قالغان بىر ئادەمدەك قىلىدۇ. بولمىسا مۇھەممەت پولات ئۇ ساۋاشنى يازمىغان بولاتتى...

رۇس ئەدەبىياتىدا پوشكىن، لېرمېنتوۋ، تولىستوي، تۇرگىنېۋ، ستىندال، پاستېرناك، سولژېتسىن...دېگەندەك خېلى كۆپ دۇنياۋى يازغۇچىلار بار، سېسىق نامى پۇر كەتكەن مەلۇم دەۋر سەۋەپلىكلا ئۇ يازغۇچىلارنىڭ قىممىتى يوقىلىپ كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ پاستېرناك بىلەن سولژېتسىنلار شۇ سېسىق دەۋرنىڭ قارشى مەيدانى بولغاچقا ھازىر «روسىيەنىڭ ۋىجدانى» دەپ ئاتالسا، گوركىي «شۇ دەۋرنىڭ قۇربانلىقى»، «جانباقتى يازغۇچى» دېيىلىپ ئاللىقاچان نەزەردىن چۈشتى. پوشكىن، تولىستوي، لېرمۇنتوف، تۇرگىنوف قاتارلىقلارنى بىر تىل ۋە بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەر سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنيادىكى كاتتا يازغۇچىلار ھازىرمۇ ھۆرمەتلەيدۇ، پېشىۋا سانايدۇ.

شۇغىنىسى، نىمىشقا ئۇيغۇر كىتاپچىلىقى روسىيە ئەدەبىياتى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىغا 60-70-يىلدىن بېرى چىڭ ئېسىلىۋېلىپ ئۇنى بىردىن-بىر باقىۋەندىسى، يۆلەنچۈكى قىلىۋالىدۇ؟ نىمىشقا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يېقىنىغا 70-80 يىل بولغان نەمۇنە ئەسەرلەرلا قايتا-قايتىدىن نەشر قىلىنىۋېرىدۇ؟ ياۋرو- ئامېرىكا ئەدەبىياتىغا دائىر ، بولۇپمۇ ئەڭ يېقىنقى دەۋر كارتېنىسى، ئىدىيىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتاپلار شۇنچە ئاز؟

مانا بۇ سۇئاللار كىشىنى ئازاپلايدۇ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرى، مەنىۋى ئوزۇققا بولغان تەلىۋى، ئېچىرقىشى ئەسلىدە ئەڭ يېقىنقى دۇنياۋى يۈزلىنىشلەرنى ئاساس، تارىخىي نەمۇنىلەرنى قوشۇمچە قىلغان ئاساستا يۈرۈشىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا مۇھەممەت پولاتتەك بىر شېشە ھاراق، ئازراق ئىلتىپات ئۈچۈن ئوبزور يازىدىغان پىشقەدەملەرنىڭ گوركىيدەك جانباقتىلارنىڭ ئەبجەق پەلسەپىسىنى ھازىرغىچە بايراق قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پاخال يولغا باشلايدىغان يېتەكچىلىك رولى ئاللىقاچان كۇرسىدىن چۈشكەن بولاتتى.

جىق گەپ قىلغۇم بار ئىدى، لېكىن راست گەپ «غەيۋەت» ھېساپلىنىدىغان، شېكىرى ئېشىپ قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئۇلۇقلىنىدىغان بۇ دەۋردە يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش كېرەك، دەپ ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم.

qinar418 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 20:48:23

مىنىڭدە «مۇھەببەت يولى»ناملىق كىتاۋى بار. بۇكىتاپتىكى ئەسەرلەر ھەقىقەتەن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ،ئەدەبىياتنىڭ مەلۇم پەللىسىگەۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلەركەن.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 21:38:51

duldul نىڭ ئىنكاسىنى تېخىمۇ تەپسىلىيرەك ئاڭلىساق بوپتىكەن.

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 16:06:55

ستىندال،
  ئورۇس  ئەمەس، فىرانسۇز

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 09:59:45

بەلكىم ئاشۇ  قىزىل ئىدىيەلىك ئورۇسلارنىڭ كىتاپلىرىنى نەشر قىلدۇرىدىغانغا مەبلەغ ۋە يول ئوچۇق ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇمۇ بىر پۇل تېپىشنىڭ ۋە جان بېقىشنىڭ يولى بولغاندىكىن، چىقىرىۋەرگەن چېغى ....
لېكىن ئۆزىمىزنىڭ كىتاپلىرىنىڭ نەشردىن چىقىش سۈرئىتى ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ. تەييار كىتاپمۇ 2 يىلدىن 10 يىلغىچە ئاران چىقىدۇ.
مەسىلەن، تۇرسۇن قاسىم ئاكىنىڭ «كۈنگەيدىكى سەھرا» دېگەن كىتاۋى 2003-يىلى پۈتكەن ئىدى، مانا 10 يىلدىن كېيىن، يەنى 2013-يىلى نەشردىن چىقتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 11:25:36

ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولماس، ھارپىنى ياقتۇرمۇدۇم لېكىن زامانىمىز قەھرىمان بەك نوچى.

تېمىدىكى كىتاپلارنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي!

bugra31 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 18:16:40

تۈرگىنىفنىڭ ‹تۇنجى مۇھاببەت، ناملىق پوۋېسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى مەن 2000 ىنچى يىللىققۇ دەيمەن، 10، ياكى 11ئىنچى سانىدا بۇلۇشى مۇمكىن ئېنىڭ ئىسىمدە يوق، دۇنيا ئەدەبىياتى ژورنىلىدا ئۇقۇغانتىم، ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدىم، ئۇ چاغدا مەنمۇ كىتاپتىكى باش قەھىرماندەك 15 ياشتا ئىدىم، باش قەھىرماننىڭ ئچكى دۇنياسى مەن ئۈچۈن تەسۋىرلەنگەندەكلا ئىدى...
ئۇنىڭدىن باشقا، لىۋ تولىستوينىڭ ‹كىروۋوتېزىر سوناتاسى› ناملىق پوۋېستىمۇ ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە، 2009 مۇ ياكى 2010 مۇ، بۇمۇ ئېنىڭ ئېسىمدە يوق، ئەمما 7-8 ئىنچى ئايلىق دۇنيا ئەدەبىياتىدا بار،   بۇ ئىككىسى ماقا ئەڭ تەسىر قىلغان پوۋېستلار، تاپالىغانلار  سكەن قىلىپ تورغا يوللاپ قويالىساڭلار ياخشى بۇلاتتىçççç
بەت: [1]
: روسىيە يازغۇچىسى تۈرگۈنۈفنىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كىم بىلىدۇ