chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 18:30:00

ماشىنا توغۇرلۇق مەسلەھەت سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار .


  مەن يىل ئۆرۈلسە ماشىنا سىتىۋالاي دىگەن،لېكىن بۇ ماشىنا دىگەن نىمىگە ئەزەلدىن قىززىقمىغاچقا قاندىغىنى سىتىۋىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم .باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ بىرقانچە ماشىنىنى كۆردۈم لىكىن قايسى ياخشىراق پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن .مەسلىھەت بەرسەڭلار .باھاسى سەكسەن مىڭدىن توخسەن مىڭ ئەتىراپىدا بولسا بولدى .


مەن كۆرگۈنۈم ماۋۇ تۆتى   尼桑 阳光。大众 桑塔纳。本田 锋范。大众 新捷达。


1.6L  ئەتىراپىدا بولسا بۇلىدۇ

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 09:04:10

بىخەتەرلىك ۋە چىداملىق جەھەتتە ئويلاشسىڭىز داجۇڭ بورا ، لاۋىدا قاتارلىقلارنى ئېلىڭ ، بەك ساز چىقىدۇ دەيمەن. ۋىستا بىرئاز سەت ، يېڭى جېدا ئۇمۇ بولىدۇ. ياخشىسى 1.6 دىن تۈۋەننى ئالماڭ ، پۇشايمان قىلىسىز .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 09:11:31

路虎 دېگەن ئەبلەخكە ئاشىق بولغان، بىراق ماڭا مەشۇق بولمايدىكەن.



شىيەندەي ۋېرنا ئېلىڭلار.

ماۋۇ شىيەندەينىڭ تۇسۇنجان قانداراقتۇ؟ بەكمۇ جىق ھەيدىلىدىكەن.

Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 09:24:15

يەنە بىر تەكىتلەپ قوياي داجوڭنىڭ ماشىنىسىغا يېقىن كەلمەڭ ، ماڭدامدا بىر يېغىرى چىقىدۇ !

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 09:25:55

بىزنىڭ يۇرتلاردا داجوڭ دېسە شۇ سانتانا، جىتتا، دىگەنلىرىلا كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ كونىدەك بىلىنىدىكەن... ئەمما داجوڭنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخا، نەچچە مىليۇنلۇق ئېسىل ماشىنىلىرى ئىچكىرىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. يەنىلا ئۇنى دەپ بۇنى دەپ داجوڭ دەۋرى يەنە بىر كېلەمىكىن دەيمىنا تېخى \"\"



ئەمما لەۋىدامۇ بەكلا بولىدىغان ماشىنا. بولۇپمۇ يېڭى چىققان نۇسخىسى خېلىلا كۆركەم چىقىپتۇ. بۇ ئاۋۇ جوڭگو ماركىلىرىنى دىمەيلا قويايلى، شىيەندەي، نىسان دىگەنلەردىن خېلىلا ئارتۇق جۇما... يەنە بىر يېرى كونىرىسىمۇ باھاسى بىلەن كونىرىيالايدۇ.



قېنى قاراپ بېقىڭ، خۇدايىم سىزگە قايسىنى بۇرۇيدۇ تەلىيىڭىزگە باغلىق

Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 09:26:21

ئىككىجى قولنى ئېلىپ ئەپلەپ-سەپلەپ ھەيدەيمەن دىسىڭىز يەنە بولدۇ ، ئەرزان  {:92:}

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 19:05:40

بۇ باھاغا مۇۋاپىق ماشىنا، مېنىڭچە

1. سانتانا ۋىستا Santana Vista

باھاسى: 90 مىڭدىن يۇقىرى

ئالاھىدىلىكى: ئىشلەپچىقارغۇچى ئىشەنچىلىك، سېتىش نۇقتىلىرى كۆپ، زاۋۇتقا قاراشلىق رېمونت دۇكانلىرى ھەممە شەھەردە بار، ئادەتتىكى رېمونت دۇكانلىرى يېزىلارغىچە بار، زاپچاسلىرى ھەممە يەردىن تېپىلىدۇ. يېزا-شەھەرنىڭ ھەرقانداق يوللىرىدا ھەيدەشكە ماس كېلىدۇ. شەكلىمۇ چىرايلىق، ئىچى راھەت. دېتاللىرى پۇختا.


\"\"



2. نىسسان لىۋىنا NISSAN Livina

بۇ ماشىنىمۇ 90 مىڭلىق ماشىنا سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشى. سېتىۋالغان ئادەملەر كۆپ. ماشىنىمۇ خېلى چىرايلىق. ياپوننىڭ بولغانكىن جىڭ.


\"\"



3. سۇزۇكى sx4

بۇ ماشىنىنى چوڭچىڭ سۇزۇكى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ياپوننىڭ ماشىنىسى.

سەكسەن-توقسان مىڭلىق ماشىنىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياخشى ماشىنا. دېتاللىرى پۇختا، ماي سەرپىياتىمۇ مۇۋاپىق، شەكلى چىرايلىق، ئىچى راھەت.


\"\"



ئاندىن ئەسكەرتىش:

سىزنىڭ ماي سەرپىياتىغا قويغان تەلىپىڭىز بەكلا توغرا بولماپتۇ. ئەلۋەتتە، شەھەرنىڭ تەكشى يوللىرىدا ماشىنىغا ماي قۇيماي ئىتتىرىپ ماڭسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى قانچە تۆۋەن بولغانسىرى موتورى شۇنچە كىچىك، سۆرەش كۈچى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ماي سەرپىياتى تۆۋەن ماشىنىلارنى ئورۇق، ھارۋا سۆرەشكە يارىمايدىغان، ئاجىز، سامان چايناشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدىغان ئېشەككە تەڭ قىلساق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 90 مىڭلىق ماشىنىلارنى ئاساسەن گاز بىلەن ھەيدەيدىغان گەپ. شۇڭا ماي سەرپىياتىنىڭ قانداق بولۇشى چوڭ مەسىلە ئەمەس. ئوخشاش باھالىق ماشىنىلار ئىچىدە، ماي سەرپىياتى قانچە يۇقىرى بولغاننى ئالسىڭىز، ماشىنا شۇنچە قاۋۇل بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك شەھەر يوللىرى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان كۈنلەردە، خەقنىڭ ماشىنىسى قۇرۇق ئايلىنىپ ماڭمىغان داۋانلاردا، ماي سەرپىياتى يۇقىرى ماشىنىلار نورمال كېتىۋېرىدۇ.

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 20:46:58

رەھمەت سىزگە .ئاۋۇ لىۋىنا دىگەننى كۆرگەن لىكىن ئانچە پۇختا ماشىنندەك تەسىر بەرمەيدىكەن، ئاۋۇ مەن دىگەن ماشىنىلار قانداقتۇ سىزنىڭ چە ؟ يەنە خوندا لىڭپەي دىگەن ماشىنىمۇ بۇلامدۇ قانداق؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 20:56:56

ياڭگۇاڭ بولمايدۇ،سۇزۇكىنىڭ موتورىدىن ئاسانلا ئاۋاز چىقىپ قالىدۇ.
خوندا سىتىي بولىدۇ،مىدوڭچۈدىن 80 مىڭ ئالالايسىز. لىۋىنامۇ بولىدۇ.
كىيا فورتې ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 21:04:24

ئەگەر بىر قارارغا كېلەلمىسىڭىز،

بولىدىكەن دېگەن ماشىنىلارنىڭ ھەممىنى خاتىرىلىۋېلىپ، شۇ ماشىنىنى ياسىغان شىركەتنىڭ تور بېكىتىگە كىرسىڭىز، 预约试驾 (سىناق ھەيدەشكە تىزىملىتىش) ياكى شۇنداقراق ئۇلانمىلار بار. شۇ ئارقىلىق ئادرېسىڭىزنى مەلۇم قىلىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن، قايسى سىناقسېتىش نۇقتىسىدا سىناق ھەيدەپ باقسىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. سىناق ھەيدىسىڭىز ھەقسىز، ھازىرچە ماشىنا سېتىۋېلىش مەقسىتى يوقلارمۇ سىناق ھەيدەپ باقسا بولىدۇ، ھەم ماشىنا سېتىۋېلىش مەقسىتىڭىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىق ئېيتسىڭىزمۇ سىناق ھەيدەتكۈزىۋېرىدۇ. شۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىت چىقىرىپ، سىناپ ھەيدەپ باققاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز قايسىنى بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ. بىيادى، شيالى، جىلى، جيېفاڭ... دېگەندەك ماركىلارنى ئالمىسىڭىزلا، مەيلى خوندا بولسۇن ياكى فولكسۋاگېننىڭ ماشىنىلىرى بولسۇن، ھەممە چەتنىڭ ماركىلىرى ياۋرو-ئامېرىكىنىڭ مۇئەييەن پۇختىلىق ئۆلچەملىرى ۋە مۇھىت ئۆلچەملىرى بويىچە ياسىلىدۇ. ئەمما، مەيلى قايسى چەتنىڭ (ھەتتا بېنز ياكى ب م ۋ ماركىلىقلىرىمۇ) بولسۇن، جۇڭگودا قوراشتۇرۇلغانئىشلەنگەنلا بولسۇن، ئوخشاش تىپلىق چەتتە قوراشتۇرۇلغاندىن كۆپ يېنىك، كۆپ شاكال بولىدۇ. چۈنكى جۇڭگودا ساتىدىغانلىرى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە مۇھىت ئۆلچىمىگە چۈشسىلا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يەرلىك ماشىنىلىرىدىن كۆپ چىداملىق ۋە سۈپەتلىك.

ئەجنەبىي ماركىلىرىنىڭ قايسىنىلا ئالسىڭىز، پۇلى ئوخشاشنىڭ ئىقتىدارى ۋە پۇختىلىقى ئاساسەن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا تەۋسىيەم، قۇلۇم-قوشنىلار كۆپرەك سېتىۋالغان، كوچا-كويلاردا كۆپرەك ئۇچراتقاننى ئېلىش كېرەك.

Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 21:28:38

خوندانىڭكىنى ئېلىڭ !

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 21:46:14

مەنغۇ 9-ئايدا خىيۇنداي ۋېرنادىن بىرنى ئالغان،بولىدىغان ئېسىل ماشىنىكەن،ئېلىشتىن بۇرۇن توردا بالىلاردىن مەسلىھەت ئالسام مۇشۇ ماشىنىغا ھەممەيلەن ياخشى باھا بەردى،ساز مېڭىۋاتىدۇ،شەكلىمۇ بەك چىرايلىق،ماي سەرپىياتىمۇ تۆۋەن1.4
كوروللا ئېكسنىڭ شەكلى ماڭا چىرايلىق كۆرۈنمىگەن،مۇشۇنى كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:01:16

ئەگەر نەچچە تۇمەن قوشۇپ ياخشىراق ماشىنا ئالاي دېسىڭىز 雪铁龙C4L نى ئېلىڭ ، ئاڭ تۆۋەن سەپلىمىلىكنى ئالسىڭىز بولدۇ . راس، سايمىنى قىممەتمىدۇ . ئۇنداق مىدۇ مۇنداق مىدۇ دەپ ئىككىلەنمەڭ ، بۇنداق ماشىنىلاردىن ئاسانلىقچە چاتاق چىقمايدۇ !

1990Uy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:12:43

نىسسان ياڭگۇاڭ نىڭ ماي سەرپىياتى بۇ تۆتىنىڭ ئىچىدە نىسپەتەن تۆۋەن ،4مو ئەتراپىداماڭىدۇ ،تويوتا مۇ ياخشى ئالدىراپ بۇزۇلمايدۇ ،پۇختا ماشىنا .مىنىڭچە 80مىڭغا نىسسان ياڭگۇڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىكىنى ئالاليسىز.

1990Uy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:17:14

خوندا سىۋىك مۇ ياخشى ماشىنا ، ئىككىنجى قول ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز ئويلىشىپ كۆرۈڭ

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:24:02

ماشىنىنىڭ ياخشىسى يەنىلا داجوڭ جۇما...



تاماقنىڭ ئەسكىسى مىفەن ماشىنىنىڭ ئەسكىسى لىفەن...

ماشىنامنىڭ ماركىسى بىيادى، يولدا پات-پات قويار پىيادى... \"\"

Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 03:53:15

داجوڭ پاجوڭنى قوياڭ ! بۇ ماشىنىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى !

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 10:51:17

پراۋا يوق CR-V غا كۆيۈپ يۈردۇققۇ، مۇشۇ ماشىنا توغۇرلۇقمۇ سۆزلەپ بەر مەمسىلە، بۇ ماشىنا زادى بولامدۇ بولامدۇ.

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 13:52:05

سىزگە كۈچەپ تەۋسىيە قىلىدىغان ۋىجىك ماشىنلار: خوندا سىۋىك، نىسسسان سەلفىي، كورۇللا خۇاگۈەن، ۋولكىسۋاگون ساگىتار،

كىچىك تىپتىكىلىرىدىن : نىسسان لىۋىنا، خياندەي ۋېرنا، خوندا سىتىي.......مۇشۇ ماشىنلاردىن پۇلىڭىزغا چۇشلۇقنى تاللىۋالسىڭىز بۇلىدۇ...ھەممىسى بولىدىغان ماشىنلار

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 17:33:19

4- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر بىر قارارغا كېلەلمىسىڭىز،

بولىدىكەن دېگەن ماشىنىلارنىڭ ھەممىنى خاتىرىلىۋېلىپ، شۇ ماشىنىنى ياسىغان شىركەتنىڭ تور بېكىتىگە كىرسىڭىز، 预约试驾 (سىناق ھەيدەشكە تىزىملىتىش) ياكى شۇنداقراق ئۇلانمىلار بار. شۇ ئارقىلىق ئادرېسىڭىزنى مەلۇم قىلىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن، قايسى سىناقسېتىش نۇقتىسىدا سىناق ھەيدەپ باقسىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. سىناق ھەيدىسىڭىز ھەقسىز، ھازىرچە ماشىنا سېتىۋېلىش مەقسىتى يوقلارمۇ سىناق ھەيدەپ باقسا بولىدۇ، ھەم ماشىنا سېتىۋېلىش مەقسىتىڭىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىق ئېيتسىڭىزمۇ سىناق ھەيدەتكۈزىۋېرىدۇ. شۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىت چىقىرىپ، سىناپ ھەيدەپ باققاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز قايسىنى بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ. بىيادى، شيالى، جىلى، جيېفاڭ... دېگەندەك ماركىلارنى ئالمىسىڭىزلا، مەيلى خوندا بولسۇن ياكى فولكسۋاگېننىڭ ماشىنىلىرى بولسۇن، ھەممە چەتنىڭ ماركىلىرى ياۋرو-ئامېرىكىنىڭ مۇئەييەن پۇختىلىق ئۆلچەملىرى ۋە مۇھىت ئۆلچەملىرى بويىچە ياسىلىدۇ. ئەمما، مەيلى قايسى چەتنىڭ (ھەتتا بېنز ياكى ب م ۋ ماركىلىقلىرىمۇ) بولسۇن، جۇڭگودا قوراشتۇرۇلغانئىشلەنگەنلا بولسۇن، ئوخشاش تىپلىق چەتتە قوراشتۇرۇلغاندىن كۆپ يېنىك، كۆپ شاكال بولىدۇ. چۈنكى جۇڭگودا ساتىدىغانلىرى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە مۇھىت ئۆلچىمىگە چۈشسىلا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يەرلىك ماشىنىلىرىدىن كۆپ چىداملىق ۋە سۈپەتلىك.


ئەجنەبىي ماركىلىرىنىڭ قايسىنىلا ئالسىڭىز، پۇلى ئوخشاشنىڭ ئىقتىدارى ۋە پۇختىلىقى ئاساسەن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا تەۋسىيەم، قۇلۇم-قوشنىلار كۆپرەك سېتىۋالغان، كوچا-كويلاردا كۆپرەك ئۇچراتقاننى ئېلىش كېرەك.


رەھمەت سىزگە،  بەك ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويۇپسىز.مەن بۇنداق ئىش بارلىقىنى تېخى ئۇقمايدىكەنمەن، بېرىپ سىناق ھەيدەپ باقاي...


بەت: [1] 2
: ماشىنا توغۇرلۇق مەسلەھەت سورايمەن