waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 22:30:55

پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بىزنىڭ جىددى قوللىشىمىزغا مۇھتاج



       001bb950e8c9129528ad24.jpg


2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-19-كۈنى بىيجىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان چولپانلارنى تاللاش ئۈچۈن توردا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.  توردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ25-كۈنىدىن 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەڭ ئاخىرىقى بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  2014-يىللىق چولپانلار  ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئۈچۈن جەمئى 36 نەپەر تەنھەركەتچى نامزاتى بىلەت تاشلاپ تاللاشقا قاتناشقان بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ماھىرلار ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان سەپ شەكلىگە تاللىنىدۇ.  

  شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان، ياڭ جىڭمىڭ، جاڭ چىڭپىڭ، تاڭ جىڭدۇڭ، سۇۋىي،  سىڭگىلتون قاتارلىقلار تاللاش نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن.

  16-دىكابىر 2014-يىللىق چولپانلار  ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئۈچۈنچى ھەپتىلىك توردا بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ئىلان قىلىندى،  25-سىنتەبىردىن 15-دىكابىرغىچە 885,696  نەپەر تورداش بۇ قىتىمقى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىگە قاتناشقان بۇلۇپ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن يىجەنلىيەننىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى يەنىلا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

    Img391840782.jpg


جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايونى چولپانلار كوماندىسىغا ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئىرىشكەنلەر سەپ شەكلى؛

  شىمال رايۇن؛

ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ ھادادى (253873 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ لى شىياۋشۇ ( 273547 ) چەن شىياۋ چۇەن ( 225324 )، ئارقا بېك ؛  ماربول ( 295421 ) سۈن يۈ ( 249635 ) .

  جەنۇپ رايۇن؛

ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ يىجىيەنلەن (402412 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ ۋاڭ جىجى( 323254 )  دىڭ جىڭخۇي ( 286321 )، ئارقا بېك ؛ خوشۇپىڭ ( 210071 ) ۋاڭ شىپىڭ ( 208541)  .

ئۈچۈنچى ھەپتىلىك بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا  بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا كىرەلمىگەن.  شىرئەلىجان بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىدىن سۈن يۈنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئوخشاش بولۇپ سۈن يۈ ھازىر ۋاختىنچە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتىدۇ،  ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى شىرئەلىجان ئۈچۈن  يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىمىساق شىرئەلىجاننىڭ ئاساسلىق بۇلۇپ ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا تاللىنىشى تەسرەك .   شۇڭا بارلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىنىڭ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز شىرئەلىجان ئۈچۈن ئازراق ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ يەنە كۆپلەپ بېلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى؛  http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014



  قوشۇمچە؛ شىرئەلىجانغا بىلەت تاشلاش كۆرسەتمىسى



  ئاۋال توربەتنى ئاچىمىز تور ئادىرىسى http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/

توربەتنى ئاچقاندىن كىيىن تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ .

    173605wyydbpgvodw899gs.jpg


   تور بەتنى ئېچىپ سەل ئاستىغا چۈشۈرسەك ،يۇقىردىكى رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ .ئوڭ تەرەپتىكىلەر شىمالى رايۇندىكىلەر ،سول تەرەپتىكىلەر جەنۇبى رايۇندىكىلەر . سول تەرەپتىن ئارقا مۇداپىيىچى (后卫) دىگەننى باسىمىز ،قىزىل كاتەكچىگە ئېلىنغان شىرئەلىجان (西热力江) دىگەن ئىسىمنى چىكىپ قويىمىز ،ئاندىن يەنە خالىغان بىر ئىسىمنى چىكىمىز ،چۈنكى ئارقا مۇداپيىچىدىن ئىككىنى تاللىشىمىز كېرەك .ئاندىن ئوتتۇرا ھۇجۇمچى (中锋) نى باسىمىز ،بۇنى باسساق يەنە نەچچە ئىسىم چىقىدۇ ،بۇلاردىن بىرنى تاللاپ قۇيىمىز .ئاندىن يەنە ئالدىن ھۇجۇمچى (前锋)نى تاللاپ ،يەنە ئىككى تەنھەركەتچىنىڭ ئىسمىنى بېسىپ قۇيىمىز .ئەمدى ئوڭ تەرەپتىكى جەنوبى رايۇندىن بايامقىغا ئوخشاش قىلىپ ،كەينى مۇداپىيىچىدىن ئىككىنى ،ئوتتۇرا ھۇجۇمچىدىن بىرنى ،ئالدى ھۇجۇمچىدىن ئىككىنى تاللاپ قۇيىمىز .ئېسىڭىزدە بولسۇن شىرىمىزنىڭ ئىسمى سول تەرەپتىكى يەنى شىمالى رايۇندىكى (北区 ) دىكى ئارقا مۇداپىيىچى (后卫) دىگەن يەردە .

جەمى ئون تەنھەركەتچىنى تاللايسىز ،ھەر بىر تەنھەركەتچىنى تاللىسىڭىز ئاستىدىكى رايۇنغا تەنھەركەتچىنىڭ رەسىمى چىقىدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

173559q0y7xkgzxu55nv3g.jpg




  قىزىل كاتەكچە ئىچىدىكى بىزنىڭ شىرىمىز شۇ . شىرئەلىجان قاتارلىق ئون تەنھەركەتچىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك

    173607nlfwkfawamfnzm22.jpg


4 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش

چۈشۈرۈش (280.88 KB)





  كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپىدىكى قىزىق كاتاكچىنىڭ ئىچىدىكى تاپشۇرۇش ۋە ھەمبەھىرلەش دىگەننى بېسىۋەتسەكلا شىرىمىزغا بىر بېلەت تاشلىغان بۇلىمىز .ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى قېرىنداشلار .


ئەسلى مەنبەسى ؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.php

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 02:08:44

بۇ قانداق ئىش؟مەن ئاچسام شىرئەلىنىڭ ئىسمى كۆرۈنمىدا؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 07:23:38

بېلەت ئېتىۋەتتىم.. بىراق يەنە نەچچىسىنى قوشۇپ تاللىماي بولمايدىكەن

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 09:23:02

ئاز كەپقالارمىزمىكىن. شۇنداقتىمۇ ئاۋازىمىزنى بىلدۈرىمىز.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 19:53:33

باشقا تور بەتلەرگىمۇ يوللاپ كۆپرەك ئادەم بىلسە ياخشى بۇلاتتى!بىز تاشلىمىساق بېلەتنى خەق ھەرگىز تاشلىمايدۇ!
بەت: [1]
: پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بىزنىڭ جىددى قوللىشىمىزغا مۇھتاج