alkincn يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 15:17:29

توكيوغا يوللانغان تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلار(4)



«قۇرۇپ چىقىش» دېگەن دوكلاتىدا ئافغانىستاننىڭ سىياسىي ۋە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىكى مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر سىز ئافغانىستان چېگرىسىغا نەزەر سالسىڭىز، ئافغانىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ  چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورى گويا بىر قۇيرۇققا ئوخشايدۇ. ۋاخان كارىدورىنىڭ شىمال تەرىپى تاجىكىستان، جەنۇبى پاكىستان بولۇپ، بۇ يەردە ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە تولىمۇ قىزىقارلىق سىياسىي ئويۇن باشلىغان. ئافغانىستان پادىشاھى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ۋە قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ياپونىيەگە يېقىنلىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان- دېگەن.


    ئوكاۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئافغانىستان بىلەن 1928- يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، 1934- يىلى 11- ئايدا كابۇلدا تۇنجى ياپون ئەلچىخانىسى ئېچىلغاندا ئىلگىرى تۈركىيە ۋە مىسىردىكى ياپون ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن قاتارلىق ئىسلام ئەللىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تىرىشقان دىپلومات كىتادا ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ ئەۋەتىلگەن. كىتادا كابۇلغا يېتىپ بارغان چاغدا كابۇلدا «ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، مىسىر، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئۆز-ئارا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخپىي ئۇچۇرلارنى توپلاش جېڭى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.»


    ياپونىيە ئارخىپلىرىدىكى بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى مانجۇرىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاكېئۇچى جۇگۇدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەرەب تىلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ، 1940- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىغان. ئۇنىڭ مەلۇماتىدا «مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللىرى توكيوغا يېتىپ كەلگەندە ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو باشچىلىقىدىكى كىشىلەر ئۇلارنى كۈتۈۋالغان. 1939- يىلى 11- ئايدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمانلار كۆرگەزمىسىگە مەھمۇت مۇھىتى باشلىق توققۇز نەپەر كىشى قاتناشقان. ئۇلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ئۆز ئىسىملىرىنى يېزىپ ئىمزا قالدۇرغان» دېيىلگەن.


    1937- يىلىدىن باشلاپ مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن تاكېئۇچىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇت مۇھىتى ياپونىيەگە كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشقان. بۇ خەۋەر ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى باشلىق 13 كىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ياپونىيەدىن بېيجىڭغا يولغا سېلىنغان.


    تاكېئۇچىنىڭ 1943- يىلى بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىدا «مەھمۇت مۇھىتى 1943- يىلى ئۆلگەن» دېيىلگەن. تاكېئۇچى بۇ چاغدا بېيجىڭدىكى خىزمىتىدىن يۆتكىلىپ كۆكخوتقا بارغان. ئۇ كۆكخوتتىكى ئۇيغۇرلاردىن داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ ياپون ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تۇرغان.


    مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. كۆپلىگەن كىشىلەر ۋە مۇھىتىلار ئائىلىسىدىكىلەر ۋە باشقىلار مەھمۇت مۇھىتىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ ئوغلى يەنى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ نەۋرىسى مەخسۇت مۇھىتى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.


    سىياسىيون ۋاكى ساكانىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى» نامىدىكى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئەينى يىللاردا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدە ۋاكى ساكا ئۆزى بىرلىكتە مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى كىشىلەرنى توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىغا باشلاپ كىرگەنلىكىنى، مەھمۇت مۇھىتى تارىختىكى ياپون قەھرىمانى ساكانوئۇئېنو تامۇرا مارونىڭ رەسىمىگە قاراپ «بۇ كىشى ماڭا ئوخشايدىكەن» دېگەن سۆزىنى بايان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


    ياپونىيەدىكى بەزى ئارخىپلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو ئۆزىنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ بېيجىڭغا يولغا سېلىنغان مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياشاراخۇن، ياقۇپاخۇن ئىسىملىك ئىككى كىشى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭدىن ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكىگەن. ئۇلارنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەركىزى كۆكخوتتىكى «ياپونىيە غەربىي شىمال تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى كومۇرا كۈتۈۋالغان. كومۇرا ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى شۇنداقلا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ «ياپونىيە مۇداپىئە كارىدورى قۇرۇش كومىتېتى» نىڭ مەخپىي ئادىمى ئىدى. ئۇندىن باشقا، بېيجىڭدىكى مانجۇرىيە تۆمۈر يولى تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلغان تاكېئۇچىمۇ بېيجىڭدىن ھەر ئايدا بىر قېتىم كۆكخوتقا بېرىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن «ھىندىستان-شىنجاڭ يولى» دېگەن دوكلاتنى يېزىپ تاماملىغان.ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە «ئۇيغۇر نامى ۋە شىنجاڭ» دېگەن دوكلاتنى يېزىپ ياپونىيەنىڭ «شىمالىي جۇڭگو گېنېراللار خىزمەت ئىشخانىسى» غا يوللىغان.


    بەزى ماتېرىياللاردا «شىمالىي جۇڭگو گېنېراللار خىزمەت ئىشخانىسى» نىڭ خىزمەتچىسى شىگى كاۋا جۇڭگو مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، جۇڭگودا قۇرۇلغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تارمىقى ئىدى.


    تاكېئۇچىنىڭ مەلۇماتلىرىدا:«ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى بارلىق كۈچلەر ئۆز يۇرتىغا قايتقان. 1949- يىلى جۇڭگۇ كومپارتىيىسى شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازات قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەۋىرى بولمىغان.



http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=19084

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 10:10:17

شۇنداق قىلىپ ، مەھمۇد مۇھىتى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقچىسى بولدىما ؟! مىللى قەھرىمانلارغا قارا سۈركەش بەك ئوڭاي بولۇپ كىتىۋاتىدۇ . تېما يوللاپ جاپا تارتقان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 10:35:52

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 12:01:41

ئىتالىيانو ئاداش، بارغانسىرى بىلىملىك بولاپ كىتىۋاتىسىلە جۇما.


سىياسەت، ئىقتىساد، تارىخ، قانۇن، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تىبابەت،چامباشچىلىق، تاماكا، ھاراق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە يىتىشىپسىلە.



مەكتەپ ئاچساڭلا بولمامدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 13:06:00

1،2،3_قىسىملىرىمۇ چىقىپ بولغانغۇ. ھەممىنى يوللىساڭلا بولمامدۇ. ھەسىنكام قاپ بەلدىن دەپ تۆتىنجى قىسىمىنى يوللاپ قويساڭلار يۇقارقىدەك ياپۇن جاخانگىرلىرىنىڭ قۇيرۇقچىسى دىگەن گەپ چىقىدۇ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 18:26:59

ھەممىنى يوللاڭلا ھەممىنى ،،ئادەم موتو قىلماي

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 22:27:13

2- قەۋەتتىكى italianoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەشتەر ھاجى ھاياجانلىنىشتىن ئىلگىرى يەنە نىمە ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىلىق پاراڭلار بار ،قانداق يېڭى ھۈججەتلەر بار شۇنى كۆرۈپ بېقىش ، بىلىپ بېقىشقا قىزىققان ياخشى .

ئەخمەتجان قاسىم ،خوجىنىياز دىگەنلەرنى مىڭ يىل بېشىڭلاردا كـۆتەرسەڭلارمۇ ئەمدى ھېچ ئورنى ۋە قىممىتى يوق .

چۈنكى سىلەر بىلسەڭلارمۇ شۇ چالا يېزىلغان ئويغانغان زىمىن ۋە ئىز ، ئانا يۇرت رومانى دىگەنلەردىنلا بىلىسىلەر ...

يەنىلا ئۇلارغا دائىر نۇرغۇن ئىشلار ئۇ كىتابلاردا ئۇچىرىمايدۇ مەخپىي قالغان .

پەقەت يېڭىچە كۆزقاراش پاراڭلار ئارقىلىق بىلمىگەننى بىلىۋالغان ئەۋزەل .



بىر يېڭىچە ئىدىيەنى بىر ھاياجان توقماق بىلەن يوق قىلىۋېتىش نادانلىق.

_________________________________________



مەنمۇ ئېغىزىمنى قويۇپ بەرسەم سېسىق گەپنى خېلى قىلالايمەن . ئەمما ،  سېسىق گەپ قىلمىغىنىم سىزگە گەپ تېپىپ بىرەلمىگەنلىكتىن ئەمەس . ئۆزىڭىزنى ئۇنچىۋالا بىلىمدان كۆرسىتىپ كەتمەڭ ئىتالىيانو ئۇكام .  قېنى دەپ بېقىڭە ، مۇشۇ بىر پارچە يازمىدا زادى قانداق يېڭى ئىدىيە باركەن ؟! مەن بۇ يازمىنىڭ باش - ئاخىرىدىن مىللى ئازادلىق ئۈچۈن قان كىچىپ كۈرەش قىلغان بىر ئەركىنلىك جەڭچىسىنى ياپونغا بېرىپ ياسۇكونى بۈزۈرگاھىغا بارغان ، ئۇنداق نەرسىگە ئىمزا قويغان ، ياپونىيەنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن جۇڭگوغا قايتقان - دىگەندەك تۈكى يوق گەپلەر بىلەن  ئۇلۇغ زاتنىڭ سىيماسىنى قەستەن خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا << ئىدىيە >> تاپالمىدىمغۇ ؟! قارا قورساق بولسىمۇ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خوجىنىياز ھاجى ، مەھمۇد مۇھىتىدەك ئادەمنى بېشىمدا كۆتۈرمەي ... ئېغىزىمغا شۇنداق چىرايلىق گەپلەر كەلگەنتى ... بولدى دىمەي . شالىڭىزنى چېچىشتىن بۇرۇن قارشىڭىزدا تۇرغان ئادەمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كاللىسى بار ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپراپ بىر ئىش قىلارسىز . مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قىتىغۇرلۇق قىلسام ھەقىچان سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز پوق يەۋالغاندەك بولۇپ قالىدۇ .

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 09:21:56

BasayMamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 16:02:05

ئىسالام ئۆلماسىكەندە بۇ زات ئەسلىدە. ئىمانى زادى قانچىلىكتۇ؟ بەك ئالدىراپ بىر كىشىنى بۈيۈككە چىقىرىۋەتمەيلى. يەرگە ئۇرۇپمۇ ۋەتمەيلى. ھەممە ئىشتا ئالدى بىلەن سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ بېكىتىپ بەرگەن ئۈلچەملەرگە سەپ بىقىپ، ئاندىن بىر گەپ قىلىشساقمۇ كىچىكمەيمىز.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 17:36:28

7- قەۋەتتىكى italianoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستىدىكىسى سېسسىق گەپمىكەن نەشتەر.

بولدىلا سىزگە گەپ قىلغۇچە .




_______________________________________________



سېسىق گەپ بولمىسا نەشتەر ھاجى ، ھاياجانلىنىشتىن ئىلگىرى - دىگەن گەپلىرىڭىز نىمىگە ھىساب ؟! مەن ما مۇنبەرگە سىزدەكلەردىن گەپ ئاڭلىغىلى ئەمەس ، ئۆز - ئارا بىلمىگەننى بىلىۋالغىلى ، ئۈگەنگىلى كىرگەن . ئۈگەتكۈدەك بىلىمىڭىز بولسا قىتىغۇرلۇق قىلىپ سېسىق گەپ قىلماي ئۈگىتىڭ . گەپ دىگەننى ئەستايىدىل ، ئىلمى ۋە چىرايلىق قىلسىمۇ گەپكە ھىساب . خاتالىق ئۆتكەن بولسا ئەپۇ سوراشمۇ بىر ئەخلاق . ( مەندىن ئەپۇ سوراڭ دىمەكچى ئەمەس ) بولمىسا ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئىنكاس يازماي تېما ۋە ئىنكاسلاردىن ھوزۇر ئېلىشمۇ بىر ئاقىللىق .

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 19:04:41

ئىزدىنىشتىكى تارىخىتىن بۇيانقى ۋە تارىخىتىن كىيىنكى ،يەرشارى ۋە پۈتكۈل كائىناتتنىڭ سىرلىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر بىلەن گەپ تالاشمايدىغان ئىش ئىدى ،باللا ھازىر يىڭى ئىدىيە يارىتىۋاتىدۇ نەشتەر

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 19:30:46

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 10:34:40

11- قەۋەتتىكى italianoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىچىڭلىدا زەھەر قاتىرايدىغان ئىنسانلار يىغىلىپ قاپسىلەر.


________________________________________________



ئىچىڭىزدە شېكەر قاينايدىغان بالىكەنسىز

بەت: [1]
: توكيوغا يوللانغان تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلار(4)