TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 09:39:59

قادىر پاراڭ چاقچاقلىرى

قادىر پاراڭ چاقچاقلىرى



تۇرسۇنبەگ ئىبرايىم تايماس

  





كىرىش سۆز

دۇنيادا غەم- قايغۇدىن يىراقراق تۇرۇپ، خوشال- خورام ياشاشنى خالمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ناھايىتى ئېنىقكى، لەتىپە-يومۇر، كۈلكە- چاقچاقلار ئادەمنى غەم- قايغۇدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خوشال- خورام ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال. مۇشۇ مەنادىن ئېيىتقاندا، ئەل ئارىسىدىكى لەتىپە-يومۇرچى، چاقچاقچى كىشىلەرنى شاتلىق ئەلچىسى دىيش مۇمكىن. ئۇزاق ۋە پارلاق مەدەنىيەت تارىخىمزنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، نەسىردىن ئەپەندىدىن تارتپ ھىسام قۇربانغىچە، سەلەي چاققاندىن موللا زەيدىنغىچە سان- ساناقسىز شاتلىق ئەلچىلىرىنىڭ مەيدانغا چىقپ، خەلقىمزنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىشتا مىسلىسىز تۆھپە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى؛ جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تىللاردا داستان بولغان ھەم قىززىقارلىق، ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش- پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقىمىز مەنىۋىيتىدە بىرخىل تىندۇرما ھاسىل قىلپ، تەۋەرۈك ئۇدۇمغا ئايلنپ كەتكەنلىگىنى؛ شۇ ۋەجىدىن ھازىرقى كۈنلەردىمۇ ھەربىر يۇرىت، ھەربىر ئىجتىمائى توپتا، شاتلىق ئەلچىىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەل- ئاۋامنىڭ چىھرىگە كۈلكە قوندۇرۇپ كىلىۋاتقان يەرلىك چاقچاقچىلارنىڭ ئۈزۈكسىز مەيدانغا چىقىۋاتقانلىغىنى بايقايمىز.

قادىر پاراڭ (قادىر ئابدۇكىرىم) سەنئەتخۇمار دولان خەلقى ئارىسىدا يېڭىدىن يىتىشىپ چىققان ئەنە شۇنداق شاتلىق ئەلچىلرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 1963- يىلى 8- ئانيىڭ 25- كۈنىمەكىت ناھيسىنىڭ تەكلىماكان بىلەن بىۋاستە  چىگرالىنىدىغان غازكۆل يېزىسىنىڭ شەمبازار كەنتىدە ئۈچىنچى ئەۋلات ئەلنەغمىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1970- يىلدىن 1975- يىلغىچە شەمبازار باشلانغۇچ مەكتىپىدە؛ 1980- يىلىغىچە غازكۆل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق سىنىپلىرىدا ئوقۇغان.  ئوقۇش پۈتتۈرگەدىن كىين گەرچە ئائىلىسىگە قايتپ، دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، كىچىگىدىن يىتىلدۈرگەن كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى تاشلىماي، بىر تەرەپتىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا نەشىر قىلىنىغان ھەرخىل كىتاپ ۋە گىزىت- ژورناللارنى قىتىرقىنپ ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن موقام- مەشرەپ ماكانى غازكۆل يېزىسىدىكى تۈرلىك يەرلىك مەشرەپلەر سورۇنلىرى ۋە قىززىقچىلىق سورۇنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تۇرغۇزغان.

قادىر پاراڭ گەرچە تەكلىماكان گىرۋىگىدىكى بىر ئاددى دىخان ئەلنەغمىچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ، لىكىن خەلق سەنئىتنىڭ موھىم تەركىۋى قىسمى بولغان ئەل ئېغىز ئەدەبياتى ژانىرىغا چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئېتىز- ئېرىقنىڭ تۈگەپ ئۆتمەيدىغان ئالدىراشلىغى ئارىسىدىنمۇ ۋاقىت چىقرىپ، ئاتا- بوۋىسىنىڭ ئەلنەغمىچىلىك، قىززىقچىلىق ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلغان. جۈملىدىن تۈرلىك يەرلىك مەشرەپ سورۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ قىززىقچىلىق تالانتىنى نامايەن قىلپ، ئۆزىنىڭ ھازىر جاۋاپلىغى، شېر- قوشاققا ماھىرلىغى ۋە نەخ مەيداندا چاقچاق توقۇش ماھارىتى بىلەن، خەلق ئارىسىدا «قادىر پاراڭ» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلق ئارىسىدىكى چۆچەك، لەتىپە- يۇمۇر، بېيىت- قوشاقلارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «تۈمەنتال چېچەكلىرى»، «جۇڭگۇ چۆچەكلەر توپلىمى. مەكىت قىسمى» قاتارلىق نەشىر- ئەپكارلىرىدا ئېلان قىلغان. بۇلاردىن باشقا، «ئىتمەن» قاتارلىق يەنە  بىر قىسىم ھەجۋى ئەسەرلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان. يوقارقى ئەمگەكلىرى بىلەن، ئۇ 1990- يىللىرى ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبى ئىجادىيەت يىغىنلىرىدا 1- ۋە 2- دەرىجىلىك ئىجادىيەتچى بولۇپ باھالىنپ، كۆپ قېتىم موكاپاتلانغان.

قادىر پاراڭ ھازىرقى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە، جۈملىدىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىغى، ھارماي- تالماي ئۈزۈكسىز تىرىشىش روھى بىلەن، بىرتەرەپتىن قولىغا قەلەم ئېلپ ئىجادى ئەسەرلەرنى يېزىپ، «رەزىل ھاياتلىق» قاتارلىق شېرلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك مەشرەپلەردە  ۋە  ئۈلپەتلەرنىڭ موناسىۋەتلىك  سورۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ يېڭى- يېڭى چاقچاقلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ چىھرىگە كۈلكە، مەنىۋى ھاياتىغا شاتلىق بېغىشلاپ كەلمەكتە. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىرقىسىم چاقچاقلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمىز:

بىكارغا بىرەلا؟



  قادىر پاراڭنىڭ ياش چاغلىرى ئىكەن. بىر قىز بىلەن بىر مەزگىل ئارىلىشىپ،توي قىلىشقا  پۈتۈشۈپتۇ ۋە ئۆيىگە ئەلچىلىككە بېرىپتۇ.

ــ بولىدۇ بالام- دەپتۇ قىزنىڭ دادىسى،- ئىككىڭلار پۈتۈشكەن بولساڭلا تويۇڭلارنى قىلپ قويايلى. لىكىن ئىككى شەرتىم بار. بىرى، تويلۇق ئۈچۈن ئىككى تۈمەن پۇل ئەكىلىسىز؛ ئىككىنچىسى، قىزىمنىڭ ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. تويدا ئانا بولۇپ تۇرغۇدەك بىر ئايال بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋال مەن ئۆيلىنىۋالاي، ئاندىن ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قىلايلى.

ــ ئۇنداق بولسا مۇنداق قىلايلى- دەپتۇ قادىر پاراڭ،- مېنىڭمۇ دادام ئۆلۈپ كېتپ، ئانام تۇل قالغان. تۇل قالغان ئانىسىنىڭ تويىنى قىلىش ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغاندىن ئارتۇق ساۋاپ دەپ ئاڭلىغانىدىم. مەن ئانامنى ئۆزلىىرگە نىكاھلاپ قويسام، بىز دادا- بالا بوپقالغاندىكىن، قىزلىرىغا تويلۇق سالماي بىكارغا بىرەلا؟



                   چىشى كاناي  



   قىش باشلانغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قادىر پاراڭ ئۆيىگە مەش قويۇپ قارىسا، كاناي كەملەپ قاپتۇ. بازاردىن ئالاي دېسە، غازكۆل يېزىسىنىڭ بازىرى پەيشەمبە كۈنى بولغاچقا، پەيشەمبە كەلگىچە يەنە بەش كۈن بار ئىكەن. قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا، بىر تونىشى كېلپ قېلپ، خوشنا كەنىتتە بىر تۇنىكاساز ئۇستامنىڭ بارلىغىنى ئېيتىپتۇ. قادىر پاراڭ ئىزدەپ- سوراپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئۇستامنىڭ لەقىمى «كاناي» بولۇپ، قادىر پاراڭنىڭ «كاناي بارمۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ شۇنداق دەپتۇ:

  ــ بۇ ئۆي كانايلارنىڭ ماكانى تۇرسا، كاناي بولمامدۇ ئۇكام؟ قانداق كاناي دىسىڭىز شۇندىغى بار. چوڭ كاناي لازىم بولسا مانا مېنى ئېلىڭ؛ كىچىك كاناي لازىم بولسا، ئاۋۇ بالامنى ئېلىڭ؛ ئەگرى كاناي لازىم بولسا، ئەنە ئاۋۇ مۈكچۈيۈپ ئولتۇرغان دادامنى ئېلىڭ.

قادىر پاراڭ تۇنىكاساز ئۇستامنىڭ  نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىگە قىززىقپ دەپتۇ:

ــ ماڭا چىشى كاناي لازىم ئىدى.

ــ قىزىم تېخى كىچىك، خاپا بولماي، بەش- ئون يىلدىن كىين كېلىڭ- دەپتۇ كاناي لەقەملىك كىشى چىرايىنى ئۆزگەرىتمەي تۇرۇپ.   



تىجارەت



بىر كۈنى يېزىلىق بازار باشقۇرۇش پونىكىتى تىجارەتچىلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپتۇ. يىغىنغا چاقىرتىلغان قادىر پاراڭ يولدا كېتىۋېىتپ، يېزىلىق چارۋا –مال دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىرەيلەن بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلپ سوراپتۇ:

ــ سىلىمۇ يىغىنىغا ماڭدىلىمۇ؟

ــ ياقەي، بىز  يا   تىجارەت قىلمىساق، تىجارەتچىلەرنىڭ يىغىنىغا نىمىشقا قاتناشقۇدەكمىز؟

ــ كالا، ئېشەكلەرنىڭ قۇيرىغىنى ئۇيان- بۇيان قىلپ پۇل تاپقىنڭلار تىجارەت ئەمەسما؟- دەپتۇ قادىر پاراڭ ئۇنىڭغا.



قارا كۆمۈر



قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قادىر پاراڭ كۆمۈر ئېلىش ئۈچۈن بىر كۆمۇرخانىغا بېرىپتۇ. ئەمما بۇ يەردىكى كۆمۈرلەرنىڭ ناچار بولغاننىڭ ئۈستىگە قىممەتلىگىنى بىلپ، باشقا يەردىن ئېلىش ئۈچۈن كەينىگە يانسا، كۆمۈرچى قادىر پاراڭنى توۋلاپتۇ:

ــ ئاتايىن كېلپ كۆمۈر ئالمايلا ياندىڭىزغۇ  قادرخان، نىمە بولدى؟

ــ كۆمۈرلىرى قارا كۆمۈركەن، مەن ئەسلىدە ئاق كۆمۈر بولسا ئالاي دەپ كەلگەن.



                          تېخى ۋەھى كەلمىدى



قادىر پاراڭنىڭ بىر ئاغىنىسى ئاغرىپ قېلپ ئۆيىدە ياتقانىكەن.  بىرنەچچە ئاغىنىسى بىلەن يوقلاپ بارسا، ئاش ئۈستىگە بېرىپ قاپتۇ. قۇرسىغى ئېچىپ قالغان قادىر پاراڭ ئوخشۇتۇپ ئېتىلگەن لەغمەندىن بىر قاچا يەۋىتپ، يەنە يېرىم ئاش يەرمەن دەپ تۇرسا، ئېشىنى ئاشۇرۇپ قويغان بىرسى ئۇنى دۇئا قىلىشقا زورلاپتۇ.

ــ ئامىن!- دەپتۇ قادىر پاراڭ دۇئاغا قول كۆتىرىپ- تويمىغانلارغا تويغىدەك ئاش بىرەرسەن خۇدايىم، ئاشنى ئاشۇرۇپ قويغانلارنى بىر كۈنى ئاچ قويارسەن خۇدايىم، ئاللاھۇ ئەكبەر!

ئارىدىن بىرى گەپ كوچىلاپ:

ــ تويمىغانلار بىلەن ئاشنى ئاشۇرۇپ قويغانلارغىغۇ دۇئا قىلدىڭىز، ماڭا ئوخشاش راۋرۇس تويغانلارغا بىرنىمە دىمىدىڭىزغۇ؟- دىگەنىكەن:  

ــ ئۇ توغرۇلۇق تېخى ۋەھى كەلمىدى- دەپتۇ قادىر پاراڭ.



مىدىلاڭ



      يەنە بىر كۈنى قادىر پاراڭنىڭ ئايالى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپارسا، دوختۇرلار بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئاسما ئوكۇل ئېسىپ قويغانىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئايالى تەرلەپ- پىشىپ، تىىترەپ سىلكىنپ ياتالماي قاپتۇ. قادىر پاراڭ دەرھال دوختۇرنىڭ يېنىغا چىقپ ئەھۋالنى ئېيىتسا، دوختۇر:

     ــ ئەنسىرمەڭ، ئايالىڭىزغا ئاسقان ئوكۇلنىڭ رىئاكسىيەسى يوق، ھىچنىمە بولمايدۇ- دەپتۇ.

     قادىر پاراڭ چىقپ قارىسا، ئايالى يەنە تىتىرەپ ئارامسىزلىنۋاتقۇدەك. شۇنىڭ بىلەن قادىر پاراڭ دوختۇرنىڭ يېنىغا يەنە كىرىپ سوراپتۇ:

ــ ئايالىمغا قانداق ئوكۇل ئېسىلغان دوختۇر؟

ــ مىدىلىڭ ئاسقان.

ــ مۇنداق دىسىلە- دەپتۇ قادىر پاراڭ كۈلۈپ سېلىپ،- ئايالىمغا مىدىلاڭ ئۇكۇلى ئېسىلغانلىغىنى بىلمەپتىمەن، ئۇنىڭ مىدىلىشى شۇنىڭدىنكەن-دە.



قىزىل رەڭ رىئاكسىيەلىشىپ …



      قادىر پاراڭ توي قىلمىغان چاغلىرىدا بىر قىز بىلەن ئارىلشىپ يۈرگەنىكەن. بىر يەكشەنبە كۈنى بىللە بازارغا بارماقچى بولۇپ، قىزنىڭ ئۆيىگە بارسا، ئۇ قىز گىرىم شىكاۋى ئالدىدا بىر ئولتۇرغانچە كۈننى چۈش قىلىۋىتىپتۇ. جۇدۇنى تۇتقان قادىر پاراڭ قىزغا كايىپ، ئۇنى ئالدىراتقانىكەن. قىز:  «كېلىڭە، ئاۋال ئۆزىمىزنى بىر ماسلاشتۇرۋالاديلى» دەپ قادىر پاراڭنى ئەينەك ئالدىغا تارتىپ ئەكىلپ، چىرايىغا بىرەر قۇر سەپ- سېلپ چىققاندىن كىين:

ــ قادىرجان، بىز دەسلەپتە تونۇشقاندا بۇرۇتىڭىز قارا ئىدى، مانا ئەمدى سارغىيپ قاپتۇ، بۇ نىمە ئىش؟- دەپ سوراپتۇ.

ــ نىمە ئىش بولاتتى- دەپتۇ قادىر پاراڭ جاۋاپ بىرىپ،- ئۆزىڭىزنىڭ لىۋىدىكى قىزىل رەڭ بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ ئۆزگىرىرىپ كەتكەن گەپ!  





يوتقانغا قاراپ ...



قادىر پاراڭنىڭ مەھەللىسىدە «زەيتۇن جودا»  لەقەملىك بىر ئازازۇل خوتۇن بار ئىكەن. بىر كۈنى يوقۇلاڭ بىر ئىش بىلەن ئىككىسى گەپ تالىشىپ قالسا، ئۇ ئازازۇل ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ۋاتىلداپ كېتىپتۇ:

ــ ھۇ دىۋانە پۇرايدىغان مەدىكارچى كۆكتۆش! تولا ئاتېكاچىلىق قىلماي، يوتقىنىڭغا بېقپ پۇت سۇن جۇما!

ــ يوتقۇنۇمنىڭ  كالتىلىغىنى بىلگەنگە قارىغاندا – دەپتۇ قادىر پاراڭ شۇئان جاۋاپ بىرىپ،- مېنىڭ يوتقىنىمغا كىرىپ يېتپ باققان ئوخشىماملا؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، زەيتۇن جودا لام- جىم دېمەستىن كېتىپ قاپتۇ.



خوتۇنۇم بار



قادىر پاراڭ ئۈچ چاقلىق موتۇلسىكىلت بىلەن كىراكەشلىك قىلپ يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يېزا يولىدا ئالدىراش كېتىۋاتسا، بىر شاللاق خوتۇن ئۇنى توسۇپ دەپتۇ:

ــ قادىرخان، مېنى ئېلىۋالسىڭىز بوپتىكەن.

قادىر پاارڭ:

ــ كەچۈرسىلە خېنىم، سىلىنى ئېلىۋالاي دېسەم، نىكاھىمدا خوتۇن بار،- دىگىنىچە كېتىپ قاپتۇ.





تاز بىلەن قارىغۇ



قارا قىشنىڭ بىركۈنى قادىر پاراڭ تاز لەقەملىك بىر ئاغىنىسى بىلەن يولدا ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ. قارىسا سەت بىر كۈرەك تۇماقىنى كيىۋىلپ كتپ بارغۇدەك.

  ــ تازنىڭ تۇمىغىنى كىيىۋىلپ نەگە ماڭدىڭلار؟- دەپتۇ قادىر پاراڭ چاقچاق قىلپ.

  ئەسلىدە قادىر پاراڭنىڭمۇ بىر كۆزى قىسىغراق بولغاچقا، ئاغىنىلىرى ئۇنى قارىغۇ دىگەن سۆزگە توغرىلاپ چاقچاق قىلىدىكەن. شۇڭا ھېلىقى ئاغىنىسىمۇ دەرھال جاۋاپ بىرىپتۇ:

ــ قىشنىڭ كۆزى قارىغۇ دەپ ئاڭلاپ كىيىۋالغان ئاداش، قارىغاندا ئاز- تولا كۆرىدىغان ئوخشىمامدا؟



توڭ ئېرىگەندە



بىر سورۇندا قادىر پاراڭنىڭ ئىلھامى تۇتۇپ، سورۇننى ئەۋجىگە كۆتىرىپ تازا قىززىپ سۆزلەۋاتسا، زادىلا كۈلمەيدىغان توڭ لەقەملىك بىر  تونىشى سوراپتۇ:

ــ گېپىڭلار قاچان تۈگەيدۇ قادىرخان؟

كەيپى ئۇچقان قادىر پاراڭ شۇ ئان جاۋاپ بىرىپتۇ:

ــ توڭ ئېرىگەندە تۈگەيدۇ، ئادىشىم.



چىراق ياندۇرۇپ

         

بىر يىلى يازدا گۈلدۈرمامىلىق چاقماق بىلەن  بىر كېچە- كۈندۈز يامغۇر يېغىپتۇ. ئەتىسى يامغۇر توختىغاندىن كىين، مەھەللىدىكىلەر چىقپ، يغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيىنى بىرتەرەپ قىلۋاتسا، ئارىدىن بىرى گەپ كوچىلاپ:

ــ يامغۇر دىگەن بەزىدە ئۇ يەرگە يېغپ بۇ يەرگە ياغمايدىغان،  بۇ يامغۇرنىڭ ئالا قويماي ھەممە يەرگە ياغقىنىنى كۆرمەمدىىغان!

ــ ئالا قالمىسۇن دەپ ۋال- ۋۇل چىراق ياندۇرۇپ، ھەممە يەرنى يورۇتۇپ تۇرۇپ ياغقان تۇرسا، يەنە ئالا قالامتى؟!- دەپتۇ قادىر پاراڭ.



ناندىن زىيان چىقپ...



قادىر پاراڭ ئۆي سالىدىغان بولۇپ، ئىشنى بىر ئۇستامغا كۆتىرە بېرىپتۇ. ئۇستام شاگىرىتلىرى بىلەن كېلپ ئىش باشلىغىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئاۋۇماپتۇ. ئەمما تاماققا كەلگەندە ئۇلارغا ئاش- نان توشىمايدىكەن.

بىر ئاخشىمى تاماق يىيىشكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، قادىر پاراڭ سوراپتۇ:

ــ ئۇستام، ئۆزلىرى بۇرۇندىنلا تامچىمدىلە؟

ــ ياق، ئىلگىرى ناۋاي ئىدىم- دەپتۇ ئۇستام جاۋاپ بىرىپ.

ــ ئۇنداقتا ياققان نانلىرى ئۆزلىرىنىڭ قۇرسىغىغا ئۈلگۈرمەي، ناندىن زىيان چىقپ تامچى بولۇپ قاپتىكەنلا- دە!



يېقىن



قادىر پاراڭ بىر ئوغلىنىڭ ئۆيگە كىرمەي تورخانىلارغا قاتراشقا ئامراق بولۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىپتۇ:

ــ بالام، سەن سەل تاپتىن چىقپ كەتكىلى تۇردۇڭ. ئەمدى بىرمەزگىل ئۆيدە تۇرغىن، بولمىسا يامان ئادەملەرگە ئارىلىشىپ قالىسەن.

ــ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرسام زىرىكپ قالمامدىمەن؟- دەپتۇ ئوغلى نارازى بولۇپ.

ــ زىرىكپ قالغۇدەك بولساڭ، يېقىنلىرىڭنى ئۆيگە چاقىرىپ بىرىمەن، ئۆيدە ئوينىساڭمۇ بولىۋرىدۇ.

ــ ئەمسىە قۇلاق سال، كۆڭلۈم قاۋاققا يېقىن؛ ئاغزىم ھاراققا يېقىن؛ قۇلۇغۇم راۋاپقا يېقىن؛ گېلىم كاۋاپقا يېقىن...

قادىر پاراڭ ئوغلىنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي، ئاچچىغىدا قولىغا تاياقنى ئالغان ئىكەن، ئوغلى دەرھال دەپتۇ:

ــ ئەمدى پاچىغىم تاياققا يېقىن.



كۈيئوغۇل تاللاش



كەپسىزرەك كۆنۈپ قالغان بىر قىز، ئۈچ يىگىت بىلەن موھاببەتلىشىپ قاپتۇ ھەمدە بۇ ئۈچ يىگىتنى بىر كۈندە ئۆيىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىپتۇ. قىزنىڭ دادىسى مال- دۇنياغا ئامراقراق ئادەم بولغاچقا، كۆيۇغۇل تاللاشتا مال- دۇنيانى ئاساس قىلپ سوراپتۇ:

ــ قېنى ئۆزەڭلار بىر-بىرلەپ دەپ بېقىڭلار، قىزىمنى ئالالىغىدەك قانداق مال- دۇنيارىڭلار بار؟

بىرنىچى يىگىت دەپتۇ:

ــ مېنىڭ كىراغا مېڭىۋاتقان بەش- ئالتە ماشىنام، ئىككى يەردە ياسىداق ئۆيۈم، ھەمدە 600 مىڭ كوي نەخ پۇلۇم بار.

ــ مېنىڭ- دەپتۇ ئىككىنچى يىگىت- دادام خەلىقارالىق سودىگەر، مال- دۇنيارىمىزنىڭ سانىنى بىلمەيمەن. بەش قەۋەتلىك  بىنا ئۆيىمىزدىن ئۈچى بار.

ئۈچىنچى يىگىتنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرغانلىغىنى كۆرۈپ، قىزنىڭ دادىسى سوراپتۇ:

ــ سىزنىڭچۇ؟ سىزنىڭ نىمىڭىز بار؟

ــ مېنىڭ- دەپتۇ يىگىت تەمكىنىلك بىلەن،- تىلغا ئالغۇدەك مال- دۇنيارىم يوق، لىكىن قىزلىرىنىڭ قۇرسىغىدا ئۈچ ئايلىق بالام بار.  



پۇراپ باققىنى



قادىر پاراڭنىڭ گۈدەك ئوغلى بىر كۈنى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

ــ دادا، ھەركۈنى ئاخشىمى سەن بازاردىن كەلسەڭ، ئانام تۇمشىغىنى تۇمشىغىڭغا تەككۈزىدىكەن، بۇ نىمە قىلغىنى؟

ــ بۇ ئاناڭنىڭ مېنى ھاراق ئىچتىمۇ- ئىچمىدىمۇ دەپ پۇراپ باققىنى بالام.



مېنىڭ ئىتىۋېلىپ



بىر ئادەم ساقچىخانىغا كىرىپ، خوشنسىنىڭ ئۈستىدىن زارلىنپتۇ:

ــ تام خوشنىمىز تولىمۇ  ئىنساپسىزلىق قىلپ، پاسىل تامنىڭ يېنىدىكى ئالما- ئامۇتلىرىم پىشىپ ھويلىسىغا چۈشكەن ھامان ئۆزىنىڭ قىلىۋىلپ بەرگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ.

ــ مۇنداق ئۇششاق- چۈششەك گەپلەرگە دىلۇ تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ ئاكا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزەڭلار چىرايلىق دىيشىپ كىلىشىۋىلىڭلار،- دەپتۇ ساقچى ئۇنىڭغا.

ــ شۇنداق قىلساققۇ ياخشى بولاتتى، ئەمما ئالدىنقى كۈنى خوتۇنۇم مېۋە ئۈزىمەن دەپ تامنىڭ ئۈستىگە چىقپ خوشنامنىڭ ھويلىسىغا يىقىلىپ چۈشۈپتىكەن، ئۇنىمۇ مېنىڭ ئىتىۋېلىپ بەرگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ.



تەلىيىڭىز باركەن



يولدا ماشىنا ساقلاپ تىت- تىت بولۇپ كەتكەن بىر ئايال، مىيت توشۇش ماشىنىسىنى توسۇپ دەپتۇ:

ــ بەك جىددى ئىشىم بار ئىدى ئۇستام، خۇدا ھەققى مېنى ئالغاچ كەتكەن بولسىلا.

شوپۇرمۇ ئالدىراش بولغاچقا، ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئايالنى چىقىرىپ، ماشىنىنى تىز ھەيدەپ، ئايالنى دىگەن يېرىگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ. يول ئوڭشۇلىۋاتقان بولغاچقا، تولىمۇ ناچار ئىكەن. پۇت- قوللىرى يېغىر بولۇپ، ئاغزى- بۇرنى قانىغان ئايال ۋايسىغىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈپ، شوپۇرغا دەپتۇ:

ــ ماشىنىىنى شۇنداقمۇ ھەيدىگەن بارمۇ ئۇستام؟ قارىسىلا ئەپتىمگە!

  ــ ھېلىمۇ تەلىيىڭىز باركەن- دەپتۇ شوپۇر،- بۇ ماشىنىغا چىققان ئادەم تىرىك چۈشمەيتى.



چولپاننىڭ چاقچىقى



قادىر پاراڭ ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ «ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى» ناملىق ئىتوت پىلاستىنكىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، ئاپتۇردىن سۆيىنپ تىلفۇن قىپتۇ:  

ــ ئابدۇكېرىمجان، جاھاندا ھەۋەسكار بولار- سىلىدەك بولار، ...ئەلنىڭ شات كۈلكىسى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا! ...

ــ رەخمەت- دەپتۇ قارشى تەرەپمۇ تىلفۇندا،- سىلىنىڭ ئاسراش ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىر، چۈنكى سىلى ھەم ئۆزلىرىنى، ھەم   قىسىۋالغان كۆزلىرىنى ئاسرىمىسىلا بولمايدۇ.





بالىغا بېرىلگەن مەسلىھەت



بىر يىلى يازدا قادىر پاراڭنىڭ بىر ئوغلى يەكەن ئىگەچى سۇ ئامبىرىغا ساياھەتكە كىتپ، دادىسىغا تىلفۇن قىپتۇ:

ــ دادا، ئىگەچى ئامباردا شۇنداق چوڭ، ئېسىل بېلىقلار بارئىكەن. سەن بېلىققا ئامراق ئىدىڭ، ئالغاچ باراي دېسەم، بۇ ئىسسىقتا پۇراپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. مەسلىھەت بەرگىنە، قانداق قىلسام بولار؟

ــ بۇنىڭ چارىسى ئاسان بالام- دەپتۇ قادىر پاراڭ،- ئۆزەڭ دىگەندەك چوڭ، ئېسىل بېلىقتىن 50- 60 نى ئېلپ، بىزنىڭ مەھەللىدىن ئېقپ ئۆتىدىغان تىزناپ دەرياسىغا تاشلاپ ھەيدەپ كەلسەڭ، سېسىپ قالمايدۇ.



ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ...



«قانجۇق» لەقەملىك بىر بالا بار ئىكەن. بىر يەرگە مۈكېۋېلپ تۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىزلا «ھاۋ! » دەپ يۈگۈرۈپ چىقپ قورقۇتۇپ ئوينايدىكەن. قادىر پاراڭنىڭ  ئۆيىمۇ شۇ مەھەللىدە بولغاچقا، ئۇنىمۇ تولا قورقۇتۇپ بىزار قىلغانىكەن.

بىر كۈنى ئۇ بالا قادىر پاراڭدىن سوراپتۇ:

ــ قادىركا، يولاڭنى ئۆزگەرتىۋالدىڭمۇ، بىزنىڭ بۇ مەھەللىدىن ئۆتمەيدىغان بولۇپ كەتتىڭغۇ؟

ــ ياق ئۇكام، يولۇمنى ئۆزگەرتمىدىم. لىكىن قانجۇق ئىتلار ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ، پەملەپ ئۆتىۋاتىمەن،- دەپتۇ قادىر پاراڭ.



ھازىدا



كىشىلەر «جېلىل جۇدۇن» دەپ ئاتايدىغان بىر ئادەم بار ئىكەن.ئۇنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندە، قادىر پاراڭ باشقىلار بىلەن نامىزىغا بارسا، جېلىل جۇدۇن بارغانسىرى بەك ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. قادىر پاراڭ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ دەپتۇ:

ــ سەۋىر قىلغىن، جېلىل ئاخۇن، ئاناڭ رەھمىتى ھەرنېمە بولسا جۇدۇن- چاپقۇنغا قالماي، ياخشى كۈنلەردە ۋىدالىشىپتۇ...

ــ ۋاي ئانام!- دەپ يىغىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ جېلىل جۇدۇن قادىر پاراڭغا بىر ئالىيىپ قويۇپ،- كۆزى قىىسىلىپ قالماي بۇ دۇنيانى تولۇق كۆرۈپ كەتكەن ئانام! ۋاي ئانام!!



خوتۇننى ئاسراپ...



قادىر پاراڭ توي قىلپ بالا- چاقىلىق بولۇپ بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يول ياقىسىدا بىر چوكان بىلەن چاقچاقلشىپ تۇرسا، يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر خوشنىسى ئۇنى كۆرۈپ قلېپ، تەنبىھ بەرمەكچى بولۇپ دەپتۇ:

ــ قادىر ئاخۇن، كۈپ- كۈندۈزدە بۇ يەردە نىمە قىلپ يۈرۈيسىلە؟

ــ نىمە قىلاتتىم- دەپتۇ قادىر پاراڭ،-ئوتۇننى ئاسراپ چاۋا قالاپ، خوتۇننى ئاسراپ تالاغا قاراپ يۈرىۋاتىمەن شۇ!



بالىنىڭ جاۋابى



بىر ھاراقكەش رىستۇران- قاۋاقلارغا بالىىىنمۇ ئېلپ باارىدىكەن، ھەمدە ئاشقان تاماقلارنى ئۆيگە ئالغاچ كېلپ، دادىسىغا كۆيۈنگەن بولىۋالىدىكەن. بىر كۈنى ئوغلىنى ئەكىلتىپ ئولتۇرۇپ سوراپتۇ:

ــ بالام، چوڭ بولساڭ مېنى باقامسەن؟

ــ باقىمەن.

ــ قانداق باقىسەن؟

ــ مەنمۇ رىستۇرانلاردىن ئاشقان تاماقلارنى ئالغاچ كېلىپ باقىمەن شۇ.



سىزنىڭ بالىڭىزمىدى؟



بىر بازار كۈنى قادىر پاراڭ بازار ئارىلاپ كېتىۋاتسا، بالا يىتىلەپ ماڭغان بىر ئايال «غىرىت!» قىلپ يەل قويىۋىتپ، ئارقىسىغا قاراپ قادىر پاراڭنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە  ئىزا تارىتپ بالىسىنى دەشكۈلەپ دەپتۇ:

ــ ئوساماي ماڭەۋە شۇم!

بۇنى كۆرۈپ قۇرسىغىغا جىن كىرگەن قادىر پاراڭ، ھېلىقى ئايالنى يانداپ كېلپ «تارىت!!» قىلپ يەل قويىۋىتپ، ھېلىقى بالىنى دەشكۈلەپ: «ئوساماي ماڭاۋە شۇم!!» دېسە، ھېلىقى ئايال:

ــ قانداق ساراڭ ئادەمسىز؟ نىمە دەپ بالامنى دەشكۈلەيسىز؟- دەپ ھۈرپىيىپتۇ.

ــ سىزنىڭ بالىڭىزمىدى؟- دەپتۇ قادىر پاراڭ كۈلۈپ تۇرۇپ،- مەن تېخى كوچىدا ئۇسۇرۇپ سالغانلار كېلپ دەشكۈلەپ ئوينايدىغان سوقىندى بالا چېغى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.



بالىلارنىڭ دېپى



قادىر پاراڭنىڭ كىلىنلىرىنىڭ بىرى نەغمە- ناۋا، ئويۇن تامەششەگە بەكمۇ  ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى ئۆيدىكى داپنى قولىغا ئېلپ تاراڭلىتپ ئولتۇرۇپ، قادىر پاراڭغا قاراپ دەپتۇ:

ــ قېيىنئاتا، داپ چېلپ بەرسەم ئۇسۇل ئويناپ بېرەملا؟

ــ ئويناپ بىرەي بالام،- دەپتۇ قادىر پاراڭ چىرايىنى ئۆزگەرىتمەي تۇرۇپ،- باللىرىمىنڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ بولغان يىرىم مۇشۇ ئىدى، ئەمدى سىزنىڭ دېپىڭىزغىمۇ ئۇيناپ بىرەي!  





كۆزۈڭ بولغاندىكىن...



بىر سورۇندا دۇتتارچى بالا مەس بولىۋىلپ، تۈزۈكرەك ناخشىمۇ ئېيىتماي، بىزەڭ گەپلەر بىلەن ھەممىنى بىزار قىلغانىكەن، قادىر پاراڭ ئاچچىغى كېلپ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرسا، ئۇ بالا ناخشىنى بۇزۇپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ:

ــ موھاببەتنىڭ دەشىتدە، پۇتۇمغا سانچىلدى تىكەن...

قادىر پاراڭ شۇئان ئۇنىڭغا  بىر شاپىلاق ئۇرۇپ:

ــ كۆزۈڭ بولغاندىكىن قاراپ ماڭمامسەنۋە لاۋزا!- دەپتۇ.

مەنبە:دولان مەدەنىيىتى 2-سان

مۇھەررىر: مۇتەللىپ سېيىت

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 22:02:07

بەك قىززىغكەن \"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 22:41:07

بۇ دولان مەدىنىيىتى دىگەن ژورنال بەزى مۇنبەرلەردىنمۇ ناچارمۇ  نىمە ................... مۇشۇنىمۇ يۇمۇر دەپ  بېسىپتۇ

kawullar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 13:59:36

ئەلادىن بىر سى كەتتى.

tamkinlik يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 20:42:07

\"\" \"\" \"\"

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 21:31:25

ياما قىززىقكە  {:92:}

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 10:29:55

2- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ دولان مەدىنىيىتى دىگەن ژورنال بەزى مۇنبەرلەردىنمۇ ناچارمۇ  نىمە ................... مۇشۇنىمۇ يۇمۇر دەپ  بېسىپتۇ

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



ھەق گەپ .

mongguz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 10:58:51

ئاۋۇ كاناي توغرىسىدىكى يۇمۇرنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن دەپ ئاڭلىغان ، ئەگەر شۇ غۇلجىلىق كاناينىڭ (رەھمەتلىكنىڭ ياتكان يىرى جەننەتتە بولغاي)باللىرى بۇنى كۆرۈپ قالساڭلار خاپا بولماي ئىسپاتلاپ بىرىڭلارچۇ  . مەن بىلىۋالاي .
بەت: [1]
: قادىر پاراڭ چاقچاقلىرى