jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:00:12

تىز-بوغۇم ياللۇغى داۋالاشتىن مەسلىھەت سورايمەن.

تىز-بوغۇم ياللۇغى داۋالاشتىن مەسلىھەت سورايمەن.


بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ئىشلگىلى چىقىپ 9-ئاي مەزگىللەردە تۇيۇقسىز قاريىغىپ كىتىپ، ھاۋا بەكلا سوغۇق بوپ كەتتى. ئانچە قىلىن كىيم كەيمىگەنلىكتىنمۇ ئىشقىلىپ ھىچقاچان تىز-بۇغۇملىرىم ئاغرىمايدىغان ئادەم بىر نەچچە-كۈنگىچە پۇتلىرمنىڭ سوگەڭلىرى ۋە تىزىم ئۇيۇشۇپ ئاغرىغاندەك سىزىم پەيدا بوپ قالدى. باشتا ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن. تاكى ھەپتە ئون كۈن ئۆتكەندىن كىيىن پەقەتلا چىدىماي قىلنراق كىيىگەندىن ئوڭشالغاندەك قىلغان ئىدىم. كىيىن يۇرتقا قايتىپ كىلىپ بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن تىز-بوغۇملىرىم تۇيۇقسىزلا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىپ، ئولتۇرسام قوپسام، ماشنىدا ئولتۇرسام تىزىم ئاغرىقىدىن يەرگە چۈشۈپ يۈگۈرگىدەك بوپ كىتەتتىم. چاپلاق چاپلاپ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، دورا يەپ قىلىۋىدىم ساقايغاندەك قىلىۋىدى. ھەرنىمە بولسا بۇ كىسەلدىن قۇتۇلۇپتىمەن دەپ خۇشال بولغان ئىدىم. ئەپسۇس بۇ يىل ئەتىيازدىن يڭى ئۆي سىلىش توغرا كىلىپ ھۆل-سوغۇقتا مۇھىتتا تۇرۇشقا توغرا كىلپ قالدى. سىمونىت ئۆي زىيان قىلىدىمۇ ياكى نەم مۇھىتمۇ ئىشقىلپ نەخ رومىزاندا تىزىمنىڭ ئاغرىقى يەنە تۇتۇپ، تىز-بوغۇم ئىگىلسا سوڭەكتىن ئاۋاز چىقىدىغان ھالەتكە ھەتتا پۇتۇمنى سۆرەپ ماڭدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ بەك قىينالدىم.(ھازىر نورمال يول ماڭالايمەن خۇداغا شۈكرى)  ئەمدى بۇلارنى تەپسلىي يىزىشىم دوسىتلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشغا پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم. بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا مىللىي تىبابەتنىڭ قايسى خىل داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىلىرى بار مۇشۇ ھەقتە دوسىتلارنىڭ ماڭا بىر يول كۆرسىتىشنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئۆتكەندە بىرسى كالىتىسي يەڭ دىۋىدى كۆكنۇر شىركىتنىڭ <شىپايى كالتىسىي تابلىتى> نى يەۋەتىمەن. تولا سەپەرگە چىقىش سەۋەبى بىلەن ئىزچىل يىيىشكە ئىمكان بولماي بىردەم يەپ بىر دەم يىمەي دىگەندەك تۆت قۇتا دورىدىن ھازىرمۇ بىر قۇتا بار. بەزىدە يەيمەن بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنتۇپ قىلىپ دىگەنداك ۋاقىتىدا يەپ بولالمىدىم. دوسىتلارنىڭ مىنىڭ ئەھۋالىمغا قارىتا ياخشىراق، ئۈنۈملۈك بولغان داۋالاش ئۇسۇلى بىلسە ئىيىتىپ بىرىشىنى ئۆتۈنىمەن!.... ياردەم قىلىڭلار؟....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 23:38:16

قىشتا ئەمگەك قىلغان بانا بىلەن، پۇتبول ئوينىغان كۈنۈم دەرت ئاشكارىلىنىپ، ئۆيگە كېلىۋىتىپ يەردە تىزلىنىپ قالسام بولىدۇ. تۈركىيىنىڭ بۆرە يۇڭى تىزلىقىنى بىر قىش تاقاپ، تىزنىڭ ئاغرىقىنى توختاتتىم. ئۇخلىغان چاغدىمۇ تىزىمغا كىيىۋېلىپ ياتىمەن. بۆرىنىڭ ئۇچرىمىسا تۆگىنىڭ يۇڭىنى ئىشلىتىڭ. بولسا ئىسسىق مەشكە قاقلاپ، ئىسسىق تۇتۇپ دېگەندەك قىلىڭ.

ھازىر دۆڭكۆۋرۈك، ئاق قۇۋۇق بېكەت ئەتىراپىدا سېتىۋاتقانلار كۆپ ئۇچرايدۇ، تۆگىنىڭ دەپ، راستمۇ- يالغانمۇ بىلمەيمەن.

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 00:26:51

بۇ تەرەپلەردىمۇ تۆگە يۇڭىدىن ئىشلەنگەن تىزلىق، پايپاق دىگەندەك بىر نەرسىلىرىنى سىتىۋاتىدۇ. مەنمۇ تازا ئىشنەلمىدىم. تونۇش-بىلىشلەر زاڭلىق قىلىپ ياش تۇرۇپلا تىزىم ئاغرىيدۇ دىسىڭىز قىرىغاندا نىمە دەرمىز دەيدۇ. ھەي!......

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 08:48:20

دادامنىڭمۇ شۇنداق تىز-بوغۇم ياللۇغى ئېغىر ئىدى، گاھ گاھ كېچىلەردە ۋايجانلاپ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى، مەركىزى دوختۇرخانلارغا كۆرسەتسەك غەربچە ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە ئاغرىق توختۇتۇش داۋالىشنى ئېلىپ باردى.بىراق ئۈزۈل كېسل ساقايتالمايدىكەن، كىين قۇمغا كۆمۈلۈپ ۋە كېپەك ، شور ، ئەسكى كونا تامنىڭ چالمىسى دېگەندەكلەردىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ خېلى يامان ئەمەس ئۈنۈمنى كۆردى، ھازىر 钙尔奇 ۋە 骨密钙 يەۋاتىدۇ....

تومۇز كۈنلىرى كەلگەندە ھەپتىدە بىر قېتمدىن قۇمغا كۆمۈلۈپ بېرىڭ.ئاڭغىچە كىپەك ۋە شور تېىپىپ قىزىزىتپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ...باچكا دېگەندەك ئۆزىڭزىنى ئسسسىق تۇتۇتۇڭ، يەللىك تاماقلاردىن كالا گۆشى ،توخۇ گۆشى لاز، ئاچچق سۇ قاتارلىقلارنى ئازراق ئىستىمال قىلىڭ.

،ئۇيغۇر تېبابىتى ، جوڭيى تىبابىتى قاتارلقلارنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىرى بار، شۇنىڭىدىن ئىستىمال قىلىپ تۇرۇڭ، ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانلىرىدا سېتلدۇ. ياكى بولمىسا ئەتراپىڭىزدا پشىقانراق تىۋىپلار بولسا ئۇيغۇر تېبابتىنىڭ رىتسپلىرىن تېپىپ دەملەتمە، چاپلاتما، ھورداق دېگەنلەردەك داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىڭ...

mongguz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 10:13:37

jasur58  مەن سىزنىڭ بۇ ئەھۋالىڭىزنى ۋە تارتىۋاتقان ئازابىڭىزنى چۈشىنىمەن ،چۈنكى مىنىڭ ئاپام بۇنىڭ ئازابىنى يەتكىچە تارتقان ھازىر ئاللانىڭ قۇدرىتى ۋە دوختۇرلارنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن دەھشەتلىك ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدى.ئاپام ئەينى چاغدا ئولتۇرۇپ قالغان ھەتتا جايىدا ئۆرۈلۈشنىڭ ئۆزىمۇ بەك ئازاپلىق ئىدى. بىز قايتا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئىككى تىزىنىڭ كۈمۈرچەك قەۋىتىنى ئالماشتۇرۇپ بۇ ئازاپتىن قۇتۇلغان. ئەگەر سىزنىڭ تىزىڭىز ئاغرىسا يۇقۇرۇدىكى يولداشلار ئېيتقاندەك ئىسسىق تۇتۇڭ . ئۇنىڭدىمۇ ئاغرىق توختىمىسا ياخشىسى تىز كۈمۈرچەك قەۋىتىنىڭ ئۇپراپ تۈگىگەن ياكى تۈگىمىگەنلىگىنى رىنتىگىن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ، چۈنكى كۆمۈرچەك قەۋەت سوغ ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن شۇ جاينىڭ سىلىقلىغۇچى ماددا ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارى يوقاپ كىتىپ ياكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ نىپىزلاپ ئۇپراپ تۈگەيدىكەن . ئەگەر ئۇپراپ تۈگىگەن بولسا شۇ تىز كۈمۈرچەك قەۋەتنى ئالماشتۇرغاندىلا ئاندىن ئارام تاپىسىز ، ئاللا شىپالىق بەرسۇن. يىقىندا مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى مۇشۇ توغرىدا بىر پۇرۇگۇرامما ئىشلىگەن (تەپسىلاتى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ)شۇنىڭدا ھازىر بىر خىل سىلىقلاش ئوكۇلىنىڭ ئىجات قىلىنغانلىغىنى لىكىن شۇ ئوكۇلنىمۇ ۋاختىدا ، ئاغرىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنى كۈمۈرچەك قەۋەت ئۇپراپ تۈگىمىگەن چاغدا ئۈنىمى بولىدىغانلىغىنى دەلىللەپ ئۆتتى .شۇڭا سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ياخشىسى تىز كۆمۈرچەك قەۋەتنىڭ ئۇپراش دەرىجىسىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ . ئېغىر بولمىسا ھەرگىزمۇ سەل قارىماي ۋاختىدا داۋالىتىڭ. ئاللا سىزگە شىپالىق بەرسۇن.

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 12:49:18

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 12:50:40

ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قىممەتلىك تەجىرىبىلىرىنى ئورتاقلاشقان بارلىق دوسىتلارغا كۆپ رەخمەت.....

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:43:30

jasur58 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 12:50 static/image/common/back.gif
ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قىممەتلىك تەجىرىبىلىرىنى ئورتاقل ...

مىنىڭ پۇتىمنىڭ ۇشۇق قىسمى اغرىيدىغان دوختۇرغا باسام ساختا رىماتىزىم دەيدۇ 10 يىلدىناشتى تۇرۇپ ساقىيىپ قالىدۇ مۇزلاپ قالسام جىق مىڭىۋاتسام يەنە ىشىپقىلىپ 2-3 كۇن ماڭالماي قالىمەن بۇنىڭ ۇزىل-كىسىل داۋالايدىغان دورىسى بارمۇ. بېلىدىغانلار بولسا مەسلەتىڭلارنى ايىمىساڭلار ھەممىڭلارغا كوپ رەخمەت
بەت: [1]
: تىز-بوغۇم ياللۇغى داۋالاشتىن مەسلىھەت سورايمەن.