e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 17:21:25

ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تاللىشى -Arduino

Arduino بولسا Atmelشىركىتى(دۇنياغا داڭلىق مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكى لاھىيەلەش،ياساش شىركىتى)نىڭ megaتۈرىدىكى يەككە ئۆزەكلىك كومپىيۇتىرىنى ئاساس قىلغان ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش توك يول تاختىسىدۇر.

  Arduino بولسا ئوچۇق كودلۇق ئېلېكتىرون مودىلى سۇپىسىنى ئاساس قىلغان قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتالنىڭ بىرىكمىسدۇر.

  Arduino ھەر خىل سەزگۈچلەر(سېنزورلار) ئارقىلىق مۇھىتنى ھىس قىلىپ،چىراق،رېلى ھەم ماتور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

   ھەرقانداق ئادەم،كومپيۇتېر پروگرامما تىلى،مۇرەككەپ توك يولى بىلىملىرىنى ئۇقمىسمۇ Arduino نى ئىشلىتىپ ئۆز قولى بىلەن ئسىل نەرسىلەرنى ياساپ چىقالايدۇ.مەسىلەن:ماشىنا ئادەم،يىراقتىن كونتىروللىغۇچ،كۆكچېش ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان چىراغ،كۆكچېش ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا،پال-پۇل لامپا،ماتۇرنىڭ ئايلىنىشىنى كونترول قىلىش،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئارلىق ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلمىلار قاتارلىقلار. Arduinoنىڭ ئىختىرا قىلغۇچىسى Massimo Banzi ئىتالىيە Ivreaدىكى بىر يۇقىرى پەن-تىخنىكا لاھىيەلەش مەكىتپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ئەرزان ھەم ئىشلىتىلىشىچانلىققا ئىگە مىكرو كونتروللىغۇچ تاپالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدىكەن.2005-يىلى قىشتا  Massimo Banzi بىلەن David Cuartielles مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىپتۇ.David Cuartielles  ئىسپانىيەلىك ئېلېكتىر ئېنژېنېرى بۇلۇپ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شۇ مەكتەپتىكى زىيارەتچى مۇتەخەسىس ئىكەن.ئۇ ئىككىسى  ئۆزلىرى توك يولى تاختىسىنى لايىھەلەشنى قارار قىلىپ،Banzi ئېنژېنېر David Mellisنى توك يولى تاختىسىغا پروگرامما تىلى لاھىيەلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان.

ئىككى كۈندىن كىيىن، David Mellis تەرتىپ كودىنى يىزىپ چىققان،يەنە ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن توك يول تاختىسىمۇ پۈتكەن.ئۇلار بۇ توك يول تاختىسغا Arduino(ئاردىينو،ئىتالىيەن تىلىدا ئادەمنىڭ ئىسمىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ،مىلادى 1002-يىلى ياشىغان بىر پادىشاھنىڭ ئىسمىنى كۆرىستىدۇ) دەپ ئسىم قويغان.

ئەمدى ئۆزۈمنىڭ زاغرا نان تىلى بىلەن ئيىتقاندا Arduinoبولسا بىر ئاپتۇماتىك كونىترول قىلىش توك يول تاختىسى بولۇپ،سىز ئۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسىڭىز كېرەكلىك بولغان سەزگۈچلەرنى،ئېلىكتىرونلۇق دىتاللارنى ئۇلاپ،كومپىيۇتىرىدا پروگىراممىسىنى يېزىپ USBسىمى ئارقىلىق پروگىراممىنى Arduinoتوك يول تاختىسىغا چۈشۈرسىڭىز، Arduino تۈرلۈك ئۈسكۈنلەرنى سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

Arduinoنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى ئۈگىنىش ئىنتايىن ئاسان،سىزگە قويىلىدىغان تەلەپ يۇقىرى ئەمەس، سىز ھازىرلاشقا تىگىشلىك بولغان شەرىتلەر تۆۋەندىكىچە:

  << ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈگەنگەن ئېلېكتىرون-توك يوللىرىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق،پەقەت توك يولى جەھەتتە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىڭىز كۇپايە.يەنى توك بىسمىنىڭ،توك كۈچى ۋە قارىشلىقنىڭ قانداق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئازىراق بىلسىڭىز بولدى.

>> كومپىيۇتىردا پروگىرامما تۈزۈشتىن ئاز-تولا خەۋرىڭىز بولشىڭىز كېرەك،بىلمىسىڭىزمۇ ھىچ ۋەقەسى يوق،قىزىقىشىڭىز بولسا،ئىرادىڭىز بولسىلا بۇنىمۇ ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز.

>> قولىڭىزدا كەم دىگەندە بىر دانە Arduino توك يول تاختىسى(قايسى تىپتىكىسى بولسا بولىۋىرىدۇ) بولۇشى كېرەك.(توردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ)







>> بىر دانە USB ئۇلىنىش سىمى بولۇشى كېرەك،بۇ ناھايىتى ئاسان،يانفۇن ياكى باشقا رەقەملىك ئۈسكۈنلىرىڭىزنىڭ سانلىق مەلۇمات سېمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

>> كومپىيۇتىرىڭىزغا Arduino غا پروگىرامما يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان توپلاشما ئېچىش موھىتى يۇمشاق دىتالى(Arduino IDE) قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.

توردىن چۈشۈرۈش مەنزىلى:http://www.arduino.cc/en/main/software

ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

خالىغان ئېلىكتىرون دىتاللىرىدىن بىر قانچىسى بولۇشى كېرەك.مەسىلەن:بىر دانە بولكىسىمان تەجرىبە تاختىسى،بىر قانچە دانە ئۇلاش سىمى،قارشىلىق،كوندىنساتور...دىگەندەك.

ئېلېكتىرون دىتاللىرى بولمىسا ئۆيىڭىزدىكى بىراك قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى چۇۋۇپ،ئىچىدىن لازىملىق دىتاللارنى سۆكۈپ ئالسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.

Arduinoنىڭ سىزنى يېڭى بىر دۇنيا،يېڭى بىر خۇشاللىققا باشلاپ كىرىشىگە ئىشىنىمەن.

ئىزاھات:ئالىپ تورىدىكى ئالىپ ئەپەندىنىڭ يىقىندىن قوللىشى بىلەن ئالىپ تورىدا مەخسۇس ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش سەھىپىسى ئىچىلىدى،بۇ تېما تۇنجى بولۇپ  شۇ يەرگە يوللانغان.تېخىمۇ كۆپلىگەن ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرىنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش تورىغىمۇ يوللاندى.تېمىنىڭ ئەسلى ئادىرىسى:http://alip.biz/thread-22825-1-1.html

مەنزىل

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:07:11

نەق پاراڭلىشىدىغان تېمىدىن بىرسى تېپىلدى مانا.. كۆپرەك يېزىپ تۇرىڭە..

Arduino مەكتەپلەرددىكى ماشىنا ئادەم دەرسلىكىگە ئىشلىتىدىغان تاختا ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇمۇ stc غا تەۋە تۈردىكى بولسا كېرەك. مەن stc بىلەن باسقۇچلۇق موتورنى كونترول قىلىپ تەرتىپ يېزىپ سىناقتىن ئۆتكۈزدۈم. لېكىن مېنىڭ ئىشلەتكىنىم پەقەت 20 پۇتلۇق ئۆزەك بولغاچقا، ئىقتىدارى چەكلىك بولىدىكەن.

چەكلىك ساندىكى سەزگۈچ (سېنزور)، موتور، قۇلۇپلىغۇچ دېگەندەكلەرگە بۇلار بەك ماس كېلىدىكەن، پروگرامما يېزىش ئاسان ۋە ئۆى ئەرزان.

لېكىن، كۆپ ساندىكى نەرسە باشقۇرماقچى بولسا 20 پۇت يەتمەيدىكەن. لېكىن مەشغۇلات سىستېمىسى تۈزۈشنىڭ ھالقىلىق پىرىنسىپىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويدى.



ARM نىڭ A تۈرىدىكىلىرى مەشغۇلات سىستېمىسى تەلەپ قىلىدىكەن، لېكىن M4 تىن تۈۋەن تۈردىىكىلىرى مەشغۇلات سىستېمىسى تەلەپ قىلمىغاچقا، ئۆزىڭىز خالىغانچە تۈزگەن تەرتىپنى ئىجرا قىلىدۇ، زىيادە چوڭقۇر، كۆپ نەرسە ئۆگىنىش كەتمەيدۇ.ARM m4 نىڭ dsp سىغا ھەپىلىشىدىغانلار كۆپلەپ پەيدا بولسا بىر يېڭى دەۋىرگە كىرەتتۇق.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:34:11

http://www.arduino.cc/en/main/software كۆرۈپ باقاي دېسەم ئېچىلمايۋاتىدۇ.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:47:09

مەن ئاشۇ كومپىيوتىردا پىروگىرامما تۈزۈشنى ئۇقمايدىكەنمەن.

يەنە  Arduino توك يول تاختىسى دېگىنىڭىز pcb تاختا شۇمۇ؟!!ناۋادا سۇئالىم كۈلكىلىك بوپ قالغان بولسا زاڭلىق قىلماسسىز!

تاۋباۋدىن ئىزدىسەم  ‹Arduino نى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن يۈرۈشلۈك› دەپ بىر مۇنچە سايمانلار چىقىۋاتىدۇ...مۇشۇنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بولۇرمۇ؟

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 21:40:05

مەنمۇ بۇلتۇر Arduino UNO R3 دىن بىرنى ئەكەلدۈرۈپ قويۇپ، ۋاقىت يوق ھەپىلىشەلمىدىم. ماۋۇ تېمىدا يىغىلسق بولاتتى

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 22:56:35

تېمىغا قارىغاندا بىزدەك سودا- سېتىقچىلارمۇ ئۆگىنەلەيدىغان نەرسە ئوخشىمامدۇ بۇ؟ قېنى داۋاملىق تۆردە ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ باقاي، ئۈگەنگۈدەك نەرسە بولسا بىر ئۈگىنەي

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 23:10:49

بۇ يەردە مەزكۇر تىما توغىرىسىدا دەسلەپكى ئۈگىنىش باسقۇچىدىكى ۋىدىيولۇق ئۈگىتىش دەرىسى بار ئىكەن، مەن مۇشۇ يەردىن باشقا بىر پىروگىرامما تىلىنى ئۈگىنىۋاتىمەن.

http://study.163.com/plan/planIntroduction/17001.htm#/planDetail

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 23:31:57

ئېسىل، ئېسىل تېما بولاپتۇ !

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 11:35:43

كۆپچىلىكىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىگىنىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! بۇ مېنىڭ ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كىيىنكى يوللىغان تۇنجى تېمام،تۇنجى تېمىنى بۇنداق يوللارمەنمۇ دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.ئاللاھ خالىسا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى داۋاملىق تۈردە يوللاپ تۇرىمەن.

ئەسلى بۇ توغرىسىدىكى بىلىملەرنى مەخسۇس مۇنبەردىن بىرنى قۇرۇپ ئىلان قىلاي دىگەن،بىراق خىزمەت ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇنىڭغا ھازىرچە ئىمكانىيەت يوق بولۇپ قالدى،مۇناسېۋەتلىك بىلىملەرنى ھازىرچە ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىپ ئەپەندىنىڭ قوللىشى بىلەن ئالىپ تورىدا يوللاپ تۇرماقچى بولىۋاتىمەن.قىزىققۇچىلارنىڭ ئالىپ تورىغا ئانچە-مۇنچە نەزەر سېلىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇنىڭدىن باشقا ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ مۇشۇ جەھەتتە قانداق تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا ئايىماي بىرشىڭلارنى قارىشى ئالىمەن!

كامالى ئېھتىرام بىلەن:ئېلېكتېر چەۋەنداز

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 11:40:43

مەن Arduino توغرىسىدىكى ئۈگىنىشىمنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزۈم قول سېلىپ يانفۇننىڭ كۆكچېش ئىقتىدارى ئارقىلىق كونتىرول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا دىگەندەك قۇرۇلمىلارنى ياساپ باقتىم،بەزى كىچىك تىپتىكى LCD ئىكرانلارغا خەت كۆرسىتىپ باقتىم،ئەمەلىيەت  Arduinoنىڭ قاتتىق دىتالى ياكى يۇمشاق دىتال پروگىراممىلىرى بولسۇن ھەممىسى ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا بۇنىڭ توردىكى ماتىرىياللىرىمۇ كۆپ،ئۈگىنىشمۇ ئاسان.بۇلۇپمۇ ھەرخىل ئاپتۇماتىك قۇرۇلمىلارنى ياساشقا ھەۋىسى بارلارغا،كەشپىياتچىلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 11:57:31

ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرغاندا ئارلىقنى ئۆلچەپ بېرىدىغان رادارغا 倒车雷达 ۋە تورغا چىققاندا ئىشلىتىدىغان مىكرو كامىراغا قارىتا پروگرامما يازغىلى بولارمۇ ؟



بولسا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدىغان سېنزور ۋە كېرەكلىك سايمانلار تولۇق بولغان ساندۇقتىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار، قارىسام تاۋباۋ تورىدا خېلى كۆپلىرى بار ئىكەن.



بۇ قورال بولسا ئاسسىمبىل تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەندە ؟

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 16:46:40

بۇ توك يول تاختىسىغا پروگىرامما تۈزۈشتە c تىلى ۋە java تىلىغا ئوخشاپ كىتىدىغان پروگىرامما تۈزەش تىلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ فۇنكىسيەلىرىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس،پروگىرامما قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن c تىلنىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدۇ،ئۈگىنىش ئىنتايىن ئاسان.

توغرا،سىزنىڭ ئېيىتقىنىڭىزدەك تاۋباۋ تورىدا مۇناسېۋەتلىك ئۈگىنىش يۈرۈشلۈك دىتاللىرى خىلى كۆپ،بىزمۇ پات ئارىدا Arduinoنى ئۈگىنىشكە ئائىت يۈرۈشلۈك دىتالنى بازارغا سالماقچى،ۋاقىتڭىز بولسا،مۇناسېۋەتلىك تېمىلارغا نەزەر سېلىپ تۇرارسىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 19:22:42

10- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرغاندا ئارلىقنى ئۆلچەپ بېرىدىغان رادارغا 倒车雷达 ۋە تورغا چىققاندا ئىشلىتىدىغان مىكرو كامىراغا قارىتا پروگرامما يازغىلى بولارمۇ ؟



بولسا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدىغان سېنزور ۋە كېرەكلىك سايمانلار تولۇق بولغان ساندۇقتىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار، قارىسام تاۋباۋ تورىدا خېلى كۆپلىرى بار ئىكەن.



بۇ قورال بولسا ئاسسىمبىل تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەندە ؟

C تىلى كۇپايە، ئاسسىمبىل تىلى كەتمەيدۇ.


ئارىلىق ئۆلچەيدىغان ئۇلتىرا ئاۋازلىق رادار، ئۆگىنىش تاختىسى ئالسىڭىز، پروگراممىسى تەڭ كېلىدۇ، شۇنى ئىجرا قىلسىڭىزلا، ئېكرانىدا ئارىلىق سانتىمېتىر ئېنىقلىقتا كۆرۈنىدۇ. كامېراغا پروگرامما يېزىشنى ئۆگىتىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار. كامېرادىن ئېكرانغا چىقىرىش ئاسان ئىشكەن، ئىچىدىكى ساننى بىر تەرەپ قىلىشقا خېلى تەر كېتىدىغان چىراي.


تاۋباۋدا ماشىنا ئادەم ياساشقا زۆرۈر نەرسىلەر توشۇپ يېتىپتۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 20:03:50

كۆڭۈل ئاچقاننىڭ ئورنىدا بىر ئىش قىلغاچ يېڭى بىر ئىشلارنى قىلىپ باقىدىغانغا ھە ھۇ دىيىشىدىغان بىرەيلەن يوق \"\"

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-26 15:00:44

بىر يېڭى دۇنياغا كىرىۋاتىمەن، خەتكۈچ سېلىپ تۇراي

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 20:14:47

ئالىپ تورىدا Arduino توغورلۇق سەرخىل يازمىلار ئىلان قىلىنىۋاتىدۇ،مۇشۇ جەھەتتىكى بىلىملەرگە قىزىققۇچىلارنىڭ ئالىپ تورىغا مەرھەممەت قىلىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.
يېڭى يازمىلار:
ئاندرويىدتىن ئاردىينو(Arduino)غىچەhttp://alip.biz/thread-22825-1-1.html
Arduinoنىڭ قۇرۇلمىسىhttp://alip.biz/thread-22921-1-1.html
Arduino ئارقىلىق نىمىلەرنى ياساشقا بولىدۇ؟http://alip.biz/thread-23025-1-1.html
Arduinoتوپلاشتۇرۇلغان ئىجادىيەت مۇھىتى (IDE)http://alip.biz/thread-23214-1-1.html
كامالى ئېھتىرام بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
بەت: [1]
: ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تاللىشى -Arduino