nur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 05:07:18

ئۈندىداردىن ياردەم كىرەك

‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار؟كەمىنە نۇردىن بارلىق ئۇلۇغ-ئۇششاق بارلىق تورداشلارغا ئوتلۇق سالام؟
‏سالامنىمۇ بەجا كەلتۈرۋاتتۇق ئەمدى دەيدىغان گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇكى ئۈندىدار تۇرمۇشىمىزغا بوراندەك بۆسۈپ كىرگەندىن بۇيان ھەممىمىز ئىنىڭغا تېلېفۇنغا ئاشىق بولغاندەك ئايرىلالمايدىغان يەرگە كەپ قالدۇق.مۇشۇ يىقىندىن بۇيان دىققەت قىلسام ئۈندىداردا يالغۇز مۇڭداش ئىتىپ كۆڭۈل خۇش قىلىش، دوستلار چەمبىرىكىگە ئۇنى بۇنى يوللاش باشقىلار يوللىغاننى ئوقۇش دىگەن ئېقتىدارلىرىدىن باشقا نۇرغۇن تورداشلارغا ناتونۇش بولغان ئاممىۋى سۇپا ئىلتىماس قىلىش،ئۇنىڭدا ئۇچۇر تارقىتىش دىگەندەك ئىشلارمۇ باركەن.يەنە بىر مۇنچە ئېقتىدارلىرى باردەكمۇ قىلىدۇ.

‏تىخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ تىخىمۇ ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاممىۋى ھىساپ نۇمىرىنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى،قۇرىۋالغان سالۇن دىگەنلەرگە قانداق مەزمۇن يوللاش،قانداق قىلغاندا تىخىمۇ كۆپرەك پايدىلانغىلى بولىدۇ دىگەندەك تەرەپلەردە ئورتاقلاشساق،بىلىدىغانلار تەجىرىبە ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتسە،بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسا(بولۇپمۇ مەن بالدۇرراق بىلىۋالسام...چاقچاق) دىگەن مەقسەتتە بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. قىنى ئەمسە بىلىدىغان بىلمەيدىغانلار ھە-ھۇ دىيىشسەك...

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 10:43:10

يېڭى يىلدىن باشلاپ پۇل ئالامىشقۇ؟

ilyar0990 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 11:23:24

يىلدا 300 يۇئەن

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 14:28:21

1- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېڭى يىلدىن باشلاپ پۇل ئالامىشقۇ؟

ھازىرچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە شەخىسلەرگە ھەقسىز ئېكەن ... ئۇلاردىن پۇل ئېلىش گىپى يوق ... ئاساسلىق پۇل ئالىدىغان شىركەت - كارخانىلارنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ...


300 يۈەن تۆلىگەن سودا خاراكتىرىدىكى كارخانىلار ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ھەرخىل ئالاھىدە قۇشۇمچە ۋە ئىقتىدار ئىغىزلىرىغا ئېگە بولىدىكەن ...

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 14:45:21

دەھشەت پۇل تېپىپ قويىدىكەندە

format يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 15:08:34

ھازىر قولۇمدا 200مىڭ كىشلىك سالوندىن بىرسى بار . ئاۋۇ پۇل ئالىدىغان ئىشقا كەلسەك گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزسە پۇل ئالىدۇ ، بۇنىڭغا ياكى كارخانا بولۇش كېرەك ياكى گېزىت ژورنال دىگەندەك ئاخبارات ۋاستىسى بولىشى كېرەك ، بىزدەك سويمەكلەر پۇل تۆلەيلى دەپ پۇلنى تەڭلىسەكمۇ ئالمايۋاتىدۇ ، مۇشۇ بىرەر ژورنالغا پۇل بەرسەممۇ رەسمىيەتلىرىنىڭ سايىلەنگەن نۇسقىسىنى بېرىپ تۇرسا ئىشلىتىۋالسام بوپتىكەن

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 15:29:00

‏ئۈندىدار سۇپىلىرىغا قانداق قىلىپ ئۇچۇر يوللايمىز دىگەندەك ھۈنەرلەر توغۇرلۇق كۆرسەتمە بەرسەڭلار بوپتىكەن...

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 17:07:26

ئۈندىدار ئابونتلىرى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئالتە يۈز مىليۇنغا يېتىپتىمىشقۇ! مۇشۇ گەپ راستمىدۇ ھە!؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 21:23:48

سىنوۋدېن يېقىندا روسىيەدە بايانات ئېلان قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ 10 مىلياردتتىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئېيتتى. FBIنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئۇچۇرلارنىڭ %35 ى تەبرىك سۆزى، %25 ى سودا ئېلان، %30 ى ساختا گۇۋاھنامە ياساش، قەرز بېرىش، تېلېفون كارتىسىنى كوپىي قىلىپ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، 3-شەخستىن ساقلىنىش قاتارلىق ئەخلەت ئۇچۇرلار.

ئوباما سەل كەيپى ئۇچقان ھالدا: «ئۇنداقتا قالغان %10 نىڭ چوقۇم قىممىتى باردۇ؟» دەپ سوراپتۇ.

ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: «پىرىزىدېنت ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، قالغان %10 ى سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار.....»

ئوباما تېخىمۇ جىلە بولغان ھالدا: «ئۇنداقتا ئۈندىدارچۇ؟» دەپ سوراپتۇ.

ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: «%35 ى ئادەم بولۇش ھېكمەتلىرى، %25 ى يىگەن-ئىچكەننىڭ سۈرەتلىرى، %30 ى ساغلاملىق بىلىملىرى».

ئوباما يەنە تەقەززالىق بىلەن: «قالغان %10 ىچۇ؟» دەپ سوراپتۇ.

ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۈنى ئىچىگە، بېشى پەسكە چۈشۈپ، ھېچنىمە دېيەلمەپتۇ.

ئوباما يەنە جىددىي ھالدا كوچىلاپ سوراپتۇ: «سىزگە نېمە بولدى، نېمىش قىلىۋاتىسىز؟» دەپ سوراپتۇ.

ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئازاب ئىچىدە: «پىرىزىدېنت جانابلىرى، بۇ ئۇچۇرنى چوقۇم تارقىتىشىم كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ئوباما ئاچچىقلانغان ھالدا: «سىزدىن قالغان %10 ى قانداق مەزمۇندىكى ئۇچۇركەن دەپ سوراۋاتىمەن، سىز ئۇچۇر تارقىتىپ نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟» دەپتۇ.

ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: «قالغان %10 ىنىڭ مەزمۇنىنى باشقىلارغا تارقاتمىسا، پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەر ئۆلىدۇ، دىگەن قارغىش ئۇچۇرلار! بايا مەن سىزگە تارقىتىپ قويدۇم» دەپتۇ.

ئوبامانىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كېتىپتۇ ۋە «جۇڭگولۇقلار ھەجەپمۇ يامانكەن!» دېگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بوپتۇ.

ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: «پىرىزىدېنت جانابلىرى، نەگە بارىسىز؟» دەپ سورىغانىكەن، ئوباما جىددىي ھالدا كەينىگىمۇ قارىماستىن «بۇ ئۇچۇرنى پۇتىنغا تارقىتىپ قوياي....» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

مەنبە : نۇر تورى

ئالىپ تورىدىن كۆچۈرۈلدى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 21:14:41

يانفۇندىكى پارۇل يۇمۇرلىرىنى ئۈندىدار سۇپىسىغا يوللىسام كەلمەيۋاتىدۇ ، يا بىر ئۈندىدار سۇپىسىدىكى ئەسلى كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئۈچۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ ....نىمە گەپ بۇ ئەمدى ؟

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 10:44:43

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 21:14 static/image/common/back.gif
يانفۇندىكى پارۇل يۇمۇرلىرىنى ئۈندىدار سۇپىسىغا يوللى ...

مىنىڭمۇ.مۇشۇ.ۇندىدار.بىلىملىرىنى.بىلىۋاغۇمبار.
بەت: [1]
: ئۈندىداردىن ياردەم كىرەك