0102uqar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 10:25:31

ئۆلگىلى تاس قالدىم ،ئۆلمەيدىسىڭىز ئۇقاڭ

ئۆلگىلى تاس قالدىم.................خۇدادىن كەلسە ئامال يوق

( راس بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش  )  



بۈگۈن مىنىڭ تويۇم، مەن بەكمۇ خۇشال، پولاچى بۇ سەۋزەڭ پولاغا يەتمەيدۇ، سەۋزە تېپىپ كەلدىدى، مەن ئۈزەملا ئەكىلەي دەپ دادامدىن رۇخسەت ئېلىپ يۈرۈپ كەتتىم، موتسىكىلىتقا مۈندۇم، ناھىيە بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتىم،  ئاۋۇ دۇمباقنى كۆردىڭىزمۇ؟  بىرنى ئۇسا بەش  كېلومىتىرغا ئاڭلىنىدۇ، ئىككى دۇمباق ئەكەلدۈدۈم، 10 كىلومېترغا ئاڭلانسۇن دەپ، مۇشۇ ئەتراپتىكى ھەممىسى تويۇم بولغانلىقىنى ئۇقسۇن دەيمەن،  موتونى ئۇتالدۇرۇپ مېڭىپ كەتتىم، ئاۋۇ كۆلنى كۆردىڭىزمۇ؟  ئۇ تۇربىغا سۇكەلمىگەندە سۇ ئىچىدىغان سۇنى قاچلايدىغان جاي، ئالدىمىزدە يەنە بىر كۆل بار   ، مەن بېلىق تۇتۇشقا بەك ئامراق شۇڭا كۆللەرگە قاراپ ماڭىمەن، ئالدىمدىكى كۆلگىمۇ كەلدىم، قارىسام كۆلنىڭ ئوتتۇردا بىرنىمە ھۆپ ھۆپ قىلىدۇ، ئۈتۈپ كەتتىم، تازا ئويلىسام كىچىك بالا، دەرھال ئارقىمغا ياندىم، كۆل بويىغا بېرىپ ئوبدان قارسام بىرسى راسلا كۆلگە چۈشۈپ كىتىپتۇ، ئۇيان قاردىم ، بۇيان قارىدىم ئادەم يوق، ئۈزەم چۈشۈپ قۇتقۇزمىسام بولمىدى، بالا ھۆپپەڭ ھۆپ قىلۋاتىدۇ خېلى جېنى بار شۇڭا كىيىملىرىمنى سېلىپ چۈشۈش قارارىغا كەلدىم "كۆڭلىكىمنىڭ تۈگمىلىرىنى بەكلا ئۇزاقتا شەشتىم  ،   بالا بارغانچە بولامماي قالدى، ئىشتىنىمنىڭ تۈگمىسىنى شىشىپ سىرىتمىسىنى ئاچاي دىسەم پەقەت ئېچىلمىدى، تاتىپلا يىتتىم، تويلۇق ئىشتانتى بۇ،  ئىشتاننى سېلىپ پاياقنى سالاي دىسەم بالا ئۈلۈپ قالىتقاندەك، پايپاق بىلەنلا سۇغا سەكرىدىم، بالىغا قاراپ ئۈزۋاتىمەن، مانا پالۋان بولۋاتىمەن، تويۇم بولغان كۈنى بىركىچىك بالىنى قۇتقۇزۋېلىپ داڭقىم چىكىتەر بولدى، ئاخىرى بالىنىڭ قېشىغا ئۈزۈپ بېرىپ قۇلۇمنى سۇندۇم، بالىمۇ قۇلۇمنى تۇتتى دە ماڭا پاقىدەك چاپلىشىپ پۇتى قۇلى بىلەن گېلىمغا گىرە سالدى، ئالدىمغا ئۈزمەك بولىۋىدىم، بېشىم چۈكۈپ كەتتى، بېشىمنى مىڭ تەستە سۇدىن چىقاردىم، بېشىم تەرەپ ئېغىر بولغاچ يەنە چۈمۈپ كەتتىم، بۇبالىمۇ بەك قورقۇپ كەتتى بولغاي، گېلىمغا بەك چىڭ گىرە سېلىپ سۇيۈزىگە چىقساممۇ تىنغىلى بوممىدى، قايسى تەرەپنىڭ قىرغاققا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم، كۆلنىڭ ياغاچ پەلەمپىيىنىڭمۇ قايسى تەرەپتە  ئىكەنلىكىنى  بىلمىدىم، پەقەت ھالىم قاممىدى، ئۇنىڭ پۇتىنى ئازراق بۇشاتماقچى بولسام، يەنە چۈكۈپ كەتتىم، يا  كۆپرەك نەپەس ئېلۋامماپتىمەن، بەكلا قىينالدىم پالۋانلىقتىن تامايىم قاممىدى، نەچچە يۇتۇم سۇ ئىچىپ سالدىم، بولاممىدىم، مۇشۇندالا ئۈلۈپ كىتەمەنمۇ؟    بۈگۈن ئىككى دۇمباق چېلىپ 10 كىلومېتىر غا توي قىلغانلىقىمنى ئاڭلاتماقچىتىم، ئەجابا ئۆلگىنىمنى ئاڭلىتامەنمۇ؟ تۇرۇپ ئۈلۈپ كىتىشىمگە ئىشەنمەيمەن، ئەلھەمدۇلىلا مۇسۇلمانمەن، مۇسۇلمان بولغىلى 4 يىل بولدى، ھۈنەر ئۈگۈنۈپ، ئاللانىڭ كىتابىنىڭ روھىنى چۈشۈنۈپ تېخى  بىرەر ياخشى ئىش ياكى پۇل تېپىپ بىرەر قېتىم ئۆشرە زاكات تاپشۇرغىدەك بولمۇدۇم، ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈم ئاللاھ ئىمانسىز چاغلىرىمدىكى گۇناھىمنى كەچۈردىمۇ، مەن ساۋابلىق ئىش قىممىغاچ بەلكىم يەتتىنجى دەرجىلىك جەتنەتكە كىرەمەن،  تۇرۇپ مۇشتالا ئۈلۈپ يۇقاپ كىتەرمەنمۇ؟دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن، ياق ياق مىنىڭ بۇ تىنىم ...  ئاللانىڭ، سىلەرنى يوقتىن بار قىلغان زات ئۆلگەندىن كىيىن يەنە قايتا تىرىلدۈرىدۇ دىگەن سۆزى ئىسىمگە كەلدى،  توۋا شەيتان مۇشتا چاغدىمۇ ئادەمنى ئازدۇرۇپ دوۋزىخور قىلىشقا تىرشىدىكەن،   مىنىڭ ئايالىم، مەن ئۆلۈپ كەتسەم ئۇنى كىم ئالار؟  چىدىماۋاتىمەن تىپىرلايمەن، تىپىرلىغانچە ئاجىزلاپ كىتۋاتىمەن، مەن ئايالىمنى بەكلا ياخشى كۈرەتتىم،  پۇلمۇ تاپتىم ئاندىن ئۆيلىنىۋېلىشنى ئويلىدىم، ئۈزۈممۇ ئىزلىدىم، ئاتا نامغا دىدىم، ئۇلار قىزنىڭ ئۈيىگە ئەلچى ئەۋەتتى، مىنىڭ ئايالىمگە مۇسۇلمان بولسىلا ئارتۇقچە تەلىۋىم يوقتى، قەلبىمدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەخلاغلىق ئىدى، ئەمما ئايالىمنىڭ ماڭا تەلىۋى باركەن، مەن بەك خۇش بولدۇم، تەلىۋىگىمۇ چۈشتۇم، ئاخىرىدا ئايالىم مەن بىلەن ئايرىم كۈرۈشمەي توي قىلمايمەن دەيدۇ، .شۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۇق، ئايالىمنى بۇرۇنمۇ كۆرگەن شۇڭا ئايرىم كۆرشۈش تەلۋىنى قويماپتىمەن، ئاۋال مەن سۆز ئاچتىم دۇنيا قاراشلىرىمىز توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق، ئۇنى بۇنى دىيىشىپ ئۇ ئۈزىنىڭ ئانچە مۇنچە ھىكايە يازىدىغانلىقىنى دىدى، مەن ئۇنىڭ ھىكايىلىرىنى مىسرانىم تورىدا ئۇقىغان ئىدىم، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۈرۈپ قالدىم، مەنمۇ بوشكەلمەي قىلغان ئەتكەن لىرىمنى بايان قىلدىم، چۇقۇم ئۇمۇ مىنى ياخشى كۈرۈپ قالغان،..

مۇشۇندالا ئۈلۈپ كىتەرمەنمۇ؟؟؟؟رامبودەك بەدىنىم سۇدا ماڭا ئەسقاتمىدى،  توققۇز گۈلۈمدىن ئىككىسى ئەمدىلا ئېچىلاي دىگەنغۇ؟ نۇرغۇن قېتىم خەقنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۈزى ئۈلۈپ خەق تىرىك قالغاننى ئاڭلىغان قارىغاندا بۇ بالىدەك گېلىنى سىقىپ ئۆ ئۆلتۈرۈپ لەيلەپ قالسا قولۋاق قىلىپ تىرىك قالغان ئوخشايدۇ، مىنىڭ ھاياتلىقتىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلدى، كەلىمە ئېيىتۋاتىمەن .....



ھىكايە تۈگىمىدى

ئۇنى قۇتقۇزۋالالامسىز ؟ ئۆلىشىگە قاراپ تۇرامسىز؟  مەندەك ئامال تاپالايقانلاربامۇ؟





كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى، مەن نىمىشقا ئۆلىمەن، كىم مىنىڭ ئۈلۈمۈمگە سەۋەپچى، ئەلۋەتتە دۈمبەمدىكى شاكىچىك .. ئۇمىنىڭ دۈشمىنىمكەن،  دەرھال بار كۈچۈمنى قولۇمغا يىغىپ شاكىچىكنىڭ گەدىنىدىن  تۇتۇپ كەۋدەم تەرەپكە تاتتىم ،  كەلتۈرۈپ كومشىرىغا بىرمۇش قويدۇم، ئۇمىنى قۇيۋەتتى، ئاھ تىرىك قالدىم، ئاللاھ چەكسىز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان، ھاۋانى يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقتەك تىنماقتىمەن،  ئازراق ھۇشۇمغا كىلىپ شاكىچىكنى ئىزدىدىم ئۇمۇ سۇيۈزىدە باكەن، بىرنى ئۇرغانغا ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ يۈزى ئاسمانغا ئىكەن،تۇرۇپ ئۇنى ئۆلەندىمۇ يا دەيمەن، ئادەم قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندىمەنمۇ؟ ياق ئۇ چۈكۈپ لەيلەپ قىلۋاتىدۇ بۇ ئۇنىڭ تىنۋاتقانلىقى ئۈچۈن،، ئاستا ئۇنىڭ دومبىسىدىكى نىمىكىن تاڭ بىرنىمەدىن تاتىپ ئاستا كۆلنىڭ ياغاچ پەلەمپىيىگە قاراپ ئۈزدۈم، بۇ چاغدا 15-16 ياشلاردىكى ئىككى قىز يولدىن ۋېلىسپىتلىك ئۈتۈپ بىزنى كۈرۈپ كىلىپ بىزنىڭ قۇلىمىزنى تاتىپ چىقىرىپ قۇيۇشتى، ئۇلار مىنىڭ رامبودەل بەدىنىمگە تۇرۇپ ئوغۇرلۇقچە قارىشىدۇ، قىرغاققا چىقىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم، شاكىچىكنىڭ يۈرۈكىنى تىڭشاش بولدى، مەن تۇنجى قېتىم ئايالىم بىلەن كۆرۈشكەندە سوققاندەك سۇقۋېتىپتۇ، ئۇ قىزلاردىن نۇمۇس قىلىپ دەرھال دۈمبەمنى قىلىپ ئولتۇردۇم، سۇدىن چىقىپ كۇسىرىم بەدىنىمگە يىم چاپلىشىپ قالغانتى، مەن تار ئىشتان كەيگەن، كالتا يوپكا كەيگەنلەرگە بەكلا ئۆچ، نەزىرىمدە ئۇلار ئەڭ قىلىنلار     ئۇقىزلارغا كىتىۋېرىڭلار دىدىم ئۇلار گەپ قىلماي بىربىرى بىلەن گودوڭشۇپ، كىتىپ قېلىشتى، بۈگۈن نىمە بولدى ھىچكىم بۇ يولدىن ئۆتمىدى،، سىلەگە دىمىگەن بىرمەخپىيەتلىك بار، بۇبالا  يا9 غا ياكى10 غا كىرگەن كىچىك ئۇرۇق بالىكەن، رامبودەك مەن دەيدۇ كىچىك بالىنى سۈزەممەي ئۆلدى بۇ لەخۋا دىمىسۇن دەپ دىمىگەن، لىكىن بۇ ئۇزى كىچىك بولغىنى بىلەن ئۈزىدىن چوڭ سومكىسى باركەن، لىق كىتاپ، سۇغا چىلىسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ، سومكىسى چوڭ بوغاچ سۇئىچىمەندەپ چولدوك كىدا چۈپرەندىلەر كەتكەن چېغى

دادامنى چالۋاقاتمايدەپ، ماڭاي ئەمدىدىم، كۇسىرىم لاي بوپكەتتى پايپىقىممۇلاي، شۇڭا كۆلگە كىرىپ كۇسار پايپاقنى يۇيۇپ پايپىقىمنى سىقىپ ئىشتان كۆڭلەكنى مۈرەمگە ئاتىپ چاتقاللىققا كۇسار سىقىشقا ماڭدىم، سىقىپ بولۇپ، ئىشتاننى كىيىپ، يىرتىق يەئانچە چانمىدى، كۆڭلىكىمنىڭ تۈگمىسىنى قاداۋاتىمەن، ھېلىقى بالىنىڭ يىغلىغىنىنى ئاڭلىدىم، سوكىلداپ يۈگۈرگىنىنى ئاڭلىدىم بارا بارا بەسلەپ يۇقالدى، كۆڭلىكىمنى كىيىپ كەشىمنى پايپاق كەيمەيلا كىيىپ دەرھال بالىنى ياتقۇزۇپ قويغان يەگە باردىم، ئۇنىڭ ئىزى سىيىپ ماڭغاندەك چىقىپ قاپتۇ، چوڭ يولغا چىقىپ قارىسام، مەكتەپ ماياندا بالا ئايانغا كىتىپتۇ، شۇنداقىلىپ ھېچكىم پالۋانلىقىمنى كۆمىدى( ھېلىقى قىزلار بۇيەرلىك ئەمەس، بۇبالىمۇ شۇنداقتەك قىلىدۇ، يا مەن يۇتتىن ئۇزاق ئايرىلىپ خەقنىڭ بالىسىنى يۇنمىدىممۇ)، بوپتۇلا ئاللانىڭ كۆگىنى يىتەرلىك دەپ موتوغا مۈندۈم، ئاندىن، بۇنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكدۇرسەن، ئاخىرەت ئۆز دەرگاھىڭغا قايتىمەن، دەپ ئاللاغا تەسبىھ ئېتىپ تەۋەككۇل قىلىپ مۈندۈم( بۇئەسلى ئات ئىشەككە مۈنگەندە دەيدىغان دۇئا، ئەمما ئاللا بىزگە ئىلھام بىرىپ، موتو ماشىنا ياساشنى ئىلھام بىرىپ بىزگە قولايلىق يارتىپ بەردى شۇڭا دەيمەن) ، بودو ھەقىقەتەن ئازراق  قورقۇنۇچ بار، بايام خۇشاللىقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن،     خۇشاللىقتا ئۇنتۇپ، خەتەردە ئاللانى ئويلىسا ساتقىنلىق مۇناپىقلىق بولىدۇ، ئەمما مەن بايام راسلا ئۇنتۇپتىمەن، ئاللادىم كەچۈرۈم سوراپ دۇئالار قىلدىم، دۇئا لىرىمنى بۇيەگە يېزىپ يۈرۈشنى چۈپەيلىك ھىس قىلدىم،   موتونى مۈنۈپ كىتىپ بارىمەن، ھەي چاتاقنىڭ چوڭى چىقتى، مەھەللىمىزدىكى توك سىم رەتلەۋاتىدۇ، تاساددىبىي سۇ توختاپ قالسا، مەن چۈشۈپ كۇسار پايپاق يۇغان سۇنى خەق ئىچىپ سالامۇ، كەينىمگە يېنىپ كۆلبېشىدىكى ئۆيگە كىرىپ "بىرسى كۆلگە چۈشۈپ كىتىپتىكەن، بۇسۇنى ئىچمەڭلار خەقمۇ ئىچمىسۇن دىسەم ماڭا ئىشىنىمۇ؟ تاڭ جىما"بۆلەك يالغان گەپ بوللسا قىلە ئۇكام قىززىق گەپ قىلىتكەنسەن دىسە نۇمۇستىن ئۈلەمەن، ياكى تاختىغا يېزىپ كۆلبېشىدىكى ..... بۇ مىنىڭ خىيالىم بۇ قېتىم موتونى تۇرمۇزلاپ ئارقامغا يانمىدىم "ئۈزەمنىڭ ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش قىلغانلىقىمنى ئۇقمىدىم، دەڭلار مەن مىنىش قىلدىم؟؟؟؟؟؟؟

بەزىڭلار   سەن نەردە تويقىلدىڭ نەدە پۇل تاپتىڭ دىيىشىڭ لار مۇمكىن، مەن ھىكايىدىكى مەن ئەمەس، ئاۋۇ ئۇزىدىن چوڭ سومكىسى بار، سوكولداپ يۈگۈردىغان  كىچىك بالا شۇ

مىرانىمغا ئۈزۈم يوللىغان بۇيەرگمۇ ئۈزۈم كۈچۈدۈم

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 19:47:41

راست راست ئىشمۇ بۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 19:58:52

ئۇقۇۋېتىپ كۆۋرۈكجان ئوخشايدۇ دەپ ئىسمىڭىزغا قارىسام ئەمەسكەنسىز، لېكىن يېزىش ئۇسۇلىڭلار ئوخشاشكەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 08:43:32

ئىككى ساۋابنى ئېلىشتىن باشقا  ، ئىككى ئاپەتنىڭ ئالدىنى تەڭلا ئېلىپسىلەر مانا.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 08:45:30

راسىت بېشىڭلىدىن ئۆتكىنى بۇ ۋەقە بولسا يالغان بېشىڭلىدىن ئۆتكىنى قايسى  {:92:}

urkesh_ili يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 09:01:30

كېنو كۆرگەندەك بولدۇم، ياخشىكەن..!! \"\"

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 10:29:01

ھاردۇق چىقىرىدىغان ھېكايە بوپتىكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 13:10:43

ياخشىلا بىر ھىكايىكەن

rakita يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 14:12:51

2- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇقۇۋېتىپ كۆۋرۈكجان ئوخشايدۇ دەپ ئىسمىڭىزغا قارىسام ئەمەسكەنسىز، لېكىن يېزىش ئۇسۇلىڭلار ئوخشاشكەن.

مەنمۇ شۇنداق ئويلاپتىمەن، ھە راست، كۆۋرۈك بۇرادەر يوقاپ كەتتىغۇ؟ بىلىدىغانلار خەۋىرىنى بېرىۋېتىڭلار...

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 16:27:49

يوۋۋۋ،،مەنمۇ ئوقۇۋتىپ يۇمۇرلۇق يەرلىرگە كەلگەندە ئەتايىتىن چوقىسىغا قارسام كۆۋرۈك ئەمەسكەن ،،،بەلەن ئەسلىمە ئىكەن ...ئىشتىنى يوغان قوڭى كىچىك دەپ ئاڭلىغانمىتىڭ ئۇكام ،سىنىڭمۇ سومكاڭ يوغان ئۆزۈڭ كىچىك بالىكەنسەن

جىنىڭغا لايىق سومكا ئاس جۇما ،قىل قاپسەن بىچارا ئاداشنىڭ توي كىچىسنى ھارام قىلغىنى  {:92:}

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 20:56:15

شۇنچە قىسقا جىددى پەيىتنى شۇنچە  ئۇزاق تەمكىن بايان قىپسىز ، ئۆزگىچە بوپتۇ
بەت: [1]
: ئۆلگىلى تاس قالدىم ،ئۆلمەيدىسىڭىز ئۇقاڭ