Portal ۋە Portlet نى قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟
ئالدى بىلەن بۇ ئىككى نەرسىگە ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتەي:
Portal (خەنزۇچە 门户) دىگىنى بىر خىل كۆپ ئېقتىدارلىق بىكەت. ئۇنىڭدا نۇرغۇن توربىكەتلەردە بولۇشلۇق ئېقتىدارلار جەملەنگەن، مەسىلەن، بىلوگ، مۇنبەر، مىكرو بىلوگ... دىگەندەك. بىز ئۇنى نۇرغۇن بېكەتلەرنىڭ قوشۇلمىسى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. مەسىلەن تورداشلار بىلىدىغان شىنلاڭ، سوخۇ دىگەندەك.
Portlet(خەنزۇچە 门户组件 ) دىگىنى Portal نى ھاسىل قىلىدىغان قوشۇلمىلار، مەسىلەن بىلوگ بىر قوشۇلما، مۇنبەرمۇ بىر قوشۇلما.
Portal نى «بېكەت» دەپ ئالساق Site دىگەن گەپ بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئەمىليەتتە بىر Portal دا نۇرغۇن بېكەتلەر بولىشى مۇمكىن.
بۇ ئىككى سۆزگە مۇۋاپىق كىلىدىغان ئىخچام تەرجىمە بولسا تەۋىسىيە قىلساڭلار، رەھمەت.
门户نى 主页 دەپ چۈشىنىمەنغۇ. باش بەت دىگەن بىر بەت، بىر بىكەتتە نۇرغۇن بەتلەر بولىدۇ، بىر Portal دا نۇرغۇن بىكەتلەر بولىدۇ.Portal نى بىر تېلفۇن دىسەك Portlet دەل شۇ تېلفۇنغا قاچىلانغان ئەپلەردۇر. دىمەك Portal, Portlet, Site دىگەنلەر ئوخشىمايدىغان ئۇقۇملار.
مەسىلەن بىز مۇستەققىل بىر تور بېكەت سېستىمىسى ئىشلەپ، ئۇنىڭغا ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە يېڭى ئېقتىدار قوشۇلمىلېرىنى قوشۇپ، خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىغان قىلساق بىر Portal قۇرغان بولىمىز. ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئېقتىدار قوشۇلمىلېرى Portlet بولىدۇ.
مۇشۇنداق بىر سېستىمىدا ئىزدىنىش ياكى بىلىككە ئوخشاش بىكەتلەرنى قۇرساق، بىزنىڭ قۇرغانلېرىمىز «بىكەت» بولىدۇ. بۇنداق بىكەتلەر لوگىكىلىق جەھەتتە مۇستەققىللىققە ئىگە بولسىمۇ فىزىكىلىق جەھەتتە مۇستەققىل بولمايدۇ. بىز بۇ خىل سېستىمىدا قۇرغان «ئىزدىنىش» بىلەن «بىلىك» مۇستەققىل بىكەتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىر مۇلازىمېتېردا ماڭىدۇ، بىر سانداننى ئىشلىتىدۇ. مەن پورتالنى قوۋۇق بېكەت دەپ تەرجىمە قىلغان. مېنىڭچە، پورتال شۇ بىر قوۋۇقنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، پەقەت بىر ئىشىك خالاس. بىز شۇ قوۋۇق بەت ئارقىلىق باشقا بەتلەرگە ئۆتىمىز. كىمىلەر توختايدىغان جاينى پورت دەيمىز(portal )، مالنى چۇشۇرگەن يەرنى ئامبار ياكى ئىسكىلات دەيمىز ،بۇ مال تارقىتىش ئورنى بولىدۇ( portlet )
ئاندىن ئامباردىكى ماللارنى تۇرلەرگە ئايرىدۇ(site
بۇ مۇشۇنداق گەپلەرمىدۇ يا.............. قوۋۇق دىگەن گەپ پورتالنىڭ 30% ئېقتىدارىغا ماس كېلىدۇ.
ماۋۇ بىكەت پورتالنىڭ تىپىك مىسالىكەن. ئۇنىڭدىكى كىچىك كۆزنەكلەر پورتىلەتلەردور.
http://my.yahoo.com يەنە ماۋۇمۇ بار: http://my.msn.com
بەت:
[1]