شىرئەلىجاننى قوللايلى دوسلار
23-دىكابىر، 2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەرنى توردا بىلەت تاشلاپ پائالىيىتىنىڭ تۆتىنچى ھەپتىلىك توردا بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئىلان قىلىندى، 25-سىنتەبىردىن 22-دىكابىرغىچە 1,245,366 نەپەر تورداش بۇ قىتىمقى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىگە قاتناشقان بۇلۇپ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن يىجەنلىيەننىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى يەنىلا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
تۆتىنچى ھەپتىلىك ببىلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن كىيىن، جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايونى چولپانلار كوماندىسىغا ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئىرىشكەنلەر سەپ شەكلى؛
شىمال رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ ھادادى (363241 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ لى شىياۋشۇ ( 363214 ) دىڭ يى يۈخاۋ (319875)، ئارقا بېك ؛ ماربول ( 496252 ) سۈن يۈ (318889) .
جەنۇپ رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ يىجىيەنلەن (515478 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ ۋاڭ جىجى( 432135 ) جۇفاڭيۈ ( 383245 )، ئارقا بېك ؛ خوشۇپىڭ ( 302658 ) ۋاڭ شىپىڭ ( 319533) .
تۆتىنچى ھەپتىلىك بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا كىرەلمىگەن. بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈ شىرئەلىجان بىلەن مەيداندىكى ئورنى ئوخشاش بولۇپ شىرئەلىجاننىڭ ئەڭ كۈچلۈك بىردىن بىر رەقىبى بۇلۇپ سۈن يۈ ھازىر ۋاختىنچە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ.
2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان چولپانلارنى تاللاش ئۈچۈن توردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەڭ ئاخىرىقى بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىر توردا بىلەت تاشلاش يىپىلىشقا ئاز ۋاقىت قالدى، شۇڭلاشقا بارلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىنىڭ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز شىرئەلىجان ئۈچۈن ئازراق ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. پىقىرنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن تەجىربىسىگە قارىغاندا بىلەت تاشلاش تور ئادىرىسىدىن قايتىپ، يەنە كىرىپ قايتا-قايتا بىلەت تاشلىغىلى بۇلىدىكەن.
بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى؛ http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014
قوشۇمچە؛ شىرئەلىجانغا بىلەت تاشلاش كۆرسەتمىسى ئادىرىسى؛ http://bbs.misranim.com/thread-116173-1-1.html
ئەسلى مەنبەسى؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
مەنمۇ خېلى بىر تاشلىغان شىرىمىزغا،قانچە بېلەت بولغاندۇ؟!! پىقىرنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن تەجىربىسىگە قارىغاندا بىلەت تاشلاش تور ئادىرىسىدىن قايتىپ، يەنە كىرىپ قايتا-قايتا بىلەت تاشلىغىلى بۇلىدىكەن.
بۇ ئۇسۇل راستىنلا ئۈنۈملىك.مەنمۇ كۈندە نەچچە رەت بىلەت تاشلاۋاتىمەن.بىراق شىرئەلىجانغا چۈشكەن بىلەت سانى يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.تورداشلارنىڭ 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ 10 تالدىن بىلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلمەن.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا 2 بېلەت تاشلىغان، بۈگۈن تاشلىمسام، ماھىرلارنى تولۇق تاللىمىدىڭ دەيدۇ، بولمىسا 10 ماھىرنى تولۇق تاللىغان، بۇ نېمە ئىشتۇ!؟
بەت:
[1]