nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 14:29:52

تىۋىپلار-ئۇستىلادىن مەسلىھەت سورايمەن!

  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!!!


  ئىزدىنىش تورىدىكى  مۆھتىرەم  تىۋىپ - ئۇستىلا!



بىر ھەپتىدىن ئاشتى، كالپۇكۇم يېرىلىپ قاناپ، قول- پۇت تېرىلىرىم يامان بەك قۇرغاقلىشىپ كەتتى.  بەدىنىمدە سۇ كاملاپ كەتكەن ئۇخشايدۇ، دەپ سۇنىمۇ خېلى كۆپ ئىچىپ بېرىۋاتىمەن ، سەي-كۆكتات ۋە مېۋىلەردىنمۇ يەپ تۇرىۋاتىمەن ، ھىچ ياخشىلانمايۋاتىدۇ.



بۇنىڭغا بىرەر دورا بارمۇ ياكى ئائىلىدە كۈندىلىك ئۇزۇقلىنىش ئادىتىمىنى ئۆزگەرتسەم بولامدۇ!؟    بۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار، رەھمەت!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:23:18

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

ئەگەر سەپرا بولسىڭىز بىنەپشە بىلەن نىلۇپەرنى قاينىتىپ ئىچىڭ، پالەكنى كۆپ يەڭ، قېتىق ئىچىڭ.بىنەپشە مېيىدا مايلاڭ.

ئەگەر سەۋدا بولسىڭىز توخۇ شورپىسى ئىچىپ مېيىدا مايلاڭ.

mamnun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:37:13

مەنمۇ بىر مەزگىل شۇنداق بولغان ، قولۇمنى پات پات يۇيۇپ تۇرساممۇ يەنىلا قولۇم ھازىرلا قۇرۇپ يىگىلەپ كېتىۋاتقاندەك بىرخىل سېزىم بولاتتى ، ھەتتا چىدىماي پۇتۇمغا يالتىراقنى ئوراپ ئۇخلىغان چاغلىرىممۇ بار، ئىشقىلىپ قۇرغاقچىلىقتىن چىشلىرىم كىرىشىپ كېتەتتى. سەۋەبىنى تاپالماي ئۆزەمنى روھى كېسەل بولۇپ قالدىممۇ يا دەپمۇ ئويلىدىم ، دوختۇرغا باراي دېسەم تېخى . كېيىن بىلسەم بۇ يېڭى كۆچكەن ئۆينىڭ سەۋەبىدىن بولغان ئىشكەن . باشقلارنىڭ دېيىشىچە ياكى سۇ يەكلەپتۇ ياكى ئۆينى زىننەتلىگەن ماتېرياللاردا مەسىلە بولۇشى مۈمكىنكەن . ئۆيدىكى مەندىن باشقلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى شۇنىڭدىن قارىغان سۇ يەكلەپتۇ دەپ ئويلىدىم . شۇنداق قىلىپ كۆچۈپ كېتىشنىڭ تېخى ئورنى يوق ، شۇنىڭ بىلەن ھور پۈركۈپ ھاۋانىىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدىغان ئەسۋاپتىن بىرنى ئالغاننىڭياقى بۇ ئەھۋالىم ياخشىلىنىپ كەتتى .

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:20:46

تېما ئىگىسى سەت بولدى تېمىڭىزدا ياردەم سوراپ قالدىم , كۆپچىلىك, ئۇيغۇرچە قانالدا ئېلان قىلۋاتقان ئاپتوموبىلنى يانفۇن ئارقىلىق قوزغۇتۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ ساتقۇچى تەرەپ ئالاقە نومۇرىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 19:42:43

4- قەۋەتتىكى gewalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ئىگىسى سەت بولدى تېمىڭىزدا ياردەم سوراپ قالدىم , كۆپچىلىك, ئۇيغۇرچە قانالدا ئېلان قىلۋاتقان ئاپتوموبىلنى يانفۇن ئارقىلىق قوزغۇتۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ ساتقۇچى تەرەپ ئالاقە نومۇرىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟





بۇ قېرىندىشىمىز ھېلىقى ئەپچىل ئاپتىموبىل راۋانلاشتۇرۇش سىستىمىسىنىڭ گىپىنى قىلۋاتىدۇ...شۇ ئىلاننىڭ تىلفۇن قۇبۇل قىلىش نۇمۇرىنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.

Gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:00:41

5- قەۋەتتىكى anatil8نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى gewalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ئىگىسى سەت بولدى تېمىڭىزدا ياردەم سوراپ قالدىم , كۆپچىلىك, ئۇيغۇرچە قانالدا ئېلان قىلۋاتقان ئاپتوموبىلنى يانفۇن ئارقىلىق قوزغۇتۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ ساتقۇچى تەرەپ ئالاقە نومۇرىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟





بۇ قېرىندىشىمىز ھېلىقى ئەپچىل ئاپتىموبىل راۋانلاشتۇرۇش سىستىمىسىنىڭ گىپىنى قىلۋاتىدۇ...شۇ ئىلاننىڭ تىلفۇن قۇبۇل قىلىش نۇمۇرىنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.


توغرا نەق شۇ،بىر ئاكا يوللۇق خىزمەتدىشىمىزگە لازىم بوپ قاپتىكەن ،سۈرۈشتۈرۈپ بەرسەڭ دىۋىدى.


humayun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 22:48:00

ئوشكە يېغى بولسا ئوشكە يېغى ئىشلىتىڭ ........بولمىسا چىننۇرىنىڭ لەۋسۇرىغىدىن ئشلىتىپ ئەتىسى پاكىز يۇيۋەتسىڭىز  بولىدۇ .................
بەت: [1]
: تىۋىپلار-ئۇستىلادىن مەسلىھەت سورايمەن!