2013-يىلىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىگە نەزەر
ھەر يىلى خەلىقئارادا ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزلۈپ تۇرىدۇ ،شۇڭا مەنمۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قايتا بىر نەزەر سېلىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ چىقتىم ،تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ -پىكىرلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
باھالاش مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە :
1.يىللىق مۇنەۋەر ئاتا-ئانا :ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ ئاتا ئانىسى( مۇزەپپەر ئاخۇن بىلەن جەننەتخان)
2.ئىلىم -پەن مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتى :شۆھرەت مۇتەللىپ (تەبىئىي پەن )
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=56126
3.ئىلىم -پەن مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتى :ئەسئەت سۇلايمان (ئىجتىمائىي پەن )
ئۇنىڭ شىۋىتسىيە ئۇلىم ئونىۋېرسىتى ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر تارىخى -مەدەنىيتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن
4.يىللىق ئەڭ ياخشى كارخانا ۋە كارخانىچى :ئۆز تۈرك شىركىتى ۋە ئابدۇلئەزىز ئەپەندى
گەرچە بۇ يىلدا ئۆزتۈرك شىركىتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ ،شىركەت مەبلەغ چىقىرىپ <<ئۆز تۈرك ئاسپىرانت خانىم -قىزلار مۇكاپاتى >>تەسسىس قىلىپ دىيارىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشتى .
5.يىللىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتئمائىي پائالىيەتچى : تاھىر ئىمىن
<<ئۆز تۈرك ئاسپىرانت خانىم -قىزلار مۇكاپاتى >>،<<ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى >>قاتارلىق بىر قاتار ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ،مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بەلگىلىك ھەسسە قوشتى .
6.يىللىق مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى :بېيجىڭ ئونىۋېرسىتىدىن كامالتۈرۈك يالقۇن
بېيجىڭ ئونىۋېرسىتى خىمىيە كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كامالتۈرۈك يالقۇن ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى تەشۋىق قىلىپ ،ئەخلاق ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە دىيارىمىز ياشلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى .
7.يىللىق زەپەر قۇچقان ئۈمىدلىك ياش :ئامىرىكا ماسساچۇستېس تېخنىكا پەنلىرى ئوقۇغۇچىسى :فەررۇخ پەرھات
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55293
8.بۇ يىلدىكى چوڭ يوقىتىش :خەلق قىززىقچىسى ھىسام قۇربان
http://www.baxlan.cn/article/html/hawar_10555.html
2)يازغۇچى مۇھەممەد باغراش
http://uyghur.people.com.cn/307382/15372772.html
9.يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو :<<ئانارخان >>
<<ئانارخان >> ناملىق تىلۋېزىيە تىياتىرى مەركىزى تىلۋېزىيە ئستانىسىنىڭ ئالتۇن ۋاقىتتا قۇيۇلۇپ ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى .
10.يىللىق مۇنەۋەر نۇمۇر ، سەھىپە، مەخسۇس تۈر: شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ ”ئىستىقبال سەھنىسى "پىروگىراممىسى
11.يىللىق يېڭى جەمئىيەت ھادىسىسى :ئىلىم چېيى
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يېڭى بىر جەمئىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،رېستۇرانلاردا بولغۇچە يەپ ئىچىپ قاتار چايدىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزغا تەسىر قىلسا ئەجەپ ئەمەس !
12.بۇ يىلدىكى سەنئەت ساھەسىدىكى يېڭى چىراي :سۇتۇق بۇغراخان رەسىمى
http://bbs.misranim.com/thread-114710-1-1.html
13.يىللىق رىياسەتچى :ئابلەت ئابدۇرېھىم
14.يىللىق ئەڭ ياخشى MTV:ھەزىرئتەلى مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ <<مەن بىلەن >>دىگەن ناخشىسىغا كىرىشتۈرۈلگەن MTV
15.يىللىق مۇنەۋەر سەنئىەتچى :ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئابلاجانغا بەلكىم بەزىلەرنىڭ باشقىچە پىكىرى بولۇشى مۇمكىن ،لىكىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك نوپۇز تىكلىدى .بىر خىل قېلىپتىكى ئاساسەن مۇڭ-زار ،دەرت -ھەسىرەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مىشچان ناخشا -مۇزىكا ساھەسىگە ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ،شوخ ناخشىلىرى بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى .
ھەقىقەتەن ياخشى رەتلەپسىز، تەشككۈر!
لېكىن « 9. يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو ئانارخان» دېگەننى ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم.بۇ كىنو قانداقسىگىمۇ ياخشى كىنو بولۇپ باھالىنىپ قالغاندۇ!؟
قالغان تورداشلار بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدىكىن بىلمىدىم!؟ 9-تۈربىلەن 12-تۈر بۇ سەھنىگە چىقىشقا مۇناسىپ ئەمەس ،مۇناسىپ دىگەن ھالەتتىمۇ ناچارلار قاتارىغا تىزمەن ،
قالغانلىرى ھەر ھالدا بوپ قالدىكەن ،،،،قالدى گەپ سۆزلەرنى كىيىنكى ئىنكاسلىرمىزدا ئورتاقلىشارمىز . ناھايىتى ياخشى رەتلىنىپتۇ ،لىكىن سۇتۇق بۇغراخان رەسىمى بىلەن ،ئانارخان فىلىمى يىللىق ئەڭ ياخشى ئەسەر بوللۇپ باھالىنىشى مۇۋاپىق بولمىغاندەك تۇرىدۇ . ئانارخان دەپ قۇيۇڭ ، يوقىتىشلار قاتارىدىن ئوسمانجان ساۋۇت چۈشۈپ قاپتۇ
سەنئەت ساھاسىدىكى يېڭى چىراي دىيىلسە بەرنا دىيىلسەبولىدۇ ، بەرنانىڭ تالانتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ
دۆلەت ئىچىدىكى تېلۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىكى ئىپادىسى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ
يەنە تەنتەربىيە ساھاسىدىكى خوشاللىقلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ پۇتبول كوماندىسى
ھېلىقى 16 ياشلىق ۋاسكىتبولچى قىز
ئوففىس 2013نىڭ ئۇيغۇرچىلىشى ئىلىكتىرون ساھەسىدىكى چوڭ ئىش ‹توختى پوكان ھېكايىلىرى › بۇ يىلغا تەۋەمۇ ؟ بۇيىللىق مەن ياقتۇرغان ھېكايىلەر ۋە يازغۇچى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان ‹‹ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى››دېگەن كىتابنى قۇشۇپ قويساق ياخشى بولارمىكىن دەيمەن.چۈنكى،بۇ كىتاب نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغاپتۇ. ئانارخان ياخشى فىلىممىش تېخى. مېنىڭچە ئۇ فىلىمنى ئۇيغۇر كىنولىرىنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇش كەلسە ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ رەسىمىنىمۇ بۇنچە ئالھىدە ئورۇنغا قويۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق. شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كامالتۈرك يالقۇن ئەڭ مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eltabir9 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 12:25
تەنتەربىيە تۈرى كام قاپتۇ،پۇتبول،ۋاسكىتبۇل،بوكۇس تۈرلىرىدە ياخشى نەتىجىلەر بولغانتى.
ئەمدى ما ئانارخان {:107:}
دەرىجەم لەشكەركەن ئانارخان فىلىمىنى ئەڭ ناچار تۇرگە تىزسا توغرا بۇلىدۇ... 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى چوڭ يەنە بىر ئىش ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ دىسكاسقا كۆچكىنى بولۇپ قالغۇسى قولنىڭ ئۇچىدا يازغۇچە راۋرۇس يازساق بولمامدۇ؟ مۇشۇ توغرلىق تېما مودا بولغاچ يازغۇچىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپلا قولنىڭ ئۇچىدىلا يېزىپ قويۇپتۇ.
ھىچ بولمىسا 40~50نى تىزىپ بىلەت تاشلاپ 10نى تىزساقمۇ بۇلاتتى. كومپيۇتىر ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن چوڭ ئىشلار بولدى . لىكىن بۇ توغرلىق يېزىلماپتۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ئىشلار جىق بولۇپ كېتىپتۇ . قايسى كۈنى بىر قۇر گەپنى كۆرگەن بىر ئالىم سەھنىدىن چۈشكەنتى ھەممىسى قاراپ تۇرۇپ قالدى .بىر ناخشىچى سەھنىدىن چۈشكەن ئىدى ئالقىشلار ياڭرىتىلدى دەپ..... پارىخور ئەمەلدار ياڭ گاڭ قولغا ئېلىندى ماۋۇ ئانارخان دىگىنىڭلا يېڭىچە زاڭلىق قىلىش ئۇسۇلىمۇ ياكى؟
قىزىلگۈلدەكلا ئىش بوپتۇ بۇ بىلەت تاشلاپ تاللىساق بولامدۇ نېمە ؟
ئالتە شەھەر مەكتۈپلىرىنى ئوقۇغانلار تەسىراتىڭلارنى قالدۇرمامسىلەر ؟ anarkhanni qushup qoighininglar qizziq:lol خوتەندىن چىققان ماشىنىنىڭ تورمۇزى تۇتماي تىيەنئەنمىنگە ئۈسىۋالغىنىنى تىزمىغىنىڭلار قاملاشماپتۇ{:107:} بولسا بىلەت تاشلاش شەكلىدە ئىلىپ بىرلسا ياخشى بولىدۇ !
يەنى تۈرگە بۆلۈپ ،شۇ تۈرگە نامىزات تۈرلەرنى قوشۇپ، ئاندىن تورداشلارنىڭ تاللىشىغا قويساق ،ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى 2013-يىلدىكى ئۇيغۇر جەمئىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىش-ۋەقە ۋە شەخىسلەرنى باھالاپ چىقالايمىز !