tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 15:11:15

خام دورىلارنىڭ تەسىرى ۋە تەسىر مېخانىزىمى


خام دورىلارنىڭ تەسىرى ۋە تەسىر مېخانىزىمى توغرىسىدا

بىلگەجان بىلەن قىسقىچە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، بىلگەجان بىلگەجان غەرب تېبابىتىدە ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمىنى ، مەن ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورىلارنىڭ  تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلىرىنى  يازىدىغان بولدۇق.


دورىلارنى يېزىشتا ئۆزۈم تەسىرى كۈچلۈك دەپ قارىغان دورىلاردىن باشلىدىم. خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەردىن باشقىلىرىنى كاللامدا ساقلىنىپ قالغانلىرى بويىچە يازغانلىقىم ئۈچۈن ،بۇ جەرياندا خاتا يېزىلىپ قالغان ياكى يېزىپ قويغان يەرلىرىم بولسا تۈزەتمە بەرگەيسىزلەر…..

















1


چۆبىچىن


بۇچۆبىچىن ئەسلى ياكى قىزىل چۆبىچىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى بىر خىل چاتقالسىمان ئۆسۈملۈك بولۇپ ، قىزغۇچياكى قارامتۇل رەڭلىك مېۋىسى بار. چۆبىچىن بولسا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىتىلگەن يىلتىزىنى كۆرسىتىدۇ. خەنزۇچە 土茯苓 ياكى 菝葜 دەپ ئاتىلىدۇ. http://image.baidu.com/ دىن ئىزدەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ

چۆبىچىن ئاق ۋە قىزىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولۇپ، ئېقى چاقماق قەنت شەكلىدە ھەر خىل بولىدۇ، ئۇمۇ كىتابلاردا بىر خىل يىلتىز دەپ قارالسىمۇ ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ زەمبۇرۇغلاردىن ئېچىتىپ ياسالغان دورا ئىكەن. قىزىلىنىڭ شەكلى ياڭيۇ چوڭلۇقىدا ،يۈزى مۇدۇر بولۇپ، جىسمى ناھايىتى قاتتىق، تەمى خۇشپۇراقراق كېلىدۇ. رەڭگى قانچە توق بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ. بۇ دورا ھەققىدە قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۆلىمالاردىن ئىمامۇددىن كاشىغەرى ‹‹ چۆبىچىن ھەققىدە رىسالە›› دەپ بىر كىتاب يازغانلىقى مەلۇم. ھىندىستان موغۇل ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە ياشىغان تېۋىپ مۇھەممەد ئەكبەر ئەرزانىنىڭ ‹‹ قارابادىن قادىرى ›› ناملىق پىششىق دورىلار ئۆلچەملىرى كىتاۋىدا چۆبىچىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبىنسىنا ۋە باشقا بىر نەچچە تېۋىپنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ‹‹ تۆھپەتۇل ئاشىقىين ›› دېگەن كىتابتىمۇ چۆبىچىن دېگەن دورىنىڭ قاچان ۋە قانداق بايقالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. ھازىرقى تېۋىپلاردىن باقى ئالىم قەلىمىگە مەنسۇپ ‹‹ چۆبىچىننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى›› دېگەن كىتاب بار،بۇ كىتابچىدە چۆبىچىننى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرى ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇلغان.

ئۇمۇمەن بۇرۇنقى تېۋىپلار بۇ دورىنى مەخپى دورىلار قاتارىدىن ساناپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ نۇسخىلىرىنى ئاشكارىلىمىغان . چۆبىچىن تەبىئىتى جەھەتتە ئىنسان مىزاجىغا يېقىن ۋە تەسىرلىرى كۆپ ۋە مەن ئامراق دورا بولغاچقا ئۇنى بىرىنچى قاتارغا تىزدىم ۋە قىزىل چۆبىچىن ھەققىدىكى بايانلارنىلا يازدىم.



پارماكوپىيەلىك (دورىلىق) تەسىرى: جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش،يۈرەك رېتىمىنى نورماللاشتۇرۇش، مەنى تۇتۇش تەسىرلىرى بار.

تەبىئىتى: ئىكىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق

خۇسۇسىيىتى: جاراسىملارغا قارشى تۇرۇش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، تەرەتنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق ماددىلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، خۇشلۇق كەلتۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، رەئىس ئەزالارنى، ئاشقازاننى،باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈكۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش،ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، ئەزا تىترەش ۋە يىغىلىپ قېلىش، سەۋدا خارەكتىرلىك كونا باش ئاغرىقى، كونا نەزلە، جۇنۇن، ماخاۋ، سېفلىس، ھەر خىل يىرىڭلىق يامرايدىغان چاقا، تەمرەتكە، قۇتۇر ، قىچىشقاق، گۆشخور چاقا، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى يىرىڭلىق يارا، بۇۋاسىر، ئاقما، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، بالىياتقۇنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلىرى، بۇغۇم ۋە يانپاش ئاغرىقى، ئەپيۇن خۇمارى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:43:21

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

ئۇيغۇر تېبابىتىنى مەن دەستۇرۇلئىلاج دېگەن كىتابتىن باشلىغان،سىز شۇنىڭدىن ياكى جەمئى ئىلاج ياكى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى تۇنۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى دىگەن كىتابلار بىلەن ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.زېھنىڭىز ئۇچۇق،ئەستە قالدۇرۇشىڭىز ياخشى بولسا بىرەر كىتابنى يادلاڭ.بىرەر يىلدا خېلە ئۈگۈنۈپ قالىسىز،قالغىنى تەجرىبە مۇھىم.تېۋىپقا شاگىرت كىرىشتە تۇنۇشراق يەرلەرگە ياكى تۇنۇشلار ئۇچۇرىنى بەرگەن يەرلەرگە كىرسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا نەچچە يىل ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىسىز.

قالغان گەپلەرنى ئايرىم بىر تىما قىلساق بولغۇدەك، بۇھەقتە بىرەر نەرسەيېزىش ئويۇم بار ئىدى، ئالدىراش بولمىسا شۇ تېمىدا ئورتاقلىشارمىز ياكى.....

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 19:26:47

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم تادۇبەگ ئاكا:

يۇقۇرى قان بېسىمىنى چۈشىرىدىغان يەرلىك رىتسىپلار توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز،بولسا تەييارلاش ئۇسسۇلى ئاددىيراق بولغان بولسا.



مەن يەن يۈرەكنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىدىغان،بۆرەك سۇۋۇپ كىتىش،بەل ئاغرىش،ئۇنتۇغاقلىق،ئاسان تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدىغان يەرلىك رىتسىپلارغا ئىھتىياجلىق بۇلۇپ قالغانتىم،ئاۋارچىلىق كۆرمىسىڭىز ماڭا مەسلەھەت كۆرسەتسىڭىز.رەخمەت.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 09:13:33

ھە ھۇ دىيشىپ مۇنۇلارنىمۇ تەرجىمە قىلۋىتەيلى ..



1.سېرىق چېچەك

2.بابۇنە

3.ئاق لەيلى ئۇرۇقى

4.سومشا ئۇرۇقى

5.ئاقىر قەرھا

6.ئىكلىمىك

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 09:34:43

1.莳萝

2.母菊

3.蜀葵花

4.胡芦巴

5.小黄菊

6.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:56:14


\"\"


2.


بادىرەنجىبۇيا


بۇ سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك باغ بادىرەنجىبۇيىسى بولۇپ، ئادەتتە ئۇرۇقى ۋە شاخلىرى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشى مۇپەررىھى قەلب بولۇپ، يۈرەكنى خۇش قىلغۇچى ياكى يۈرەككە خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى  دېگەن مەنىدە .شىپالىق ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ،باھاسى تولىمۇ ئەرزان دورىدۇر.


بۇ ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، باغ بادىرەنجىبۇيىسى،تاغ بادىرەنجىبۇيىسى ۋە بادىرەنجىبۇيا ھىندىدىن ئىبارەت.


خەنزۇچە 香青兰 دېيىلىدۇ، بۇ باغ بادىرەنجىبۇيىسىدۇر.تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ قۇرۇق چۆپى.


دورىلىق تەسىرى: بۇنىڭ تەركىبىدىكى سىترونىلولنىڭ تارتىشىشنى توختىتىش رولى بار. ھېستامىن ياكى ئاستىل خولىنگە بىۋاسىتە تاقابىل تۇرالايدۇ ياكى توسىدۇ. سىترونىلول بەلغەم بوشىتىش  تەسىرىگە ئىگە.


تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.


خۇسۇسىيىتى: غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھەزىمگە ياردەم بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، پېڭە،يۈرەك،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بار.


ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يۈرەك بىئارام بولۇش، ئۇنۇتقاقلىق، تۇتقاقلىق، مالىخولىيا(ساراڭلىق) قورساق كۆپۈش، بۇغۇم ئاغرىقلىرى،باش قېيىش، زىققە ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.




tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:19:21

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تادۇبەگ ئاكا!

تىمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن،سوراپ باقسام سىزچە ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۆزلىكىمىزدىن ئۆگەنمەكچى بولسا قايسى كىتابلاردىن باشلىساق بۇلار؟

قەشقەر،خوتەن ،ئۈرۈمچى تەرەپلەرگە بېرىپ تىبابەت ئۆگەنمەكچى بولسا ،قايسى دورىخانىلار ئۆگەنگۈچىلەرنى قۇبۇل قىلار؟نەچچە ۋاقىتتا خېلى ئۆگەنگىلى بۇلار؟سىزنىڭچە تىبابەت دورىخانىلىرىنى ئاشساق ،قانداق قىلساق سودىنى ئاقتۇرغىلى بۇلار؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 11:12:01

5。除虫菊根

6.野苜蓿子 دەپتۇ كىتابتا، ئەمەلىيەتتە باشقا دورىدەك قىلىدۇ، ياكى ئۇرۇقىنى چىقارمىغان بولسا بىلەلمەي قالغان بولسام كېرەك.

بۇ بىر خىل بېدىنىڭ ئۇرۇقى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-19 12:12:18

سۆئلەپ مىسرى



بىر خىل يىلتىز بولۇپ، تۈلكىنىڭ مايىقىغا ئوخشاپ كەتكەچكە تۈلكە مايىقى دەپ ئاتىغان، سۆئلەپ دېگەن تۈلكە دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ياخشىسى مىسىردىن چىقىدىغىنى،ئۇنىڭدىن ناچارراقى تۈركىيەدىن چىقىدىغىنىدۇر.

توردىن خەنزۇچە 欧白及 ياكى ئىنگىلىزچە tuber bletilla نامىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندىكى چىققان نەتىجە سۆئلەپ چىنىغا ئائىت بولۇپ،ئۇ سۆئلەپ مىسرىنى كۆرسەتمەيدۇ.

تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى: بۆرەك، باھ، پەي، مېڭە، نېرۋا ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، سۈت ۋە مەنى پەيدا قىلىش، ئاغرىق توختىتىش، ياخشى قان پەيدا قىىلش ۋە بەدەننى سەمرىتىش تەسىرى بار.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى، بۆرەك ئۇرۇقلاش، قان ئازلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، مەنى بالدۇر كېتىش، سۈت ۋە مەنى كەملىك، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۆئلەپ،شاقاقۇل، تۇخۇمسېرىقى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنى تۇلۇقلايدۇ.

بۇ دورىنىڭ مەجۈنى سۆئلەپ ۋە قۇرسى سۆئلەپ دېگەن مۇرەككەپ ياسالمىلىرى مەشھۇر.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 11:50:43

ئەنبەر 龙涎香 ambera grisea

مەزكۇر دورا ئىپار كىت ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئىپار كىتنىڭ ئۈچەي يولى ئاجراتمىلىرىنىڭ قۇرۇتۇلغىنى بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا يىغىۋېلىنىپ قۇرۇتۇلسا بولىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى : تەبىئى كۈچ، ھاياتى كۈچ ۋە روھى كۈچنى يەنى قۇۋۋەتنى تولۇقلاش ۋە ئۈچ خىل روھنى قۇۋۋەتلەش، ئىچكى تاشقى بەش سېزىملارنى كۈچەيتىش. يۈرەك ھەرىكىتىنى تەڭشەش، ھەزىمنى ياخشىلاپ،ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش. زەھەر قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرۇش تەسىرى بار.

ئىچكى ئەزالارنىڭ سۇغۇقتىن بولغان زەئىپلىكى، جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ زىيادىلىكىدىن بولغان ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى، ئۇزۇن داۋاملاشقان ئىچى سۈرۈش، يۈرەك سېلىپ،ئىچى تىتىلداش، روھى چۈشكۈنلىك، بەل-تىز تېلىپ ماغدۇرسىزلىنىش، باھ ئاجىزلىقى، باش قېيىش، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە ماغدۇرسىزلارغا بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ.

بۇنىڭ دۇبەي تەرەپتىن كېلىدىغىنى ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. قارا ئەنبەر دەپ يەنە بىرى بولۇپ، ئۇ بەكمۇ ئەرزان.
بەت: [1]
: خام دورىلارنىڭ تەسىرى ۋە تەسىر مېخانىزىمى