koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 09:38:31

جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل زادى قايسى؟؟؟

تىلغا بولغان قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، بەيدۇدىن «جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل» (中国第二大语言) دەپ ئىزدەپ باقسام، نۇرغۇن تالاش- تارتىش تېمىلارنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇنىڭ ئىچىدە يۆ شىۋىسىنى (粤语) نى جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل دېگۈچىلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن، ھەتتا يۆ شىۋىسىدىكىلەر  ئەسلى يۆ شىۋىسى جۇڭگونىڭ رەسمىي تىلى بولۇشى كېرەك دەپ، پۇتۇڭخۇا بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن.  لېكىن ۋۇ شىۋىسى (吴语)نى ئىككىنچى چوڭ تىل دېگۈچىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار يۆ شىۋىسىدىكلەرنىڭ ئورنىغا ھەسەت قىلىپ، شاڭخەينىڭ 30-يىللاردىكى شۆھرىتىنى پەش قىلىدىكەن. يەنە تېخى مىنەن شىۋىسى (闽南话)، كېجيا شىۋىسى (客家话)دىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭكىنى ماختىشىدۇ.


يۆ شىۋىسىنى ئاساسەن شياڭگاڭ ۋە گۇاڭدۇڭدىكىلەر ئىشلىتىدۇ، ھەمدە خەنزۇ تىلىنىڭ مۇرەككەپ يېزىقىدا يازىدۇ.


ۋۇ شىۋىسىنى بولسا شاڭخەي ۋە جېجىياڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىشلىتىدۇ. شاڭخەي شىۋىسىمۇ ۋۇ شىۋىسنىڭ بىر تارمىقى ھېساپلىنىدۇ، شۇڭا شاڭخەيلىكلەر 30- يىللاردىكى شاڭخەي شىۋىسىنىڭ شۆھرىتىدىن ھازىرغىچە پەخرلىنىدۇ.


مىنەن شىۋىسىنى تەيۋەن ۋە فۇجىيەن ئەتراپىدا ئىشلىتىدۇ.


بۇ خەنزۇ شىۋىلىرىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ سانى ھەر بىر شىۋىنىڭ تاس- ماس قالىدۇ 100 مىليونغا ئاز قالغىلى. ھەر قانداق بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ سانىدىن كۆپ.


-------------


گەپكە كەلسەك، مەن بۇ دە- تالاشلارنى كۆرۈپ، جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل زادى قايسى؟ «تىل» دەپ ئېتىراپ قىلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم قانداق شەرتلەر بولۇشى كېرەك؟ بۇ شەرتلەرنى خەلقئارا بويىچە قويۇش كېرەكمۇ ياكى جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ماس ھالدا قويۇش كېرەكمۇ؟ دېگەندەك سۇئاللار كاللامغا كىرىۋالدى، شۇڭا ئىزدىنىشتىكى ئۇقۇمۇشلۇق تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى يېزىپ قالدىم.


ئالدى بىلەن مەن پىكىرىمنى دەپ باقاي، ئاندىن يۇقارقى سۇئاللار ۋە پىكىرىمگە ئاساسەن، مۇنازىرە ئېلىپ بارساق دەيمەن.


«ئايرىم تىل» ئېتىراپ قىلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئەتراپتىكى باشقا تىللاردىن تەلەپپۇز ۋە يېزىق جەھەتتىن پەرقلىنىشى، ھەتتا تەرجىمان قويمىسا ياكى ئايرىم ئۆگەنمىسە چۈشەنگىلى بولمايدىغان بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، خەلقئارانىڭ ئۆلچىمىمۇ مۇشۇنچىلىك ئاددى، شۇڭا جۇڭگودىكى يۆ، ۋۇ، مىنەن قاتارلىق شىۋىلەرنى ئايرىم تىل دەپ قاراپ تىزىمغا ئېلىنغان. لېكىن، بۇ شىۋىلەر پۇتۇڭخۇا تەلەپپۇزى بىلەن چۈشىنىشكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، لېكىن كېلىپ چىقىشى ۋە يېزىقى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا جۇڭگودا بۇلارنى خەنزۇ تىلىنىڭ شىۋىلىرى قاتارىدا قارىلىدۇ، خەلق پۇلىغىمۇ بۇ شىۋىلەر بېسىلماي ئۇيغۇرچە، تۈبۈتچە ۋە موڭغۇلچە يېزىقلار بېسىلغان. چىڭ خاندانلىقىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگىچە، جۇڭگودا پەقەت 5 مىللەت ۋە 5 تىل بار دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن، ئۇلار 满汉蒙藏回 بولۇپ، ئاخىرىدىكى 回 دېگىنى مىللەت جەھەتتىن مۇسۇلمانلارنى كۆرسەتسە، تىل جەھەتتىن چاغاتاي تۈركى تىلىنى كۆرسىتىدۇ.


ئايرىم تىل سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم بۇ تىلنىڭ شۇ رايوندا مەلۇم سىياسىي ئورنى بولۇشى كېرەك. ئەگەر جۇڭگو يۇقارقى خەنزۇ شىۋىلىرىغا سىياسىي ئورۇن بېرىپ ئايرىم تىل قاتارىدا مۇئامىلە قىلسا، چوقۇم نۇرغۇن بۆلىنمىچىلىك ھادىسىسى يۈز بېرىپ، پۇتۇڭخۇانىڭ جۇڭگونى تىل جەھەتتىن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچرايدۇ. خەنزۇ شىۋىلرى يۇقارقى تۆتىلا ئەمەس، ئۇششاق بۆلۈپ كەلسە، يەنە خېنەن، سىۋەن، تىيەنجىن، بېيجىڭ ھەتتا ھەر بىر ئۆلكىنىڭ ئىچىدىنمۇ نەچچە خىل، ھەتتا نەچچە ئون خىل شىۋىلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش بەكمۇ قىيىن.


------------


كالتە پەمىمچە، جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل ئۇيغۇر تىلى بولۇپ قالىدۇ.


بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بەيدۇنىڭ ئىنكاس يازىدىغان يېرىگىمۇ يېزىپ قويدۇم، ئەگەر پىكىرىمنى قوللىسىڭىز، باشمالتاقنى ئۈستىگە قىلىپ چىقارغان قولنى چېكىپ قويارسىز.


http://zhidao.baidu.com/link?url=TxCmgAxBf7Ldesair1uBP3h61WbZp4Z_i66nVIa4EH2vEI0eraMPximWmXE63QL_Eo5osuGrfpzmTrTiB4riWK


ئۇنداقتا، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.


ئۇيغۇر تىلى تۈركىي تىللىرىغا تەۋە تىل بولۇپ، خەنزۇ ۋە باشقا خەنزۇ شىۋىلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، تاتار ۋە ئۆزبەكلەرمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىدۇ، قازاق، قىرغىزلارنىڭ تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغاچ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە بۇ تىلنى ئىشلىتىدۇ (قازاق، قىرغىزلار بىلەن پاراڭلاشساق تەرجىمان كەتمەيدىغۇ)، ئۇنىڭدىن باشقا تۇنگان، شىۋە، موڭغۇل، تاجىك، ھەتتا بەزى خەنزۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، دىيارىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلار ۋە چۈشىنەلەيدىغانلارنىڭ سانى 15 مىليون دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن.


ئۇيغۇر تىلىنىڭ جۇڭگودا سىياسىي ئورنى بار بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئۇيغۇرچە خەت بار. دىيارىمىزدا خەنزۇ تىلى بىلەن بىرگە رەسمىي تىل بولغاندىن باشقا، ئۇيغۇرچە مائارىپتا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلىدۇ، تېلېۋىزىيە، رادىئو، ئېنتېرنېت ۋە مەتبۇئاتلاردا يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە مەۋجۇت.


جۇڭڭزۇلارنىڭ نوپۇسى 17 مىليون، ئۇيغۇرلاردىن كۆپ بولسىمۇ، جۇاڭ تىلنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئاساسەن يېزا- قىشلارقلاردىلا قالدى. مەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا خىزمەت بىلەن بارغان. لېكىن ئۇ يەرلەردا جۇاڭزۇ تىلىدىكى تېلېۋىزور، رادىئو، مەتبۇئاتلاردىن ئەسەرمۇ يوق، دۇكا- سارايلارنىڭ ئۈستىدە بىرەر جۇاڭزۇچە يېزىقنى كۆرمىدىم، جۇاڭزۇچە بىلىدىغان بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم. بىزگە شوپۇرلۇق قىلغان تۇڭزۇ مىللىتىدىن بولغا ئۇستامدىن سورىسام، ئۆزى تۇڭزۇ بولغان بىلەن، تۇڭزۇچە گەپنى بىلمەيدىكەن، مومىسى تۇڭزۇ ئىكەن، ئۇستامنىڭ دېيىشىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، مەركەزنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق ئاپتونوم رايونلارغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، گۇڭشى ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق ياردەملەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بوۋا- مومىلىرىدىن بىرەرسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە چېتىشلىقلا بولۇپ قالسا، شۇ مىللەت دەپ نوپۇسقا ئېلىپ، جۇاڭزۇلارنى شۇنداق كۆپەيتىۋەتكەن ئىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاللىقاچان خەنزۇلىشىپ كەتكەنلەر ئىكەن. پەقەت گۇاڭشىنىڭ بەزى يېزىلىرىدىلا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا سۆزلىشىدىغانلار بار ئىكەن.


مانجۇ ۋە تۇنگانلارنىڭ نوپۇسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن جىق، شۇنىسى بۇ مىللەتنىڭ بىرسى ئۆز تىلىنى يوقاتقان، يەنە بىرسى ئىزچىل خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.


شىزاڭدىكى تۈبۈتلەرنىڭ نوپۇسى ئاران 7 مىليون، پۈتۈن جۇڭگودىكى موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى 6 مىليون، ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دائىرىسمۇ شىراڭ ۋە ئىچكى موڭغۇللارنىڭ دائىرىسىدىن چوڭ.


شۇڭا ئۇيغۇر تىلى ئايرىم تىل بولۇش، سىياسىي ئورنى بولۇش، ئىجتىمائىي ئورنى بولۇش، كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىش جەھەتلەردە بولسۇن، جۇڭگو بويىچە پۇتۇڭخۇادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىش ئېنىقكى، ئۇيغۇر تىلى جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل ھېساپلىنىدۇ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 18:43:35

\"كانتون تىلى粤语Cantonese\"نى جۇڭگودا بىر تىل دەپ تونىمىغان بىلەن، تىلشۇناسلار بۇنى ئايرىم بىر تىل دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئەڭ باشتا يۆ شىۋىسى دىيىشنىڭ ئۆزى ئىلمىيلىق بولمايدۇ.

خەلقارادا \"ماندارىن جۇڭگوچەMandarin Chinese\" دەپ ئاتىغان خەنزۇچە ئورتاق تىل بىلەن سۆزلۈك ۋە يېزىق جەھەتتە ئورتاقلىقى بولغان بىلەن، گرامماتىكىسدا خېلى پەرق بار ئىمىش.

https://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%B9%BF%E5%B7%9E%E8%AF%9D

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 19:07:06

جېجياڭنىڭ لىشۈي دىگەن يىرىدىكى كىشىلەر كورىيەچىگە ئوخشايدىغان بىر خىل تىلدا سۆزلىشىدۇ،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 19:26:08

ئۇيغۇر يېزىقى جۇڭگودىكى 2- چوڭ تىل دەپ ئاتىلىشقا ھەقلىق.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 19:58:25

2010-يىللىق باھالاشتا ،ئۇيغۇر تىلى جۇڭگودىكى 2-چوڭ تىل،كومپىيۇتېر تەرەققىياتىدا ئۇيغۇرلار ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان.بۇ بىر ئەمەلىيەت.

ئەڭ يېڭى ستاستىكا:ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودىكى نوپۇسى10460490غا يىتىپ مانجۇلارغا يېتىشكەن.مانجۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىشى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىمەكتە.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 20:46:51

\"\" مەن بۇنى بېسىپ قويدۇم. جوڭگۇ بىلەن بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئىشى يوق.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 20:49:56

koktash بەيدۇدا ناھايىتى قائىدىلىك ، ئاساسى بار سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئېلىمىزدىكى 2. چوڭ تىل ئىكەنلىگىنى تولۇق ئىسپاتلاپتۇ . تەشەككۈر ... \"\"

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 21:59:01

ئەمما كۆكتاشنىڭ بەيدۇدىكى ئىنكاسى دەھشەت چىقىپتۇ!!!ئاپرىن!!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 22:21:36

تورداشلارغا رەھمەت!

ئانا تىلىمنىڭ جۇڭگودىكى ئورنىدىن بەكلا سۆيۈندۈم!

تۆۋەندىكى تېمىدىمۇ شۇ ھەقتە پاراڭ ئىكەن، بۇلتۇرقى تېما بولسىمۇ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم، كۆرۈپ باققايسىلەر!

http://tieba.baidu.com/p/1449511984

ئۇيغۇر تىلىنىڭ جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل ئىكەنلىكىنى باشقا توربەتلەرگىمۇ تارقىتىپ قويساق، باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاناتىلىمىزدىن پەخىرلىنىپ، ئاناتىلىمىز نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان پىشكەللىكلەرنى ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئۇنتۇپ تۇرامدىكىن دەيمەن!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 00:29:10

بۇلار بىلەن نۇپۇس تالشىپ ئىككىنجى چوڭ تىل بولمەن دېمەڭ ، ھىندىلارمۇ كەينىدە قالدۇ بۇلارنىڭ ئالدىدا \"\"

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 08:18:39

چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ زامانىسىدا، بەش تىللىق لۇغەت تۈزۈلگەن ئىدى، بۇ بەش تىل 满汉蒙藏回 تىللىرىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ لۇغەت ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلترونلۇق نۇسخىسىنى ھازىرمۇ توردىن تاپقىلى بولىدۇ. مەن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم. 回 تىلىغا قارىسام، دەل شۇ چاغاتاي تۈركىي تىلى ئىكەن، مەن چاغاتاي تۈركىي تىلىنى ئازراق ئۆگەنگەن ئىدىم، شۇڭا ئۇنى پەرق ئېتەلىدىم.

ھازىرقى تۇنگانلار ئەمەلىيەتتە 840 -يىلى جەنۇبقا كۆچكەن 回鹘لارنىڭ بىر قىسىمى، ئۇلار ھازىرغىچە 回نامىنى ئۆزىگە نام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە كېيىنرەك توختالغۇم بار.

بىر تىلغا نىسبەتەن، بۇ تىلنى نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتسىلا ھېساپ ئەمەس، بۇ تىلنىڭ چوقۇم سىياسىي ئورنى ۋە قېلىپلاشقان يېزىقى بولغاندىلا ئاندىن تولۇق ھوقۇقلۇق ۋە تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە تىل دەپ قارىغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتىكى جۇڭگودا، يۆ شىۋىسىدىن باشقىسىنىڭ بۇنداق ئىمتىيازى يوق.

17 مىليون جۇاڭزۇنىڭ ئىچىدىن، جۇاڭزۇ تىلى بىلىدىغان 1 مىليون جۇاڭزۇنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 50-يىللارغا ماددى ياردەمنى نىشانلاپ جۇاڭزۇ بولىۋالغان خەنزۇلار.

مەن بۇرۇن، دۇنيادىكى خالىغان بىر تىلنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان فورمىلالىق جەدىۋەل تۈزىگەن ئىدىم (گەرچە بۇ جەھەتتە كەسىپىي بولمىساممۇ)، بۇنىڭدا بىر تىلنىڭ سىياسىي ئورنى، ئىشلەتكۈچىلەر سانى، زېمىن دائىرىسى ۋە ئورتاق يېزىق ھالىتىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن باھالىناتتى. لېكىن كۆپىچە خەلقئارالىق باھالاشلارغا قاراپ باقسام، ئاساسەن ئىككى خىل باھالىنىدىكەن، بىرسى ئىشكەتكۈچىلەر سانى، بۇ دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل، يەنە بىرسى ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر سانى.

دېمەك، خەنزۇ شىۋىلىسى يۇقارقى 4 جەھەتتىن باھالىغاندا، 2 جەھەتتىن نومۇر ئالالمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بۇ خەنزۇ شىۋىلىرىنىڭ كۈچلۈك- ئاجزىلىقىنى سېلىشتۇرماقچى بولساق، يۇقارقى فورمىلاغا سېلىپ باقساق بولىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 09:09:33

ئۇيغۇر تىلىنى ئىچكىردىكىلەر شىنجاڭ يۈ دەيدىكەن. بىر نەچچە قېتىم تور بەت، icp, ئالىپاي، تېنپاي ئىشلىرى بىلەن ئىچكىردىكىلەر ماڭا تېلېفون قىلدى. ھەممىسىلا تور بېتىڭ شىنجاڭ يۈكەن، جۇڭگو تىلىغا ئۆزگەرتسەڭ مانداق، مانداق قىلىپ بېرىمىز، شىنجاڭ يۈ بولسا بولمايدۇ... دەيدۇ، شىنجاڭ يۈ دەپ يۈ يوق، ئۇ دېگەن ئۇيغۇر يېزىقى دېسەم گەپ چۈشىنەر ئەمەس.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 09:21:12

ئەدەبىي تىل (پۇتۇڭخۇا) بىلەن دىيالېكت(-شېۋە) نىڭ قانداق پەرقى بار دەپ سورالغاندا، نۇرغۇن تىلشۇناسلار:

ئەدەبىي تىل ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان، زىيالىلار توپلاشقان، قېلىپلاشقان.... يەنە بىر نېمە بولغان رايوننىڭ تىلى.... دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن.

بىر فىرانسىيەلىك ئوقۇتقۇچى كەسكىن ھالدا:

  مىلتىق تۇتقانلارنىڭ تەلەپپۇزى ئەدەبىي تىل، باشقا رايونلارنىڭ دىيالېكت-شېۋە دەپ ئاتىلىدۇ، دېگەنىدى.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 12:12:54

گۇۋاڭدۇڭ ۋە شىياڭگاڭلىقلارنىڭ تىلى بۇ يىل تېخى يېقىندىلا ب د ت تەرىپىدىن مۇستەقىل بىر تىل دەپ ئېتراپ قىلىندى. ب د ت نىڭ باياناتىدا مەلۇم بىر تىل سىياسىي ۋە ھاكىمىيەتنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك دەپ يۆ تىلىنىڭ مۇستەقىل بىر تىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ب د ت نىڭ سىنا مىكرو بىلوگىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى تاپالايسىز.



ئاۋۇ بەش تىللىق لوغەتكە كىرگۈزۈلگەن خۈي دېگەن تىل دەل ئۇيغۇر تىلى. چىڭ زامانىسىدىكى 5 چوڭ تىلنىڭ بىرسىدە ئۇيغۇر تىلى بار.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 12:14:48

شىۋە باشقا، دىئالىكىت باشقا. دىئالىكىت چوڭ ئاتالغۇ. شىۋە ھەر يۇرتقا قارىتىلىدۇ، دىئالىكىت ئوخشاش بىر تىل ئالاھىدىلىكىگە ئىگە رايوننى كۆرسەتسە كېرەك. بۇ تېمىدا دېيىلگەن شىۋە دىئالىكىت دەپ ئېلىنسا توغرا بولىدۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 12:32:52

16- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۇۋاڭدۇڭ ۋە شىياڭگاڭلىقلارنىڭ تىلى بۇ يىل تېخى يېقىندىلا ب د ت تەرىپىدىن مۇستەقىل بىر تىل دەپ ئېتراپ قىلىندى. ب د ت نىڭ باياناتىدا مەلۇم بىر تىل سىياسىي ۋە ھاكىمىيەتنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك دەپ يۆ تىلىنىڭ مۇستەقىل بىر تىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ب د ت نىڭ سىنا مىكرو بىلوگىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى تاپالايسىز.



ئاۋۇ بەش تىللىق لوغەتكە كىرگۈزۈلگەن خۈي دېگەن تىل دەل ئۇيغۇر تىلى. چىڭ زامانىسىدىكى 5 چوڭ تىلنىڭ بىرسىدە ئۇيغۇر تىلى بار.



قاچان جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ تولۇق ئېتىراپ قىلغاندا، شۇ چاغدا ئۇيغۇر تىلىمۇ ئىككىنچى ئورۇننى تاشلاپ، ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ.


بەش تىللىق لۇغەتتىكى خۇي تىلى - ئۇيغۇر ئالىملار دەۋاتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، ئۆزبەك ئالىملار دەۋاتقان «ئەسكى ئۆزبەك تىلى»، ئافغانىشتاندا ئىشلىنىۋاتقان «ئافغانىشتان ئۆزبەك تىلى»، چەتئەل ئالىملىرى دەۋاتقان «چاغاتاي تىلى»، كونا كىتاپلاردا (بابۇرنامە، تارىخىي رەشىدى دېگەندەك كىتاپلاردا) دېيىلگەن «تۈركىي تىل» شۇ!


مەن شۇ قەدىمىيلىكنى ۋە تەۋەلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، «چاغاتاي تۈركىي تىلى» دەپ قويدۇم. مەن نېمىلا دەپ ئاتىغىنىم بىلەن، يەنىلا ئىختىلاپ قىلىدىغانلار چىقىپلا تۇرىدۇ.  ئەمەلىيەتتە بۇ تىلنىڭ قەدىمچە ئاتىلىشى «تۈركىي تىل».  ھازىرقى نامىنى ھەر قايسى  ئەل «ئالىملارى»  ئۆزلىرى قويۇشىۋالغان.

western يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 14:25:15

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى تىلشۇناسلار ‹‹گۇاڭدۇڭ تىلى ›› نى يەنە بىر تىل دەپ قارىغان بولسا، بۇنىڭ يامىنى يوق ، ‹‹كېجىيا تىلى››نىمۇ شۇنداق قارىسا ئۇمۇ شۇنداق ، ئىلگىرى خەنزۇ تلى دەپ قارىغان تىللاردىن يەنە‹‹ بالا ››تىللارنىڭ پەيدا بولىشى، يامان ئىش ئەمەس ، بۇنداق تۈرگە ئايرىش ،باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان بېسىمىنى يېنىكىلىتىشكە پايدىلىق ، ئۇنداق تۈرلەرگە ئايرىشنى ئىنكار قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى 2- تىل دەپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش كۆز چاپقىنى ئادالايمەن دەپ كۆزنى قارىغۇ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، مەنتىقە ئاددىي، بىر ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان نۇرغۇن تىللار مەجبۇرى خەنزۇ تىلىغا قوشۇۋېتلىدى ، بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىسا ياكى ئىلگىرلىمەي ئارقىغا قاراپ ماڭسا ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا تىللارغا قوشۇلۇپ كېتىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ ، 2- تىل بولسا ساقلاشقا پايدىلىق دىگەن گەپنىڭ ئاساىي يوق ، قوش تىل مائارىپىدا ئۆزگۈرۈش بولۇش - بولماسلىق ئۇ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، تىلىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر شۇ تىلنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ نىيەت - مەخسەتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلسە، 50 - ئورۇندا تۇرىدىغان تىلىنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ، بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق بولماۋاتىدۇ . تىما ئىگىسىنىڭ ‹‹ گۇڭدۇڭ تىلى ››، ‹‹كېجىيا تىلى ›› نىڭ ئورنىنى ئىنكار قىلىپ ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ 2- لىك ئورنىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى، سەبداشلارنى قىرغىن قىلىپ ، 2- ئورۇنغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىمەن دىگەندەكلا غەلىتە ئىش .
بەت: [1] 2
: جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تىل زادى قايسى؟؟؟