شىنجاڭ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ20- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئون بەشىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەمىلى كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان شەندۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاندېرسېننىڭ ھالقىلىق ئۈچ نۇمۇرلۇق توپنى چۈشۈرۈشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 85-82 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا يەتتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. شەندۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 29 نومۇر،7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سېنگېلدون 16 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 13 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 10 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەم 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛ شىرئەلىجان 8 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈچاڭدۇڭ 6 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 22-دىكابىر ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا جېجىياڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php