abd282 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 09:51:52

شياڭگاڭ سۇنئي ھەمرا تىلىۋىزىيسى ئېشلىگەن چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم

شياڭگاڭ سۇنئي ھەمرا تىلىۋىزىيسى ئېستانسا باشلىقى ياڭ جېنلىن نىڭ باشچىلىقىدا


2011 -يىلى  ئېشلىگەن چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم(شېنجاڭنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى) بۇفىلىمنى ئۇلار نۇرغۇن مەبلەخ ،ۋاقىت، ۋە ئادەم كۈچى سەرىپ قىلىپ،  


120كۇندىن ئارتۇق ۋاقىت ئېچىدە   600سائەتلىك خام ماتىرىيالنى سۈرەتكە ئېلىپ تەييارلاپتۇ.


بۇ بولسا مەزكۇر فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمى بولۇپ  تولۇق فىلىم   26قىسىم ئېكەن.


newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 12:13:01

قۇسۇر ئىزدىگىنىم ئەمەس.

چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم(شېنجاڭنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى)

مۇشۇ گەپتە زىددىيەتلىك مەزمۇن بارمۇ ؟

ھۆججەتلىك فىلىم دېگەننى مەن ئەمەلىيەتتە بولغان، بولۇۋاتقان ئىشلارنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەيدۇ دەپ چۈشىنىمەن.

ئەمدى ئا گەپكە كەلسەم: ھۆججەتلىك فىلىم دېگەن بىلەن ئارزۇ دېگەن گەپنى قانداق بىرلەشتۈرىمىز؟ ئارزۇ دېگەن كەلگۈسىگە نىسبەتەن بولىدىغاندۇ؟

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 12:14:40

خىلى ئەمەلىياتچان يەرلىرى باردەكمۇ قىلىدۇ،ئاۋۇ بىر ئۆيگە كىرىپ تاماق ئىتىدىغانغا تەبىئىي گاز يوقمۇ دەپتۇ

يوق دىسە تەبىئىي گاز مۇشۇ يەردىن ئەڭ كۆپ چىقىدىغان تۇرسا دەيدۇ  {:92:}

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 12:58:50

بۇنىڭ تەسىرىنى پۈتۈن قىسىم چىقىپ بولغاندا ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مېدىيانىڭ كۈچىنى سەل چاغلاش ئەخمەقلىق.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 13:10:24

فاكۇلتىتىتىن ھەپتىدە بىر ئوقۇغۇچىلارغا كومپىيۇتېر لايىھە تېخىنىكىسىدىن دەرس ئۆتىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپتىكەن مېنى ... شۇنىڭ بىلەن نەچچە ھەپتە بولدى ... دەرس ئۆتۈپ بولسام ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ شىنجاڭدىمۇ كومپىيۇتېر بارمۇ ، سەن ھەجەپ ياخشى ئۆگىنىپسەن ، خەنزۇچىنى ھەجەپ ياخشى سۆزلەيدىكەنسەن ... ئىشقىلىپ سوئاللارغا كومىۋىتىدۇ .... بۇلار شىنجاڭنى ، بىزنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ ...



  {:107:}  بىزگىمۇ مەكتەپتە جوڭگودىكى مىللەتلەر دەپ بىردىن بىردىن تۇنۇشتۇرىدىغان ، بۇ خەققە تۇنۇشتۇرمايدىغان ئوخشايدۇ ...

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 13:22:21



   شياڭگاڭلىق يولداشلا ئىلگىرى ئىشلىگەن مۇشۇنداق بىر ھۆججەتلىك فىلىم قەشقەدىكى بەزى بىگۇناھ كشلەرنىڭ قارا سۇۋۇلىپ رەھىمسىزلەرھە تۈمىگە كىرىشىگە سەۋەپچى بولغان ،ئۇ ئەسلىدىنلا ئاق بىگۇناھ كىشلەر ئۈزىنى ئاقلىيالمىغان ، ئۇ فىلىم ئىشلىگەن شياڭگاڭلىق يولداشلا قارىلانغان كىشلەر بىلەن كارى بولمىغان دىگەندەك گەپلەر نەچچە يىل ئىگىرى تورلاردا يىگانە ھالدا ئېقىپ يۇرىتتى . ئېھتىمال بۇ قېتىم زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان كىشلەر ئۇ گەپلەرنى كۆرمىگەندۇ ياكى فىلىم مەزمۇنى ئىناقلاشتۇرۇلغاندۇ . قاغىنىغا تەڭرىم ئۈزەڭ با !

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 13:27:04

مەن بۇنداق فىلىمدىن 600 قىسىم ئىشلىسىمۇ بۇ خەق بىزنىڭ دىلىمىزدىكى ھەرگىز چۈشەنمەسمىكىن دەيمەن؟!! ھامان بىر ئىشەنمەسلىك، ھامان بىر چۈشەنمەسلىك ....

بەلكىم بۇ فىلىم مەلۇم نۇقتىدىن پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. كىممۇ ئىكران ئالدىدا ئۆز كۆڭلىدىكىنى خۇدۇكسىرىمەي، قورقماي ئېيتالايدۇ؟! ئېيىتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئويلايدىغانلىرى دېيەلەيدۇ؟!!

ئويلاپ قالىمەن، بىر كۈنلەردە مۇشۇنداق دۇنياۋىي مېدىيەلەرنىڭ كۆزى بىزگە قادالغاندا بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى، ئاچچىق غەزەپ نەپرىتىمىزنى، يىرگىنىشمىزنى، ئۈمىد، ئىستەكلىرىمىزنى ئويلىغىنىمىزدەك بايان قىلىپ بېرەلەرمىزمۇ؟؟؟

ruzetayir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 13:41:14

تولۇق قىسمىنىڭ تور ئادىرىسىنىمۇ ئەۋەتىپ قويسىڭىز بوپتىكە ،رەھمەت.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 13:55:13

قىنى ئىشلىگەنلىرىنى كۆرۈپ بىقىپ بىر نىمە دەيلى !

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 10:51:25

شۇنچىۋىلا كۆپ پۇل سەرىپ قىلىپ ئىشلىگەن بۇ فىلىم،شۇ دىيارىمىزدىكى ،

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باي نامىراتلىق ۋە جەمىيەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتپ بەرگەن دەك قىلىدۇ،


TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 10:54:36

كۆرستىپ قويغاننىڭ نىمە پايدىسى كىنو قىلىپ كۆرستىپ قويمىسمۇ ئۆز كۈزىمىز بىكەن كۈرۋاتمىزغۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ruzetayir يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 14:04:53

تولۇق قىسمىنىڭ تور ئادىرىسىنىمۇ ئەۋەتىپ قويسىڭىز بوپتىكە ،رەھمەت.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 14:27:33

ئىسىمنى بىلسەم مۇشۇ گەپ بار ئىدى !

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 15:48:30

ئاۋۇ 2 مىنۇتلوق يىرىدىدە چىققان ناخشا مۇزىكا ئۇيغۇچىمىدۇ؟

theoldman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 16:02:14

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ فىلىم مەبلەغ سالىدىغان ئادەم چىقماي، تەشۋىقات فىلىمىنى ئىشلەپلا يېرىم يولدا توختاپ قالغان.

abd282 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:47:02

14- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ 2 مىنۇتلوق يىرىدىدە چىققان ناخشا مۇزىكا ئۇيغۇچىمىدۇ؟


مەن ئۇ ناخشىنى شۈنچە ئېز دەپمۇ تاپالمىدىم، بىر ئاڭلاشقا مۆمۈنجاننىڭ ئاۋازىدەك ھىسقىلدىم، فىلىمنىڭ ئاساسلىق مۇزىكىسى قايسى دەپ ئېزدىسەم ساپلا دولانجاننىڭ ئېلى يولىدا دىگەن ناخشىسى چىقىۋالدى.  ئەگەر 2مىنۇتلۇق يىرىدىكى ناخشىنىڭ قايسى ناخشا ئېكەنلىكىنى بىلە لىگەن تورداشلار بولسا ھايىت دىۋىتەرسىلەر


abd282 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 20:50:34

12- قەۋەتتىكى ruzetayirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تولۇق قىسمىنىڭ تور ئادىرىسىنىمۇ ئەۋەتىپ قويسىڭىز بوپتىكە ،رەھمەت.

تولۇق قېسمى دۆلىتىمىزدە يوقكەن، ئېزدەپ تاپالمىدىم

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 22:01:35


7- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

فاكۇلتىتىتىن ھەپتىدە بىر ئوقۇغۇچىلارغا كومپىيۇتېر لايىھە تېخىنىكىسىدىن دەرس ئۆتىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپتىكەن مېنى ... شۇنىڭ بىلەن نەچچە ھەپتە بولدى ... دەرس ئۆتۈپ بولسام ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ شىنجاڭدىمۇ كومپىيۇتېر بارمۇ ، سەن ھەجەپ ياخشى ئۆگىنىپسەن ، خەنزۇچىنى ھەجەپ ياخشى سۆزلەيدىكەنسەن ... ئىشقىلىپ سوئاللارغا كومىۋىتىدۇ .... بۇلار شىنجاڭنى ، بىزنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ ...



\"\" بىزگىمۇ مەكتەپتە جوڭگودىكى مىللەتلەر دەپ بىردىن بىردىن تۇنۇشتۇرىدىغان ، بۇ خەققە تۇنۇشتۇرمايدىغان ئوخشايدۇ ...


ئۇنى بىر دىمەڭ.مەنمۇ ئىلگىرى سىزيولۇققان ئەھۋاللارغايولۇققان.شىنجاڭدا ماشىنا بارمۇ دىيىشلىرىچۇ تېخى.




بەت: [1]
: شياڭگاڭ سۇنئي ھەمرا تىلىۋىزىيسى ئېشلىگەن چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم