tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 12:13:06

تاشپولات: ئالەم بولسا گولوگراممامۇ؟

ئالەم بولسا گولوگراممامۇ؟



تاشپولات روزى










بۈگۈن ئامېرىكادىكى بارلىق ئاخبارات ساھەسىدە بۇ خەۋەر كەڭ ئورۇن ئالدى. بۇ قالتىس پەرەزكەن!



بىزلەر  گولوگرامما (Hologram) نىڭ ئىچىدە ياشاۋاتامدۇق؟ فىزىكا ئالىملىرى
بىز ياشاۋاتقان ئالەم (universe) بولسا باشقا ئالەم (cosmos) نىڭ سايەسى
ياكى كۆلەڭگىسى بۆلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. بۇ پەرەزنىڭ مودېلىنى
Princeton ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى Juan Maldacena 1997-يىلى ئوتتۇرىغا
قويغان ئىكەن.



ياپونىيە ئىباراكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى Yoshifumi Hyakutake
12-ئاينىڭ 10-كۈنى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ پەرەزنىڭ
توغرىلىغىنى ماتېماتىكىلىق سان قىممەت ئارقىلىق دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ
ئىسپاتلىدى. بۇ پەرەز بويىچە بولغاندا بىزلەر كۆلەڭگە ئالەمدە ياشاۋاتقان
بولىمىزكەن!




تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.


http://www.nature.com/news/simulations-back-up-theory-that-universe-is-a-hologram-1.14328



http://www.dailymail.co.uk/sciencetech/article-2522482/Is-universe-hologram-Physicists-believe-live-projection.html

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 18:05:45

ئەينەكنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتامدۇق دېگەندەكراق گەپ ئوخشىمامدۇ؟
ئەگەر ئەينەك چېقىلىپ كەتسە ياكى ئەينەككە نۇر چۈشمىسە ئەينەكنىڭ ئىچىدىكى سايە يوقاپ، سايا ئېگىسىلا قالىدۇ دېگەندەك مەنا چىقامدۇ؟

Bagwell يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:43:38

بەك ئۆچ بولدۇم ئىشقىلىپ بۇنىڭ بىزگە نىمە پايدىسى  بىلىمىزڭىزگە قايىل بولدۇم

سىز نىم دىمەكچى بىلمىدىم  ئىشقىلىپ ما ئىزدىنىشنى ئايشارىغا .ېچىقىۋەتمەڭ \"\" \"\" \"\" \"\"

windboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:03:57

كۆلەڭگە ئالەم دىگەن قانداق ئالەم،ئېنىقراق چۈشەنچە بەرسەڭلار

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:39:14

1- قەۋەتتىكى Bagwellنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك ئۆچ بولدۇم ئىشقىلىپ بۇنىڭ بىزگە نىمە پايدىسى بىلىمىزڭىزگە قايىل بولدۇم

سىز نىم دىمەكچى بىلمىدىم ئىشقىلىپ ما ئىزدىنىشنى ئايشارىغا .ېچىقىۋەتمەڭ \"\" \"\" \"\" \"\"



كاللىسىنىڭ ئچىدە بېلىق بېقىش دېگەن گەپنىمۇ ئەڭ ياخشىسى چۈشەنمەيلا قوي .

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:41:49

ما تەسەۋۋۇر قالتسىكەن .قايسى كۈنى تېخى بىر ئادەمنىڭ ھازىرقى ھالىتى نەچچە مىليون  يىل بۇرۇنلا بەلگىلەنگەن بولىدۇ .چۈنكى ئادەم بەدىننى تەشكىل قىلغان زەرىچچىلەرنىڭ نەچچە مىليون يىل بۇرۇنقى ھەرىكەت ھالىتى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ھەرىكەت ھالتىنى بەلگىلەيدۇ دېگەن پەرەزلەرنى كۆرگەن ئىدىم .



ماۋۇHOLOGRAM دېگەن گەپنىڭ مەنسى تولۇق ئۆلچەملىك سۈرەت دېگەندەك بولىدىكەن .يەنى بىز ئىنسانلار ،مەۋجۇداتلار ۋە پۈتكۈل ئالەم باشقا بىر شەيئىنىڭ تولۇق ئۆلچەملىك سايسى دېگەن گەپ .بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتىمىزنىڭ مەنبەسى ئۆزىمىز بولماي قالىمىز . بىز كۆرۈپ تۇرغان ۋە سېزىپ تۇرغان ئالەم پەقەتلا بىر خىيالىي ، مەۋھۇم، چۈشكەئوخشايدىغانلا بىر نەرسە دېگەن گەپ .

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 22:17:33

قۇرئان كەرىم......

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 22:22:50

مۈجمەل بولۇپ قاپتۇ. زادى نىمە دىمەكچىكەن؟ ئەسلىدىنلا ھىچنىمە يوق دىگەن سەپسەتىمىكەن؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 22:29:00

ھە ئازراق چۈشەندىم، ماڭا تولىمۇ بىمەنە تۇيۇلدى، ئىيتىلىشچە بىز كۆرىۋاتقان ھەممە نەرسە، جۈملىدىن مۇشۇ ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە بىز تورغا چىقىۋاتقان كومپىيوتىرمۇ سايىمىش. \"\"

Now Japanese researchers have attempted to tackle this problem by providing mathematical evidence that the holographic principle might be correct, according to a report in Nature.


تاشپولاتكا، ئاشۇ نەزىرىيە توغرا بولىشى مۇمكىن دەپتۇ.  

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 23:10:38

@Bagwell تۈرمىدىن قېچىش دېگەن كىنودا بىرسى باتى، بىر ئىسمى Bagwell، يەنە بىر ئىسمى: T-bag، ئۇيغۇرچىغا چاي خالتىسى دەپمۇ تەرجىمە قىپتىكەن، ئەسلى پوق خالتىسى دېسىمۇ بولغۇدەككەن.





تاشپولاتكا، تېمىڭىزغا رەھمەت ، مەن بىر سىرلىق نەرسىنى چۈشۈنىۋاتىمەن.

ئېھتىمال بۇ دېگەنلىك ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا دېگەن ئۇقۇمغا ماس كەلسە كېرەك.( بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم، پەقەت مېنىڭ قارىشىم خالاس)

تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 02:36:02

بۇ ياش فىزىكا پروفېسسورنىڭ ئىسپاتلاپ چىقىنغا قول قويدۇم .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 10:42:05

تېخىمۇ تەپسىلى بىلسەك بوپتىكەن.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 10:57:17

بۇ تىمىدىكى ئىدىيەنى چۈشۈنەلمىگەن بولساڭلار بۇ تىمىنى ئوقۇڭلار.

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44301

مەنمۇ بۇنى ئوقۇپ قايىل بولغان لېكىن ئىلىم-پەندە ئىسپاتلىنىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن.

ماتىماتىكىغا قايىل بولدۇم يەنە بىر قېتىم.

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 11:47:57

ئاللانىڭ قۇدىرتى ئۇلۇغ ئىنسانلار قانچە تەتقىق قىلغان سىرى تەڭىرگە شۇنچە يقنلىشۋاتىدۇ،

قۇرۇق گەپنىڭ قىسقىسى ئىماندا مۇستەھكەم تۇرلى . غەپلەتتىن ھىچنىم ئۇنۇپ چىقمايدۇ، ...

ئۇ ئالەم دوزاق ، جەننەت ، ئاللا ، جىن ، شەيتان ، بۇ ئۇقۇملارنى بۇرۇن ئالىملار رەت قىلغان بولسا ئەمدى بۇنى ئۆزلىرى ئىسپاتلاپ چىقۋاتىدۇ،

رەسۇللا مەككە ھەرەمدە بۇك باراقسان يىشىللىق بولماي تۇرۇپ قىيمات بولمايدۇ دەپتىكەن ، سوغۇق ھاۋاراينىڭ ئوتتۇر شەرىق رايۇنغا سۇرلىشى بۇرۇن كۇلكىلىك تۇيۇلغان بۇ گەپنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قالدى،


281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 11:53:13

ھەممنى بىلدىغان نۇرغۇن كىشلەر بار ، ئوقۇغان ئالىملار بار ، ئۇلارغا شۇنداق چۇشەندۇرسىمۇ ئىماندا ماڭمايدۇ ، ئەمما رەت قىلمايدۇ، ئاللا بار دەيدۇ، ئەمەل قىلمايدۇ،

توۋا ھەي دۇنيا ئاجايىپ سىرلىق دۇنياسەن ، ئەنە شۇنداق كىشلەرنى چايناپ پۇركىۋەتسەم دەيمەن بەزىدە.

ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەس ، ھەممە ئەمەل بىلەن . ئەمەل سەندە بولمىسا دەھشەتلىك ئازاپ بار بۇ گەپنى ھەجەر چاقچاق بىلىدۇ ھە ئىنسانلار ،

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 12:03:47

بىر دىھقان تەڭىردىن سوراپتۇ ، ئەي تەڭرى سەن ئىنسانلارنى يارتىپسەن ، ئۇلارنى قاتتىق جازاغا مۇپتىلا قىلدىكەنسەن نىمە ئۇچۇن مۇنداق قىلىسەن ؟؟

تەڭىر جاۋاپ بەرمەي كىتپتۇ.

بىر كۇنى دىھقان كۇزلۇق ھوسولنى يىغىپ بۇغداي تىپۋاتقان ئىكەن ، تەڭىر دىھقاندىن سوراپتۇ ، نىمە ئىش قىلۋاتىسەن ؟ بۇغداي تىپىپ بۇغداينى سامىندىن ئايرىۋاتىمەن ،

تەڭىر،

- ھىلقى مەندىن سورغان سوئالىڭنىڭ جاۋابى مۇشۇ .

كىين بۇ تەمسىلنى چۇشەندىم ھەققى قەلبىمدىن چۇشەندىم ئەسلى رەببىم ئاللا دوزاخنى بىھودە يارتمىغان ئىكەن ئەسلى بىزنى ئەمەللىرمىزگە قاراپ تاللاپ چىقىدىكەن .

ئەمەل دىگەن شۇنچىلىك مۇرەككەپ نەرسىكى ، ئۇمۇ بەك كەڭرى ئىلىم .  نامازنىڭ ھىسابى ، ھەربىر تنقىڭدىن ھىساپ بىرسەن، ھەربىر لوقما يمىڭدىن ھىساپ بىرسەن ، سۇبھانە ئاللا ھىساپنى ئويلىغاندا ئەمەللىرمنىڭ بەك يىراقلىقنى ئازلىقىنى جانسىزلىقنى ئويلاپ قورقۇنۇش ئىچىدە قالىمەن .

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 12:38:53

توۋا قىززىق ئىش مەن بۇرۇن چۇشەنمىگەن نۇرغۇن سۆزلەرنى كىين قەلبىمدىن چۇشنىپ قالىمەن ،

ئاللا ناھايىتى سىخى بۇ گەپنى چۇشەنمىگەن ئىدىم ،  كىين چۇشەندىم ئەممە خىلى ۋاقىت كەتتى ،



دۇنيدا نۇرغۇن پۇل بىرلىكلىرى ، قىممەت بىرلىكلىرى بار ، مەسلەن : دوللار ، ئالتۇن ، يۇەن ، فونستىرلىڭ ، يەنە قانداق نۇرغۇنلىرى بار سىزدىن مىڭ سورساممۇ سىز دەپ بىرەلمەيدىغان بىر بىرلىك بار ؟ ئۇ نىمە ؟ تىپىپ بقىڭ قىرندىشىم ئۇ نىمە ؟ سىز بىرسىگە بىر كۇن ئىشلەپ بەرسىڭىز ىسزگە قانچە بىردۇ، 200 كوي بىردۇ، ئەگەر سىز ئاللا رازلىقى ئۇچۇن قىلغان بولسىڭىز سىز نىمگە ئىرشسىز ، ئۇنىڭ قىممتى مىقدارى قانچىلىك ؟؟؟؟؟؟؟بۇ مىقدار دەل ساۋاپ. ئەپسۇس بۇ مىقدارنى نۇرغۇن كىشلەر ئۇنتۇپ قالىدۇ، دۇنيا كىشلىرى منىڭ قانچە دوللار پۇلۇم بار ، قانچە گىرام ئالتۇنۇم بار ، قانچە يۇەن پۇلۇم بار داپ ھىساپلايدۇ يۇ منىڭ قانچە بىرلىك ساۋابىم بار ھەم ساۋابىمنى يەيدىغان گۇناھىم بار دەپ باقمايدۇ، مىڭ ئەپسۇس ،

ئەمدى ئاللانىڭ سىخىلىكىگە كىلەيلى : مەن بىرسىگە بىر كۇن ئىشلىسەم بىرسى ماڭغا 200 كوي بىردۇ ھەرگىز كۆپ بەرمەيدۇ، بەك بەرسە 100 كوي ؟؟؟؟؟ بىردۇ. ئەمدى قاراپ باقىلى :

مەچىتتە ئوقىغان ناماز ئۆيدا ئوقىغان نامازدىن 27 دەرىجە ئۇستۇن .

            - ھەدىس.

رامىزاندا ئاللا بىر ياخشىلىق قىلغان كىشگە 10 ھەسسە ساۋاپ بىردۇ ، گۇناھ قىلغان كىشگە شۇنىڭ باراۋىردا گۇناھ بىردۇ.

               -قۇرئان كەرىم .

بۇنداق ئىشلار يەنە بار بولشى مۇمكىن . ..........

دۇنيانىڭ ئىشلىرغا ئارلاشمايدىغان ھەتتا مەككە تۇزلىنىپ كەتسە مۇسۇلمانلارنىڭ ماجالى كەلمىسە سۇكۇت قىلىدىغان ئاللانىڭ مۇنداق قىلشدىن شەيتان سەن ئادىل ئەمەسسەن مەن بىر كىشنى گۇناھقا ئىشتەرسەم بىر گۇناھ يازسەن ، سەن ئۇچۇن قىلغان ياخشىلققا 10 ساۋاپ بىرەمسەن ؟، دىيشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ تۇرۇپ

بىزگە مۇنداق خەيرخاھلىق قىلىشنى بىز قانچىلىك چۇشەندۇق قانچىلىق قەدىرلىدۇق.

ئەنە شۇنداق چەكسىز ئالەمنى يارتقان يوپىتىر ، قارا ئۆڭكۇر ، سامان يولى سىتمىسنى ياراتقان شۇ قۇدرەتلىك ئاللانىڭ ئالدىدا بىر زەرچىلىك يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار زادى نىمە ؟ مۇشۇ زەرچنىڭ زەرچىسى بولغان ئىنسان ئۇچۇن ، ئۆز ئادىللقىغا داغ كەلتۇرلۇشكە چىداپ بىزگە ئەنە شۇنداق پۇرسەت ئاجىرتىپ بەرسە ئۇنى بىر قانچىلىك بىلدۇق . بۇ مىھىربانلىقنى بىز قانچىلىك بىلدۇق.

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 13:17:03

تەقدىر توغۇرسىدا نۇرغۇن كىشلەر سوئال قويىپ ئۆتتى ،  مەن ھاياتىمدا خۇلاسلىگەن ئككى چۇشەنچەمنى قىرنداشلارغا سۇناي پايدىلنىپ قىلىڭلار ؟

گەرچە تەقدىر توغۇرسىدا رەسۇللا ھەدىسلىردە ، ئاللا قۇرئاندا نۇرغۇن بىشارەت يول كۆرسەتكەن بولسىمۇ مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن ئەكسىچە پايدىلنىپ ، ئۆز پۇتىغا پالتا چاپتى ،

مەسلەن : ئاللاسىز قىل تەۋرىمەيدۇ،  ھەممە لەۋھۇزمەھپۇزدا خاتىرلەنگەن ، تەقدىر پىشانىگە پۇتۇلگەن . بۇ سۆزلەرنى خاتا چۇشنىۋىلىش مۇسۇلمانلاردا ئومۇملىشپ كەتتى ، ھەتتا داڭلىق دننى ئالمىلارمۇ ھەممە ئاللانىڭ ھۆكىمى بويىچە بولىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ مەنچە پۇتۇنلەي خاتا قاراش ، بىز مۇسۇلمانلار تەقدىر تەتقىقاتىنى قانچىلىك قىلدۇق ،

يوقىردا كۆرسۇتۇپ ئۆتكەن ئاللاسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دىگەن سۆز توغرا ئەممە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۇشەنچىسى خاتا بەك يۇزەكى ، مەسلەن :

ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ،

ھىچكىم ئاللانىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللا ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلنى پىشانىسگە پۈتىۋەتكەن.

قايسى كۇنى ئالىملارنىڭ ئىنساننىڭ ئۆلۇشنىڭ ئۇنىڭ توغۇلۇشدىنلا بەلگىلىندىغانلىقنى يەنى ئنساندىكى مەلۇم گىننىڭ ئنساندىكى مەلۇم ئاجىزلىقنى ئىپادىلەپ چىقىپ ئاخىردا ، شۇ ئاجىز ئەزاسى تەرپىدىن ئۆمىرنى ئاخرلاشتۇردىغانلىقى بايان قلىنغان . (يۇزەكىلا دىدىم )

دىمەك قۇرئاندا دىيىلگەن بۇ سۆزگە شۇ ئالىملارنىڭ شۇ تەتقىقاتى مەلۇم جاۋاپ بىرەلىشى مۇمكىن ، ئەممە ئىنساننڭ ئۆلۇشى ئاددى ھالدا يۇزەكىلا چۇشنىۋالساق بەك خاتالاشقان بولىمىز . مەسلەن بىرسى ئەيدزدە ئۆلسە ھەرگىز ئاللا ئۇنى ئەيدىز بىلەن خاتىرلەپ قويمىغان ياكى ئۇنىڭغا شۇنى خالىمىغان .

ئەگەر ئاللاسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دىگەن گەپكە تەبىر بىرشتە ئەڭ ئاۋال ئىنسان ئۆز تەقدىرگە تەسىر كۆرسەتكۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىل ، ئىنساننىڭ تەقدىر خۇلاسدىكى ئەڭ مۇھىم تاللىشى دوزاق ھەم جەننەت بۇنى تاللاش ھەر ئىنسانغا ئەركىن بولىدۇ. دەۋىتىپ ئاندىن باشقا سۆزلەرنى قىلىش كىرەك.



ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى تەقدىرڭىزنى ئۆزگەركىڭىز بولسا مەن مۇنۇ ئىككى ئىشنى سوۋغا قىلاي پايدىلنىڭ !!!!!!!!!!!!!!

1



. مەخپىيەتلىك فىلىمى ، ھورۇنلارنىڭ بىيش يولى دىگەن كىاپ مەزمۇنىى ئىككىسى بىر نەرسە ،



قىرندىشىم بۇ گەرچە كۇفار ئالىملىرى ئىسپاتلاپ چىققان نەرسە بولسىمۇ ھەرگىز سەل قارماڭ ، گەرچە بۇ كۇفار ئالىملىرى ئىسپاتلاپ چىققان نەرسە بولسىمۇ سىز ھەيدەۋاتقان ماشىن ، ئايرۇپۇلانلارمۇ شۇلار ياسىغان ، بىراق بۇ قانۇنيەتنىڭ بىزگە ئۇ ماشىندەك كەشپىياتلاردىن تىخمۇ ئۇستۇن . بەلكىم بۇنى قۇرئان ، ھەدىسلەردە بىزگە ئاللى بۇرۇن دىگەن ئەممە بىز ھەققى مەنسدىن بىلگىچە كۇفارلار ئاللى بۇرۇن ھەققى بىلىپ قاتتىق پايدىلنىۋاتىدۇ، بۇ ئەمەليەتتە كونىلار ئىتقان

ئويلىغىنىڭنى كۆرسەن تىلگىنىڭنى تاپسەن دىگەن نەرسە شۇ ئىدى. بۇ توغۇرسىدا نۇرغۇن بايانلىرىم بار ئىدى كىين دەي . قىقىسى بۇ بىر قانۇنيە قانۇنيەت بۇي سۇنمىسڭىز مەغلۇبىيەت، قىقىسى ياخشى تىلەك ياخشى نىيەتلەرنى كۆپ قىلىڭ كۇچەڭ بۇ سىزگە شۇ ئىشلارنى تارتىپ ئەكەپ بىردۇ.

بۇ قانۇنيەتنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتنىڭ بارلىقنى بىلگەن ھىس قىلغان ئىدىم ئۇنى كىين دەي.







2. تەقدىر پايدىلنىڭ !!!!!!!!!!!

بىزگە كەلگەن پىشكەللىك نەدىن كىلىدۇ. ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

جاۋاپ :

سىلەرگە يەتكەن كۇلپەت گۇناھىڭلار تۇپەيلىدىن بولىدۇ.

          - قۇرئان كەرىم.

قىرنداشلار گۇناھ خاتالىقلارنىڭ ئاز قىلايلى شۇندىلا پشكەللىك ئازلايدۇ.

تەقدىر تەقدىر ئىلىمى بۇ بەك كەڭرى ئىلىم  بۇ پايىدلىنىشمىز ئۇچۇن يىتەرلىك بولمىسمۇ مەنچە پايدلنىمىشمىزغا ئەرزىيدۇ.






tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 13:37:11

ئىككى يۈز سەكسەن بىر مىليۇن بىر يۈز ئەللىك بىر مىڭ توققۇز يۈز يەتمىش ئالتە ئار دېگەن يولداش، گېپىڭىزنى ئاز سازراق قىلامسىز.....

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 17:12:40

نىمە بولسا بولماامدۇ
بەت: [1]
: تاشپولات: ئالەم بولسا گولوگراممامۇ؟