Berna يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 21:41:22

تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئېچىشتىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


مۇشۇ تاۋ باۋ تورىدا بىر دۇكان ئېچىشتىن مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم. خەنزۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىپ باقاي دېسەم شىنجاڭچىلىقتا يەنە ئوخشىمايدىغان يەرلىرى، سىياسەتلىرى چىقىپ ئاۋارە قىلامدىكىن دەپ.


شۇڭا بۇرۇن قىلىپ باققانلار ياكى قىلۋاتقانلار بولسا ھە-ھۇ دېيىشىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. ئوبدان رەھمەت ئېيتقان بولاتتىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 22:12:03

بۇ مەسلەھەتكە مەنمۇ شېرىك{:92:}

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 00:05:31

ئوخشىمايدىغان يەرلىرى ، سىياسەتلىرىگە چۈشۈپ قالىدىغان يەرلىرىگە تاۋباۋ تورىمۇ ئۇنىمايدۇ . قانۇنسىز نەرسە ساتمىسىڭىزلا ، تاۋباۋنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلغان بارلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسىڭىزلا بولىدۇ .



لېكىن،مېنىڭ بىلىشىمچە توردىن دۇكان ئېچىپ باققان ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەغلۇپ بولغانلار زور نىسپەتنى ئىگىلەيدۇ .

نېمىشقا ؟

بىرىنچى ئامىل-كۆۋرۈك.(چۈشەندۈرۈلمەيدۇ)

ئىككىنچى ئامىل-مال مەنبەسى. توردا سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى مەھسۇلاتلار ئاساسى جەھەتتىن ئىچكىردىن چىقىدۇ ،ئىچكىردىكى مال ساتقۇچىلاردا زور مال مەنبەسى بولغاچقا يۇقىرى تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە،ھەتتا بەزى نەرسىلەر زاۋۇت باھاسى بويىچە چىقىدۇ. بۇ جەھەتتە شىنجاڭ ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ رىقابەت كۈچى سەل ئاجىز كەپ قالىدۇ. بىراق ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلار بوپ قالسا قانداقكىن؟...تېما يوللىغۇچى پىلانىڭىزنى تەپسىلى ئاڭلاپ بېقىشقا بولامدۇ؟ قانداق مال سالماقچى ، دۇكاننى ئۈزلۈكسىز ماڭدۇرۇشقا قانداق تەييارلىقلار بار؟ ئاڭلاپ بېقىپ كۈچەپراق ھە-ھۇ دېمەمدۇق...

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 01:41:42

داۋامىغا قۇلاق سالاي

Berna يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 07:38:39

2- قەۋەتتىكى Comeonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوخشىمايدىغان يەرلىرى ، سىياسەتلىرىگە چۈشۈپ قالىدىغان يەرلىرىگە تاۋباۋ تورىمۇ ئۇنىمايدۇ . قانۇنسىز نەرسە ساتمىسىڭىزلا ، تاۋباۋنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلغان بارلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسىڭىزلا بولىدۇ .



لېكىن،مېنىڭ بىلىشىمچە توردىن دۇكان ئېچىپ باققان ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەغلۇپ بولغانلار زور نىسپەتنى ئىگىلەيدۇ .

نېمىشقا ؟

بىرىنچى ئامىل-كۆۋرۈك.(چۈشەندۈرۈلمەيدۇ)

ئىككىنچى ئامىل-مال مەنبەسى. توردا سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى مەھسۇلاتلار ئاساسى جەھەتتىن ئىچكىردىن چىقىدۇ ،ئىچكىردىكى مال ساتقۇچىلاردا زور مال مەنبەسى بولغاچقا يۇقىرى تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە،ھەتتا بەزى نەرسىلەر زاۋۇت باھاسى بويىچە چىقىدۇ. بۇ جەھەتتە شىنجاڭ ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ رىقابەت كۈچى سەل ئاجىز كەپ قالىدۇ. بىراق ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلار بوپ قالسا قانداقكىن؟...تېما يوللىغۇچى پىلانىڭىزنى تەپسىلى ئاڭلاپ بېقىشقا بولامدۇ؟ قانداق مال سالماقچى ، دۇكاننى ئۈزلۈكسىز ماڭدۇرۇشقا قانداق تەييارلىقلار بار؟ ئاڭلاپ بېقىپ كۈچەپراق ھە-ھۇ دېمەمدۇق...

ئاساسلىقى قۇرۇق يەل - يېمىش بىلەن ھەر خىل چاي دېگەندەك، سودا ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكىردىكىلەر بىلەن بولىدۇ. ماتىرياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن بىۋاستە توردا ئىلتىماس قىلسام بولىدۇغۇ ھە؟

sardar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 08:32:27

تور سودا ھەۋەسكارلىرىغا خۇشخەۋەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،

‹روناق› تور سودا ئىتىپاقىمىز قۇرۇلۇپ ئۇزۇن بولماي قېرىنداشلارغا تۈنجى ئىسل سوۋغسىنى تەييارلىدى. ئىشنمىزكى بۇسوۋغا قېرىنداشلارنى خۇش قىلىدۇ.‹روناق› تور سودا ئىتپاقى بىلەن ئىلقۇت ئىگىلىك ۋاي ۋاي قانىلى بىرلىشىپقېرىنداشلارغا بىر قېتىملىق ‹تاۋباۋ› تورىدا دۇكان ئىچىش ، تاۋباۋ دۇكاننى قانداق باشقۇرۇش بويىچە ھەقسىزدەرس ئورۇنلاشتۇردۇق .(خەنزۇچە قاناللاردا بۇ دەرسلەر ھەقلىق)دەرس مەزمۇنى :

1. تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش ئۇسۇللىرى ، بىزەش ،مال چىقىرىش قاتارلىق بويىچە دەرس ۋە تاۋباۋ دۇكاننى باشقۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسدا دەرس .

2. ئۇيغۇر سودا بەتلىرىدە دۇكان ئېچىش ۋە دۇكانلارنى باشقۇرۇش بويىچە دەرسلەر بولىدۇ .

دەرسى ۋاقىتى :

1- قېتىملىق دەرس 2014-يىلى 1-ئاينىڭ2-كۈنىئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00دە

2-قېتىملىق دەرس 2014-يىلى 1-ئاينىڭ3-كۈنىئۈرۈمچى ۋاقىتى سائەت 7:00دە

بۇ دەرسلەرنى ‹روناق› ئىتپاقىمىزدىكى تەجىربىلىك دۇكاندارلار ۋە مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان قېرىنداشلار سۆزلەيدۇ . تور سودىسىغا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمىز ..دەرس ئورنى : ئىلقۇت ئىگىلىك ۋاي ۋاي قانىلى

قانال نۇمۇرى : 81250388

ئالاقىلاشقۇچى : ئەلگىيار

ئۈندىدار نۇمۇرى :musuma



مەنبە: http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1586

musajan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 09:03:42

ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم

ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ياخشىمۇسىلەر.

ھازىر ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزنىڭ رىتىمىنىڭ تىز ئىشىشىغا ئەگىشىپ جەمىئەتتەئىستىمالچىلىرمىزنىڭ سودا ئىڭى ئىشىپ رايون ئاتلاپ مال سىتىۋالىدىغان،توردىن مال سىتىۋالىدىغان ئىستىمال شەكلى مودا بۇلۋاتىدۇ.

تور دوكانلىرنىڭ بىۋاستىلىكى يەنى مالنى بىۋاستە زاۋۇتتىن ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىدىن ئىستىمالچىنىڭ قۇلىغا تەككۈزۈش ئارقىلىق ئارىلىقتىن پايدا ئالىدىغان ۋاستىچىلارنىڭ پايدىسىنى كىمەيتىپ ئىستىمالچىلارغا زور پايدا ئىلىپ كىلۋاتىدۇ.

رايونىمىزدىمۇ توردىن مال سىتىۋىلىش قىزغىنلىقى ھازىر قىزىش،مودا بولۇش باسقۇچىدا تۇرۋاتقانلىقتىن بىيىش پۇرسىتىمۇ بەك كۆپ،يەنە كىلىپ رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلىرمىز تىلدىن قىينىلىش سەۋەپلىك توردىن مال سىتىۋىلىشتا بەك قىينىلۋاتىدۇ.

گەپنى يىغساق:

بىز مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ تورداشلارغا تاۋباۋ تورىدىن دۇكان ئىچىش ھەم دوكاننى بىزەپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدۇق.

ئاساسلىق مۇلازىمەتلىرمىز:

تاۋباۋدا دۇكان ئىچىپ بېرىش.

سىزنىڭ تاۋباۋدا دۇكىنىڭىز بولمىسا بىز سىزگە ياردەملىشىپ دوكان ئىچىپ بېرىمىز.

دوكاننى بىزەش.

دوكىنىڭىز بولسا بىز سىز رازى بولغۇدەك بېزىپ بېرىمىز،بىزدە 100خىلدىن ئۇشۇق دوكان بىزەش نوسخىسى بار.سىز قايسىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇ خىلدىكىنى بىزەپ بېرىمىز،مالنى دۇكانغا سالسىڭىزلا بۇلىدۇ.

ۋەكالىتەن مال سىتىپ بېرىش سۇپىسىغا تىزىملىتىش.

بۇنىڭدا سىز تاۋباۋنىڭ ۋەكالىتەن مال سىتىپ بېرىش سۇپىسىغا تىزىملىتىپ دۇكىنىڭىزغا ماس كىلىدىغان ماللارنى كىرگۈزۈپ ۋەكالىتەن ساتىسىز.سۇپا سىزگە مالنى توپ باھادا بېرىدۇ.سىز پارچە سېتىش باھاسىدا سىتىپ چىقارغاندىن كىيىن مال سىتىۋالغۇچىنىڭ ئادىرسىنى قارشى تەرەپكە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز قارشى تەرەپ مالنى سىلىپ بېرىدۇ،سىز پايدىڭىزنى ئالىسىز دىگەن گەپ.

دوكان ئىچىپ بىيىش خىيالى بار تورداشلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.

ئالاقىلىشىش تېلىفون نۇمۇرى:

قول تېلىفون:15109958800

مۇڭداشقۇ:153151477


musajan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 09:07:09

ئىزدىنىشنىڭ بەزى ئىشلىرى قىززىق.

مەن يۇقارقى ئىنكاسىمنى بۇرۇن تېما شەكىلدە يوللىغان ئىدىم،لىكىن دىڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندەك يۇقاپ كەتتى،تەستىقلىماسلىق سەۋەبىنى دىمىدى.

لىكىن بۈگۈنكى بۇ تېمىنى تەستىقلاپسىلەر.

مىنىڭ شۇ تېمامنى تەستىقلاپ قويغان بولساڭلار بۈگۈنكى مۇشۇ قېرىندىشىمىز ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ تېما يوللاپ ئۆزىنىڭ ھەم تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمىغان بولغىيىتتى؟

مىنىڭ دىگىنىم خاتامۇيا؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 09:44:54

بەرنا، ىچكىرىدىكى خېرىدارلارغا چاي سېتىش تازا مۇۋاپىق ىەمەس، بىلىسىز چاينىڭ نوچىلىرى مۇشۇلاردىن چىقىدۇ.
قۇرۇق يېمىشكە كەلسەك، قىلىۋاتقانلار بەك كۆپ. ياخشىراق قىلاي دېسىڭىز مالنى ىچكىرىدىن سېلىشقا كۈچەڭ، قاپلىنىشىدىن باشقا، باھا بىلەن مال يەتكۈزۈش ۋاقتى بەك مۇھىم.
يۈرۈشۈپ كەتكەي!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 11:00:02

تېبابەت دورىلىرى قانداق بولار \"\"

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 14:47:07

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 14:56:50

ھىم.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 22:04:50

باشتا قىممەت تولۇقلاش كارتىسى دېگەندەك مەۋھۇم نەرسىلەرنى سېتىپ دۇكىنىڭزنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈڭ،بولمىسا قاراپ بېقىپلا ئادەم كىرمەيدۇ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-12-28 00:35:16

ئىمتىھانىسىدىن ئۆتسىڭىزلا دۇكان ئاچالايسىز، 3000كوي زاكالەت قويسىڭىز يېڭى كونا دەپ مال تىزالايسىز، زاكالەت قويمىسىڭىز ھەممە مال نىمكەش دەپ چىقىۋالىدۇ
بەت: [1]
: تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئېچىشتىن ياردەم سورايمەن