NASA: ساتۇرننىڭ ھەمرايى تىتاندىكى كۆل ۋە دېڭىزلىرىنىڭ رەسىمى
: ساتۇرننىڭ ھەمرايى تىتاندىكى كۆل ۋە دېڭىزلىرىنىڭ رەسىمى
بىلىمخۇمار
2013-يىلى 20-دىكابىر
ناسا دىكى مۇتەخەسسىسلەر ئالەم ئۇچقۇرى «Cassini» ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ تارتقان رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ، ساتۇرننىڭ ھەمرايى تىتان ئۈستىدىكى كۆل ۋە دېڭىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر چوڭ رايوننىڭ رەسىمىنى قوراشتۇرۇپ چىقتى. تىتان قۇياش سىستېمىسىدىكى يەر شارىدىن باشقا بىردىن-بىر يۇزىدە تۇرغۇن سۇ كۆللىرى ۋە دېڭىزلىرى بار كائىنات جىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆل ۋە دېڭىزدىكىسى ھىدروكاربوندىن تەشكىل تاپقان. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى تىتاننىڭ سۇ كۆلى ۋە دېڭىزلىرى بار رايونىنىڭ كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنىشى بولۇپ، سۇ كۆللىرى ئىگىلىگەن رايوننىڭ كەڭلىكى 900 كىلومېتىر، ئۇزۇنلىغى 1800 كىلومېتىر كەلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلاپ چىققان مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، تىتاندىكى سۇ زاپىسىنىڭ مىقتارى 9000 كۇبىك كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ 40 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
ناسا مەركىزى JPL دىكى رادار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ستىۋ ۋول (Steve Wall) مۇشۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ساتۇرننىڭ 62 ھەمرايى بار بولۇپ، تىتان پىلانېتا مېركۇرىي دىنمۇ چوڭراق ئىكەن. بۇ 62 ئاي شارىنىڭ ئىچىدە 53 ئاي شارىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. ھەمدە پەقەت 13 ئاي شارىنىڭ دىيامېتىرى 50 كىلومېتىردىن چوڭ ئىكەن.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
http://www.nasa.gov/jpl/cassini/saturn-moon-titan-20131212.html#.UrORL_RDvQp
سىن ھۆججىتى:
https://www.youtube.com/watch?feature=player_embedded&v=RrGPtCdItBw
رەسىم:
http://www.nasa.gov/sites/default/files/styles/946xvariable_height/public/pia17655.jpg
http://www.nasa.gov/jpl/cassini/titan-colorized-mosaic-pia17655/

ئامېرىكا ئاي ۋە مارسقا چىقىشتا «بۇ جاي ئامېرىكا فىدىراتسىيىسىنىڭ!» دەپ ئېلان قىلمىدى، بۇ پەقەت ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. بۇ خەق بەك جىق ئىش قىلىدىكەن. ئاي شارى ئەلمىساقتىن بۇيان دولتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى، بۇرۇنقى كىتابلاردا ئۇيەرنى «ئاي» ياكى«ئاي شارى» دەپ ئاتالغانلقى مەلۇم. بىزنىڭ ئادەملىرمىز ئۇيەرگە چىققان كۇندىن باشلاپ ئىگلىك ھوقوقمىزنى يۇرىگىزىمز. باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ئىچكى ئىشمىزغا ئارلىشىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىمىز! ئاي تاڭ دەۋرىدىلا جوڭگونىڭ زىمىنى،تاڭ شۈەنزاڭنىڭ شاگىرتى جۇباجىې چاڭئىې پەرىزاتنى سېغىنسا ئايغا قارايدۇ، ئامىركىلىقلار ئۇ يەرگە بارىدىغان ئۇچقۇلېرىنى بىزگە ئەرزان سىتىپ بېرىشى ياكى ئۇ يەرگە بارسا بىزگە غايەت زور باج تۆلىشى لازىمدۇر... بۇ ئامرىكا تاجاۋۇزچىلىرى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ يەرلىرنى دەپسەندە قىلۋاتىدۇ ...

بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ ئالىملىرىمىز ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇشى مومكىن بىر نۇقتىنى چۈشەنمىدىم ، تىتاندىكى سۇ زاپىسىنى نىمىشقا يەرشاردىكى نېفىت زاپىسى بىلەن سېلىشتۇردۇ ؟(يەرشاردىكى نېفىت زاپىسىنىڭ مىقتارمۇ ھەم ئىنىق مۆلچەرلەنمىگەن) ‹‹62 ئاي شارى›› دىگەندىن 62 ھەمراسى دېيىلسە توغرىراق بولارمىكىن . بۇلانى دەيمىز.
بەت:
[1]