شىنجاڭ جېجىياڭ كوماندىسىنى يىڭىپ ئۇدا سەككىز مەيدان غەلبە قىلدى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ22- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئون ئالتىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا جېجىياڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سېنگېلدوننىڭ 37 نۇمۇر ئېلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 122-102 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا سەككىز مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى سېنگېلدون 37 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خاندېرسېن 29 نومۇر،8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 15نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋىي 8 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 6 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 6 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك 5 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 25-دىكابىر قارشى تەرەپ مەيدانىدا تىيەنجىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php






