eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 00:13:58

ھەممىمىز بىلىدىغانلرىمىزنى تاشلاپ باقايلى .

25 - يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيگە بىر قوش لېنتا سالىدىغان يوغان ئۈنئالغۇدىن بىرنى سېتىۋالدۇق . تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى . شۇ چاغدا ئۈنئالغۇ بىلەن تەڭ ئۆيدە ئابلېز رېھىم بىلەن رەشىدە داۋۇت ئېيقان بىر لېنتا ، مەرھۇم داۋۇتجان ناسىر ئېيتقان بىر لېنتا ۋە يەنە بىر ئۆزبېكىستاننىڭ  لېنتىسى پەيدا بولدى . ئابلېز رېھىم بىلەن رەشىدە داۋۇتنىڭ ناخشىلىرى شۇنچە لەرزان تۇيغۇ بەرسە ، داۋۇتجان ناسىرنىڭ دۇتار ناخشىلىرى ئىلى خەلق ناخشىلىرىغا ئاشىق قىلىپ قويدى . يەنە شۇنىڭ بىلەن ئۆبېكىستاننىڭ لېنتىسىدا ‹‹ شەھنازىلەر ›› دەپ بىر ناخشا باركەن ، شۇ چاغدا بۇ ناخشا ماڭا شۇنچىلىك نوچى ئاڭلىنىپ كەتتىكى ، بۇنداق شوخ رېتىمدىكى ناخشىنى ئۇندىن بۇرۇن ئاڭلاپ بېقماپتىكەنمەن . ( ھازىر شۇ چاغدا ئېيتىلغان ئەسلى نۇسقا ناخشىنى ئىزدەپ تاپالمايۋاتىمەن ) . شۇندىن باشلاپ ئۆزبېكچە ناخشىلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغان بولدۇم . 90 - يىللارنىڭ بېشىدا ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ، يېقىن بىر ئاغىينەمنىڭ ئاپىسى كېسەل سەۋەبى بىلەن دەم ئېلىشقا چىقىپ ، روسىيەگە چىقىپ روسىيە ماللىنى ئېلىپ كېلىپ ، ئانچە - مۇنچە تىجارەت قىلىدىغان بولدى . ئاغىينەمنىڭ ئاپىسى ھەر قېتىم قايتىپ كەلگەندە ئۆبېكچە لېنتىلارنى بەك جىق ئەپكېلەتتى . ئاغىينەم بىلەن ئىككىمىز لېنتىلاردىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ ھوزۇرلىناتتۇق . شۇندىن باشلاپ ، ناخشا ئاڭلىسام راۋۇرۇس ئېيتقان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ، ھەممىباپ ناخشىلاردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە مۆمىنجاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن . گىتار ناخشىلاردىن ئەكبەر قەھرىماننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن . كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاساسەن ئۆبېكچە ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن .

مەن تىلشۇناس ئەمەس . مېنىڭ ئاددىي بىلىشىمدە ھىس قىلىشىمچە ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆبېك تىلى ئوتتۇرسىدا تەخمىنەن 5% - 8% گىچە پەرق بار دەپ قارايمەن . شۇڭا مۇشۇ پەرقتىكى تېخىمۇ كۆپ سۈزلۈكلەردىن ھەممىمىز بىلىدىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىساق ، مۇشۇ بانادا ھەممىمىز تېخىمۇ كۆپ بىلمەيدىغان سۆزلۈكلەرنى بىلىۋالساقكەن دەپ بۇ تېمىنى يازدىم . مەنمۇ ئۆزۈم بىلىدىغان ئۆبېكچە سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىسام ، باشقا تورداشلارمۇ تاشلىساق ، ئۆزبېكچىدىكى بىلمەيدىغان سۆزلۈكلەرنى تېخىمۇ كۆپ بىلىۋېلىشىمىزغا پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم . مەن بىلىدىغانلىرىممۇ بەك كۆپ ئەمەس . پەقەت ناخشىلارنى ئاڭلاش جەريانىدا مەنىسىنى مۇشۇنداقكەن دەپ ھىس قىلغانلىرىم خالاس . خاتالىرى بولسا تۈزۈتۈپ قويساڭلار ، ھەم ئۆزۈڭلار بىلىدىغان سۆزلۈكلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىساڭلار دىگەن ئۈمىدتىمەن .


مېنىڭ ھىس قىلغانلىرىم :


تۇش - چۈش .

ئالاۋ - ئوت .

قۇغۇرچاق - قۇنچاق .

كىپرىك - كىرپىك .

ساۋچى - ئەلچى .

خافىز - ناخشىچى .

مەلەك - پەرىشتە .

تىڭلە - ئاڭلا .

كۆڭگىل - كۆڭۈل .

ئارتى - ئارقا .

سېۋىنچ - مۇھەببەت .

سېۋگى - سۆيگۈ .

ئۆلەڭ - توينى كۆچۈرۈپ ماڭغاندا ئېيتىلىدىغان بىر خىل ناخشا .

تىرگەپ - تىرەپ .

سىڭگىل - سىڭىل .

تېرمۇلەپ - تىكىلىپ .

ئالىس - چاقناش .

نىگە - نىمە ئۈچۈن .

لېك - لېكىن .

كۈيوۋ - كۈيئوغۇل .

نىبەرە - نەۋرە .

بال ، ئەسەل - ھەسەل .

ئۇشە - ئاشۇ .

فىرىبگەر - قويمىچى .

ئەييار - ھەييار .

ھازىرچە يادىمغا كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 12:32:47

مەن بىر ناخشىنى بىرە يۈز قىتىم تىڭشىساممۇ ناخشا تېكىستى قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ. مۇزىكىسىدىنلا ھۇزۇر ئالىدىكەنمەن...

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 12:52:16

قوشاق-ناخشا

مۇخلىس- مەستانە  {:92:}

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 13:35:46

بىر قېتىم پويىزدا بىرنەچچە ساۋاقداش بىر ئۆزبىكىستانلىق بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق،ئارىمىزدا بىرەيلەن ‹ئىنىم تىىببىي ئونۋېرىستتتا ئوقۇيدۇ...›دېۋىدى،ھېلىقى ئۆزبەك ئاداش ‹ۋوي،ئېنىڭىزمۇ ئوقۇمدا؟!...›دەپ بەكلا ھەيران قالدى،بىردەمدىن كېيىن ئۇقساق ئۆزبەكچە ‹ئىنىم›دېگەن سۆز ‹مۇما،چوڭ ئانا›دېگەن مەنىدە ئىكەندە،شۇڭا ئاۋۇ ئاداش ئەسلى‹سېنىڭ مۇماڭمۇ ئۇقىۋاتامدا ھازىرغىچە...›دەپ ھەيران قاپتىكەن!

serwan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 13:43:50

نىمە زۇرۇيىتى بار ئەمدى .ئەمەليەتتە ئۇزبىكچىدە بار سۇزلەر بىزدىمۇ بار بەزى سۇزلەر بىزدە ئەدەبىياتتا بار ئىستمالدا يۇق ،بەزى سۇزلەر نىڭ شەكلى ئوزگىرىپ كەتكەن  سۆزلەرنىڭ ئۇلچەملىك بۇلماسلىقىدا بىزنىڭ بىزنىڭ تىلشۇناسلىرمىزدىمۇ مەسئۇلىيەت ئىغىر .ئوزبىك تىلى چاغاتاي ئەدەبى تىلىغا خىلى ياخشى ۋارسىلىق قىلغان ئەمما بىزنىڭ تىلىمىزدا سوزۇق تاۋۇشلانىڭ ئاجىزلىشىمۇ ھەل بۇلمايۋاتىدۇ .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 13:52:24

تۈركى تىللىرى ھەقىقەتەن بىر بىرىگە يېقىنكەن . بولۇپمۇ تۈركمەنچە ۋە ئۆزبىكچە ئۇيغۇرچىغا بەكرەك يېقىنكەن ھېس قىلىشىمچە . نەچچە قېتىم تۈركمەن بالىلار سەن تۈركمەنمۇ دەپ سوراپ سالغان ۋاقتى بار ئەلۋەتتە تەقى تۇرقۇمغا قاراپ .

نورمال تۇرمۇشتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قىينىلىپ كەتمەيدىكەنمىز ئەمما بەكرەك كەسپى تېما بوپ قالسا مانا مەن دەپ چىقىدىكەن پەرق دېگەن .

ئاخشامدىن بېرى سىلاۋيانچە يېزىلغان ئۆزبەكچىدىن خەنسوچىغا ئېلىكتېر شېركىتىنىڭ بىر توختامىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن . نەچچە قېتىم دات دەپ بولدۇم . ئۆزبەكچە ئەمەس رۇسچە ۋە يەنە ئەمەسلا باشقا تىللارنى تەرجىمە قىلىۋاتقاندەكلا تۇيغۇغا كەپ قالدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆزبەكلەرمۇ بىزدەكلا تور لۇغىتىغا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ ئۈلگۈرمىگەن بىر مىللەتكەن . ياكى گوگۇلدىن چىقمىغان ياكى باشقا يەردىن . ئۆزەم بىلىدىغان تىللارنىڭ ئۆزبەكچە لۇغىتىنى ئاختۇرۇپ باقتىم .ئۇنداقمۇ تور لۇغىتى يوقكەن . ھېچبولمىسا رۇسچىسى بولغان بولسا دەپ قالدىم .(ياكى مەن ئالدىراپ تىنەپ ئىزدەپ تاپالماي قالدىممۇ ئۇقمىدىم ). يەر ناملىرى ئۇچراپ قېلىپ ئۆلچەملىك خەنزۇچىسىمۇ ئۇچراپ بولالمىدى ، ئۆزبىكىستان جۇغراپىسىنى بىر كۆرۈپ چىقتىم ، خەرىتىسىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىپ خېلى بىلىملىكمۇ بوپ قالدىم ئەمما يەنىلا خەنسوچىسى يوق . شۇنىڭ بىلەن ماڭا ماتېريال ئەۋەتكەن يولداشقا بۇ نەرسەڭنى نەگە ئاپارساڭ ئاپار كىم تەرجىمە قىلسا قىلسۇن دېسەم، ھەم سىلاۋيان ئۆزبەكچىسى ئوقۇيالايدىغان ھەم رۇسچە خەنزۇچە بىلىدىغان ئادەم تاپالمىدىم . يەر ناملىرى قاتارلىقلارنى بىز ئوقۇيالىغۇدەك خەنسوچىدە قىپ بەرسەڭلا بولدى دەپ كەتتى . مانا ئەمىسە دەپ ھاياتىمدىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز بىر تەرجىمىنى پۈتتۈرمەكچى ئالدىدا تۇرۇپتىمەن.

  يۇقىرىدىكى جۈملىلەرنى يېزىپ بولۇپ قارىسام ئۆزەمگە ئائىتلا بوپ قاپتۇ. دېمەكچى بولغىنىم تۈركى مىللەتلەر تىلى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۆزى تەۋە بولغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە سىياسى مۇھىت بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ بۇ خل پەرق يالغۇز تىل جەھەتتىكىنىلا ئەمەس مىللەتنى مىللەت بوپ شەكىللەندۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ئامىلدا كۆرۈنەرلىك بىلىنىدىكەن .



مەنغۇ بۇرۇن ئۆزبەكچە ناخشىنى جېق ئاڭلىمايتتىم . توغرىسى ناخشىنى جېق ئاڭلىمايتتىم .ئاندا -ساندائۆزبەكچە ناخشا ئاڭلاپ قالسام كىمدۇر بىرى ئاغزىدا خىلمۇخىل پوس چىقىرىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ ئېيتقان ئۇيغۇرچە ناخشىدەك تۇيۇلاتتى . ئۇنۋېرسىتىت چېغىمدا ئاندىن ئۆزبەكچە ناخشا بىلەن ئۇيغۇرچە ناخشىنى سەل پەل ئايرىيالايدىغان بولغان  {:92:}

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 14:04:16

ئالىس دىگەن يىراق دىگەن گەپقۇ دەيمەن.

BasayMamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 14:07:55

سىز ئۇزبىكمۇ؟

بولمىسا قىززىق يۈزىنى مۇزدەك كاسسىغا ياققاندەك ئىشقۇ بۇ...

لولا ئەنجانلار بىزگە نېمە پايدا بېرىدىكىن بىلمىدىم؟

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 14:54:52

مەن ئۇيغۇر . گۇڭجوۋدىكى بىر تەرجىمە شېركىتى بىلەن ئالاقەم بار ئىدى .پات-پات مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ . ۋاقتىم بولسا قىلىپ قويىمەن بولمىسا ياق دەيمەن .

بۇنى ماڭا ئەۋەتىشىدىكى سەۋەب سىلاۋيان ئۆزبىك يېزىقچىسىنى ئوقۇپ خەنسوچىغا تەرجىمە قىلالايدىغانلار يوقتەك ياكى ئۇلار پەقەتلا تونۇمايدۇ .

ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزبەكلەر بىلەن ئۆزبىكىستان ئۆزبەكلىرىنىڭ يېزىقىدا پەرق باركەن .تىل تاۋۇشلىرىمۇ خېلىلا پەرقلىنىپ كەتكەندەك. شۇڭا ئۇلارنى ئىزدەپ ئولتۇرمىغان چېغى .

ئۆزبىكچىنى كىنو كۆرۈپ ئۈگەنگەن ئاندىن تۆت بەش ئۆزبەك دوستۇم بار بەختىمگە يارىشا ئۇلار ئىستانبۇلدا .

ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىم رۇس تىلى . بۇ تەرجىمىدىكى رۇسچىدىن ئۆزبەكچىگە كىرگەن ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا قىينىلىشىم ئاز.



شۇڭا قىزىق يۈزىنى مۇزدەك كاسىغا ياققاندەك بولمايدىغاندەكمۇ تۇرىدۇ . ھەم ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ تەرجىمە ئاخىرلىشىپ قالايمۇ دېدى .

\"\"

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 16:12:09

ئەزەربەيجاننىڭ ھۆكۈمەت تور بېتى بىلەنئۆزبىكىستاننىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىگە كىرىپ ئوقۇپ باقتىم،


ماڭا ئۆزبېكچىگە قارىغاندا ئەزەربەيجانچە
يېقىندەك بىلىندى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 19:38:56

5- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل



...ئۆزبەكلەرمۇ بىزدەكلا تور لۇغىتىغا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ ئۈلگۈرمىگەن بىر مىللەتكەن . ياكى گوگۇلدىن چىقمىغان ياكى باشقا يەردىن . ئۆزەم بىلىدىغان تىللارنىڭ ئۆزبەكچە لۇغىتىنى ئاختۇرۇپ باقتىم .ئۇنداقمۇ تور لۇغىتى يوقكەن . ھېچبولمىسا رۇسچىسى بولغان بولسا دەپ قالدىم .(ياكى مەن ئالدىراپ تىنەپ ئىزدەپ تاپالماي قالدىممۇ ئۇقمىدىم ). يەر ناملىرى ئۇچراپ قېلىپ ئۆلچەملىك خەنزۇچىسىمۇ ئۇچراپ بولالمىدى ، ئۆزبىكىستان جۇغراپىسىنى بىر كۆرۈپ چىقتىم ، خەرىتىسىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىپ خېلى بىلىملىكمۇ بوپ قالدىم ...

ئەڭ ئېسىل قىزلارنىڭ بىرىدە سىز.. شۇنداق بولىدىكەن، بىرگە ئۇلىشىپ يەنە بىرىنى ئىزدەيدىكەنسىز، كۆپ نەرسە ئۇچراپ كېتىدۇ. غەيرەت قىلىڭ..

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 20:09:50

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 20:31:46

baqka@

رەھمەت ئاكا ،ئىزدىنىپ تۇرۇپ ئۈگىنىشنى سىلەر بىزگە ئۈگەتكەن . \"\"

Koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:25:12

ۇيغۇر بىلەن ۈزبەك بىر مىللەت پەقەت تىل شىۋىسىدا ازراقلا پەرىق بار --بۇ سۆزنى چۆرىدەپ بىر روس ىلمى ماقالە وقۇپتۇ

YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:33:59

ئۆزبېكچە ناخشىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تىلىمىزنىڭ ،مەدىنىيتىنىڭ يېقىنلىقى ،شۇڭا ئەزەلدىن ئوزبەك ناخشا مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىغا تەسىر كۆرستىپ كەلگەن.

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 00:37:17

يۇۋاش ئۇكام كىم كىمنىڭ ناخشا موزىكىللىرىغا ئەزەلدىن تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟

ئۆزبەكىستان،قازىقىستان،تاجىكىستان،قىرغىزىستانلىقلار روس مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدە كاللىسى قىيىپ تۈركلىكىنى ئۇنتۇپ ھەتتا روسلارغا ئايلىنىپ كىتىشكە ئاز قالغان.

بىر تۈرۈك يازغۇچىنىڭ غەربىي تۈركىستان تارىخى دىگەن كىتابى بولىدىغان بىر ئوقۇپ قويۇشقا تىگىشلىك.

كىملىك ھەققىدە چىكىنىش،تۈركلىكىنى ئۇنتۇش 300مىليون تۈركنىڭ تەغدىرى بولسا كىرەك.مۇستەملىكىگە ئايلانمىغان تۈركىيەدىن ئۆزگە ھەممە تۈرك ناملىرىنى يەڭگۈشلەپ تاشلىدى.بۇنۇڭ بەدىلىگە نىمىگە ئىرىشتۇق؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 11:53:31

8- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئۇيغۇر . گۇڭجوۋدىكى بىر تەرجىمە شېركىتى بىلەن ئالاقەم بار ئىدى .پات-پات مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ . ۋاقتىم بولسا قىلىپ قويىمەن بولمىسا ياق دەيمەن .

بۇنى ماڭا ئەۋەتىشىدىكى سەۋەب سىلاۋيان ئۆزبىك يېزىقچىسىنى ئوقۇپ خەنسوچىغا تەرجىمە قىلالايدىغانلار يوقتەك ياكى ئۇلار پەقەتلا تونۇمايدۇ .

ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزبەكلەر بىلەن ئۆزبىكىستان ئۆزبەكلىرىنىڭ يېزىقىدا پەرق باركەن .تىل تاۋۇشلىرىمۇ خېلىلا پەرقلىنىپ كەتكەندەك. شۇڭا ئۇلارنى ئىزدەپ ئولتۇرمىغان چېغى .

ئۆزبىكچىنى كىنو كۆرۈپ ئۈگەنگەن ئاندىن تۆت بەش ئۆزبەك دوستۇم بار بەختىمگە يارىشا ئۇلار ئىستانبۇلدا .

ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىم رۇس تىلى . بۇ تەرجىمىدىكى رۇسچىدىن ئۆزبەكچىگە كىرگەن ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا قىينىلىشىم ئاز.



شۇڭا قىزىق يۈزىنى مۇزدەك كاسىغا ياققاندەك بولمايدىغاندەكمۇ تۇرىدۇ . ھەم ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ تەرجىمە ئاخىرلىشىپ قالايمۇ دېدى .

\"\"

قانداق پەرقى باركەن؟

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 01:35:30

بەت: [1]
: ھەممىمىز بىلىدىغانلرىمىزنى تاشلاپ باقايلى .