ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 11:45:45

قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 22-يىللىقى

قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 22-يىللىقى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى (2013-12-16) خەۋىرى:

قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 22-يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

قازاقىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىشىنىڭ 22-يىللىقى، مەملىكەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەندى.

مۇستەقىللىقىنى 1991-يىلى 16-دېكابىردا ئېلان قىلغان قازاقىستان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئەڭ گۈللەنگەن دۆلەت بولۇپ نېفېت، تەبىئىي گاز ۋە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

قازاقىستاندا 1992-يىلى 800 مىڭ ئەتراپىدا بولغان ئاپتوموبىل سانى ھازىر 3 مىليون 600 مىڭغا يەتتى.

17 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان دۆلەتتە، 1991-يىلدىن ھازىرغىچە 6 مىليون 800 مىڭ بوۋاق دۇنياغا كەلدى.

يەرشارى خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى سەۋەبلىك، 2009-يىلى ئاران 1.2% زورايغان دۆلەتتە، كىرزىسنىڭ ئەكسىچە دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ھەر يىلى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

ئوتتورا شەرقتىن قالسا، ئەڭ كۆپ نېفېت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان قازاقىستاننىڭ 2013-يىلى 6% زورىيىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

★★★★★

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:32:59

قازاقىستاندا 1995-يىللىرى 600مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر بار بۇلۇپ،قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قازاق تىل-يېزىقىنى ئۆزگەرتىپ قازاق تىل-يېزىقىنى ئۆگۈنۈشكە زورلىغان،ھەم ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن قازاقىستاندا ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان،ھازىر قازاقىستاندا ئۆزىنى قورۇقماي ئۇيغۇر دەپ ئاتىيالايدىغانلار 100مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ؟

ئۇيغۇرلار نەدىلا بولمايلى ئاتسىلماتسىيە قىلىنىشقا ئۇچىراپ تۇرىدىكەنمىز.ئەخمەتجان قاسىمىدەك كىشىلەرنىڭ قەدرى شۇنچە ئۆتۈلدىغۇ كىشىگە

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:35:49

مۇبارەك بولسۇن!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 08:25:09

2005-يىلى، بىزنىڭ سابىق رەئىس ئىسمايىل تىلىۋالدى قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان ئىدى. شۇ ۋاقتىدا بۇ ھەقتە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىپ تېلېۋىزوردا قويۇلغان ئىدى. ئىسمايىل تىلىۋالدى ئۆز ئاغزى بىلەن «ھازىر قازاقىستاندا 450 مىڭ ئۇيغۇر بار» دېگەن ئىدى. بۇ گەپلەر ھازىرقىدەك ئېسىمدە بار. گەر پۇلنىڭ ۋە باشقا نەرسىنىڭ سانى بولسا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن بىلمىدىم مۇشۇ نوپۇس سانى مەيلى نەنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاسان ئېسىمدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

نېمىلا بولمىسۇن، بىر تۈركىي دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 22 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن!

turikizat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:42:30

ئاڭلىسام قازاقىستان ئۇز ئالدىغا قانۇن چىقىرىش ھوقوق يوق يەنىلا روسلارنىڭ قولىدا دەيدۇ بۇ راسمۇ ھەربى تۇرغۇزۇش ھۇقۇقىمۇ بولمايدۇ دەيدىغۇ

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:54:42

قازاق تۇققانلارنىڭ مۇستەققىلىقىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن ، قازقىستاننىڭ قۇدرەت تىپشىغا تىلەكداشمەن      !

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:57:02

turikizat@

خاتا ئاڭلىۋالغان ئوخشايسىز ،ھەربى پارات ئۆتكۈزۈپ يۈردىغۇ ،يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن

بىر قانچە قىتىم ئۆزئالدىغا ئەسكەر چىقىرىپ مانۋىرمۇ قىلدى ،،،،،،،،

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:19:51

قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز .

نەزەربايىف ھاياتىنىڭ ئەڭ قىران ۋە ئابرويىنىڭ ئەڭ ياخشى چاغلىرىدا قازاقىستاننى بىر دىمۇكراتىك سىياسىيغا ، شۇنداقلا قازاقىستاندا دىمۇكراتىك ئادەت شەكىللىنىشكە ياخشى بىر يول ئېچىپ بەرگەن بولسا ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياخشى بىر باشلىنىش باشلاپ بەرسە ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن . ئۇ قازاق ۋە قازاقىستان خەلقى ئۈچۈن تارىخقا يېزىلغىدەك ئىش بولىشى مۈمكىن . چۈنكى جەمىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەقىياتى ھامان مۇشۇ يولنى تەلەپ قىلىدۇ . ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ نەزەربايىف كېتىپ قالسا ، بۇ خىل يولنى مېڭىش ياخشى بولسا تېنچ ھالەتتە ئەمەلگە ئېشىشى ، يامان بولۇپ قالسا نۇرغۇن قان تۆكۈلۈش ئارقىلىق يولغا قويۇلۇشى مۈمكىن .

abd282 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 21:03:24

مۇبارەك بولسۇن

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 21:19:36

مۇبارەك بولسۇن!

90-يىللارنىڭ باشلىرىدا يەنى مەن باشلانغۇچ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا دادام جۇڭگودا 7 مىليون ، قازاقستاندا بىر مىليون ئۇيغۇر بار .قازاقستاندا 7مىليون قازاق،جۇڭگودا بىر مىليون قازاق بار دەيتتى.بۇ گەپلەرگە مەن ئىشىنەتتىم.چۈنكى مېنىڭ دادام ياكى ئاپام تەرەپتىن بولسۇن قازاقستاندا توغقانلىرىمىز جىقتى.ھەتتا ئۆزبىكستان،قىرغىزستاندىمۇ تۇغقانلىرىمىز بار ئىدى.

2007-يىلىغۇ دەيمەن،بىر ماتېرىيال كۆرۈپ قالدىم ئۇنىڭداقازاقستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 450مىڭ ئەتىراپىدا،ئۆزبىكستاندا35مىڭ،قىرغىزستاندا 49مىڭ ئۇيغۇر بار دەپتۇ.ھەيران قالدىم.چۈنكى ھەر قايسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيمەكتە يوق ئازىيىپ كېتىۋاتاتتى.

قازاقستاننىڭ 2009-يىللىق نوپۇس سىتاستىكىسىغا قارىسام ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 237مىڭ دەپ تۇرىدۇ.كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. \"\"

2010-يىلى ئۆيىمىزگە قازاقستاندىن تۇغقانلار كەلدى.ئۆزەم نوپۇس ستاستىكىسى،تارىخ دىگەنلەرگە بەك قىزىقىدىغان بولغاچقا قازاقستاندىن كەلگەن كىچىك بوۋامدىن(ئاپامنىڭ دادىسنىڭ ئىنىسى،شۇ چاغدا 78ياش)قازاقستاندا نەچچىلىك ئۇيغۇر بار دىسەم،نوپۇس ستاستىكىسىدا 300مىڭدىن ئاشىدۇ ئەمەلىيەتتە 700مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئۇيغۇر بار دەيدۇ.يەنى ئەمەلىيەت بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇيغۇرلار قازاقستاندا ئۈچىنچى چوڭ مىللەت دىدى.كىچىك بوۋامنىڭ دىيىشچە ئالمۇتا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ناھىيە -يېزىلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 200مىڭ ئۇيغۇر بار ئىكەن.

كىچىك بوۋام ياش ۋاقىتلىرىدا غالجاتتىكى بىر كولخۇزدا ئىشلىگەن ئىكەن.

ئىشقىلىپ دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن ئۇيغۇرلۇرۇم ئامان بولسۇن!

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 21:50:46

قازاقىستان نىمىشقا روسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا ئىتىپاقىغا قىتىلىدۇ؟ بۇ ئىتىپاقتا قازاقىستان ،بىلىروسىيە ۋە روسىيە بار. ئۇكرائىنا ئەلباشى ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن بولغان سودا كىلىشىمىگە ئىمزا قويماي،ئاشۇ روسىيە باشچىلىقىدىكى تامۇژنا ئىتىپاقىغا قىتىلماقچى بولغىنىدا نەچچە يۈزمىڭ ئوكرائىنالىق توختىماي نامايىش قىلىۋاتىدۇ موسكىۋانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمايمىز دەپ. ئۇلار يەنە روسىيەنىڭ ئاتالمىش تاموژنا ئىتىپاقى بۇرۇنقى سوۋىتلەر ئىتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ دىيىشىۋاتىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا قازاقىستان تولۇق روسىيەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان ئوخشايدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

asad يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 22:11:30

داۋامىنى دەۋېرىڭ



ئۇيغۇر بولسا نىم بوپتۇ، بولمىسا نىم بوپتۇ دەپ ھە.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 22:34:21

6- قەۋەتتىكى anatil8نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازاقىستاندا 1995-يىللىرى 600مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر بار بۇلۇپ،قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قازاق تىل-يېزىقىنى ئۆزگەرتىپ قازاق تىل-يېزىقىنى ئۆگۈنۈشكە زورلىغان،ھەم ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن قازاقىستاندا ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان،ھازىر قازاقىستاندا ئۆزىنى قورۇقماي ئۇيغۇر دەپ ئاتىيالايدىغانلار 100مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ؟

ئۇيغۇرلار نەدىلا بولمايلى ئاتسىلماتسىيە قىلىنىشقا ئۇچىراپ تۇرىدىكەنمىز.ئەخمەتجان قاسىمىدەك كىشىلەرنىڭ قەدرى شۇنچە ئۆتۈلدىغۇ كىشىگە


سىز قازاقىستاننى ئۆزبىكىستانغا ئوخشىتىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟


نەزەربايۇپ ھەرھالدا ئىشتلام كەرىمۇپقا ئوخشىمايدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 22:38:21

بەزىلەرنىڭ مىڭىسى ئاللىبۇرۇن يۇيۇلۇپ بولغان چىراي.يەنى مەن جۇڭخۇا مىللىتى دەيدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالغان چىراي.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 23:23:03

@begir5 مېنىڭغۇ سىزگە نەسىھەت قىلىش ئويۇم يوق، خەققە نەسىھەت قىلغۇدەك ھالىممۇ يوق.

ئەمما ئىنكاس يازغاندا، باشلىقىڭىزنىڭ ئالدىدا تۇرغان ھالىتىڭىزنىڭ يۈزدىن بىرىدەك ياۋاشلىق بىلەن يازسىڭىز.

مېنىڭ خەقنى تىللاش ئويۇم يوق، تىللىغۇدەك ھالىممۇ يوق.

بىراق بەزى بولمىغۇر ئىنكاسلارنى كۆرگەندە ئاجايىپ ئەپسانە يامان گەپلەر كاللامغا كېلىپ كېتىدۇ.

مۇنبەر يۈزىدىلا دەۋېرەي دېسەم، تونۇش بىلىشلەرنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدىكەن.

نېمە پايدا تاپىسىزكىن، بېدە يېگەن بايتالدەك ھەممە تېمىدا بىرنى شاتىراقلىۋېتىپ، ھېچ چۈشەنمىدىم.


bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 11:07:48

ئۇيغۇرلار چەتكە چىقىپ ياشاشقا ئەڭ باپ كىلىدىغان دۆلەت 1-سى تۇركىيە ،تۈرۈك تىلىنى بىر ئۇيغۇر بىر ئايدىلا تامامەن ئۈگىنىپ بولالايدۇ.ئجتىمائى تۇزىمى دىمۇكراتىك.

2-سى ئۆزبىكىستان ئۆزبىك تىلىنى بىر ئۇيغۇر ھەپتىدىلا ئۈگىنۋالالايدۇ.ئۆزبىكىستان مۇستەبىت دۆلەت ،بىراق مۇستەبىتلىكنى ئۆز مىللىتى ئۆزمىللىتىگە قىلىدۇ،ئۆز دىنىدىكىلە ئۆز دىندىكىلەگە قىلىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىرسى تەكشۇرمىسىلا ئۇيغۇر ئادەتتە ئۆزبىكىستاندا بىرنجى سىياسى مىللەتتەك قاتارىدا ياشايمەن دەپ ياشىيالايدۇ.

3- قازاقىستان ،قازاقلا بىلەن ئۇچىرشىپ باقمىغان ئۇيغۇر بوسا قازاق تىلىنى بىر ئۇيغۇر مىنىڭچە بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە بولغان مۇددەتتە ئۈگىنىپ بولالايدۇ.قازاقىستان سىياسى قۇرۇلمىسى ئۆزبكىستانغا ئوخشاشلا مۇستەبىت دۆلەت ،بىراق زىمىنى كەڭرى،ھەمدە تەرەققىيات ياخشى بولغاچقا قازاقىستان پۇخرالىرى ھۆكۇمەتتىن ئانچە نارازى ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستاندا ئۇيغۇر خىلى بار بولغاچقا قازاق موھىتىغا ئاسانلا سىڭىشىپ ئەركىن ياشىغىلى بولىدۇ.قازاقىستاندا ياشايمەن دەيدىكەنسىز بۇ تۇركى قىرىنداىشلىرىمىزنىڭ مەدىنىيتىنى ھۆرمەت قىلىڭ .

قازاقىستان ھەقىقەتەن رۇسلانىڭ تەسىرى يۇقىرى دۆلەت ،رۇسلا مەدىنيەت سەۋىيسى يۇقىرى ھەم يۇقىرى پەن تىخىنكىنى ئىگەللىگەن بولغاچقا بولغاچقا ئۇلارنىڭ تەسىرى قازاقىستاندا ئاسان تۇگمەيدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسلامۇ قازاقىستاندا نوپۇسى خىلى كۆپ .قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلا قازاقلىشىپ كەتتى دىگەندىن بەكىرەك رۇسلىشىپ كەتتى دىسە بولىدۇ.

RGB يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 12:58:16

مۇبارەك بولسۇن !

RGB يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 13:02:14

دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ چوڭ سىياسىي ھوقۇق تۇتقان دۆلەت دەل قازاقىستان ، زۇڭلىسى ئۇيغۇر ، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بۇ دۆلەتتە مىللەتچىلىك ئۇنداق ئېغىر ئەمەستەك ، بىزنىڭ شۇ يەردىكى تۇغقانلار نەچچە يىلدا بىر دىگۈدەك تۇغقان يوقلىغىلى دىيارىمىزغا كەپ تۇرىدۇ ، ئۇلار خېلى باياشات ھەم ئەركىن ياشايدىكەن (بىزگە نىسبەتەن) ، قىلىشقان پاراڭلاردىن ئۇلارنىڭ شىۋىسى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قازاق ۋە روسلارنىڭ ئەبجەش تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 19:25:21

9- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازاقىستان نىمىشقا روسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا ئىتىپاقىغا قىتىلىدۇ؟ بۇ ئىتىپاقتا قازاقىستان ،بىلىروسىيە ۋە روسىيە بار. ئۇكرائىنا ئەلباشى ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن بولغان سودا كىلىشىمىگە ئىمزا قويماي،ئاشۇ روسىيە باشچىلىقىدىكى تامۇژنا ئىتىپاقىغا قىتىلماقچى بولغىنىدا نەچچە يۈزمىڭ ئوكرائىنالىق توختىماي نامايىش قىلىۋاتىدۇ موسكىۋانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمايمىز دەپ. ئۇلار يەنە روسىيەنىڭ ئاتالمىش تاموژنا ئىتىپاقى بۇرۇنقى سوۋىتلەر ئىتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ دىيىشىۋاتىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا قازاقىستان تولۇق روسىيەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان ئوخشايدۇ.

...


روسىيە قازاقىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ ئىمپورت دۆلىتى. روسىيىنىڭ مەزكۇر ئىتتىپاقنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى- بىلىروسىيە، قازاقىستانغا ئوخشاش سىياسىي، ئىقتسىاد-سودا ھەمكارلىقى قۇيۇق دۆلەتلەرنى تۈۋەن تامۇژنا بېجى سىياسىتى بىلەن قىزىقتۇرۇپ سىياسىي مۇددىئانى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بىر سودا چەمبىرىكى پەيدا قىلىش. يەنى شەرقتە جۇڭگۇ، جەنۇپ، غەرپتە ئامىرىكا، ياۋرۇپانىڭ روسىيىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك سۇۋۇتۇش بەلباغ رايۇنىنى سىقىپ تارايتىۋىتىشىگە قارشى مۇداپىئە سېپى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنكى ئافغانسىتاننى ئاساسلىق جەڭگاھ قىلغان ناتونىڭ تىرورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇھىم ئارقاسەپ تەمىناتى، قۇلاي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. جۈملىدىن قازاقىستان ئايرىدۇرۇملىرىنى ناتو ھاۋا قىسىملىرىغا ئېچىپ بەردى. ئافغانىستاندىكى ئاساسلىق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئامىرىكا ئارمىيىسى داۋاملىق تۇرۇپ قالماقچى. بۇ ئەگەر مەلۈم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىدە پەۋقۇلئاددە ۋەقە كۆرۈلسە ئامىرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئارىلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.



بەت: [1] 2
: قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 22-يىللىقى