bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 11:02:20

NASA: يەر شارىنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەندى

NASA: يەر شارىنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەندى




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 16-دىكابىر




10-دىكابىر كۈنى بېرىلگەن دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ناسا سۇنئىي ھەمرا ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەن.  بۇ ئەڭ سوغۇق جاي شەرقىي ئانتراكتىكا تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 93.2 سېلسى-گرادۇس ئىكەن.  بۇرۇن ئۆلچەنگەن ئەڭ سوغۇق تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن  89.2 سېلسى-گرادۇس بولۇپ، ئۇ 1983-يىلى ئۆلچەنگەن.  بۇ قېتىم ئۆلچەنگەن نۆلدىن تۆۋەن  93.2 سېلسى-گرادۇس تېمپېراتۇرا بۇ يىل 31-ئىيۇل كۈنى ئۆلچەنگەن بولۇپ، مۇتەسەسسىسلەر بۇرۇن  يىغىلغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇ يەكۈننى ئەمدى چىقارغان.  بۇ قېتىم ئۆلچەنگەن ئەڭ سوغۇق تېمپېراتۇرا تېخى رەسمىي جەزىملەشتۈرۈلۈپ بولالمىغان بولۇپ، ئۇنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئانالىزلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىكەن.




ھازىرغىچە ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان ئەڭ سوغۇق جاي شەرقىي-شىمالىي سىبىرىيە بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1892-يىلى ۋە 1933-يىلى نۆلدىن تۆۋەن  67.8 سېلسى-گرادۇسقا چۈشۈپ باققان ئىكەن.




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://science.nasa.gov/science-news/science-at-nasa/2013/09dec_coldspot/




رەسىملەر:

http://science.nasa.gov/media/medialibrary/2013/12/10/coldestplacerecords_strip.jpg

1-رەسىم: ئانتراكتىكىدىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ ئورنى.




http://www.gannett-كدن.كوم/-mm-/9e6fdb0d90d162bc2f655dc692953ac5c6afb01e/c=29-20-2015-1516&r=x404&c=534x401/local/-/media/USATODAY/test/2013/12/10//1386685347000-ColdestPlace-AtsuMuto.JPG

2-رەسىم: شەرقىي ئانتراكتىكىدىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ بىر كۆرۈنىشى. بۇ رەسىم 2008-يىلى تارتىلغان.

1





2

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 17:39:41

2- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەر شارىدىكى ئەڭ سوغۇق جاي يەنىلا بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ سۆيگەن مۇھەببىتىدىن ئازار يىگەن كۆڭۈل قەسىرىدۇر . ئەڭ يېڭى ئۆلچەش نەتىجىسىگە قارىغاندا ئۇ يەرنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن تۆتمىڭ بەش يۈز سېلىسىيە گىرادۇسكەن .





ۋاي بېغىركا ئاجايىپ ئۆزگىچە گەپلەرنى قىلىسىزدە لىكىن....قىززىق ئوت ئېلىشقا ئاران تۇرغان يۈرۈگۈمنى ئانتىراكىتاغا ئاپىرىپ سەگىتىپ كىلەيمىكىن دەيمەن ھى ھى ھى ھى ھى

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 08:45:06


4- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئانتىراكتىكا قەلەي بۇيۇملارنى ئاپىرىش چەكلەنگەن جاي. قارىغاندا سىبىرىيىمۇ شۇنداقكەندە.





ۋەجى نېمىكىن؟ باچكا ئەپەندىم. تەپسىلى دېيىشكە ۋاقىت يار بەرمىگەن ئوخشىمامدۇ؟  




Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 09:13:50

5- قەۋەتتىكى taxtapanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


4- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئانتىراكتىكا قەلەي بۇيۇملارنى ئاپىرىش چەكلەنگەن جاي. قارىغاندا سىبىرىيىمۇ شۇنداقكەندە.




ۋەجى نېمىكىن؟ باچكا ئەپەندىم. تەپسىلى دېيىشكە ۋاقىت يار بەرمىگەن ئوخشىمامدۇ؟  





قەلەي بولسا نۆلدىن تۈۋەن 13 سىلسىيە گىرادوستا كىرىستالغا ئۆزگىرىپ، زىچلىقى تۈۋەنلەپ كۆپۈپ، زور ئىچكى بېسىمدا كۈكۈنگە ئايلىنىپ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. 5 پىرسەنت بىسمۇت قوشۇۋەتسە ئوڭشىلىدۇ.

تۇنجى قېتىم ئانتىراكتىكىغا پاراخوت بىلەن بارغانلار توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن، سەۋەبى، پاراخوت يېقىلغۇسى قەلەي ئىدىشلارغا قاچىلانغان، ئىچىدىكى يېقىلغۇ تۆكۈلۈپ كەتكەچكە، پاراخوت مېڭىش، ئىسسىنىش ئېنېرگىيىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ناپالىيون ئەسكەرلىرىنىڭ تۈگمىسى قەلەيدىن ياسالغان، روسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، سۇغۇقتا تۈگمىلەر تۆكۈلۈپ كەتكەن.



ئاي شارىغا ئەۋەتكەن ماشىنىنىڭ ھەر بىر زاپچىسى كېچە- كۈندۈز پەرقى 300 سىلسىيە گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىشكە چىدىيالىشى كېرەك. ئالەم كىيىمىنىڭ رەختى ۋە زاپچاسلىرى ئۇنىڭدىمۇ بەك.


يېقىندا قويغان قوياش ئاپىتى دېگەن كىنونى كۆرۈپ قويۇڭلار، قۇياشقا بومبا تاشلايدىغان ئالەم كېمىسىنىڭ كۈنلۈكىگە ئوبدان تەسەۋۋرۇر ئىشلەپ قويۇپتۇ، يەنە ئالتۇندەك ئالەم كىيىمى بار.

Bagwell يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:46:56

ئادەم بەدىنىدىن چىققان ئىسسىقلىق سەي بولالمىغۇدەك ھاما

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 07:36:10

ئانتىراكتىكا قەلەي بۇيۇملارنى ئاپىرىش چەكلەنگەن جاي. قارىغاندا سىبىرىيىمۇ شۇنداقكەندە.
بەت: [1]
: NASA: يەر شارىنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەندى