atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 16:43:23

ئالما 4 كېسەككە ئايلاندى، ئوڭشاپ باقامدۇق....[تېخنىكا]

شۇنداق قىلىپ گەپنى سەل يىراقتىن باشلىسام بىرنجى ئەۋلاد ئايفونۇمنى ئوغرى ئالغاندىن كىين ئەنجۈر تېلفۇن ئىشلتىپ يۈرۈپ يەنە قاملشىلالماي تامغا ئۇرۇپ چېقۋىتىپ خوتۇنغا تېلفۇنۇم يوق دەپ ئەرز قىلىپ يۈرۈپ ئالما تۆتتىن بىرنى مەھەللمگە ئېچلغان تېلفۇن بازىردىن سېتۋالدىم...


بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان ئېسل مال ئىدى، ئالما ئورگان تورى 7.0.4 نەشىرنى ئېلان قىلغاندىن كىين ئايفونۇمغا نەشىر يېڭلامسەن دەپ ئۇچۇر كەلدى، ياق دەپ 6.1.3 نى ئىشلتىۋەردىم، قارسام ئەتراپمىدىكلەر ئاللبۇرۇن كۆچۈپ بوپتۇ، شۇنىڭ بلەن كۆچسەم كۆچەي دەپ كومپيۇتېرىغا چېتىپ iTunesنى قوزغۇتۇپ يېڭلاشقا باشلدىم، دەت مۇشۇ يەردە قوزغالدى....


سېستما يېزىلىپ %30 بولغاندا توساتتىن توك كەتتى، ئالمامنىڭ ئېكران يۈزىگە قارسام iTunes نىڭ سىنبەلگسى بلەن بىرگە USB چېتلغان كۆرۈنۈش چىقىپ تۇرۇپتۇ،



توك كەلگەندە سېستمىنى قايتا يېزىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە 3194 خاتالقى كۆرۈلدى....



توردىن ئىزدەپ كۆرسەم


C:WINDOWSsystem32driversetc


ئاستدىكى HOSTS ھۆججىتگە ئاددىرس قوشۇش ئارقلىق ئوڭشاش ۋە ياكى HOSTS ھۆججىتنى ئۆچۈرۋىتىش ئارقلىق ئوڭشاش ئۇسۇلى كۆرستىلپتۇ، بېراق مەن بۇ خىل ئۇسۇل بلەن ھەل قىلالمدىم، يەنلا 3194 خاتالىقى كۆرۈلدى...توردىن بۇ خاتالقىنى يەنە ئىزدەپ كۆرسەم 基带 سى بۇزۇلغان قاتتىق دىتالدىكى مەسلە دەيدۇ، (基带نىڭ تېخنىكىلىق ئۇيغۇر تېلدىكى مەنسنى بىلمىدىم). سېستما يازغانغا 基带 بۇزۇلامدۇ،؟ پەقەتلا قوبۇل قىلالماي


ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى ، پاسبان تورى، ئالىپ تورى ۋە باشقا خەنزۇچە توربەتلەردىن ئىزدەپ كۆرۈپ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ باردىم.مەسلەن 爱思助手  دىتالى ئارقلىق قايتا سېستىما يېزىش ئېلىپ باردىم،


مەن 爱思助手 دىتالدا يېزىپ سىناپ باققان نەشىرلەر



يۇقارقىلار 爱思助手 دا نورمال يېزىلدۇ، بېراق ئايفوننىڭ ھازىرقى ھالتى قاپقارا ئېكران، ھېچىنمە كۆرۈنمەيدۇ، 爱思助手  ياكى iTunes دىتالدا كۆرسەم dfu ھالتىدە ئۇلانغان دەيدۇ.


ئەمدى تېخنىك ئۇستىلاردىن ۋە مەن يولۇققاندەك ئەھۋاللارغا ئۇچىرىغانلاردىن سورايدىغنىم؛


ئالمىغا سېستما يېزىلۋاتقاندا فىزىكلىق ئۈزۈلۈش كۆرۈلۈسە قاتتىق دېتالدا راستىنلا بۇزۇلۇش بولامدۇ، ؟


ھازىرىقى DFU  ھالتىدىن قانداق قېچىپ چىقالىشىم مۇمكىن ؟


توردىكى ئىنكاسلاردىن ئوقۇپ بېقشىمچە 基带 ئالماشتۇرۇش ئېھتماللقى بار، تاۋباۋدا 100 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن،基带نى ئالماشتۇرغاندىن كىينكى ئايفوننىڭ ئىشلتىشچانلقى قانداق بولىشى مۇمكىن...


ئەگەر ئۇستلار ئوڭشاپ بەرسە ئەجرىگە يارىشا رەھمىتىم بار...


تەرتىپ نومۇرى ۋە تىپ نومۇرىغا ئاساسەن ئىزدەپ كۆرسەم قاتتىق دېتال رېىمونىت كاپالەت ۋاقتدىن يەنە 22 كۈن بار ئىكەن ، ئۇنى ئالما مەھسۇلاتلرىنى سېتىش ئورنىغا ئاپىرىپ رىېمونىت قېلدۇرالامدىم....ئۇلار ئىگە بولامدۇ يوق....


pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 20:06:38

3194 دەپ چىققان بولسا خېلى بەك ئاۋارىچىلىق ، مەنمۇ بىر ۋاقىتتا بىر تونۇشىمىزنىڭ تېلېفونىغا سېستىما يازغاندا مۇشۇنداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ شۇنداق تەستە قاچىلىغان سېستىمىنى .. سېستىما يازىدىغان يۇمشاق دېتاللار كۆپ ، بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىنى سىناپ بېقىڭ ، مېنىڭ ھازىر ئېسىمدە قالماپتۇ ئىسمى ، بولمىسا ئېيتىپ بىرەتتىم !!

بۇ ھەرگىز تېلېفوننىڭ ئىچىدىكى قاتتىق دېتاللاردىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئۈمىدسىزلەنمەي قايتا قايتا سىناپ بېقىڭ !! ئەمدى شۇ بىرە كۈن ۋاقتىڭىزنىڭ كېتىشىدە گەپ يوق لېكىن..

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 21:42:38

قىزىل قار يەنى 红雪 دىتالى ئارقىلىق 基带نى يازغىلى بۇلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئەمما سىناپ باقمىغان ئىدىم 基带 ئوڭشالغاندىكىن ئاندىن قايتا سېستىما يازسا قانداق بولا

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 22:03:13

基带 ئالماشتۇرسىڭىز تىلفۇننى كىيىنكى سېستىما نەشىرلەرگە ،قارىتا يېڭلاش ئېلىپ بارالمايسىزغۇ دەيمەن .يېقىندىن بىرى ئالمىنىڭ ios7 چىققاندىن بىرى، ID مەخپى نۇمۇرى دەيدىغان موتو گەپ چىقتى دەڭلار، كۈندە قېشىمغا بىر ياكى ئىككى مۇشۇنداق ID بار تىلفۇنلار كىلىپ تۇردۇ. ھازىرغىچە ھەل قىلالماي يۈرۈپتۇق ئىچكىردىكى خەنلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ، بەسەيلەر يەنە شۇ 基带 ئالماشتۇرمىز 250 سوم تىلفۇن نۇرمال ئىشلەيدۇ ،ئەمما ئاپتۇماتىك يېڭلاش ئېلىپ بارالمايسەن دەپ تۇردۇ شۇنىڭ بىلەن ھازىرچە ID لىق تىلفۇنلار قېشىمدا كېسەك بۇلۇپ ياتىدۇ 基带 ئالماشتۇرۇپ قالسىڭىز ئاۋال نورمال يېڭلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ دەپ سوراپ ئاندىن بىر ئىش قىلاسىز ئىزدىنىشتا باشقا كەسىپداشلارمۇ خېلە باركەن مۇش IDنى ھەل قىلىپ باققان ئۇيغۇرلار بارمۇ

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 10:13:04

@nurdiyar

تېمىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت....سىز دېگەن ئەھۋاللارنى سۆزلىشىپ باقسام بولغۇدەك...

ئايتۇنىستا 7.0.4 نى قايتۇرسام 3194 خاتالقى چىقىدۇ، ئايفون ئىكراندا يەنە شۇ سېستما قايتۇرۇش سېنبەلگىسى...

爱思 دا 6.1.2 ۋە 6.1.3 لەرنىڭ SHISHI ھۆججىتى بار ئىكەن، ئۇنى قايتۇرسام چەكسىز DFU ھالتىدە تۇرىۋالدى، بەك بېشىم قاتتى..مەھەللەمدىكى ئايفون رىېمونىت قىلدىغانلار پەقەت ئايتۇنىس ۋە ئەيسىدە سېستما يېزىشنلا بىلدىكەن، ئۇلارمۇ بۇ خىل كاشلىلارغا يولۇقۇپ باقماپتىكەن....

ID نومۇرۇم ۋە مەخپىي نومۇرۇمنى بىلەتتىم بولمىسا،،،،

musajan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 11:31:33

3194خاتالىقى بىلەن 1013خاتالىقلىرى ئادەتتە تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان تېلىفونلارغا سېستىما يازغاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

سىز تۈۋەندىكى 3خىل ئۇسولدىن خالىغان بېرىدە تۇغرا پۇختا مەشغۇلات قىلسىڭىز بۇ كاشىلىنى ئوڭشىيالايسىز.

1.سىز ئاۋۋال كومپىيوتىردىن C:WINDOWSsystem32driversetcمۇشۇ مەشغۇلات تەرتىپىنى ئىلىپ بېرىپ مۇشۇ مۇندەرىجىدىن HOSTSھۈججىتىنى ئاچىسىز(خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق ئاچىسىز).

hostsنى ئاچقاندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى قۇرىغا:74.208.10.249 gs.apple.com نى يېزىپ ساقلاپ چىقىسىز(دىققەت:سان ئالدىدا ھەرىپلەر كەينىدە ،بۇ يەرگە يازسام سان كەينىگە خەت ئالدىغا چىقۋالدى)

ساقلاپ چىققاندىن كىيىن سىز كومپىيوتىرنى قايتا قوزغۇتۇپ نورمال سېستىما قاچىلىسىڭىز بۇلىدۇ.ئۇيۇل سېستىما يەنى 固件نى تاللىغاندا Shift+恢复按钮 كۇنۇپكىسىنى بىسىپ مەشغۇلات قىلىڭ.



2-خىل ئۇسول:

بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يەنە يۇقارقى مەشغۇلات بۇيىنچە ئۆزگەرتىش قىلغاندىن كىيىن باشلاش تېزىملىكىدىن :ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە cmd يېزىپ دوس بۇيرۇق كۆزنىكىنى ئىچىپ “nslookup gs.apple.com”,بۇيرۇقىنى يېزىپ ئىجرا قىلسىڭىز سىز تۇرۇشلۇق رايون gs.apple.com تور بىكىتىنى زىيارەت قىلغاندىكى ئېرىشكەن ipئادىرىسنى كۆرەلەيسىز سىز بۇ ipنۇمۇرنى خاتىرلىۋىلىڭ،مەسىلەن مىنىڭ ip نۇمۇرۇم:17.151.36.30

ئاندىن يەنە C:WindowsSystem32driversetc تۈرلىرنى ئىچىپ بۇنىڭدىن hosts ھۈججىتىنى تىپىپ بۇنىڭدىكى 74.208.10.249 بۇ نۇمۇرنى ئۆزىڭىزنىڭ بايام تاپقان ipئادىرسىڭىزنى يېزىپ ساقلاپ چىكىنىپ چىقىڭ.

ئاندىن يەنە باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئىچىپ cmdكىرگۈزۈپ بۇيرۇق كۆزنىكىنى ئىچىپ “ipconfig/flushdns”,بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلۋىتىڭ،ئاندىن كومپىيوتىرنى قايتا قوزغۇتۇڭ.

ئاندىن iTunesنى قوزغۇتۇپ نورمال سېستىما يىزىش ئىلىپ بېرىڭ.

ئۇيۇل سېستىما يەنى 固件نى تاللىغاندا Shift+恢复按钮 كۇنۇپكىسىنى بىسىپ مەشغۇلات قىلىڭ.



ئەگەر يۇقارقى ئۇسوللارنىڭ بىرىمۇ كارغا كەلمىسە سىز دىگەندەك DFU مۇھىتىدا سېستىما يېزىڭ ،بۇنىڭدا باشقىلار خەتىرى بار دەيدۇ لىكىن مەن ئۇچىراپ باقمىدىم،مۇشۇ ئۇسولدا ئوڭشاپ باققان ئىدىم.

1،iPhoneكومپىيوتىرغا چىتىڭ.ئاندىن iPhoneنى ئۈچۈرۈڭ.

ئاندىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا homeكۇنۇپكىسى ھەم ئېچىش كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇڭ.قۇيۋەتمەڭ

مۇشۇ ۋاقىتتا سىز ئاق رەڭلىك ئالمىنىڭ logoسىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا تېلىفوننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى قۇيۋىتىڭ،لىكىن homeكۇنۇپكىسىنى قۇيۋەتمەڭ.

iTunesنى قوزغۇتۇپ iTunesتاكى سىزنى 恢复模式 ھالىتىنى ئەسكەرىتكەنگە قەدەر تۇرۇڭ.

ئەسكەرىتكەندىن كىيىن سىز ئاندىن home كۇنۇپكىسىنى قۇيۋىتىڭ. بۇ ۋاقىتتا تىلىفونىڭىز ئەسلىگە قايتىپ بولغان بۇلىدۇ .مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىسا قايتا سىناڭ .چۇقۇم قىلالايسىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 12:42:29

ئۆتكەندە، ۋىنفون يانفۇنۇمنىڭ سىغىمى سەۋەپلىك، ھەممىنى تازىلاپ زاۋۇت تەڭشەككە قايتۇردۇم. توكنى %100قىلىپ، زاۋۇت تەڭشەككە قايتۇرۇشنى بېسىپ قويۇپ قارىسام بەك ئاستا، قانداقلا بولسا توكى يېتىدۇ دەپ ئويلاپ، يانفۇنغا ھېچقانداق سىم چاتماي تاشلاپ قويۇپ، ئۇخلاپ ئەتىسى قارىسام، توكى يوق! كۆڭلۈمدە «رىۋايەتلەرىكى يانفۇننىڭ كېسەككە ئايلىنىشى يۈز بېرىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ، توكقا چېتىپ قويسام، سەل تۇرۇپ چىشلىق چاقلار مېڭىۋاتىدۇ، ئېلىۋېلىپ ئىشقا كېتىۋېتىپ قارىسام ئۈستەل يۈزى چىقىپ بولدى. مەن بىلمىگەن ئىش شۇكى، پۈتۈن توك تۈگەپ كەتكىچە زاۋۇت تەڭشەكنى قايتۇرۇپ بولالمىغان ۋىنفون قانداق قىلىپ توك قاچىلىغاندا داۋاملاشتۇرۇپ نورمال ئىشلىيەلىدى؟ مەنچە ئىشقلىپ باشقىلارغا ۋە ئۆزەمگە ۋىنفون تەۋسىيە قىلغىنىم خاتا بولماپتۇ دەپ ئويلايمەن.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 15:02:51

ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغانلار Hosts قا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئولتۇرماي، DNS كە 114.114.114.114 نى يىزىپ قويسىلا بولدى. قالدى ئىشنى شۇ DNS توغۇرلايدۇ. DFU ھالىتى ئادەم قورقاتقىدەك يەر ئەمەس، بەلكى ئۈسكۈنىنى ھەقىقى تازلاپ سىستىما يازىدىغان ھالەت. مەن ئادەتتە DFU ھالىتىدە تۇرۇپ سېستىما يازىمەن. چۈشۈرۈپ يازغان سېستىمىڭىز، ئۈسكۈنە تىپىغا دەل ماس كەلگەن بولسا، تور ئۇلىنىشى نورمال بولسا، (ئىمكان بار DNSنى ئاۋۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرەك.) سېستىما يازغان سىم ياخشى سىم بولسا (ئىمكان بار ئەسلى ئالما سىمىنى ئىشلىتىڭ.) مۇشۇ شەرىتلەر قانائەتلەنگەندە DFU ھالىتىدە سېستىما يازسا چوقۇم قاچىلىنىدۇ.

基带 دىگەن دىگەن GSM دىن سىگنال قوبۇل قىلىشقا ئىشلتىدىغان نەرسە، بۇنىڭدىن چاتاق چىقسا، ئىغىر بولغاندا SIM كارتىنى تونۇمايدۇ ياكى تونىسىمۇ تورغا ئۇلىنالمايدۇ، لىكىن WIFI يەنىلا نورمال ئىشلەۋىرىدۇ، سېستىما يىزىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىش بولمايدۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 15:21:18

@kokkaptar

DNS كە سىز دېگەندەك 114 لارنى تولدۇردۇم، ھازىر ئايتۇنستا 6.1.2 قايتىۋاتىدۇ....

قارىغاندا سىز ماڭا ياردەم قىلالايدىغاندەك تۇرسىز....

ئەيسى ياردەمچىسدە 6.1.2 ۋە 6.1.3 لەر نورمال يېزىلدۇ، (بۇ يېزىلىش ئەلۋەتتە DFU ھالتىدە بولدۇ) يېزىلىپ بولغاندىن كىين سېتىما يېڭلاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دەپ ئۇچۇر چىقىرىىپ بېرىدۇ ، تېلفۇنغا قارىسام بىر سېرىق بۆلجۈرگەننىڭ ئايكون بەلگىسى كۆرۈنۈپلا قاپقارا ھالەتتە، ئايتۇنسقا چاتسام يەنە شۇ قايتۇرۇش ھالتىنى ساقلاپ تۇرغان، ئەيسى ياردەمچىسدە قارىسام DFU ھالىتىدە ئۇلانغان دەيدۇ، 爱思助手دىكى 不完美越狱引导نىمۇ سىناپ باقتىم، يەنلا DFU ھالتىدىن چىقالمدى....

مەن ئېلىپ بارغان مەشغۇلات خاتامۇ ياكى ...

تلفۇن بۇزلغىلى ھازىر ساق 15 كۈن بولدى، كۈندە بوش ۋاقتىم بولسلا سېستىما يېزىپ ھەپىلىشىپ بېقۋاتىمەن،

ئاخىردا ئۈمۈدۈم ياردىمىڭلارغا مۇھتاجىمەن...

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 16:10:37

114.114.114.114 نى يازساممۇ ئايتۇنستا يەنە شۇ 3194 خاتالىقى  {:107:}

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 17:09:28

Itunes تا تۇرۇپ 7.0.4 غا كۆتۈرگەن بولسىڭىز، 基带 نىڭ نەشىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مومكىن، شۇڭا يەنە داۋاملىق 7.0.4 نى يىزىش كىرەك.

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 19:48:43

ما تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ. كىسەك تىلفۇنلارنى مەخسۇس ئوڭشايمەن دەپتۇ.

http://alip.biz/thread-22545-1-1.html

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 20:29:13

ئەڭ ياخشىسى iphone4 نى ios7 نىڭ ئۈسىتگە كۈتۈرگەن بولسىڭز بولىدى . تېلفۇنى تېلفۇن ئۇرۇش بىلەن ئۇچۇرغا ئىشلەتكىلام بولىدۇ . بولمىسا تاشىلۋتتىڭ . سۈرئەت دەھىشەت ئاسىتا .



تۆۋەن نۇسىخسغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن 2_ ئايىغچە ساقلاڭ .

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 20:52:08

10- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Itunes تا تۇرۇپ 7.0.4 غا كۆتۈرگەن بولسىڭىز، 基带 نىڭ نەشىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مومكىن، شۇڭا يەنە داۋاملىق 7.0.4 نى يىزىش كىرەك.



دەسلەپ بار سېستىما 6.1.3 ئىدى،Itunes تا 7.0.4 نى يېزىۋاتقاندا كومپيۇتېر ۋە تېلفۇن ئوتتۇرىسدا ئۈزۈلۈش يۈز بەردى. ھازىر دەل Itunes تا 7.0.4 نى يازغاندا ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا 3194 خاتالىقى كۆرۈلىۋاتىدۇ...ئۇنداقتا داۋاملىق 3194نى ئوڭشاش ئۈستىدە ئىزنىپ باقساق بولغۇدەك...


سىزنىڭچە 基带 نىڭ نەشىرى بۇزۇلۇش ئىھتىماللىقى ناھايتى تۆۋەن شۇنداقمۇ ؟


atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 20:56:18

12- قەۋەتتىكى estamiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەڭ ياخشىسى iphone4 نى ios7 نىڭ ئۈسىتگە كۈتۈرگەن بولسىڭز بولىدى . تېلفۇنى تېلفۇن ئۇرۇش بىلەن ئۇچۇرغا ئىشلەتكىلام بولىدۇ . بولمىسا تاشىلۋتتىڭ . سۈرئەت دەھىشەت ئاسىتا .



تۆۋەن نۇسىخسغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن 2_ ئايىغچە ساقلاڭ .



تېلفۇن ئۇرۇش ۋە ئۇچۇر يوللاشقىلا ئىشلەتكلى بولغۇدەك بولسا بەك ياخشى بولاتتى، بېراق ئايفون ئىكراندا ئايتۇنىس سىنبەلگىسى بلەن usb چېتىش ھالەت رەسىمدىن باشقا ھېچىنىمە يوق،


خەنچە تور بەتلەردە 7.0.4 نى قىزىل قار ۋە ئايفايىزىس يۇمشاق دىتالى بىلەن نەشىر تۆۋەنلەتكلى بولدىغاننى دەرسلىك قىلىپ سۆزلەپ تۇرۇپتۇ، سىناپ باقتىم ئامال بولمدى...


Namsiz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 16:22:03

ئالما كومپۇتېر ئىشلىتىپ مەشغۇلات قىلىڭە... نورمال يازىدۇ. DFU ھالىتىدە.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 18:38:28

14- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل سېستما يېزىلىپ %30 بولغاندا توساتتىن توك كەتتى، ئالمامنىڭ ئېكران يۈزىگە قارسام iTunes نىڭ سىنبەلگسى بلەن بىرگە USB چېتلغان كۆرۈنۈش چىقىپ تۇرۇپتۇ،

ئەڭ يامان يىرى مۇشۇ ، ئالما تېلفون ئەمەس ،باشقا 100 يۈەنلىك نوكىيا ياكى كومپيۇتېر بولسۇن سىسىتېما يىزىۋاتقاندا توك كەتسە ،ئاساسلىق يانفوننىڭ مەنبە ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىر (字库)نى ئۆلتۈرىدۇ .

ئەگەر DFU غا كىرىۋىلىپ چىقمىسا ئاساسىي بەلباغ ماس كەلمەسلىكتىن كىلىپ چىقاتتى ،7.0.4 نى بولسىمۇ يىزىش ئىشلەتكىلى بولاتتى ،ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا 7.0.4 مۇ يىزىلمىغاندەك .ئۈرۈمچىدە ياكى ئىچكىرىدە تونۇش بولسا ئەۋەتىپ ئوڭشىتىڭ (لېكىن گوڭ كۆتۈرمەيدۇ)ھازىر نىمكەش 4 نى مۇشۇ تېلېفوننى ئوڭشاتقان پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 09:58:13

16- قەۋەتتىكى kuysoyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل سېستما يېزىلىپ %30 بولغاندا توساتتىن توك كەتتى، ئالمامنىڭ ئېكران يۈزىگە قارسام iTunes نىڭ سىنبەلگسى بلەن بىرگە USB چېتلغان كۆرۈنۈش چىقىپ تۇرۇپتۇ،

ئەڭ يامان يىرى مۇشۇ ، ئالما تېلفون ئەمەس ،باشقا 100 يۈەنلىك نوكىيا ياكى كومپيۇتېر بولسۇن سىسىتېما يىزىۋاتقاندا توك كەتسە ،ئاساسلىق يانفوننىڭ مەنبە ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىر (字库)نى ئۆلتۈرىدۇ .

ئەگەر DFU غا كىرىۋىلىپ چىقمىسا ئاساسىي بەلباغ ماس كەلمەسلىكتىن كىلىپ چىقاتتى ،7.0.4 نى بولسىمۇ يىزىش ئىشلەتكىلى بولاتتى ،ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا 7.0.4 مۇ يىزىلمىغاندەك .ئۈرۈمچىدە ياكى ئىچكىرىدە تونۇش بولسا ئەۋەتىپ ئوڭشىتىڭ (لېكىن گوڭ كۆتۈرمەيدۇ)ھازىر نىمكەش 4 نى مۇشۇ تېلېفوننى ئوڭشاتقان پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ




مەن دەل مۇشۇ ئىشقا ھەيرانمەن،يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتالنى بۇزىۋىتەلەمدۇ...


قاتتىق دىتالنىڭ روم قىسمىغا ئاددى كود ۋە تۈزىتشلەرنى كىرگۈزۈپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، مەسلەن كومپيۇتېرنىڭ ئانا توك يول تاختىسى، تېلفۇنلارنىڭ رومى دېگەندەك...


ئالما قاتتىق دىتالىنى ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغاندا چوقۇم مۇئەييەن بىر تەرتىپ نومۇرى بار. ئۇ يۇمشاق دىتال تەرپدىن بۇزۇلغان بولسا چوقۇمكى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش ياكى قايتا يېزىشقا مۇمىكىن بولىشى كېرەك ئېدى...بەلكىم مەن دەل شۇ خىل تېخنكنى بىلمىگەنلكىم مۇمكىن...


atella يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 10:00:29

15- قەۋەتتىكى namsizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالما كومپۇتېر ئىشلىتىپ مەشغۇلات قىلىڭە... نورمال يازىدۇ. DFU ھالىتىدە.



ئالما كومپيۇتېرنى ئەتراپمىدىن تاپماق سەل تەس... pc لارغا mac  قاچىلغىلى بولامدىغاندۇ، ئىزدەپ باقاي...


ئالىپ تورىغا بىر تورداش مۇنداق بىر ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ، باشقلارنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ پايدىلنشى ئۈچۈن يەرگە چاپلاپ قوياي...


XPxharp

ئۇبۇنتۇ 12.04سېستىمىسىدائالمىڭىزنىڭ ھۆججەت سېستىمىسىغا كىرىپ ئۇسېر ھۆججىتىنى ئۇچۇرۇڭ ئۈچۈرۇش ئالدىدا چۇقۇم زاپاسلاڭ ئاندىن قايتىپ ئەسى بىلەن نەشرىنى تۈۋەنلىتىڭ ئىش تامام

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 10:54:32

17- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى kuysoyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل سېستما يېزىلىپ %30 بولغاندا توساتتىن توك كەتتى، ئالمامنىڭ ئېكران يۈزىگە قارسام iTunes نىڭ سىنبەلگسى بلەن بىرگە USB چېتلغان كۆرۈنۈش چىقىپ تۇرۇپتۇ،

ئەڭ يامان يىرى مۇشۇ ، ئالما تېلفون ئەمەس ،باشقا 100 يۈەنلىك نوكىيا ياكى كومپيۇتېر بولسۇن سىسىتېما يىزىۋاتقاندا توك كەتسە ،ئاساسلىق يانفوننىڭ مەنبە ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىر (字库)نى ئۆلتۈرىدۇ .

ئەگەر DFU غا كىرىۋىلىپ چىقمىسا ئاساسىي بەلباغ ماس كەلمەسلىكتىن كىلىپ چىقاتتى ،7.0.4 نى بولسىمۇ يىزىش ئىشلەتكىلى بولاتتى ،ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا 7.0.4 مۇ يىزىلمىغاندەك .ئۈرۈمچىدە ياكى ئىچكىرىدە تونۇش بولسا ئەۋەتىپ ئوڭشىتىڭ (لېكىن گوڭ كۆتۈرمەيدۇ)ھازىر نىمكەش 4 نى مۇشۇ تېلېفوننى ئوڭشاتقان پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ




مەن دەل مۇشۇ ئىشقا ھەيرانمەن،يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتالنى بۇزىۋىتەلەمدۇ...


قاتتىق دىتالنىڭ روم قىسمىغا ئاددى كود ۋە تۈزىتشلەرنى كىرگۈزۈپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، مەسلەن كومپيۇتېرنىڭ ئانا توك يول تاختىسى، تېلفۇنلارنىڭ رومى دېگەندەك...


ئالما قاتتىق دىتالىنى ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغاندا چوقۇم مۇئەييەن بىر تەرتىپ نومۇرى بار. ئۇ يۇمشاق دىتال تەرپدىن بۇزۇلغان بولسا چوقۇمكى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش ياكى قايتا يېزىشقا مۇمىكىن بولىشى كېرەك ئېدى...بەلكىم مەن دەل شۇ خىل تېخنكنى بىلمىگەنلكىم مۇمكىن...


يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتال قىسىمىنى بۇزىۋىتەلمەيدۇ ،ئەمما توك ئۆچۈپ قىلىش سەۋەبلىك قاتتىق دېتالنىڭ بۇزىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، مەنچە سىسىتېما يىزىش جەريانىدا يانفون (ئىچكى قىسىمدا )工程模式 ھالەتتە سىسىتېما يازىدۇ ،شۇنداق بولغانىكەن توك كىتىش سەۋەبىدىن يانفون ئانا تاختىغا قارىتا بۇزۇلۇش كىلىپ چىقىشى مۇمكېن ،مەن 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا ۋىدوۋس موبايلى 5.5 كە سىسىتېما يىزىش جەريانىدا توك ئۆچۈپ كىتىش سەۋەبلىك يانفوننى كىسەككە ئايلانۇرۇپ قويۇپ ئاخىرى بولماي زاۋۇتقا قايتۇرۇش ئارقىلىق يانفوننى ئالماشتۇرىۋالغان ئىدىم . توردىكى ھەرقانداق سىسىتېما يىزىش دەرسلىكىگە قارىسىڭىز بىشىدىلا ئەسكەرتىش بىرىدۇ ،يانفون باتارىيەسىدە 50% دىن يۇقىرى توك بولسۇن ،مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا كومپيۇتېر بىلەن .ئۈزۈلۈش بولمىسۇن  ئىمكان بار خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلىتىڭ دېگەنگە ئوخشاش .


ئەمدى ئەگەردە سىزنىڭ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ياخشىراق بولسا تۆۋەندىكى دەرسلىكنى (2-3-قىسىملىرىنىمۇ قوشۇپ) كۆرۈپ چىقىپ سىناپ بىقىڭ مەك قاچىلىيالىشىڭىز مۇمكېن


http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=5698


بەت: [1]
: ئالما 4 كېسەككە ئايلاندى، ئوڭشاپ باقامدۇق....[تېخنىكا]