ئۇيغۇرچە يېزىق دېتالىدىن ياردەم سورايمەن
يېقىندا يېڭى خاتىرە كومپىيۇتېر ئالغان ئىدىم، ئىچىدىكى سېستىما ۋىن 8 ئىكەن، كىمدە بۇ سېستىمىغا چۈشدىغان ئۇيغۇرچە يېزىق سېستىمىسى بار؟
ئىچىدە win8 سېستىمىسى باركەن دەڭ ، شۇ سېستىمىنى بىردەم چۇخچىلاپ باقسىڭىز سىز ئىزدىگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى بار . چۈشەنمىسىڭىز ئالىم ئەخەتنىڭ تور خاتىرسىگە كىرسىڭىز سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش بار. http://www.alimahat.com/?p=2236 نەق ئادرىسى مۇشۇ . سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىق سېستېمىسى دېگىنىڭىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشنى كۆرسەتسە ۋىندوۋس8 ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرچە ئارا يۈزنىمۇ تەمىنلىگەن.
ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشنى كۆرسەتسە : كونترول تاختىسى___ ۋاقىت تىل ۋە رايۇن ___ تىل قوشۇش___ تىل قوشۇش___ئاستىغىراق سۈرسىڭىز W ھەرىپىنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرچە دەپ بىر مۇتەك بار، شۇنى تاللىسىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ قوشۇلىدۇ.
ئارا يۈزنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلاي دېسىڭىز: ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن كونترول تاختىسى___ ۋاقىت تىل ۋە رايۇن ___ تىل قوشۇش ئۇيغۇرچە دېگەننىڭ كەينىدىكى تاللانمىلار دېگەننى بېسىپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ، بۇنى ئاساس تىل قىلىش دېگەننى تاللىسىڭىز پۈتۈن كۆزنەك سېستېمىڭىز ئۇيغۇرچە بولۇپ كومپيۇتېرىڭىز نۇرلىنىپ كېتىدۇ. مېنىڭ ۋىندوۋس 8 دېگەن تېمامنى ئاختۇرۇپ بېقىڭە، كىم بىلىدۇ، جاۋابى شۇنىڭدا بارمۇ تېخى. {:92:} ۋاي خۇدايىمەي جاھاننىڭ نەلىرىدە قالغاندىمەن ھە؟! ئىزا بولدىغۇ...emot]018.gif\"/>
.
تاس قاپتىمەن تېخى شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىدە كومپىيۇتېرنى ئېلىپ ئالىم مالىمنىڭ دۇكىنغا بارغىلى
رەھمەت سىلەرگە! ئولتۇرۇپ كومپىيۇتېرنى بىر تىمسىقلاپ باقاي جۇمۇ .
باچكىنىڭ تېمىسىنىمۇ ئاقتۇرۇپ بىر تەپسىلى كۆرۈپ باقاي.
[

بەت:
[1]