bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 06:04:26

NASA: ئاستېرويد تاپىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى قايتا ئىشقا چۈشتى

NASA: ئاستېرويد تاپىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى قايتا ئىشقا چۈشتى




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 24-دىكابىر




ناسا مەركىزى JPL نىڭ تور بېتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنىشىچە، ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ «WISE» دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى 31 ئاي دەم ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، 19-دىكابىر كۈنى قايتا ئىشقا چۈشۈرۈلۈپ، كائىنات جىسىملىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى يەر يۈزىگە ماڭدۇرۇشقا باشلىغان.  تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى «WISE» بۇ قېتىم تارتقان تۇنجى قېتىملىق رەسىم.




بۇ ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارى ئوربىتىسىغا 2009-يىلى دىكابىردا 10 ئايلىق ۋەزىپە بىلەن چىقىرىلغان بولۇپ، شۇ قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئۇ جەمى 560 مىليون كائىنات جىسىملىرىنى رەسىمگە ئېلىپ خاتىرلىگەن.  بۇ جىسىملارنىڭ ئىچىدە ناھايىتى يىراقتىكى گالاكسىلار، ئاستېرويدلار (كائىنات ئۇچار تاشلىرى)، ۋە كومېتالار بار ئىكەن.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى يەر شارىغا تەھدىت بولىدىغان ئاستېرويدلارنى تېپىپ چىقىش بولۇپ، ئۇ 2011-يىلى ئىشتىن ۋاقىتلىق توختۇتۇلغىچە ئاستېرويدتىن جەمى 34000 نى تاپقان، ھەمدە 158000 دانە كائىنات تاشلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان.  




بۇ ئالەم ئۇچقۇرىدىكى تېلېسكوپ رەسىملەرنى ئىنفرا-قىزىل نۇر ئارقىلىق تارتىدىغان بولۇپ، 2011-يىلى ئۇنىڭ 4 كامېراسىنىڭ ئىككىسى ھىدروگېن سوۋۇتقۇچى سۇيۇقلۇقىنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن ئىشتىن توختاپ قالغان.  ناسا بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنى ئىشتىن پۈتۈنلەي توختىتىۋەتمەي، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا يەنە 4 ئايلىق ئىشلەش مۇددىتى بەرگەن.  ئۇنىڭدىكى قالغان 2 كامېرا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە سوۋۇتمىسىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۆزىگە يېقىنراق رايونلاردىكى نەرسىلەرنى نورمال سۈرەتكە ئالالايدىكەن.




مەزكۇر تۈرنىڭ JPL دىكى مەسئۇلى «Amy Mainzer» نىڭ دېيىشىچە، بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ھازىر ناھايىتى ساغلام بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ماڭدۇرغان رەسىملەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 2011-يىلى ۋاقىتلىق ئارام ئېلىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.  «WISE» ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىنفرا-قىزىل نۇرلۇق تېلېسكوپنىڭ ئاساسلىق ئەينىكىنىڭ دىيامېتىرى 40 سانتىمېتىر ئىكەن.  بۇ تەتقىقات تۈرى ناسا كەلگۈسىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان ئاستېرويدلارنى تۇتۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://www.space.com/24032-nasa-neowise-spacecraft-asteroid-photos.html




رەسىم: بۇ رەسىم ناسا مەركىزى JPL بىلەن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى قىزىل چېكىتلەر ئاستېرويدلارنىڭ بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا ماڭغاندىكى ئىزىنى كۆرسىتىدۇ.  بۇ كۆرۈنىش ئىنگلىزچە «Pisces» دەپ ئاتىلىدىغان يۇلتۇزلار توپىنىڭ بىر رايونىدىن ئېلىنغان.  


http://www.space.com/24032-nasa-neowise-spacecraft-asteroid-photos.html







2-رەسىم: بىر ئارتىس سىزغان يەر شارىنى ئوربىتلاۋاتقان «ۋىسە» نىڭ كۆرۈنىشى.

http://wise.ssl.berkeley.edu/images/wise_orbit2.jpg



ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 18:04:07

يەر شارىغا تەھدىت بولىدىغان ئاسترويىدلارنى تاپسا ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىش ئاسانمۇ تۇتۇۋېلىشمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 19:14:40

شەخسىي ھە، مەنچە تۇتۇۋالغان مۇۋاپىق. يەرگە يېقىن ئارىلىقتا ۋەيران قىلىۋېتىش بىر چوڭ سوقۇلۇشتىن ساقلاپ قالغاندەك، ئۇششاق پارچىلار يوقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا كۆيۈپ تۈگەيدىغاندەك قىلغان بىلەن، ھازىر ئوربىتىدىكى نەچچە مىڭ سۈنئىي ھەمراھقا مەسئۇل بولۇش ئەڭ مۇھىم، شۇڭا، تۇتۇۋېلىش پارتىلىتىشتىن تەس بولسىمۇ، پارتىلىتىۋېىتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى يىغىشتۇرۇش، يەنى بوشلۇق ئەخلەتلىرىنى تازىلاشقا قارىغاندا كۆپ بىخەتەر. ئۇمۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتقاندا، پارتىلىتىشتىن تۇتۇۋېلىش، ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش مۇۋاپىق ئۇسۇل.
بەت: [1]
: NASA: ئاستېرويد تاپىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى قايتا ئىشقا چۈشتى