نوركا پەلتۇنى يەنە كىيەمسىز؟
شىنجىڭ گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىر يىفاڭشىڭ ، فەن چۈنشۈن) يېقىندا ئاسىيا ھايۋانلارنى ئاسراش تەشكىلاتى (PETA Asia) توردا بىر قىسقا فىلىمنى ئېلان قىلغان بولۇپ ،بۇ قىسقا فىلىمدا دېيىلىشىچە جۇڭگو ئەنگورا(安哥拉兔 Angora) توشقىنى فېرمىسىدا ئىشچىلار توشقان يۇڭىنى، تىرىك توشقاننى يۇڭداش ئارقىلىق يىغىدىكەن . بۇ فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، كۆپلىگەن داڭلىق چەتئەل كىيىم كارخانىلىرى ئەنگورا توشقىنى يۇڭىدا ئىشلەنگەن كىيىم كىچەك ئىشلەپچىقىرىشنى توختىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . جۇڭگو باقمىچىلىق ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى توشقان بېقىش ئۇيۇشمىسنىڭ بىلدۈرىشىچە تىرىك توشقانننى يۇڭداش 80 -يىللاردا بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، ھازىر بۇ خىل ئەھۋال ناھايتى ئاز ھەم ئايرىم ئەھۋال ھېسابلنىدىكەن .
فىلىم سەل ۋەھشىكەن شۇڭا يوللىمىدىم ، قىزىقسىڭىز ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ. رايۇنىمىزدا نوركا قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقىرى شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللارنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى بىلىپ قالسۇن دەپ يوللىدىم ، قالايمىغان ئىنكاس يازمىغايسىلەر.
ئەسلى مەنبە : http://news.qq.com/a/20131218/000751.htm
مۇشۇ خوتۇن خەق بىر-بىرىگە بەس قىلىشىپ كەيمىسە نوركا دېگەننى، ھەي ...
ھەر قانچە باي بولۇپ كەتسەممۇ، نوركا دېگەن نەرسىنى ئېلىپ بەرمەسمىنا... نوركا كەيمەيدىغان خوتۇننى ئالسىلا ئىش پۈتىدۇ
2- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نوركا كەيمەيدىغان خوتۇننى ئالسىلا ئىش پۈتىدۇ
مەسلەن:
2- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نوركا كەيمەيدىغان خوتۇننى ئالسىلا ئىش پۈتىدۇ
مەسلەن:
5- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نوركا كەيمەيدىغان خوتۇننى ئالسىلا ئىش پۈتىدۇ
مەسلەن:
مەسىلەن مەندەك.
ئىنكاسنى تولۇق يېزىڭلار! {:92:} نوركىسى بار خوتۇننى ئالساڭلارمۇ بولىدۇ
ئەمسە بۇ تىرىك توختىتىپ سۇيىۋېلىنغان تىرىدىن تىكىلگەن نوركىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن توشقاننىڭ ئەرۋاھى ئەگىپ يۈرۈيدىكەندە . ئۆلتۇرۈپ سويسا بولمامدۇ دەيمەندە ئادىمىيلىك مىھرى-شەپقەت يوق مەلئۇنلار، تىرىك تۇرغۇزۇپ قانداقمۇ سويۇشقا قولى بارىدىغاندۇ. نەگە قارىسا خوتوننىڭ گىپى ئىزدىشتا. تارىختىكى جۇڭگودا، بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھنى تىرىك تۇتىۋالسا، تېرىسىنى تىرىك سويۇپ، گۆشىنى ئاز-ئازدىن شىلىپ، ئالدىرماي «ھوزۇرلىنىپ» ئۆلتۈرەر ئىكەن.
ئادەمنى تىرىك سويغان يەردە، توشقاننى بايىلا سويمامدۇ! نوركا پەلتونىڭ ساختىسىنى كىيىدىغان خوتۇن بولسا ئېلىڭلار .... نوركا كېيىدىغانلاردا بۇ تىمىنى كۆرۈپ چۈشەنگۈدەك ئەقىل-ئېدىراك بولسىدى، ھەرگۈزمۇ نوركاكەيمەيېتتى، ئەپسۇس نوركا كېيىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپۇنچىسى ئەقىلسىز، نادان،بىلىمسىز ، مەنمەنچى، شۆھرەت پەرەس، ئابروي پەرەس، ئۇلار قانچىلىك ۋاقتى، زىھنى، پۇلى كەتسىمۇ يۇقارقى جەھەتلەر دىن بەسلىشىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىر-بىرى ۋە باشقىلار بىلەن پەن-مائارىپ، ئەدەپ-ئەخلاق جەھەتتە بەسلىشىپ ئېستىداتلىق ئايال بولۇپ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن باشقاتۇر مايدۇ. نوركىنى كىيىپ 16مىڭ كويلۇق تالاق ،30مىڭ كويلۇق تالاق ،نوركا تالاق قىلىنغان ئاياللارنى خوتەنلىكلەرنىڭ ئېغىزىدىن جېق ئاڭلىغان مەن . نوركاتالاققىمۇ يول يوقمىش . بىر گەپ، چوشقىنىڭ تېرىسىدە تىكىلگەن ئاياقنى كىيسە شەرىئەتتە چەك بارمۇ-يوقمۇ؟
ئۆتكەندە بىر ئاياق ئالسام چوشقىنىڭ تېرىسىدە تىكىلگەنىكەن، مەنغۇ كىيىۋەردىم ئەمدى، ئاياقنى قازاندا قاينىتىپ شورپا قىلمىغاندىكىن دەپ.
بىراق كۆڭلۈمدە بىر قىسمىلا بولاپ قالدىم.
4- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نوركا كەيمەيدىغان خوتۇننى ئالسىلا ئىش پۈتىدۇ
مەسلەن:
abd282 بەك ياخشى جاۋاب بېرىوتىغۇ . شۇنىڭدەك دېمەكچى .... 14-قەۋەتتىكى توردىشىمىز شۇنداق ياخشى جاۋابنى بېرىپتۇ .
نوركا كىيىدىغان خوتۇنلار (خانىملار دېگۈم كەلمىدى ،پۇلدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق خوتۇنلارنىڭ سالاپەتلىك ئاياللارغا خىتاب قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان خانىم دىگەن سۈپەتكە شەرتى توشمايدۇ ) نىڭ تېما ئىگىسى تىلغا ئالغان ئىشنى ئويلىيالىغۇچىلىك كاللىسى بولسا نەچچە قوي كالا كىلىدىغان پۇلغا نوركا ئېلىپ، تاپقان پۇلىسىنى ئۇچىسىغا ئارتىپ خەققە كۆز كۆز قىلىپ يۈرمەيتتى . كۆز كۆز قىلىش مەيلى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن ياكى ئەخلاقى نۇقتىدىن بولسۇن قەتئىي خاتا .بۇنىڭدەك يا ئىجتىمائى ئەخلاقنى ياكى دىنى يوسۇننى چۈشەنمەيدىغان خوتۇننى ئەپ سالسا جانغا جاپا بولماقتىن باشقا ئىش يوق. خوتۇننى نوركا كەيمەيدىغان قىلىۋېتەلەيمەن دېيىش كېرەك (ئۇرۇپ دۇمبالاپ ئەمەس ،تەربىيلەپ ،پەرۋىش قىلىپ ) ياكى نوركا كەيمەيدىغان خوتۇن ئېلىشى كېرەك راۋرۇس ئەركەك دېگەن .
ئاۋۇ چاقچىقىڭلارنى قويۇڭلار، سەت تۇرىدىكەن .