ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 09:59:52

ۋاكۇئوملۇق تەييار يىمەكلىك تەييارلاش

ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمىغا نىسبەتەن ، ئەر-ئايال ئىككىلىسى خىزمەتكە چىقىدىغانلارغا ئۆيدە تاماق يىيىش سەل قۇلايسىز بۇلۇپ، ئايال يىغىن ياكى مەلوم سەۋەپ بىلەن ۋاختىدا ئىشتىن چۈشەلمىسە تاماقنى سىرىتتا يىيىشكە تۇغرا كىلىدۇ،كۆپرەك داۋاملاشسا بىر تەرەپتىن ئۆيدە تاماق يىيىش ھۇزورىدىن قۇرۇق قالسا(مايلىق) يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى زىيان، ئىقتىساتنىڭ زىيىنىمۇ بۇپتۇ، ئەڭ يامىنى ئەر-ئايالنىڭ گەرچە بىر يەردە تاماق يىسىمۇ، بىر-بىرىگە بولغان ئارلىقى يەنىلا يىراقلاپ قالىدۇ. ھەممە تاماق ياكى سەيلەرنى تەييارلاپ تۇڭلاتقۇدا قاتتىق توڭلىتىپ ساقلاپ يىگىلى بولمايدۇ.ھەممىمىز بىلىمىز، سۇيۇق تاماقمۇ ھىچقانداق ھاۋا بولمىغان مۇھىتتا ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. ۋاكۇئوملۇق قاپلاش ماشنىلېرى ھازىر باشقا ئۆلكىلەردە خېلىلا ئۇموملىشىپ قالدى، شۇڭا باھاسىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئەرزان بۇپ كىتىپتۇ(ئەلۋەتتە بەك ئەرزانلېرىنى پۇلىغا چۇشلۇق ئىشلەتكىلى بولماسلىقى مومكىن).


رەسىم چىقىرىش ئىقتىدارى يوقكەن


بۇنىڭ نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنلىكلېرىگىچە باركەن،رەسىمدىكى سائىتىگە 200-500 قىتىمغىچە دىگىنى سائىتىگە شۇنچىلىك خالتىلىق يىمەكلىكنى ۋاكۇئوملۇق مۇھىتتا يەملەيدۇ دىگىنى، شارائىتى بارلار ئۆزى تەييارلاپ، ساتسىمۇ ھەم بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ تەييارلىغان يىمەكلىكىنى قاپلاپ بېرىشنىمۇ يولغا قويسا بەلگىلىك ئىقتىسادى كىرىگە ئىگە بۇلالايدۇ.

خىزمەتچىلەرمۇ دەم ئىلىش كۈنلېرى ھەپتىلىك يىمەكلىكنى تەييارلىۋىلىپ ، تۇڭلاتقۇنىڭ توڭلىمايدىغان بۈلىكىدە ساقلاپ ئىستىمال قىلسىمۇ ئالى دەرىجىلىك تەييار يىمەكلىكلەردىن قىلىشمايدۇ ھەم چاشقان گۆشلۈك نەرسە يەۋالغاندىمەنمۇ دەيدىغان ئەندىشىمۇ بولمايدۇ...

abral37 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 23:22:53

يېقىندا ئىچكىرىگە بارغاندا، ئۆيدە قورىتىۋالغان كاۋاپنى نەق ئاشۇنداق ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلايدىغان ئورۇنغا بېرىپ قاچىلاتقان ئىدىم. بىر خالتىسىنى 0.5 يۇەندىن قاچىلاپ بەردى. قارىسام ئۇلارنىڭ تېجارىتىمۇ ياخشىكەن. ئىچكىرىدە بالىلىرى ئوقىۋاتقانلار ئەشۇ يەردە قاچىلىتىپ، ئاندىن پوچتا ئارقىلىق يوللايدىكەن. بىز ئىچكىرىدە 10 كۈندىن ئوشۇق تۇردۇق، بۇزۇلۇپ قالغان، ياكى پۇراپ قالغان ئەھۋال كۆرۈلمىدى.

مەنمۇ شۇ چاغدا بۇمۇ بولىدىغان تىجارەتكەن دەپ قالغان ئىدىم.

tugrakmakani يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 18:36:33

مەن بىرنى سالغۇزاي دىگەن پىششىق گۇش قاچىلىماقچىدىم  پەقەت بىلەلمەيۋاتىمەن بىلىدىغانلار بىلدىغانلار ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ  قويساڭلار

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 20:57:24

2- قەۋەتتىكى tugrakmakaniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بىرنى سالغۇزاي دىگەن پىششىق گۇش قاچىلىماقچىدىم پەقەت بىلەلمەيۋاتىمەن بىلىدىغانلار بىلدىغانلار ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار

18999695431


كەچ سائەت 8دىن كىيىن تىلفون قىلماڭ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 15:15:19

بەت: [1]
: ۋاكۇئوملۇق تەييار يىمەكلىك تەييارلاش