newyork يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 09:28:47

بۇ شېئىرنىڭ تەرجىمىسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار !


مىنىڭ بىز ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئۇچۇر يوللاپ لىبەينىڭ بىر شېئىرىنڭ تەرجىسىنى تېپىپ بېرىشنى سورىغانىدى،ئەمما مەن كىتاپ كۆرۈپ


ھازىرغىچە بۇ شېئىرنىڭ ئۆلچەمىك شېئىرىي تەرجىمىسىن تاپالمىدىم.


床前明月光,疑是地上霜,举头望明月,低头思故乡  (李白 《静思夜مۇشۇ شېئىرنىڭ ئۆلچەمىك  تەرجىمىسى بولسا ياردەم قىلساڭلار.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yelmawuz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 13:24:39

ياسىن ھاۋازى تەرجىمە قىلغان «تاڭ دەۋرى شېئىرلىرى» دېگەن كىتابتا بۇ شېئىرنىڭ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن.

yelmawuz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 13:52:23

سۈزۈك ئايدىڭ كارىۋىتىمغا چاچار نۇر- زىيا،

كۈز قىراۋسى شۇدۇر بەلكىم خىرەلىكتىكى.

كۆككە باقسام تولۇن بولۇپ ئۈزۈپ يۈرەر ئاي،

يەرگە باقسام تەكرارلىنار يۇرت سېغىنىشى.





مۇنداقلا تەرجىمە قىلىپ باقتىم

  {:107:}   {:90:}

august يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 14:46:45

ياسىن ھاۋازى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى



كېچىدىكى خىياللار



شولىنى كۆرگەندە ئويغىنىپ ئەسنەپ،

يەردىكى قىرومۇ دەپتىمەن دەسلەپ.

بېشىمنى كۆتۈرۈپ باققاندا ئايغا،

بىردىنلا ئېڭىشتىم يۇرتۇمنى ئەسلەپ.

august يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 14:51:16

بۇ شېئىرغا ئائىت تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى مەزمۇننى كۆرۈپ بېقىڭلار.

http://news.xinhuanet.com/school/2008-01/08/content_7385305.htm

KVZYAPRIQI يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 15:15:07

床前明月光,疑是地上霜,举头望明月,低头思故乡



چاچما شېئىر قىلىپ باققانلار يوقما؟



كات ئالدىدا،

ئاي نۇرى بەكمۇ يورۇقتۇر.

يەر ئۈستىدە،

قىراۋلار بەكمۇ نۇرلۇقتۇر.

كۆتۈرۈپ باشنى قارىغاندا شۇ نۇرلۇق ئايغا،

بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ يۇرتۇمنى ئەسلىدىم.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 22:03:24

كارۋات ئالدىدىكى نۇرلۇق ئاينۇرى

قىراۋ ئىدى گويا يەردىكى .

بېشىمنى كۆتۈرۈپ باقتىم ئۇ ئايغا

تۆۋەن سالدىم بېشىىمنى ، ياد ئەتتىم يۇرتۇمنى



بۇ مېنىڭ تەرجىمەم ، ئەسلى تېكىستكە بەكرەك ئەھمىيەت بەردىم دەپ ئويلىدىم ... \"\"

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 23:11:47

كارۋىتىمغا سىرغىسا ئاي شولىسى ،

قىپتىمەن ئۇنى قىراۋمۇ دەپ گۇمان .

كۆككە باقسام ئاي يەنە ئەسلى پېتى ،

باش ئېگىپ كەتتى خىيالىم يۇرت تامان .



مانا بۇ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى .ئمىن ئەخمىدىنىڭ تەرجىمىسىغۇ دەيمەن . دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا كۆرگەندەك ئېسىمدە .



شۇ بانادا لى بەينىڭ باشقا بەزى شېئىرلىرىىنىمۇ يوللاپ قوياي.



سىز تەرەپ ياپيېشىل سۈرگەندە بىخ،

مەن تەرەپ ياپيېشىل بەرگى تېرەك .

سىز كەلگۈچە ئۆيگە يول يول ئېلىپ ،

ئېزىلىپ تۈگەيدۇ بەلكى بۇ يۈرەك .

...

...

#######

سېنىڭدىن ئايرىدى چاڭئەن مېنى ھەم قويدى ئارماندا ،

چىرىلدايتى چېكەتكە پەسىلى كۈز ۋاقتى قۇدۇق ياندا .

نېپىز قەغەز كەبى ئاپئاق قىراۋ خانەمنى مۇزلاتتى ،

پىلىلداپ جىنچىراغ يالغۇز ئىشەنچىم قالمىدى بۇ جاندا.

تولۇنئايغا سىرىم تۆكتۈم دېرىزە پەردىسىن قايرىپ ،

كۆرۈندى گۈل كەبى ھۆسنۈڭ ماڭا گوياكى نۇرىستاندا.

كۆزۈم تىكسەم بېشىم ئۈزرە بۇلۇت بىرلە سۆيۈشكەن كۆك،

تۆۋەن باقسام زىلال سۇ مەۋج ئۇرار دەريايۇ-ئوكياندا.

ئەلەمنىڭ دەستىدىن بولدى نېتەي ئاسمان يىراق يەر چىڭ ،

چۈشۈمدە ئىزدىسەم روھىم ئۆتەلمەي توختىدى ھاڭدا.

پىراق دەردى يۈرەكىنى غاجايدۇ كۈن -تۈنى ئوخشاش ،

كېلەرسەنمۇ ئچىم زەرداپ بولۇپ ،كۆزلەر يۇمۇلغاندا.



كۈن ئولتۇراي دەپ قالدى گۈلنى پۈركىدى ئاپئاق مانان،

ئاي نۇرىدا ھەسرىتىمدىن ئۇيقۇ قاچتى بىگۇمان .

جاۋىدىكى سۇمۇر سۈپەت چاڭنىڭ ئۈنى تىنغان مەھەل ،

شۇ ئىلىدە ياڭرىدى قالۇن ئاۋازى ناتىۋان .

ئۇشبۇ ئاۋازنىڭ مەنسىن دېمىدى ھېچكىم لېكىن،

باش باھار بىلەن كەتتى ئۇچۇپ يەنرەن تامان .

ياش تۆكۈپمۇ يەتكۈسىز مەنزىلدە يۈردۇق ئىككىمىز ،

ئەمدى شۇ ياش بولدى كۆلچەك قالدى بىرلا جان ئامان.

سەن ئەگەر چىن پۈتمىسەڭ يارغىن يۈرىكىمنى كېلىپ،

گەر ماڭا ئەينەكتە باقساڭ رەڭگى-رويىم بەك يامان .



#####



يېچىنئې



مۇڭ بىلەن بەنت بۇرغا سۇناينىڭ ئۈنى ،

ئۇيقۇدىن بىدار راۋاقتا سېغىنىش قىينار مىنى.

سېغىنىش قىينار مىنى.

تالى مەجنۇن بەرگىدە ھەريىل باھار ،

ئۇزۇتۇپ قويغان ئەمەسمۇ شۇ باھاردا مەن سېنى.

...

...

...

بۇلارمۇ ئوخشاشلا ئمىن ئەخمىدىنىڭ تەرجىمىسى .(خاتالاشمىسام) ،بۇنىڭ بەزىلىرى تولۇق ئەمەس ، نەچچە يىل بۇرۇن ياتاقتىكى بىر ژۇرنالدا بار ئىكەندۇق . بىر تاللا ژۇرنال بار بولغاچقا ئوقۇۋېرىپ ئىسىمدە قاپتىكەن. ھازىر بەزى يەرلىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ئېۋۇ يېچىنئېى دېگەن شېئىر چاچما (ئەركىن ) شېئىر ئىكەنتۇق ،ئۇنىڭمۇ ئاخىرقى مىسرالىرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 23:13:27

1- قەۋەتتىكى begir6نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

窗前 غۇ دەيمەن ئەسلى ، شۇنداقتىمۇ بىر تەرجىمە قىپ باقماي بولمايدۇ .



ئاي تولغان بۇ كېچە نەقەدەر يورۇق ،

شەبنەمنى بىر ماڭا ئەسلىتەر شۇنچە .

نەملەنگەن كۆزلىرىم باقىدۇ كۆككە ،

ئاھ ئۇردۇم ! ۋەتەننى سېغىندىم شۇنچە...




床前


دېگىنى توغرا .

uyghar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 08:46:19

يېقىندا ، بېيجىڭ شەھەرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بەزى پەنلەرنىڭ تولۇق نومۇر ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن بولۇپ، ئىنگلىز تىلى 100 نومۇر، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى 180 نومۇر قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ھەقتە QQ دا ئۇچرىتىپ قالغان بىر ئۇچۇر مېنى قىزىقتۇرغان ئىدى، تەرجىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچغا بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم:

北京为什么语文要提高到180分,英语降到100?差别不在英语水平,而在汉语水平!

看下面例句的译法:

If you do not leave me, we will die together.

直译:如果你不离开我,我们会死在一起(三级水平)

你如果不离开我,我就和你同归于尽。(四级水平)

你若不离不弃,我必生死相依。(六级水平)

问世间情为何物?直教人生死相许。(八级水平)

天地合,乃敢与君绝。(专家水平)

你在或不在,爱就在那里,不增不减。(活佛水平 )

مەنبە:

http://bbs.chcoin.com/show-6640926.html

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 13:01:37

جىمجىت كېچىدىكى سېغىنىش
لى بەي
چۈشتى تۆشەككە تولۇن ئاي شولىسى،
ئاق قىروسى ئۇ گويا كۈز پەسلىنىڭ.
كۆكتىكى شۇ ئايغا باقتىم، يەرگە ھەم،
ئەسكە چۈشتى جانىجان يۇرتۇم مېنىڭ.

مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك(2)، 110-بەت
بەت: [1]
: بۇ شېئىرنىڭ تەرجىمىسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟