Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 13:46:25

20G لىق مىكروسوفت ئاسمان دېسكا مۇكاپات بوشلۇقى

20G لىق مىكروسوفت ئاسمان دېسكا مۇكاپات بوشلۇقى



مىكروسوفت ھېساۋاتىڭىزغا «Windows Phone ئۇقتۇرۇشى» تېمىسىدا خەت كەلگەن بولسا، ئۇنىڭدىكى «2014- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن چېكىڭ» دېگەن ئۇلانمىنى چەكسىڭىز، كودنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر يىللىق 20 گېگالىق بوشلۇق ئەسلىدىكى بوشلۇقىڭىزغا ھەقسىز مۇكاپات قىلىپ قوشۇپ بېرىلىدۇ. مېنىڭ ھازىر 27 گېگا بولدى.


ئەگەر ۋىنفون ئىشلەتكەنلەر بولسا باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر.

Gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 14:10:00

ئەتىگەن ئېلخەتكە كەپتىكەن ، مەنمۇ چوڭايتىۋالدىم ، بىر يىلدىن كىيىن ئېلىۋالسا 7 gbنىڭ ئۈستىدىكى نەرسە كېرەكلىرىمىزمۇ يوقاپ كىتەرمۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 16:46:57

7 دىكى نەرسىلەر يۈتمەيدۇ مەنچە، ئۇ دىگەن مىكروسوفت.  {:92:}  مەنچە بىر يىلدىن كېيىن يېڭى ئىسىم قويۇپ ئېلان ئورنىدا بىزدە قالامدىكىن 20 مۇ.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 17:04:41

ئاران بىر يىل ئىكەندە، مەن تېخى بىراقلا بېرىۋەتتىمىكىن دەپتىمەن. بايا كېڭەيتىۋالدىم.

بۇ skydriveنىڭ جۇڭگونىڭ تور دېسكىلىرىغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ھەمبەھىرلىگىنىنى ئۆزىنىڭ دېسكىسىغا ساقلىۋالىدىغان ئىقتىدارى يوقمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ؟ بەزى ئېسىل نەرسىلەرنى چۈشۈرىۋالاي دېسە ۋاقىت يوق، كىيىن چۈشۈرىۋالاي دېگەندە مەنبەدىن يوقاپ كەتكەن. زادى ئاشۇ ئىقتىدارى كەم بولۇپ قالغان چىراي.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 17:40:38



windows phone نىڭ google play, app store دەك مەخسۇس ئەپ دۇكىنى قايسى؟ ۋ ۋ ۋ دىن باشلانغان مۇقىم ئادىرسىنى دەپ بەرسەڭلار \"\"

Gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 17:44:39

4- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



windows phone نىڭ google play, app store دەك مەخسۇس ئەپ دۇكىنى قايسى؟ ۋ ۋ ۋ دىن باشلانغان مۇقىم ئادىرسىنى دەپ بەرسەڭلار \"\"

http://www.windowsphone.com

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 23:09:01

نىمە ئۇ ئاسمان دېسكا دىگەن يولداشلار ! ؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 11:26:02

@begir6 سىز بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولمىغاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى چۈشەنمەيسىز، ياخشىسى سىز يەنىلا شېئىر يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. شېئىرلىرىڭىز خېلى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان، نىم بولدى، يەنە پۇتاقتىن چاتاق ئايرىشقا يۈزلىنىپ قاپسىز. شېئىر يېزىڭە بولدى، شېئىر.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 20:01:59

خاتالاشمىسام بېغىر N نىڭ مېنىڭ تېمامغا تۇنجى قەدەم تەشرىپ قىلىشىكەن..  {:92:}  



@oygak2005 ، مىكروسوفتنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئىلتىماس قىلسىڭىزلا، بىر ھېسابات ئاستىغا تۆت نەرسە بىراق ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە SkyDrive تور بوشلۇقى بار، ھەقسىز 7گېگالىق، رەسىم ئۇلانمىسىنى چەكلىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزى سەل قولايسىز بولغاچقا، ئاسمان دېسكا دەپ ئاتىدىم، بۇندىن كېيىن ئاسمان دېسكا دىگىنىم جەزمەن مىكروسوفتنىڭ تور بوشلۇق مۇلازىمىتى SkyDrive نى كۆرسىتىدۇ.

ۋىنفون ئىشلەتكەندىن كېيىن، مىكروسوفت ھېساباتىمغا ئۇلاپ قويسام، ئاسمان دېسكىدا رەسىملەرگە ئاپتوماتىك مۇندەرىجە پەيدا بولۇپ، ۋايفايدا ئاپتوماتىك يوللاپ تۇرۇۋاتىدۇ.

azzam يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:35:06

7- قەۋەتتىكى begir6نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تېمىنى يەتتە كىشىگە ئەۋەتسىڭىز جەننەتكە كىرىسىز \"\"

چاقچاق قىلسىڭىزمۇ ، سەل ئېشىپ كەتتىمۇ نىمە ماۋۇ چاقچاق ...

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 04:04:40

10- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خاتالاشمىسام بېغىر N نىڭ مېنىڭ تېمامغا تۇنجى قەدەم تەشرىپ قىلىشىكەن.. \"\"



@oygak2005 ، مىكروسوفتنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئىلتىماس قىلسىڭىزلا، بىر ھېسابات ئاستىغا تۆت نەرسە بىراق ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە SkyDrive تور بوشلۇقى بار، ھەقسىز 7گېگالىق، رەسىم ئۇلانمىسىنى چەكلىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزى سەل قولايسىز بولغاچقا، ئاسمان دېسكا دەپ ئاتىدىم، بۇندىن كېيىن ئاسمان دېسكا دىگىنىم جەزمەن مىكروسوفتنىڭ تور بوشلۇق مۇلازىمىتى SkyDrive نى كۆرسىتىدۇ.


ۋىنفون ئىشلەتكەندىن كېيىن، مىكروسوفت ھېساباتىمغا ئۇلاپ قويسام، ئاسمان دېسكىدا رەسىملەرگە ئاپتوماتىك مۇندەرىجە پەيدا بولۇپ، ۋايفايدا ئاپتوماتىك يوللاپ تۇرۇۋاتىدۇ.


ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم،


رەخمەت ئىزاھات بەرگىنىڭزگە!


ياخىشى تەرجىمە بولۇپتۇ  ئىنشائاللا !


بەت: [1]
: 20G لىق مىكروسوفت ئاسمان دېسكا مۇكاپات بوشلۇقى