تىز ئاغرىقىدىن ياردەم سورايمەن
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم دۇستلار .
دادامىنىڭ تىزغا كۇمۇرچەك骨质增生 ئۆسۋىلىش سەۋەبىدىن ئاغرىق تۇختىتىش دۇرىسى يىمىسە پۇتى ئاغىرپ ئارام بەرمەيدىغان ھەتتا يولمۇ ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدى . ئاساسەن ئاغرىق تۇختىتىش دورىسىغا تايىنىپ قالدى .يەنە 2تىپلىق دىئابىتمۇبار . دادام بۇيىل 60ياشقا كىرگەن يەكەندە كۆرسەتمگەن دوختۇرخانا قالمىدى .دادامنىڭ ئازابىغا قاراپ مەنمۇ چىدىيالماي قالدىم . ئۇرۇمچى تەرەپلەردە ياخشىراق دۇختۇرخانا بارمىدۇ .داۋالىغىلى بولارمۇ 、 يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن . كۆپنىڭ ئەقلى كۆپچە ..بولىدۇ رەخمەت سىلەرگە .
يەنە بىرگەپ قۇرئاننىڭ 30پارە ئوزبىكچە ئاۋازلىق نۇسخسى بار ئىدى تورغا قانداق يۇللايدۇ .يۇللاپ قۇياي دىگەنتىم .
قۇرئاننىڭ 30پارە ئوزبىكچە ئاۋازلىق نۇسخسىنى تورغا يوللىماڭ! ئۇقۇشماستىن چۈشۈرۈپ سېلىپ بالادا قالمايلى مۇشۇ زىڭسىڭ دېگەن كېسەللىك بۈگۈنكى دۇنيادىكى 3 چوڭ راك ئەمەس راكنىڭ بىرسى دەپ قارىلىدىكەن، بولۇپمۇ كالتىسىي قەھەتچىلىكى ئېغىر جۇڭگودا 20 مىليوندىن ئاشىدىكەن بۇ كېسەل. مەنمۇ سىتىغا چۈشسەم يەڭگىل دەرىجىدە زىڭسىڭ بوپتىمەن. بەللىك تېڭىپ، ئانچە-مۇنچە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، چاپلاقلارنى چاپلاپ يۈرىۋاتىمەن، بۇنى قىلماي ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ ئىش قىلسام ياكى پىيادە ماڭسام خاپا سالىدۇ. بىر تۈپتىن ساقايتىدىغان دورىسى چىقسا بۇلاتتى بۇنىڭ... ئۇيغۇر تىبابىتىدە بىر داۋالىنىپ كۆرسۇن، ئىشقىلىپ سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەل، كونترول قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ داۋالاش بىلەن ئوخشاش ھىساپلىنىدۇ. بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش، تىز،بەل قاتارلىق ئاغرىغان جايلارنىلا ئەمەس، پۈتۈن بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش بەك مۇھىم-بۇ 20 يىللىق بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىر كىشىنىڭ دەپ بەرگىنى، ئۇ كىشى ھازىر نورىمال ماڭالايدۇ، بەك ئاغرىپ كەتسە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالىنىدۇ،يازدىمۇ ئىچ ئىشتان كىيىپ يۈرۈيدۇ. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشمۇ مۇھىمكەن، يەللىك يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، توخۇ گۆشى يىمەسلىك كېرەككەن. توخۇ گۆشىدىكى ئۆستۈرۈش ھورمۇنىنىڭ تەسىرى بولسا كىرەك.
ياش بالىلار ياش ۋاقتىدا بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلمىسا ئوتتۇرا ياشتىلا مۇشۇ كېسەلنى تېپىۋېلىشى مۈمكىن ئىكەن. بوغۇملارنى ھەركەتلەندۈرۈپ بېرىشنىڭ ئاغرىقنى پەسەيتىشكە پايدىسى بار، يەنى بوغۇمغا بېسىم چۈشۈرمىگەن ھالدا (يېتىپ تۇرۇپ،مەسىلەن) ھەركەتلەندۈرۈش. مىنىڭ دادامنىڭ ھوشۇقتىن تىزغىچە بولغان ئارلىقتىكى سۆڭىكى بەك ئاغرىيتى. بەزىدە كىچىللىرى ئۇخلىماي توقماق بىلەن ئۇرۇپ چىقاتتى. بىر قىرغىز ئوۋچىغا دەپ ئېيىقنىڭ يېغىنى ئەكەلدۈرۈپ سۈركەپ بەرسە ئاغرىقى يوقىدى.
كالىتسىي كەملەر قوتازنىڭ، تاپالمىسا كالىنىڭ پايخان سۆڭىكىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئوبدانلا مەنپەت قىلىدۇ. تىما ئىگىسىگە بولسا دادىڭىزنى كونا داڭشو دىكى ھاجى تورەم شىپاخانىسىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بىقىڭ شۇلارنىڭ مۇشۇنداق سۆڭەك ئۆسۇپ قالغان كۆمۇرچەك ئوسۇپ قالغانغا
مەخسۇس پايدا قىلىدىغان بىر دورىسى بولىدىغان لىكىن خىلى قىممەت 500 يۇەن ئەتراپىدا لىكىن ئۇنىمى ھەقىقەتەن بار بولسا شۇيەرگە ئاپىرىپ مىللىيچە داۋالىتىپ بىقىڭ مىنىڭ مۇ تىزىم تۇرۇپ تۇرۇپ ئاغىريدىغان يول ماڭسام يەكەندە بولسىڭىز قاغىلىققا يىقىنكەن ، قاغىلىقتا مامۇت بىيچاۋ دەيدىغان بىر تىۋىپ بار ، ياز كۈنلىرىمۇ يۇڭ ئىشتان ، پوپايكا كىيىدىغان 70 ياشقا يىقىنلاشقان لىكىن قاراشتىن 50 ئەتراپىدا كۆرىنىدىغان ، يىراق يىقىنغا خىلى داڭقى بار . تومۇر تۇتۇپ كىسەل كۆرىدىغان يەرلىك رىتسىپلارېنى بۇيرۇيدۇ ، مېنىڭمۇ تىزىم ئاغرىيدۇ. نەچچە يىلدىن ئاشتى. يازدا ئاغرىمايدۇ، كۈزدە باشلانسا ياز كىرگەندە ساقىيىدۇ. دەسلەپ بوغۇم ياللۇغىنىڭ دورىسىنى يېسەم پايدا قىلغان . ھازىر تەسىر قىلماس بوپقالدى.تىزلىق تاقاپ يۈرسەم بوشراق ئاغرىيدىكەن. بۇرۇن سوغۇقتا موتسېكلىت ھەيدەپ، سوغۇق ئۆتكۈزۋاپتىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستگە كالتىسى ئېغىر دەرىجىدە كەمكەن دەيدۇ. كالتىسى تابلىتى يەپ باقتىم، سۆڭەك قاينىتىپ ئىچىپ باقتىم. ئۈنۈمى بەكلا ئاستا. يا سېغىم كارتىسىغا ھۆججەت قاچىلىغاندەك قاچىلىغىلى بولمىسا ئۇ كالتىسى دېگەننى. مېنىڭ تىزىمدىكى لىپەك (باشقىلار ئوينىغۇچ دەيدىكەن) سۇنۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن، تىز ئاغرىقى دېسە قانداق ئاغرىيدىغانلىقىنى مەندىن سورىسا بولىدۇ. ھازىر تىز لىپىكىمنىڭ پارچىللىرى تۆمۈر بىلەن بىر-بىرىگە چېتىپ قويۇقلۇق. كېلەر يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ تۆمۈرلەرنى ئالدۇرۇۋەتمەكچى. تېما بېشىدىكى تىز ئاغرىقى دېگەن گەپنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كىلىپ كەتتى.
بەت:
[1]