سالام لۈكچەكلەر
غ.ئا.غەرقىيسالام لۈكچەكلەر
قۇشلارسىز سەھەردىن
بۆرىسىز تاغلاردىن
بۇلبۇلسىز باغلاردىن
مەيخانىدا بىزگە كۆز قىسقان
ئەرنى قىزىل شەرانداز قىزدىن !
سالام لۈكچەكلەر
بۇلبۇلگويا مەۋجۇت دەپ
مەختۇمسۇلا گۈزەل دەپ
ساھىبجامال مەلىكە
تاز بالىغا كۆيەر دەپ
بىزنى ئۇزۇن ئالدىغان
ئـۇيـغـۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن
كېلىڭلار
كوچىغا چىقايلى
تۇل چوكان پاھىشىغا ئايلانغاندەك
ئارقا كوچىغا بارايلى
مۇھەببەتسىز كۆزلەرگە
تەمە بىلەن قارايلى
پۇل ئەمەس
ھوقۇق ئەمەس
مېھىر تىلەيلى
كېلىڭلار
شەھەردە لۈكچەك قالمىدى
تېپىۋېلىپ بىزدىن ياۋاشنى
سەن نېمىشقا لۈكچەك ئەمەس دەپ
قوڭلىرىغا راسا تېپەيلى
ئاندىن غەلىبىمىزنى تەبرىكلەپ
راسا ئىچەيلى
كېلىڭلار
شائىر بولالمىغانلار
بىر ئۆمۈر كىتاب ئوقۇپمۇ
ئاقۋاش بولالمىغانلار
ھاجەتخانىدا ئادەم تىللاپمۇ
تاز باش بولالمىغانلار
بىز لۈكچەك بولايلى
بۆرىسىز تاغلاردا بۆرە بولايلى
ئەسەبىي مەستلىكتە كوچىغا چىقىپ
« بىز لۈكچەك ! » دەپ راسا توۋلايلى
2013-يىلى 8-دېكابىر، ئۈرۈمچى (ئەپەندىم مۇنبىردىن يۆتكەلدى) ئاپتورى غەيرەت ئابىتتەك قىلىدۇ. بۇ يەردە ماڭا ئىش يوق ئوخشايدۇ، چىقىپ كىتەي
لۈكچەك بولماق تەس ھازىر…… ساقچىغا تۇتۇپ بېرىدۇ غەيرەت ئەمەستۇ؟ قەلىمى ئوخشىمايدۇ. «لۈكچەك» دېگەن سۆزنى بۇرۇن كىشىلەر ئادەم تىللايدىغان سۆز ئورنىدا ئىشلىتەتتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى بىر ئەركەك مىجەزلىكنىڭ، قورقماسلىقنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىمىز.
مەن ئىلگىرى بىر ئوقۇتقۇچىمدىن «بىر مىللەتنىڭ ئۈچ خىل ئادەملىرى بولىشى كېرەك. ئۇلار بىرى، توغرا، ھەقنى بىلگەن زىيالىيلىرى؛ ئىككىنچىسى، شۇ مىللەتنىڭ سودىگەر، سانائەت خوجىلىرى؛ ئۈچىنچىسى، بىر مىللەتنىڭ لۈكچەكلىرى» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ گەپنى ھەقىقەتەن توغرا دەپ قارايمەن. شۇڭا تېخى 2 ھەپتە ئاۋاللا ئوقۇغۇچىلىرىمغىمۇ شۇنداق دېدىم. ھەمدە ئۇلاردىن، بىزدىن سودىگەرلەر چىقىشىمۇ مۇمكىن، زىيالىيمۇ چىقىشى مۇمكىن. ئەمما لۈكچەكلەر - قورقماس، مەردانە ئەركەكلىرى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئوغۇل بالا بولساڭ، ئوغۇل بالىدەك مەردانە بولۇش دەپ تەربىيە قىلدىم. لېكىن، بۇ قانداقتۇر دەرسخانا ئىچىدە بېرىلىدىغان تەربىيە ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. باتۇرلۇق، مەردانىلىق، قورقۇمسىزلىق تەربىيەسىنى ھەر بىر ئاتا بولغۇچى بالىلىرىغا قالدۇردىغان ئەڭ مۇھىم «مىراس» دەپ بىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ساقچىلار ئەڭ لۈكچەك ھازىر جەمئەتتىكى ھەممە لۇكچەكنى ساقچى قىلىپ بولسا ، نەدە لۈكچەك بولىدۇ... ئويگاك ئىككى مىڭ بەش نەق گەپنى دەپتۇ.
سالام لۈكچەكلەر
ساقچىسىدىن بەكرەك 1000 كويلۇقلىرىئوغرى ، يانچۇقچى ، ئاقچى ، كۆكچىلەر دىيارىمىزدا ھازىر ......بۇلىۋاتىدۇ .
قۇتانغا بۆرىنى باشلاپ قۇيۇپ خاتىرجەم بولغىلى بۇلامدىغان {:136:}
5- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
غەيرەت ئەمەستۇ؟ قەلىمى ئوخشىمايدۇ.
غەيرەت يازغان شېئىر ئاداش. نەچچە كۈن بۇرۇن ئەپەندىمگە يوللاپتىكەن. سالام لۈكچەكلەر
8- قەۋەتتىكى oygak2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جەمئەتتىكى ھەممە لۇكچەكنى ساقچى قىلىپ بولسا ، نەدە لۈكچەك بولىدۇ...
لۇكچەكلەنىڭ نامىغا داغ كەلتۇرمىسەڭلاچۇ؟ لۇكچەكلەنىڭ ھەمىسى ساقچى بولسا جەمىيەت بۇنچىلىك پاتپاراقچىلىق بولمىغان بولاتتى......
مەنمۇ بىر چاغلاردا لۈكچەكتىم،لىكىن لۈكچەكلىك ماڭا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى،لىكىن شۇنداقتىمۇ غۇرورۇمنى يۇقاتقىنىم يوق......... قانلىق رومانتىكا دەپ دەپ بىركىنۇ بۇلىدىغان خېلى مەرد لۆكچەكلەر باتتى تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ دوئىلغا چاقىرسا ئوغۇلبالداچىلىقنى دەپ چۇقۇم باردىغان .
لىكىن ھازىرجەميەتتە ئۈنلۈكرەك ۋاقاغىلىمۇ بولمايدۇ ئادەم مۇقۇملۇققا پۇتلىشىپ قالپاق كىيىپ سالغىلى. تېما ماۋزۇسىغا قاراپ بۇ سورۇنغا ئەخمەتجانمۇ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. {:92:}
مەن ھەممىدىن ئىنگىلاندنىڭ پۇتبول لۆكچەكلىرىگە قول قويىمەن. {:90:}
تۇرغان دوققىنى ئاڭلىغانمۇ بۇرادەرلەر؟ لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ئاتالمايدۇ پەشۋانىمۇ ھەم.
تۇزى يوقكەن تاماقنىڭ دىمەس،
تىلىمۇ يوق تىتالمايدۇ تەم.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
تىللالمايدۇ ، تىللىغاننىمۇ.
ئادەم ئەمەس، ئىشەك يا كالا،
مۇشۇنداق دەپ ئىلغىغاننىمۇ !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەكتەپلەر كۆپ ، مەرىپەت تولا؟!
لۇكچەك ئەمەس كۆزى ئالغاينى،
دەيدۇ ھاكىم ھازىرلا سولا !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەچچىدلەر كۆپ رايىشتۇر ھەممە.
قالايمىقان قىلمىشلار ئۇچۇن،
ئاخۇنۇم دەر- سەن يىقىن كەلمە !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
يول يۇرۇشتە باردۇر بىر نىزام .
يولدا ماڭساڭ ئارقىچىلاپ ماڭ ،
كۆرىۋالاي دىسەڭ سەن يېزام.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەرگىز دىمە چىققانتى بۇرۇن.
نەفىسە ھەم سەئىدىخانلار ،
قايتا يەنە ماڭا سەن كۆرۇن !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەممە قىلۇر چىلتەنگە تاۋاب.
يەكەن خەلقى لۇكچەك بولمايدۇ،
ئىلىپ كەلدى «قۇللۇق»تىن ساۋاب.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۇنى، ئۇرۇمچى.
بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://matimatik.blogbus.com/logs/33821333.html ئامېرىكا ساقچىلىرى ئەڭ لۈكچەك. مەدەنىيەتتىن زېرىككەن ئوخشىمامسىلە؟
بەت:
[1]
2