ۋەسلىۋود مەبلەغ سېلىش،مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ھەققىدە
شىنجاڭ ۋەسلىۋود مەبلەغچىلىك چەكلىك شىركىتى ،2007-يىلى4-ئاينىڭ 6-كۇنى قۇرۇلغان بۇلۇپ ،بۇ بىر مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەبلەغ سىلىش، مەدەنىيەت تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش كەسىپنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەبلەغ سالىدىغان شىركەت. ۋەسلىۋود خەلقئاراغا يۇزلەنگەن ئەڭ داڭلىق كىنوچىلىق ساھەسىدە Hollywood,bollywoodقا ئوخشاش . جوڭگونىڭ غەربىي رايون مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر بولغان ئۇرنەكلىرىنى پۇتۇن جەمىيەتكە ،يۇقىرى ئۇلچەم ،ئەڭ يىڭى تىخنىكا،ئەڭ مۇنەۋۋەر ھالەتتە نامايان قىلىدۇ.
شىركەت قانونىي ۋەكىلى ھەمدە ئەڭ چوڭ پايچىكى ئارىسلان مەھمۇت ئەپەندىم دۇلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق بولغان كىچىك بالا چولپىنىمىز ئەرفاننىڭ دادىسى بولۇپ ، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رىجىسورى ۋە فىلىم ئىشلىگۇچىسى ،مەدەنىيەت ساھەسىدە مول پىشقان پىشقەدەملىرىمىزنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كۇمىتىتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا ،ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۇكىمىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ،شىركەت ياخشى بولغان تەرەقىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.ۋەسلىۋود مەبلەغچىلىك شىركىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەش، يىڭىلىق يارىتىشتەك كارخانا روھى بىلەن تۇلۇق قۇراللىنىپ رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈھپە قوشماقتا.
قۇشۇمچە :ناۋا پىروگىراممىسى 31.سانى
15- قەۋەتتىكى gldingwashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ ھېچبولمىسا ھەر بىر شەھەرد بىردىن چوڭ تىپتىكى كىنوخانىلار قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن فىلىملەرنى ۋە مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلىدىغان خەلقئارالىق فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ تەڭلا قويۇش پۇرسىتى يارىتىش ئىمكانىيىتى بولغان بولسا-ھە! مەنمۇ خوتون بالىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ بېلىتى 50 كوي بولسىمۇ كۆرگەن بولاتتىم .![]()
ئىنشائاللا ئۇ كۈنلەرمۇ ئاز قالغاندۇ تىرىشىۋاتىمىز ! ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ ، بىراق بىرلا ۋاقىتتا تەڭ قويۇش ئۈچۈن يەنىلا ئازراق ۋاقىتقا مۇھتاج ، بىراق ھازىر ئۇيغۇرچە يۇقىرى ئىنقلىكتىكى 5.1 ئاۋاز تېخنىكىسىدا كىنوخانىلاردا قۇيۇلغان تۇنجى كىنولار خانساراي كىنوخانىسدا قۇيۇلىۋاتىدۇ .
http://www.sazzim.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=12&id=207
http://www.sazzim.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=14&id=213
مىنىڭ ئىسمىم خان ، ئەكبەر خان .....
ۋەسلى ۋود تىكى ۋەسلى ( westly) دىگەن گەپ غەربى دىگەن گەپكەن ۋود دىگەن نىمە گەپكىن تاڭ ، مەنچە خەلىقئاراغا يۈزلىنىنىشنى نىشان قىلغان چىراي HollywoodBollywood
Westlywood
قۇرۇلغىلى 6يىل بولۇپتۇ بىرەر كىنو ئىشلىگەننى كۆرمىدۇق ئەمما Hollywood Bollywoodقا سېلىشتۇرۇلۇپ ۋە تەڭ ئورۇندا تۇرۇلۇپتۇ {:92:} ما تېما جايىدا يوللىنىپتۇ، ۋەسلىيۋود ھەققىدە ئاز-تولا بىر نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، رەھمەت... ئۇيغۇرچە مەنىسى يوقما ،،لوتىماجان ؟
ئامېرىكىدا ۋوللىۋود
ھېندىستاندا بوللىۋود
ئەمدى شىنجاڭدا ۋوسلىۋود ....
ئەگەر شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىقىنى پىلاستىنكا سېتىپ مەبلەغ تېپىشتىن بىۋاسىتە كىنوخانىلاردا قويۇپ بىلەت كىرىمى يارىتىپ غەلبە قىلىشقا ھالقىتالىسا بۇئىسمى جىسمىغا لايىق ۋوسلىۋود بولغان بولىدۇ.
شىنجاڭ خەۋەرلىرىدەكلا خەۋەر بېرىش بوپتۇ-بۇ.قىلغان كونكېرىت ئىشلىرىدىن بىرەر مىسال كەلتۈرگىلى بولاما؟
ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بولسا، نېمىگە تۆھپە قوشتى؟ قانداق قوشتى كىچىككىنە بولسىمۇ بىلىپ قالساق دەيمىنا ئەمدى...
5- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ خەۋەرلىرىدەكلا خەۋەر بېرىش بوپتۇ-بۇ.
قىلغان كونكېرىت ئىشلىرىدىن بىرەر مىسال كەلتۈرگىلى بولاما؟
ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بولسا، نېمىگە تۆھپە قوشتى؟ قانداق قوشتى كىچىككىنە بولسىمۇ بىلىپ قالساق دەيمىنا ئەمدى...
ئەلۋەتتە،دىمىسىمۇ بۇ تىما \"شىنجاڭ خەۋەرلىرى\"گە ئۇخشاپ قالدى،چۈنكى بىزنىڭ مەزكۇر شىركەت توغۇرسىدا تەپسىلىيرەك يەنىمۇ ئېنىقراق ئۇچۇرغا ئىرىشىش يولىمىز يوق بۇلۇپ قالدى،ئىزدىنىشتىكى ئەزىز تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى دىسەك ئۈرۈمچىگە بېرىپ ۋەسلىۋود شىركىتى ۋە بۇ شىركەتنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان قىلغان كونكىرىتراق ئىشلىرىدىن خەۋەردار قىلساق بۇلاتتى،لېكىن ئۈرۈمچى بىلەن ئارلىقىمىز يىراق بۇلۇپ قالدى،ئۆتكەندە ئۆزھال يوللىغان \"ناۋا سەھنىسى ھەققىدە \"ناملىق تىمىغا بىرقانچە تورداش \"ۋەسلىۋود\"شىركىتىنى چۈشىنىپ بېقىشنى خالايدىغانلىقى توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىپتىكەن...ئەشۇ تورداشلارنى \"ۋەسلىۋود\"شىركىتى توغۇرسىدا ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇرغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كارۋان تور بىكىتى ھەم ۋەسلىۋود تور بىكىتىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ مەزكۇر تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ناۋا پىروگىراممىسى مەيدانغا چىققاندىن بىرى سەنئەتكە ھەۋەس قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياش ھەۋەسكارلار، سەنئەتكارلار، مەلۇم تەجىربىگە ئىگە سەنئەت ئەھللىرى ئۈزىنىڭ قەلبىدە بېسىلىپ تۇرغان كۈي ناخشىلىرىنى خەلىق بىلەن ئۇچراشتۇرۇش پۈرسىتىگە ئىرىشتى،ناۋا پىروگىراممىسى بارغانسىرى مۇكەممەلىشىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى (31.سان)ناۋا پىروگىراممىسى خېلى مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان بىر قېتىملىق پىروگىرامما بولدى(تورداشلار قانداق قارايدىكىن ئۇنى بلمىدىم)...يۇقارقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بۇ سان ناۋا پىروگىراممىسىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن قۇمۇلدىن كەلگەن 3.نۇمۇرلۇق ماھىر ئابلاجان باقى ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى ئەدىناي ئېيىتقان \"پەرۋاز\"ناملىق ناخشىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم !
پەرۋاز
تىمىدىمۇ دىيىلىپتىغۇ ؟…پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاستىدا ،ئاپتونوم رايونلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە دەپ . يەنە نىمىنى ئۈمىد قىلىپ نىمىنى سورايمىز ؟ ئاخىرى بۇنىمۇ بىلىۋالدىم.... قۇرۇلغىلى 6 يىل بولاپتۇ پەقەت نامىنى مۇشۇ ناۋا ئارقىلىقلا ئاڭلاپ كەلگەن.
بۇ شىركەت ئاساسلىق ئوغلىنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئوخشايدۇ.....
نامى ياخشى قويۇلۇپتۇ تورداشلار دىگەندەك شىنجاڭ كىنو فىلىملىرى ئۈچۈن بايراقدار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن....
گەرچە ھوللىۋود ۋە بوللىۋود تا سېلىشتۇرۇشقا تېخى بالدۇر بولسىمۇ... پەقەت بولمىسا ئىۋۇ ئۆزبەك فىلىملىرىدەك تۇرمۇش كومىدىيە Filim ئىشلىيەلەيدۇ دەپ قارايمەن سەل پو كەتتىمۇ نېمە؟ ۋولىۋود ۋە بوللىۋود بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ دەپ. بىرەر كىنوسى يوق مۇشۇ ناۋانى قىلىپلا نام تاپقاندۇ بۇلا مەن تىخى بىرەر خەن نىڭ شىركىتى ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن
باللا ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى شۇ ئادەمنىڭ شۇنچىلىك بىر شىركەت قۇرۇپ تىلىۋىزىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ پىروگرامما ئىشلىشىمۇ ئاسان ئەمەس
ئەگەر شۇنىڭ ئورنىدا بىرەر خەن قۇراغان شىركەت بولغان بولسا نىمىشقا ئۇيغۇرلار قۇرالمايدۇ شۇنداق شىركەتنى دەپ بىر ھازا كاپشىدىغانلارنى يوقدىگىلى بولمايتى
ھازىر قايسى بىر ئشلار پارتىيەنىڭ غەمخورلىق قىلىشى بىلەن ئىلىپ بىرىلمايۋاتىدۇ قىنى دەپ بىقىڭلا قىنى
شۇڭا بولسا ئانچە مۇنچە ياخشى بولغان تىلەكلەرنى بولىسىمۇ بىرىپ قويلى @begir5
پىشقەدەم كومسىۋول يولداش بىغىر ‹‹ۋەسلىۋود››دىگەن گەپنىڭ مەنىسى نىمكەن مەن پەقەت چۈشەنمىدىم ! بوپتۇ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلۇق !ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىردا ئۇيغۇر تۇرمىشى ئەكىس ئەتكەن فىلىملەرنى ئىشلەپ سۇنۇپمۇ قالار ،،،،،پەرۋەردىگار كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي ئەگەر بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ ھېچبولمىسا ھەر بىر شەھەرد بىردىن چوڭ تىپتىكى كىنوخانىلار قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن فىلىملەرنى ۋە مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلىدىغان خەلقئارالىق فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ تەڭلا قويۇش پۇرسىتى يارىتىش ئىمكانىيىتى بولغان بولسا-ھە! مەنمۇ خوتون بالىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ بېلىتى 50 كوي بولسىمۇ كۆرگەن بولاتتىم .

16- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
13- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@begir5
پىشقەدەم كومسىۋول يولداش بىغىر ‹‹ۋەسلىۋود››دىگەن گەپنىڭ مەنىسى نىمكەن مەن پەقەت چۈشەنمىدىم !
ۋەسلىۋود دىگەن گەپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئەسلى ۋەسلى ۋود دىگەنلىك . بۇ يەردىكى ئەسلى ۋەسلى دىگەننى چۈشىنىسىز ، شۇڭا سىز پەقەت پەقەتلا ‹ۋود› دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلسڭىزلا بولدى . لېكىن بۇنى مەن دەپ بېرەلمەيمەن . چۈنكى ئېنگىلىزچە سەۋىيەم يوق دىيەرلىك . سورري .
ھە مانداقكەندە ،،ئاۋارە قىلدىم ساڭكىيۇ
