شىنجاڭ كوماندىسى تىيەنجىن كوماندىسىنى يەڭدى
12-ئاينىڭ 25- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئون يەتتىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا تىيەنجىن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاندېرسېننىڭ 32 نۇمۇر ئېلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 95-93 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا توققۇز مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 32 نومۇر،6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سېنگېلدون 13 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 14 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 11 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇۋىي 13 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 27-دىكابىر قارشى تەرەپ مەيدانىدا بىيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالار چوڭ تىزىملىگىگە كىرىش ئۈچۈن توردا بىلەت تاشلاش ئادىرىسى؛http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
ئاۋۇ تاڭ جىڭدوڭنىڭ دۆتتەك تۇرۇشىنى. مۇشۇ سۈي ۋەنجۇن دىگەن لاتا ئاداشنى قاچانمۇ ئالماشتۇرىۋىتە ،ھېچ بىر جەڭ تاكتىكىسى باردەك كۆرمىدىم بۇنى