tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 12:22:49

تاشپولات: ئۇچار تاش(Asteroid) ۋېستا ۋولقان ئېغىزلىرىنىڭ تۇزلىشى ئېنىق بولدى

ئۇچار تاش(Asteroid) ۋېستا ۋولقان ئېغىزلىرىنىڭ تۇزلىشى ئېنىق بولدى.



تاشپولات روزى








ناسا، Dawn ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچار تاش ۋېستا ۋولقان ئېغىزلىرىنى
رەسىمگە ئالغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئېرىشكەن رەڭلىك رەسىملەرنى
ئېلان قىلدى. رەسىم ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن.



Dawn ئالەم كېمىسى 2009-يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇچار تاشلارنى
تەكشۈرىدىغان ناسانىڭ ئالەم كېمىسى بولىدۇ. بۇ ئۇچار تاش ۋېستا يۇپىتېر
بىلەن مارىسىنىڭ ئارىلىقىدا مەۋجۇت بولغان ئاساسلىق بەلۋاغ دەپ ئاتىلىدىغان
ئۇچار تاشلار بەلۋېغىدىكى 4- چوڭ ئۇچار تاش بولۇپ، 2011-يىلى 7-ئايدىن
2012-يىلى 9-ئايغىچە تەكشۈرۈلۈپ كۆپلىگەن رەسىملەرگە ئېرىشكەن. گېرمانىيە
Max Plank قۇياش سىستېما تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، Dawnغا
ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەنزىرە تاللاش كامېراسى ئارقىلىق، مۇمكىن بولغان
يورۇقلۇقىدىن يېقىن ئىنفرا قىزىل نۇرغىچە بولغان 7 خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى
رەڭلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، Dawn يۈزىدىكى رەسىملەرنىڭ رەڭلەشتۈرۈلىشىنى ئېلىپ
بارغان.



بۇ رەڭلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، ۋېستانىڭ جەنۇبى كەڭلىك 14 گرادۇس ئېتىراپىغا
ئورۇنلاشقان ۋولقان ئېغىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى ناھايىتى گۈزەل ئەكس
ئەتكەن. رەسىمدىكى بىر نۇقتا 60 مېتىر بولۇپ، ۋولقان ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى
4.3 كىلومېتىر ئىكەن. ئۇنۇڭ مەركىزىدىن ئېقىپ چىققاندەك ئىزنىڭ بولۇش
سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.



Qawn ئالەم كېمىسى ھازىر، 2-نىشانى بولغان ئاساسلىق بەلۋاغدىكى ئەڭ چوڭ
ئۇچار تاش Ceres قاراپ ئۇچۇۋېتىپتۇ. 2015-يىلى 2-ئايدا ئۇ ئۇچار تاشقا
يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.




يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ھەم رەسىملەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.



http://www.nasa.gov/jpl/dawn/asteroid-20131216/index.html#.UrPPx7SkOSr

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 19:49:03

زاماننىڭ تەرەققىياتى نىمە دىگەن تېز بولغان ھە..بىزلەر ئۆلۈپ قالغۇچە ئىنسانلارنىڭ مارىس، يۇپىتېرغا قەدەم باسقانلىقىنى كۆرەلەيدىغان ئوخشايمىز.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 23:59:55

يوۋ پانا ماخەقلەر مارىسقا ئۇچشنىڭ غىمىدە

مەن بويتاق جۇڭگۇدىن ئۇچامماي ئاۋارە ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 04:06:59

2- قەۋەتتىكى uchkur1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يوۋ پانا ماخەقلەر مارىسقا ئۇچشنىڭ غىمىدە

مەن بويتاق جۇڭگۇدىن ئۇچامماي ئاۋارە ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى

يەنىلا بويتاقلارغا مۇشۇ يەردىكى گۈزەللەر ياخشىتى، چەتئەلنىڭ سۈپ-سۈزۈك گۈزەللېرى سىزنى جەلىپ قىلىۋالغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ كۆپ بولسا بىرەر يىل مۇقىم بولسا نىسىپ بۇپ قالار...


شۇ چاغدا ‹‹ئەر دىگەن بۈركۈت›› دەپ بېرىپ قاماللاپلا ئەكىۋالارسىز...

بەت: [1]
: تاشپولات: ئۇچار تاش(Asteroid) ۋېستا ۋولقان ئېغىزلىرىنىڭ تۇزلىشى ئېنىق بولدى