tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:19:25

ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۆسۈپ قېلىش ھەققىدە














بۇ بۇيۇندا ۋە بەلدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ ئۇمۇرتقا قېشىدىكى كۈمۈرچەكنىڭ ئىششىق قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قۇيۇق يەل ، خام خىلىتلار ۋە خاتا داۋالىنىشتۇر.

شۇڭا ئالدىنى ئېلىشتا زىيادە يەل پەيدا قىلغۇچى تاماقلارنى دائىم يىمەسلىك، ئاخشىمى زىيادە تۇنۇيۇپ تاماق يىمەسلىك، بەك مۈكچىيىپ ئولتۇرماسلىق، سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە سوغۇقلۇق نەرسىلەر بىلەن داۋا قىلماسلىق كىرەك.

داۋالاش: ئاۋال سەۋەبچى ماددىنى پىشۇرۇش ۋە سۈرۈپ چىقىرىش كېرەك، بۇنىڭدا ئەھۋالغا قاراپ بەلغەم خىلىتى ياكى سەۋدا بىلەن بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، ماددا پىشتى دەپ قارالغاندا مەتبۇخى سۆرۈنجان ۋە ئايارەج لوغانزىيا بىلەن سۈرۈپ چىقىرىش كېرەك.ئۇنىڭدىن كېيىن مەجۈنى چۆبىچىن، مەجۈنى سازەج، ھەببى سۆرۈنجان قاتارلىقلارنى بىر مەزگىل ئۈزمەي ئىستىمال قىلىش، يەللىك ۋە سۇغۇقلۇق نەرسىلەردىن گۈرۈچ تامىقىدىن ،سۇغۇقسۇ، قېتىق، سۈت، كالا،قوتاز،بېلىق گۆشلىرىدىن،توك تۇخۇلىرىدىن ، لازا،ئاچچىقسۇ، جاڭيۇدىن، پەرھىز قىلىش كېرەك. ماددىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، شور تۇز بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، تۇخۇم يېغى، چايان يېغى، قەلەمپۇر ۋە قۇستە ياغلىرى بىلەن ياغلاپ تۇرۇش، سوغۇق ئۆتكۈزمەسلىك، يۇمشاق يەردە ياتماسلىق، بولسا تۈز شالدا يېتىش،ئەگەر بەك كۆنەلمەي قالسا قارا قوينىڭ يۇڭىدا ياكى تۆگە يۇڭىدا كىگىز ئەتتۈرۈپ تاپالىسا ئاستىغا شور تۇز يېيىتىپ يېتىشنى ساقايغۇچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم. تولا ئېڭىشىپ خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدا پەرھىزى بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

تىز بۇغۇمى ئىششىپ قالغاندىمۇ يۇقىرىقى بويىچە داۋا قىلسا بولىدۇ.

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 18:08:48

اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 09:06:28

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:54:34

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 23:15:05

3- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەل ئۇمۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ قالدى دىگەنلىك يالغۇز بەلدىن چاتاق چىقتى دىگەنلىك ئەمەس ، ئۇ سىزنىڭ بىۋاستە پۇتىڭىزغا تەسىر قىلىدۇ . ئاقساپ ماڭىدىغان ،ھەتتاكى ماڭالمايدىغان بولۇپ قالسىز .



پىكىرىڭىز توغرا ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 02:32:42


bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 11:12:01

ئەمدى بېغىر 6 پەيدا بولىدىغان بولدى \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 11:36:00

كام قالدى دېگەن يېرىنى تولۇقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 13:30:45

ئۇمۇرتقىسى ئۈسۈپ قالغان بىرى ۋىتامىن د نىڭ سۈڭەكنىڭ ئۈسۈشىنى ياخشىلايدىغان رولى بار دەپ تەركىبىدە كالىتسى + ۋىتامىن د 3 بار بىرخىل دورىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى ئۇنىڭغىمۇ مەنپەئەت قىلىپتۇكەن ئاپامغىمۇ شۇ دورىدىن ئېلىپ بېرىۋىدىم ئۈنۈمى ھەقىقەتەن بولدى .

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 13:32:05

روسىيە ئاۋازى تورى خەۋىرى: تەيۋەن خەلقئارا رادىئو ئىستانسسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى 20-ئۆكتەبىر «دۇنيا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۈنى» دە ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ چوڭ شەھەرلەردىكى 20 ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D كەمچىل بولغانلار %21 نى ئىگىلەيدىكەن.



شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ دوكلاتنى نەقىل قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ قېرىلىشىش ھادىسىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولغان سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ كۈنسېرى ئاشقان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە جۇڭگودا ئوتتۇرا ياش ياشانغانلار ئىچىدە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تەخمىنەن 53 مىليون 126 مىڭ كىشى ئىكەن ھەمدە ھەر يىلى تەخمىنەن 263 مىڭ يېڭى بىمار كۆپەيگەن.



جۇڭگو ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى دېيىشىچە، سۆڭەك ھالىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن تەركىب كالتىسىي بىلەن ۋىتامىن D ئىكەن. ئەمما بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەردە 20 ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدىنىدە ۋىتامىن D نورمال بولغانلىرى تەكشۈرۈلگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ پەقەت %0.67 نى ئىگىلىگەن، ئېغىر كەمچىل بولغانلىرى %21 نى ئىگىلەيدىكەن.



شۇڭا، جۇڭگو ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، خەلقئارا سۆڭەك شالاڭلىشىش فوندى جەمئىيىتى بۇ قېتىم جۇڭگو سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىدىكى مېڭنيۇ (蒙牛) شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2012-يىلى «جۇڭگو سۆڭەك ساغلاملاشتۇرۇش قۇرلۇشى» پىلانىنى باشلاپ، «سۈت، تەنھەرىكەت، ئاپتاپقا قاقلىنىش» تىن ئىبارەت ساغلاملىق نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرغا قويغان، داۋالاش پەرۋىش خادىملىرىنى تەشكىللەپ مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كىشىلەرنىڭ سۆڭەك زىچلىقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، سۆڭەڭ شالاڭلىشىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى ۋە نورمال ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنى چىڭ تۇتۇشنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.



خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2013-يىلدىن بۇيان، «جۇڭگو سۆڭەك ساغلاملاشتۇرۇش قۇرلۇشى» چوڭچىڭ، چېڭدۇ، چىڭداۋ، يەنتەي، زىبو، لەنجۇ قاتارلىق ئالتە شەھەرنىڭ 120 رايونىدا ئېلىپ بېرىلىپ، 250 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت قىلىپ، 250 مىڭ ئادەمگە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 5747 نەپەر 20 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرگە بىلىكىنىڭ سۆڭەك زىچلىقىنى ئۆلچەش ئېلىپ بارغان.



تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %26.3، ئاياللارنىڭ %34.4، ئەرلەرنىڭ %19.6 ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.



(تەرجىمىدە: ساباھەت)

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 14:52:01

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 14:57:36

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 15:34:18

قايسى كۈنى بىر بوكسچىمىزنى مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ قالدى دەۋاتقان، ئېغىر مەشقلەرنى قىلىپ مىدىلاپ تۇرغان ئادەممۇ مۇشۇنداق كېسەل بولامدۇ؟

ھازىر مەن كۈنىگە 100 مېتىر ماڭىدىكەنمەن، خىزمەتتە ئورۇندۇقتا، بېرىپ كېلىشتە ماشىنا ھەيدەپ. ھەرىكەت بەكلا ئاز، قايدا قىساق بولاكىن تاڭ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 15:40:06

كەينىچىلەپ مېڭىشنىڭمۇ پايدىسى بارغۇ دەيمەن .
بەت: [1]
: ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۆسۈپ قېلىش ھەققىدە