ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 12:51:47

ئەسكى تۈسكى سۇلياۋدىن يىقىلغۇ ئايرىش ماشنىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-28 17:02

ھازىر قارايدىغان بولساق ئەسكى-تۈسكى سولياۋنىڭ بىر قىسىملېرىنى قايتا پايدىلىنىشتا ئىشلەرمىگەچ ، يىغىۋالمايدۇ، ئەمما يىقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش ماشنىلېرى رايونىمىزغا كىرىدىغان بولسا شۇ نەرسىلەرمۇ قىممەتلىك بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ.





ھازىر قارايدىغان بولساق ئەسكى-تۈسكى سولياۋنىڭ بىر قىسىملېرىنى قايتا پايدىلىنىشتا ئىشلەرمىگەچ ، يىغىۋالمايدۇ، ئەمما يىقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش ماشنىلېرى رايونىمىزغا كىرىدىغان بولسا شۇ نەرسىلەرمۇ قىممەتلىك بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ.

بۇ خىل تاۋلاش قۇرۇلمىسىنىڭ قىزىتىش قىسمى يانتۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈۋەن تەرەپتىن قىزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر سائىتىگە 4.8 قىتىم ئايلىنىپ چىقىدىكەن. بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ باھاسىمۇ 100000دىن ئىشىپمۇ كەتمەيدىكەن.
كۈپىنچە ئىشلىتىلىدىغان ماشنىلارنىڭ تاۋلاش قىسمىنىڭ سىغىمى 20 كۇۋادىرات بۇلۇپ،300 گىرادوس يۇقىرى تىمپىراتورىدا تاۋلايدىكەن ھەم تىمپىراتورا ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىنىدىكەن. 15 توننا ماتىريال قاچىلىنىدىكەن، بىر قىتىم قاچىلانغان ماتىريال 7-8 كۈندە تاۋلىنىپ بۇلىدىكەن. تاۋلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن 24 سائەت ئىشتىن تۇختىتىپ، تىمپىراتورىسى نورماللاشقاندىن كىيىن ئېغىزى ئىچىلىپ، قالدۇقلار تازلىنىپ، قايتا ماتىريال قاچىلىنىدىكەن.
مايغا ئايلاندۇرۇش ئۈنىمى 45-%85 بۇلۇپ، #90 بېنزىن ۋە #0 دېزىل مىيى دۆلەت سۈپەت ئۆلچىمىگە يىتىدىكەن.
ھەر توننا ئەسكى-تۈسكى سۇلياۋدىن 500-700 كىلو دېزىل مىيى ئايرىلىدىكەن، بىر ۋاقىتتا 50 كىلو ئەتراپىدا تەبئى گاز ئايرىلىدىغان بۇلۇپ، بۇ گاز قايتىلىنىپ، شۇ ماشنىنىڭ ئۆزىنى قىزىتىشتا يىقىلغۇ بۇلۇپ كۈيىدىكەن. بۇ ئارقىلىق تاۋلاشتا ئىشلىتىدىغان يىقىلغۇنى تىجەيدىكەن.
ئادەتتە ئىشلەتمەيدىغان ئچ- تىشى كامارلارمۇ ماتىريال بۇلىدىكەن.
مەن بۇرۇن قۇمۇل كۈمۈر كاندا كۈمۈرنى ماتىريال قىلىپ، ماي ئايرىغاننى، قالدۇق كۈمۈرنىڭ ئىسسىز كۈمۈر بۇلۇپ، يۇقىرى باھادا سىتىلدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
دۆلىتىمىزدە ھەر كۈنى كىرەكسىز سولياۋدىن30000000(30 مىليون) توننا بىر تەرەپ قىلىنىپ بۇلىنىدىكەن.

مەن زاۋۇت تەرەپ بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ باقتىم، ئۇلار بىخەتەرلىك مەسلىسىدىمۇ چاتاق يوق، بۇرۇنقىلارنىڭ ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغانلىقى، ئىشلىتىش ئۈمرىنىڭ قىسقا بۇپ قىلىشى سەۋەپلىك، بىز بۇنى بۇلتۇر يېڭىدىن تەتقىق قىپ چىقىپ سىتىۋاتىمىز دەيدۇ.
ھەممىمىزگە مەلوم، تەرەققىياتنى بەلگىلەيدىغىنى ئىنىرگىيە بولغاچ، تىرانسىپوت شىركەتلېرىدىن نەچچە خىرىدار تىپىۋالسىڭىزلا بۇ نەرسە بىر ئائىلىنى بىيىتىۋىتەلىگۈدەكدەپ ئويلىدىم. بۇلۇپمۇ مۇشۇ ئەسكى كامارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تەرپى ماڭا ياراپ كەتكەچ بۇنى يوللاپ قويدۇم.
مەن تەكشۈرۈپ باقتىم، رەسمىيەتلېرىمۇ بەك تەس ئەمەسكەن. مۇھىت ئاسراشمۇ ئاۋارە قىلمايدۇ، بۇلغىما بۇلىدىغان گاز قايتا كۆويدۈرۋىتىلسە يەنە نىمە زىيانلىق ماددا بولسۇن؟...
مۇھىت ئاسراشنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچىمى بۇيىچە كۈنىگە 400 كىلو كۈمۈر كۆيدۈرۈش مەسلىسىنىلا ھەل قىلساق تۈگەيدۇ. بۇمىقتارمۇ مەن ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش قىلغاندىن كىيىن 300-350 كڭلوغىچە ئارلىقتا بۇلىدۇ.
چۇنكى دۆلەت قايتا پايدىلىنىش، يېڭى ئىنىرگىيە مەنبەلېرىنى ئىچىشنى قوللاۋاتقان پۇرسەتتە ئاۋارىچىلىق كۆپ ئەمەستەك تۇرىدۇ. شەخىس ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت رەسمىيتى(گېتى گۇڭشاڭخۇ)، بىجىرسىڭىزلا بۇلىدۇ. باج ئىدارسىگە كەلسەك بۇ نەرسىنى ئىلىپ كەلگەن بىلەن كۈندە تۇختىماي تاۋلايدىغان كامار نەدە تۇرۇپتۇ؟...
شۇڭا كىرىمگە قاراپ ئازراق تاپشۇرىسىز، ئىشلىمىگەن ئايلاردا ئىش تۇختاتقانلىقىڭىزنى مەلوم قىلىپ قۇيۇپ، ماتىريالنى توپلىۋىلىپ، ئاندىن ئىشلىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 20:02:11

مۇھىتنى بۇلغۇشى قانداقكىن ، ئەگەر مۇھىتنى بۇلغىمىسا ھەقىقەتەن بولىدۇ.

ھىندسىتاندا مۇشۇنداق كامىرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. سەۋەبى بىر تەرەپ قىلغاندا چىقىدىغان گاز ھاۋانى ناھايتى بەك بۇلغايدىكەن. بولمىسا پايدىسى ئالامەتكەن بۇنداق كامىر بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 20:50:37

1- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھىتنى بۇلغۇشى قانداقكىن ، ئەگەر مۇھىتنى بۇلغىمىسا ھەقىقەتەن بولىدۇ.

ھىندسىتاندا مۇشۇنداق كامىرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. سەۋەبى بىر تەرەپ قىلغاندا چىقىدىغان گاز ھاۋانى ناھايتى بەك بۇلغايدىكەن. بولمىسا پايدىسى ئالامەتكەن بۇنداق كامىر بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ .

ماۋۇسى مۇھىت بۇلغايدىغان گازنى كۆيدۈرۈپ، ئۆزىگە يىقىلغۇ قىلىۋىتىدۇ، ئەنسىرەش ھاجەتسىز،

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 21:18:16

ئابلىمىت ، مۇنۇ لاھىيەنىڭ خەنچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 23:49:32

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئابلىمىتكا مۇشۇ زاۋۇت تور ئادىرىسىنى بىرقالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ......مەنمۇ بىر كۈرۈپ ئويلىشىپ باقاي دىگەن ..........رەھمەت قىممەتلىكۋاقتىڭىزنى ئالىىدىغان بولدۇم\"\" \"\"

amball يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 05:14:09

بەكمۇ ياخشى نەرسىلەرنى يوللاۋاتىسىز، رەھمەت سىزگە.

يوللىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار نەرسىلەر ئىكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 11:27:10

4- قەۋەتتىكى jaggiwarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئابلىمىتكا مۇشۇ زاۋۇت تور ئادىرىسىنى بىرقالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ......مەنمۇ بىر كۈرۈپ ئويلىشىپ باقاي دىگەن ..........رەھمەت قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالىىدىغان بولدۇم \"\" \"\"

ئۇنىڭدا چىقمايدىكەن، بۇ سودا تورى بولمىسا-يە!...


1461243296

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 17:34:41

amball يوللىغان ۋاقتى2013-12-24 05:14 static/image/common/back.gif
بەكمۇ ياخشى نەرسىلەرنى يوللاۋاتىسىز، رەھمەت سىزگە.
يو ...

مەن تەپسىلى ئۇقۇشتۇم، زاۋۇت تەرەپ تېخنىك خادىم ئەۋەتىپ قۇراشتۇرۇشۇپ بېرىدىغان، ھەم مەشغۇلات قىلىشنى ئۈگۈتۈپ قۇيىدىغان بولدى.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 11:25:12

خەنسولارنىڭ بېيىش تورلىرىدا بۇنداق زاۋۇتلارنىڭ تەشۋىقاتى كۆپ ئۇچىرايدۇ. سىز يوللىغاندەك ھېسابات ئارقىلىق نەق پايدىنى چىقىرىپ قويغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدامچىلىق . سىناپ باقىدىغانلار ئېھتىيات قىلغىنى ياخشى .
ئىزدەش تورلىرىغا 废塑料炼油骗局 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىڭلار.
بەت: [1]
: ئەسكى تۈسكى سۇلياۋدىن يىقىلغۇ ئايرىش ماشنىسى