udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 11:21:06

ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋىدىيو تەھرىرلەش ۋە كېسىش قورالى

Ultra Video Splitter بولسا نۆۋەتتىكى ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋىدىيو
تەھرىرلەش، پارچىلاش ۋە كېسىش قورالى بولۇپ،
AVI、MP4、FLV、MOV、Divx、XviD、MPEG、WMV、ASF、RM、RMVB、3GP قاتارلىق كۆپ خىل فورماتتىكى
ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ.

Ultra Video Splitter نىڭ ۋىدىيو ھۆججىتىنى پارچىلاش
ئىقتىدارى ئىنتايىن جانلىق لايىھەلەنگەن بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى، ۋاقىت ئوقى ۋە تەڭ
ھالەتتە پارچىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.



ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:

1. ئۆزىدە كۆپ قىسىم ۋىدىيو ۋە ئاۋاز ھۆججىتى فورماتىنى
يېشىش پىروگراممىسى كودى قاچىلانغان بولۇپ، ئايرىم چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى
يوق.

2.ۋىدىيونى سىناپ كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ۋىدىيو تەھرىرلەش
قولايلىق.

3.ۋىدىيو ھۆججىتىنى تەھرىرلەش (پارچىلاش ۋە كېسىش) ئىقتىدارىدىن
باشقا، يەنە ياخشى بولغان ۋىدىيو فورماتىنى ئۆزگەرتىش قورالى بولۇپ
ھېسابلىنىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەگەر يەككە ۋىدىيو ھۆججىتىنى كەسمەكچى ياكى
پارچىلىماقچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ھۆججەتنىڭ ھاسىل قىلىش فورماتىنى Same As Sourcel
Video يەنى ئەسلىدىكى ھۆججەت كودى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تاللاش كىرەك. بۇنداق
قىلغاندا، پارچىلىغاندىن كىيىنكى ھۆججەتنى قايتا فورماتلاشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ
شۇنداقلا ھاسىل قىلىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى،
مەزكۇر دېتال RM/RMVB فورماتىنى ئانچە ياخشى قوللىمايدۇ.

Ultra Video Splitter
نى چۈشۈرۈش ئۇچۇرلىرى:

ئورگان بېكىتى: www.aone-soft.com

پىرىستىن يېشىش
كودى: www.portablesoft.org

پىرىس ھۆججىتى MD5 سى:
F740CE305E7407C8E3C433D674E33A82



چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىش: (سېغىمى 9.32
MB)



چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى
UltraVideoSplitterPortable.exe نى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ.



مەنبە:  http://www.nur.cn/news/2013/12/148768.shtml



بۇ دىتالنىو ئورگان تورىغا كىرگەندىن كىيىن، چۈشۈرۈش بىتىدە   http://www.aone-soft.com/flv_converter_suite.htm  


ئىككى چۈشۈرۈش نۇسخىسى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ تور بەت ئىنگىلىزچە بولغاچقا ھەقلىق نۇسخىسى ۋە ھەقسىز نۇسخىسى دەپ بارلىقىنىلا بىلدىم.



http://www.aone-soft.com/download.htm     بۇ تۈردىكى چۈشۈرۈش بىتىدە 30 خىل تۇردىكى چۈشۈرۈش تۈرى تەمىنلەنگەن بولۇپ، سىغىمى  ھەر خىل بولغان تىپىنى تەمىنلەپتۇ، مەن بىر نەچچىسىنى چۈشۈرۈۋالدىم. ھەم ئىشلىتىۋاتىمەن. فىلىم قويۇش ئىقتىدارى ياخشىكەن.



بولسا ئىنگىلىسچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ تىخىمۇ تەپسىلىيرەك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ دىتالنىڭ ئايرىم بولغان ۋىدىئو قويۇش دىتالى بارمۇ - يوق؟ بىلگۈم بار.


qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 17:45:27

ئاۋازى تۆۋەنرەك ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرىتالامدۇ؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 16:32:00

ياخشى يۇمتالدەك قىلىدۇ، چۈشۈرىۋالدىم.

دەل بۇ ھەقتە ئېھتىياجىم بار ئىدى، رەھمەت!
بەت: [1]
: ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋىدىيو تەھرىرلەش ۋە كېسىش قورالى