گوگىلغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇشقا قاتنىشىڭ
Google translator غا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇشقا قاتنىشىڭ
google-translate
ئادرېسى: http://translate.google.com

گۇگېل تەرجىماننىڭ ياردەم بېتىدە تۆۋەندىكىدەك دېيىلگەن:
Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە. بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن.
Help us support new languages We"re also working to support other languages and will introduce them as soon as the automatic translation meets our standards. It"s difficult to project how long this will take, as the problem is complex and each language presents its own unique challenges. In order to develop new languages and improve the quality of existing languages, we need large amounts of bilingual texts. You can help by using Translator Toolkit for translating or uploading your translation memories into Translator Toolkit.
بىزگە ياردەملىشىپ يېڭى تىللارنى قوشۇڭ
بىز يېڭى تىللارنى ئامال بار تېز قوللاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز، يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارى بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزگە يەتكەن ھامان ئېلان قىلىندۇ. بۇ خىزمەتنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئالدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس، چۈنكى ھەر بىر يېڭى تىلنىڭ ئۆزىگە خاس مۇرەككەپلىكى ۋە قىيىنچىلىقى بولىدۇ. يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ھازىر بار تىللارنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىز نۇرغۇن مىقتاردىكى ئىككى تىللىق تېكىستلەرگە موھتاج. سىز بۇ جەھەتتە تەرجىمە قىلىش قورالى ئارقىلىق ياكى تەرجىمە قىلىنغانماتىريالىڭىزنى تەرجىمە قىلىش قورالىغا يۈكلەش ئارقىلىق ياردەم قىلالايسىز.
ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئاۋال تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ upload /上传 دېگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
http://translate.google.cn/#
http://translate.google.com/toolkit/list?hl=en#translations/active
يېڭى ئېچىلغان بەتتە local file / 本地文件, web page / 网页, wikipidia article دېگەن تاللاشلار بار. تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەنبەنى تاللاپ، مەنبە ھۆججەتنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇرچىنى تاللىغاندىن كېيىن ئەسلى تېكىست بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. تەرجىمە ماشىنىسى يوللانغان تېكىستلەرنى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىپ ساقلىۋالىدۇ. يېتەرلىك تېكىست بولغاندا گۇگېلدىن new-languages-in-google-translate بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا چىقىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خەت يېزىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى قوشۇشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ. بىراق يېتەرلىك تەرجىمە قىلىنغان تېكىستلەر بولمىغاندا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://bbs.bilik.biz/thread-22596-1-1.html
ياخشى تەكلىپ ئىكەن!كومپىيۇتېرىمنى بىر قېزىپ باقاي، ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ماتېرىياللار ساماندەك، ئالدىرماي ئولتۇرۇپ يوللاپ قوياي.
بىر سۇئال، كىتاب كەبى ماقالىلەر بولسا، شۇنى ئۇيغۇرچىسى بىلەن قوشۇپ يوللىسىمۇ بولىۋېرەمدۇ ياكى پارچە يوللايدىغان گەپمۇ؟ مىنىڭچە بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدتقا چىقىشى زور ئىشقۇ دەيمەن ! قىسقىسى مەن چىروم كۆرگۈچتە پۈتۈن دۇنيادىكى تىللارنى مۇنۇ خەنچىگە ئۆزگەرتىپ كۆرىمەن ..
ئەگەر ئۇيغۇرچە بوپ كەتسە .......
قىسقىسى بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان مەبلەغلىرىمىز ئۇنۋېرستىتلارنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە بېسىلىپ ياتىدۇ ، يا نەتىجىسىنى خەلق كۆرمەيۋاتقان ، يا بىز خەلق ئۇلارغا ياردەم بىرەلمەيۋاتقان ..... گۇگۇل تەرجىمانىغا قاراپ باقسام، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان يىددىش تىلىنىڭمۇ بارلىقىغا ئەقىلىم ھەيران بولىۋاتىدۇ.
بۇ تىل گېرمانىيە يەھۇدىيلىرىنىڭ تىلى بولۇپ، %80 سۆزلىكى نېمىسچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە يەھۇدىيلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كېتىشى بىلەن بۇ تىل ئاساسەن يوقىلىش گېردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى، ھازىر رۇسىيەنىڭ يەھۇدى ئوبلاستىدا بۇ تىلنى ئىشلىتىدىغانلار يىغىلىپ ئولتۇراقلاشقان، لېكىن ئۇلار يەھۇدى ئبولاستىنىڭ ئاران %5نىمۇ ئىگىلىيەلمەيدۇ. شۇباھانىدا سورىۋالاي،خېلە بوپ قالدى، گوگېلىغا چىقالمايۋاتىمەن ، سەۋەبى https://www.google.com.hk/ مۇشۇنداق يەنى بىر ئېس ئۇشۇقچە چىقىۋالىدۇ.چچ خەت ساندۇقۇمغىمۇ چىقالمايمەن،بۇ زادى نىمە ئىش قانداق ئوڭشاش مۇمكىن.... ياخشى بوپتۇ بىزنىڭ تىل-يىزىقىمىزنى خەخ ھۆرمەت قىلمىغان بىلەن ئۇلار ھۆرمەت قىپتۇ. مەنغو ئەزەلدىن chrome بىلەن google نىلام ئېشلىتىمەن. بەيدۇ نى ئېشلەتكەندىن شۇنى ئېشلەتكەن ياخشى مۇشۇ ئىش روياپقا چىقسا بولىتتى.
بۇ ئىش روياپقا چىقسا بەلكىم بۇ بەلكىم ئۇيغۇر تورچىلىغىدىكى
ئالەمشۇمۇل خۇشاللىق ئىش بولغان بولاتتى. بۇنىڭ پايدىسىنى دىمىسەممۇ بىلىسىلە
4- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇباھانىدا سورىۋالاي،خېلە بوپ قالدى، گوگېلىغا چىقالمايۋاتىمەن ، سەۋەبى https://www.google.com.hk/ مۇشۇنداق يەنى بىر ئېس ئۇشۇقچە چىقىۋالىدۇ.چچ خەت ساندۇقۇمغىمۇ چىقالمايمەن،بۇ زادى نىمە ئىش قانداق ئوڭشاش مۇمكىن....
مەن سېستىمىنى قايتا قاچىلىۋدىم ئوڭشالدى. ئەمىسە مەنمۇ قايتا قاچىلاپ باقاي،رەھمەت سىزگە.
4- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇباھانىدا سورىۋالاي،خېلە بوپ قالدى، گوگېلىغا چىقالمايۋاتىمەن ، سەۋەبى https://www.google.com.hk/ مۇشۇنداق يەنى بىر ئېس ئۇشۇقچە چىقىۋالىدۇ.چچ خەت ساندۇقۇمغىمۇ چىقالمايمەن،بۇ زادى نىمە ئىش قانداق ئوڭشاش مۇمكىن....
s قۇشۇلىۋالغانلىقى بىخەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلگەنلىكى بولاتتى ، گوگېل بەزى جايلاردا خېلى چەكلمىگە ئۇچراۋتىدۇ ، جەنۇب تەرەپتە بەكراق ، بېيجىڭدا ياخشىراق ...
مۇشۇ بانىدا كرومغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى كىچىك مەسىلىنى سورىۋالاي.
بىرسى ما ئىزدىنىشتىن باشقا توربەت ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يە بۇ يەلە نورمال ئەمەس.

يەنە بىرسى ۋىيشىندا ئۇيغۇرچە تازا چىرايلىق ئەمەس.

مۇشۇ بانىدا كرومغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى كىچىك مەسىلىنى سورىۋالاي.
بىرسى ما ئىزدىنىشتىن باشقا توربەت ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يە بۇ يەلە نورمال ئەمەس.

يەنە بىرسى ۋىيشىندا ئۇيغۇرچە تازا چىرايلىق ئەمەس.

2. ئاۋۇ تور ۋېيشىنىڭنىڭ ئەسلى خەت نۇسخىسى خەنزۇچە بولغاندىكى ئۇيغۇرچىنى ئازراق يەكلەپ قويدىمىكى دەيمەن ....
مەن بىڭ تەرجىمان ئىشلىتىمەن، مىكروسوفتنىڭ. گوگىل تەرجىمان ئىشلىتىپ باقمىدىم. بۇ ئىش رۇياپقا چىقىپ قالسا كاتتا خوش خەۋەر بولغۇدەك. ئۇيغۇرچىنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلغاندا:
باردىم
بارماقچى
بارىمەن
باراي
بارمايمەن
بارامدۇق
بارالمايمەن
دىگەندەك ھەر خىل ھالەت تۈرلىرىنىڭ مول بولىشى، ئۇيغۇرچە تىكىستلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلغاندا، ناھايىتى بەك ئەسقاتىدۇ دەپ قارايمەن.
ئىز تورىنىڭ تەرجىمە لوغىتىدە ئۇيغۇر سۆزلۆكلىرىنىڭ ھەر خىل ھالەتتىكى سۆزلۆكلىرى بەك كەمچىلكەن.
1- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىلئۆتكەندە بىرەيلەننىڭ گۇگۇل تەرجىمىسىگە ئۇيغۇرچە قوشۇشقا مەبلەغ تەمىنلىگەنلىك توغرىسىدا بىر تىما يوللانغاندەك قىلىنغان، ئۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بوپ كەتتىكى. ۋىكىپىدىيەدىكى ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىپ قويساقمۇ پايدىسى بولاتتى. ۋىكىپىدىيەدىكى 285 خىل تىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە 175- ئورۇندا تۇرىدىكەن. بارلىق تۈركىي تىللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىكەن، ھەتتا سۆزلەشكۈچى ئادەم سانى ناھايىتى ئاز بولغان بەزى تىللارنىڭمۇ ئارقىسىدا تۇرىدىكەن.http://zh.wikipedia.org/wiki/Wikipedia:维基百科语言列表
ياخشى تەكلىپ ئىكەن!
كومپىيۇتېرىمنى بىر قېزىپ باقاي، ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ماتېرىياللار ساماندەك، ئالدىرماي ئولتۇرۇپ يوللاپ قوياي.
بىر سۇئال، كىتاب كەبى ماقالىلەر بولسا، شۇنى ئۇيغۇرچىسى بىلەن قوشۇپ يوللىسىمۇ بولىۋېرەمدۇ ياكى پارچە يوللايدىغان گەپمۇ؟
گۇگىل تەرجىماننىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك دەپ ئاڭلىغان، ئەگەر سېلىشتۇرما تەرجىمە ئامبىرى بولسا ئەڭ ياخشى، ئۇنداق بولمىسىمۇ ئاۋال ئەسلى تىلدىكى ماقالە ياكى ئەسەرنى، ئاندىن تەرجىمە ئەسەرنى يوللاپ قويسا گۇگىلنىڭ تەرجىمان مۇلازىمېتىرى ئۆزى تەھلىل قىلىپ بىلىۋالارمىكىن دەيمەن.
مېنىڭچە سېلىشتۇرما تەرجىمە قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
ئەمما يوقۇرىدا توغرا ئادرېس تەمىنلەنمىگەندەك تۇرۇدۇ. كۆرسۈتۈلگەن ئادرېستا يۈكلەش (Upload)دەيدىغان بىر يەر يوق. توغرا ۋە بىۋاسىتە ئادرېس تەمىنلەنگەن بولسا. cn گە مۇناسىۋەتسىز قىلغىلى بولمامدۇ شۇنى؟ ۋىكىپېدىيادىكىلەرنى ھەم؟
بەت:
[1]
2