umid2003 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 09:44:38

بويۇن ئۇمۇرتقا ئۆسۈش كېسىلىدىن ياردەم سورايمەن

ئايالىمىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بېرى بويۇن قىسمى ئاغرىپ ،ھەركەتلەندۇرۇشى قىيىن بولغاچقا دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ،بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسمىسى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى.ئىزدىنىشتىكى تىۋىپلاردىن سورايدىغىنىم بۇخىل كېسەلنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە قانداق داۋالاش ئۇسۇللىرى بار؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟  نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ (ئايالىمنىڭ كەسپى ئوقۇتقۇچى)  ياردەم قىلساڭلار! رەخمەت .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 12:03:26

مۇشۇ ھەقتە بىر تىما تەييارلاي مەن، يەنە بىر تىز بۇغۇمى بىلەن بىرگە......

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 09:12:29

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 10:42:13

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 10:51:52

لوڭقا قويۇش ياخش ئىش ئەمەس باشقىچە ئۇسۇل بولسا قانداقكىن

serwan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 15:31:30

تىمىڭىزغا تەشنامىز

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 10:49:18

ئايالىڭىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن .



ئاڭلىسام نەنسەندە بىر قازاق تىۋىپ بارمىشكەنغۇ ؟ مۇشۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ قېلىشنى كوزا قويۇپ داۋالايدۇ دەيدۇ . ئۇ تىۋىپنىڭ يېنىدا بىر قانچە ئاي تۇرۇپ داۋالىنىدىغان ئىشكەن . داۋالىشىمۇ خېلى ئۈنۈملۈك دەپ ئاڭلىدىم . مەن تەپسىلى ئادرىس ، تېلىفونلىرىنى بىلمەيمەن 5 يىلنىڭ ئالدىدا 6 ئاي شۇ يەردە داۋالىنىپ كەلگەن بىرسىدىن ماختىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم . بولسا شۇ قازاق تىۋىپنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-12-18 11:24:08

سىزگە دېسەم ئاۋۋال كېسەلنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاڭ . يەنى نېمىشقا بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بوپ قالدى ئايالىڭىز؟ چوقۇم بىر يامان ئادەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىدىن بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ ، مەسىلەن مېنىڭ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىم كومپيوتېرغا زىيادە بېرىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ، يەنى كومپيوتېرغا نەچچە سائەت مىدىرلىماي تىكىلىپ ئولتۇرىۋەرسىڭىز ئەلۋەتتە بويۇن ياكى بېلىڭىزدە سۆڭەك ئۆسۈپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ !!

بۇ كېسەللىكمۇ نۇرغۇن باسقۇچلارغا بۆلىنىدىكەن ئالدىن بايقاپ ۋاقتىدا داۋالانسىڭىز خېلى ئۈنۈمى بولىدۇ ، بولمىسا ئاقىۋىتى خېلى ئېغىر!!!

مەن ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغاندا نەچچە كۈنگىچە يۈرۈگۈم سېلىپ ، ماڭسام پۇتۇم بۇلۇتتا ماڭغاندەك يەڭگىل دەسسەيدىغان بوپ قالغانتىم ، يۈرۈگۈمدە چاتاق ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈگۈمنى تەكشۈرتكۈزدۈم ، ساق چىقتى ، دىئابىت كېسىلىمىدۇ يا دەپ تەكشۈرتسەم قاندىمۇ چاتاق يوق ، ئاخىرى توردا كېسەللىك ئەھۋالىمغا ئاساسەن ئىزدىسەم بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىمالىقىم يۇقىرىكەن شۇنىڭ بىلەن رىنتىگىنگە چۈشۈپ دوخـتۇرغا كۆرسەتسەم ، سۆڭەك ئۆسەپ قاپتۇ دېدى...

ياشلا تۇرۇپ ئەمدى بۇ كېسەلنى دەپ قورقۇپ نەچچە كۈن بىئارام بولۇپ يىڭنە سانجىپ ، ئۇۋۇلاپ ، لوڭقا قويۇپ داۋالاندىم ، ھەپتە داۋالانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىم شۇنداق ياخشى بوپ كەتتى ، ئاللاھقا يۈزمىڭ شۈكۈرلەر ئېيتتىم !!! ئىككى يىل بولدى ھازىر كومپيوتېر ئالدىدا ئۇنداق جىق ئولتۇرمايمەن ، ئارىلىقتا خېلى كۆپ ئارام ئالىمەن ، توردىن بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە پايدا قىلىدىغان ياستۇقتىن بىرنى 145 يۈەنگە ئەكەلدۈردۈم ئىشقىلىپ خېلى پايدىسى بولدىمىكىن دەيمەن....

شۇڭا سىزمۇ ئاۋۋال كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ شۇنىڭغا قارىتا داۋالىتىڭ ، يامان ئادەتلەرنى تاشلىسۇن ، 颈复康 دەپ بىر جۇڭيىچە دورا بار ئالامەت سېسىق!! لېكىن بويۇن ئاغرىقىغا خېلى مەنپەت قىلىدۇ... ئاخىرىدا ئايالىڭىزنىڭ كېسىلىنىڭ ئىتتىكرەك ساقىيىشىغا تىلەكداشمەن !!

umid2003 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 08:15:03

كوپچىلىكنىڭ بەرگەن مەسلىھەتىگە كۆپ رەھمەت ! ئىزدىنىشتىكى تورداشلارغا كۆز تەگمىسۇن.

phonon يوللانغان ۋاقتى 2013-12-20 13:41:06

باشقىلاردىن ئاڭلىغان گەپ. ئېلان بېرەي.

ئۈرۈمچى چوڭ بازارنىڭ كەينىدە مۇشۇ كىسەلنى داۋالايدىغان ‹بىلىك› دوخـتۇرخانىسى بارمىش. ياۋرۇپانىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتەرمىش. داۋالاشتىن كىيىن تىز ئەسلىگە كىلەرمىش. مەسئۇل دوخـتۇر ئۇزۇن يىل ياۋرۇپادا ئىلىم تەھسىل قىلغانمىش. نەيچە بىلەن دورا سۇيۇقلۇقنى كىسەل يەرگە يەتكۈزۈپ، ئېرىتىش، ئاجرىتىش ئارقىلىق داۋالاش قىلارمىش.

ئاپام مۇشۇ يەردە داۋالانغان، ھەرقېتىم تېلفۇن قىلسام ئۈنۈمى بۇلدى دەپ جاۋاپ قىلىدۇ.

بېرىپ كۆرۈپ باققۇلۇق.
بەت: [1]
: بويۇن ئۇمۇرتقا ئۆسۈش كېسىلىدىن ياردەم سورايمەن