tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 15:31:49

تاختا كومپيۇتىر تەۋسىيە قىلساڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستىلار

تېلىپۇنۇم توك شورايدىغان بولۇپ قاپتىكەن، نورمال ئىشلەتسەم ئۈچ سائەتلەر ئىشلەيدۇ،ئاندىن قىزىيدۇ،ئارقىدىنلا ئۆچۈپ كېتىدۇ. تېلىپۇننى رىمۇنت قىلدۇراي دىسم رىمۇنت پۇلىغا بىر تىلىپۇن كەلگۈدەك، شۇڭا كۇنۇپكىلىق تىلىپۇندىن بىرنى ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭغا تاختا كومپيۇتىردىن بىرنى يانداپ ئىشلىتەي دېگەن. قىلدىغان ئىشىم : خەت يېزىش، كىتاب كۆرۈش ئاندىن كىنو كۆرۈش. مۇشۇنىڭغا باب كەلگۈدەك قىممەت ئەمەسراق،ئەمما چىدامچانراق بىرەر نەرسە تەۋسىيە قىلساڭلار،

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:46:32

ئېلجى بىلەن مىنىنى دەمسىز ياكى؟

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 18:20:08

http://algha.biz/productshow.php?cid=5&id=3

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 19:20:37

14- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېلجى بىلەن مىنىنى دەمسىز ياكى؟



خېلى مەنپەئەتلىك تىما بوپتۇ ماۋۇ؟



شۇغىنىسى بىلىدىغانلار تۈزۈكرەك بىر نەرسە دىمەي تۇرۋاپتۇ.


بۇ تىمىدىن مەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مەنپەئەتلەندىم.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 19:29:43

ئالما بىرىنچى تاللاش ئەنجۇرگە يېقىنلاشساڭلا ئىبرەتسىزخاتالىق قايتا سادىربۇلىدۇيەنە تىمايوللاپ مىنى قۇتقۇزۇڭلارئەنجۇردىن دەپ يۈرسىلە.

ئايپەد ئەير بىرىنچى تاللاش

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 19:36:23

نەچچە كۈن ئېتىشىپ ئادەتتىكى لىيەنشاڭ كومپىيوتىرىمغىمۇ ۋىندوۋس تىن ۋازكىچىپ ئالمىنىڭ سىستىمىسىنى قاچلىۋالدىم قاتىدىغان قالايمىقان ئىلان چىقىدىغان ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلدۇمغۇ بۇسىستىمىنىڭ مۇقۇملۇقى ھەقىقەتەن بوپ قۇيدىكەن ۋىروسخورلاردىن قۇتۇلدۇردىغۇ .

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:15:55

11- قەۋەتتىكى windows100نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىل ئۈگىنىشكە قايسى تاختا كومپىيوتىر ئەڭ ياخشى؟ ئېنگىلىز تىلىنى ئۈگىنىشكە

ئوكىسفورد ئۇنۋرىستېتى تۈزگەن خەنزۇچە خەت ئارىلىشىپ قالمىغان CD ياكى MP3 قوشۇمچە ئۈن ھۆججىتى بار قەغەز كىتاب بىلەن سودا نەشىرياتى تۈزگەن 词典英汉精选 نى يانچۇققا سېلىۋالسا ئەڭ ياخشى، پەد بىلەن تىل ئۈگىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. تىل دېگەننى كىتابتىكى مەشىقلەرنى بوياپ ئىشلەپ، جىجاپ تۇرۇپ ئۈگىنىدىغان نەرسە. ئۇنىڭغا يانداپ BBC نىڭ پىروگىراممىلىرىنى رادىئو ئارقىلىق ئاڭلاپ ئۈگەنسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ. ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفوننى ئىسپان تىلى ئۈگىنىمەن دەپ سېتىۋالغان، ئېچىگە لىق نەرسە قاچىلاپ قويۇپ ۋېىچات ئويناپ چۈشۈپ كىتىدىغان گەپكەن. ئەڭ ئىپتىدائى ۋە كلاسسىك ئۈنۈمگە ئېگە تىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى يەنىلا قەغەز كىتابكەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:16:49

رەخمەت سىزگە

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 08:25:58

ئايپەد بىرىنچى تاللىشىڭىز بولالايدۇ!!

iPad mini نى ئالسىڭىز ھازىر 2100 يۈەنگە چۈشتى ، iPad mini2 ئالسىڭىز 2900 يۈەن ، ئىككىلىسى 7 سۇڭ ، لېكىن كېيىنكىسىنىڭ ئىكرانىنىڭ سۈزۈكلۈكى خېلى بەك يۇقىرى ، Cpu مۇ ھازىر ئەڭ ئىلغار، 7 سۇڭ كىچىكتەك قىلغىنى بىلەن كۆنۈپ قالسىڭىز ھەرگىز كىچىك ئەمەس، بەك ئەپچىل ، مەنمۇ iPad mini2 نى ئېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن (ئايالىمنىڭ iPad mini تىن بىرسى بارتى).. كىتاب ئوقۇش، تورغا چىقىش، كىنو كۆرۈش ئىشقىلىپ چوقۇم رازى بولىسىز، ئالمىنىڭ تېلېفون ، كومپيوتېر، ئايپەد قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، رازى بولمىغان يېرىم يوق ، شۇ باھاسى قىممەت ، ھەممەيلەننىڭ رازى بولمىغان تەرىپى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن( ھازىرقى iPad mini نىڭ باھاسى لېكىن ھەممىدىن مۇۋاپىق، سەمسۇڭدىن بازار تالىشىپ باھاسىنى كۆپ تەڭشىگەن بولۇشى مۇمكىن مېنىڭچە) ، لېكىن پىششىق ، چىداملىق.....

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 08:36:28

ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز APP STORE دا 新概念英语,走遍美国,美国之声 قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللار تولا ، ھەقسىزلىرىمۇ جىق ، ئۇندىن باشقا Podcast دەيدىغان نەرسە بار سىلەرگە نۇرغۇن تىللارنى ئۆگۈنۈش دەرسلىكلىرىنى تەمىنلەيدىغان... ئۇندىن باشقا ، FOX , ABC , BBC , CNN قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئاخبارات - خەۋەر توربەتلىرىنىڭ خەۋەرلەر پىروگىراممىسى (Apps) نى چۈشۈرۈپ بىۋاستە كۆرەلەيسىز ، بۇنىڭ ئېنگلىزتىلى ئۆگۈنۈشىڭىزگە خېلى كۆپ ياردىمى بولىدۇ ، ئەلۋەتتە.

ئۇنىڭدىن باشقا iBooks ئۈچۈن نۇرغۇن ھەقسىز ئېنگلىزچە ۋە باشقا نۇرغۇن تىللاردا ئوقۇشلۇق ، ئۆگۈنۈش ماتېرىياللىرىمۇ بار...

ئەمدى مەسىلە شۇ سىزنىڭ ئۆگەنگۈڭىز بارمۇ يوق ، ياكىباشقا باھانىڭىز بارمۇ ؟  {:92:}

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 08:38:49

BBC ئەنگىلىيەنىڭ ئاخبارات-خەۋەر توربېتىتى مەن ئامېرىكىنىڭ شىركەتلىرى بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ ساپتىمەن ، كەچۈرۈڭلار...

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 09:48:47

پۇلىغا چىداپ ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ياخشىلىرىنى ئالسىڭىز باشقىلار ئۆزلىرى ھېس قىلغاندەك ئۇنداق ئەخلەت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.

ئەگەر ئاندرويىدنى ياقتۇرمىسىڭىز شۇ ئايپەد ئالسىڭىز بولىدۇ.

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 15:48:28

باھاسى قانچە پۇل، ئېكرانى قانچىلىك چوڭلۇقتا بولسا بولىدۇ.

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:11:22

مەندە بىرسى با يېڭى ھەممە نەرسى تۇلۇق ئالسڭىز ئەرازان بىرمەن

uzghun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:21:11

2- قەۋەتتىكى TAWPIKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەندە بىرسى با يېڭى ھەممە نەرسى تۇلۇق ئالسڭىز ئەرازان بىرمەن

ماركىسى نىمە باھاسى قانچە ئورنىڭىز قەيەر

uzghun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:22:03

3000يۈەن ئەتراپىدا ياخشىراق تاختا كومپىيوتىر لازىم،ئاساسەن تىل ئۆگىنىشكە ئىشلەتمەكچى

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:25:58

ماركا بىلەن باھانى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ بىرەر مىڭدىن بەك قىممەت بولمىسا  {:92:}

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:38:23

5- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماركا بىلەن باھانى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ بىرەر مىڭدىن بەك قىممەت بولمىسا

سىز دېگەن باھاغا دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى كېلىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا يېقىن يولىمىغان تۈزۈك

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:39:44

4- قەۋەتتىكى uzghunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3000يۈەن ئەتراپىدا ياخشىراق تاختا كومپىيوتىر لازىم،ئاساسەن تىل ئۆگىنىشكە ئىشلەتمەكچى

iPad ئالسىڭىز بولغىدەك ئەمىسە

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:41:25

نېمىشقا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئويلىشىپ باقمايمىز .

مەن گەرچە ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ بېلكان پەدنى تەۋسىيە قىلىمەن
بەت: [1] 2 3 4
: تاختا كومپيۇتىر تەۋسىيە قىلساڭلار